- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
يۇڭجېڭنىڭ 10 - يىلى ( 1732 - يىلى ) 1 - ئايدا ، جۇڭغارلار 6000 دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا يەنە قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ . بۇ چاغدا، قۇمۇلدا ئاران 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر بولۇپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش تەس ئىدى . نىڭيۈەننىڭ باش سانغۇنى يۆجۇڭچى باش بۇغ ساۋشىياڭ بىلەن مۇئاۋىن باش چېرىكچى جى چېڭبىن قاتارلىقلارنى 7000 ئەسكەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتىدۇ . جۇڭغار قوشۇنى تەڭ كېلەلمەي قارادۆۋە ئەتراپىدا مەغلۇب بولۇپ قاچىدۇ . بۇ قېتىمقى جەڭ بىر ئايچە داۋام قىلىدۇ . قوماندانلىقتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ، جۇڭغار قوشۇنى تولۇق يوقىتىلمىغان بولسىمۇ، قۇمۇلدىكى ھەربىي ۋە خەلق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقتىن ، يەنىلا ناھايتى زور غەلبە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى جەڭگە قاتناشقان ھەربىي ۋە خەلققە ئالاھىدە 5000 سەر تەڭگە ئاجرىتىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ .
يۇڭجېڭنىڭ12 - يىلى ( 1734 - يىلى ) ئىمىن ۋاڭ ئوردىنىڭ پىششىق يېرىدىن 4000 مو يەرنى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تېرىپ يېيىشىگە بېرىدۇ . پادىشاھ شىزۇڭ قۇمۇل دېھقانلىرىغا بولغان غەمخولۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، يەنە بىر پارچە ئاقيەرنى ئىمىن ۋاڭغا ئايرىپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ھۆكۈز ، دېھقانچىلىق سايمانلىرى ، ئۇرۇقلۇق ئىنئام قىلىپ ، دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرىشىغا ياردەم قىلىدۇ . يۇڭجېڭنىڭ 13 - يىلى ( 1735 - يىلى ) 5 - ئايدا ، سېۋىن ئارۇبداننىڭ چوڭ ئوغلى غالدان سېرىن چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇندىن كېيىن ، قۇمۇل ئەتراپى ۋاقتىنچە تىنىچلىنىدۇ . بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلدا 5000 كىشىلىكلا قوشۇن قالدۇرۇشنى ، بارىكۆلدە تۇرۇۋاتقان زور قوشۇننى ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ . شۇ كۈنلەردە قۇمۇلدا بوز يەر ئېچىپ تېرىچىلىق قىلىش خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، 200 مىڭ دادەندىن ئارتۇق ئېھتىيات ئاشلىقى بار ئىدى ، ئۇ تەمىنلەشكە تولۇق يېتەتتى . زور قوشۇن ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئېشىنچا ئاشلىق تېخىمۇ كۆپىيىدۇ . شۇنداق بولسىمۇ ، ئىمىن ۋاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ . چيەنلۇڭنىڭ تۇنجى يىلى ( 1736 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئاشلىق ئىجارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئىمىن ۋاڭ قاتارلىقلارغا كۆپلەپ تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ .
چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى ( 1740 - يىلى ) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىمىن ۋاق كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى 1000 سەر تەڭگە ئاجرىتىپ ، قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ زەڭگىسىنى تەزىيە بىلدۈرۈپ ھال سوراشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئىمىن ۋاڭنىڭ خوتۇنىغا كۈمۈش - تەڭگە ئىنئام قىلىپ ھال سورايدۇ .
ئىمىن ۋاڭ ئاتىسىنىڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىغاندىن كېيىنكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ ھەربىيلەرگە ياردەم بېرىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 20 يىل ئىچىدە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنلىرىغا نۇرغۇن ياردەم بېرىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ . بىرىنچى قېتىم كاڭشىنىڭ 51 - يىلى ( 1712 - يىلى ) 8 - ئايدا ، ئىككىنچى قېتىم يۇڭجېڭنىڭ 6 - يىلى ( 1729 - يىلى ) 12 - ئايدا بېرىپ ، بېيجىڭدا ئىككى يىل تۇرۇپ قايتىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|