- تىزىملاتقان
- 2012-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4918
- نادىر
- 2
- يازما
- 73
ئۆسۈش
97.27%
|
تېما ئىگىسى شۇنداق چەتئەلگە قارغۇلارچە چىقىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز. ھەقىقەتەن «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز» دېگەندەك، ئۆز ئانا-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن، يەنىلا شۇ ئۆز ئەجدادلىرى ياشىغان زېمىنلاردا ياشاش ئەۋزەلدۇر. ئۆلسەكمۇ پاتتۇرمىغانلارنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ ياشاش تېخىمۇ زۆرۈردۈر. مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۆرۈپ-ئادەت، ئېتقاد ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق مىللىي خاسلىقلار پەقەت شۇ ئۆز تۇپراقلاردىلا قەددىنى تىك تۇتالايدۇ. سىگانلاردەك تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يا بىر دۆلىتى يوق، يا بىر ئۆز كىملىكىنى ۋۇجۇدقا چىقىردىغان شارائىتى يوق دۇنياۋى سەرگەردان دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلانساق، زادى ئامال بولمىغاندا، 2000 يىل ئايرىلىپ قالغان زېمىنلىرىگە قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇنداق كۈچلۈك دۆلەتنى قۇرالىغان يەھۇدىيلار مىللىتىدەك روھقا ئىگە بولۇش كېرەك.
زېمىن مۇقەددەس بايلىقتۇر، ئۇنى جان بىلەن سۆيۈش ۋە قوغداش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نىجىس ئاياقلىرىنى ئۆز دۆلىتنىڭ تۇپراقلىرىغا قەدەم باسقۇزماسلىق ئەڭ مۇھىمدۇر. شۇڭا، دۆلىتىمىزنى قەدىرلەپ، نۇپۇسىمىزنى ھەر ۋاقىت بىر يەرگە توپلاپ، ئۇياق-بۇياق چېچىلىپ يۈرمەيلى! |
|