قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7423|ئىنكاس: 135
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇشايمىنى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

دوست

1937

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22331
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 08:54:37 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
      بۇ تىمىنى چەتئەل چۈشى كۈرۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاتاپ يازدىم ، بۇ تىمامنى ئۇقۇپ بىرەر دۇستىمىز بۇلسىمۇ شۇ چۈشتىن ئۇيغانسا ، مەنمۇ خۇشال بۇلاتتىم، ۋە كىچە ئۇخلىماي بۇلارنى يازغىنىمنىڭ ھاردۇقۇم چىقىپ قالاتتى.
يىقىندا ۋەتىنىمىزدە  ياخشى  سىياسەتلەرنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇپ دىيارىمىزدا  پاسپۇرتنى بىجىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ خەلىققە قۇلايلىق يارىتىلىپ بىرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز پاسپۇرت بىجىرىپ چەتئەلگە چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەندىن مەسلەھەت سۇرىغان دۇسلۇرۇممۇ كۆپ بۇلدى ، ھەتتا بەزىلەر ئائىلىسى بىلەن كۈچۈپ چىقىش ئۇيى بارلىقىنى دىيىشتى.
      ئۇلارغا چىقپ كۈرۈپ كەتسەڭلا بۇلۇدۇ بىراق قېلىشنى ئۇيلىماڭلا دىسەم خاپا بۇلۇپ كەتكەنلەرمۇ بۇلدى ، ئۇلارنىڭ ھىسياتىنى چۈشىنىمەن ، چۈنكى ئەينى زاماندا مەنمۇ چەتئەل چۈشى كۈرۈپ باققان ، ئىككى يىل بۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ بىلىتىنى ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن  ئۈچ كۈن بۇرۇن ئېلىپ قۇيۇپ شۇ ئۈچ كۈن ماڭا ئۈچ يىلدەك بىلىنىپ كەتكىنى ھىلىمۇ ئىسىمدە ، ئىستانبۇل ئاتا تۈرۈك ئايرىدىرۇمىغا چۈشكىنىمدە  كىچە سائەت بىرلەر بۇپتىكەن ، تۈرۈك شۇپۇرغا ئاران تەستە گىپىمنى ئۇختۇرۇپ  مىھمانغا بارغۇچە يۇل بۇيى مەنزىرلەرگە تۇيماي باققانتىم  ، مىھمانخانىدا  ياتتىم دىگەن بىلەن شۇ كىچە ئۇخلىماي دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ چىققىنىمنى  سەھەر تاڭ يۇرا يۇرىماي كۇچىغا چىقىۋېلىپ ساياھەتنى باشلاپ كەتكىنىمنى ئۇيلىسام ھازىر كۈلگۈم كىلىدۇ، شۇنداق مەنزىل يەتمەستە ئادەمگە بەك گۈزەل تۇيۇلىدۇ يەتكەندىن كىيىن سىز ئۇنىڭ ئۇنچە گۈزەل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىزكەن  
تۈركىيەگە يېڭى كەلگەندە ھاياجان بىلەن قانداق قىلسا مۇشۇ دۆلەتنىڭ نۇپۇسىغا ئۆتكىلى بولىدىغاندۇ؟ دېگەننى ئويلاپ ياشايدىغان گەپكەن. كېيىنچە ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، ۋەتەننى سېغىنغانسىرى «مەن نېمىشقا كەلدىم بۇ يەرگە؟ مەقسەت جان بېقىشمۇ؟ جاننى ۋەتەندىمۇ بۇنىڭدىن ياخشىراق باققىلى بولاتتىغۇ؟ مەقسەت ئىلىم ئېلىشمۇ؟ ئىلىم ئېلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ ماقۇل، ئىلىم ئالدۇق دەيلى، تۈركلەرنىڭ ئالىملىرى كۆپ، بىزگە ئېھتىياجى يوق. بۇ ئىلىمنى مەن نەدە ئىشلىتىمەن؟ ئۆز خەلقىگە  پايدىسى بولمىغان ئىلىمنىڭ جان بېقىشتىن باشقا نېمىگە پايدىسى؟.....» خىلمۇ خىل سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدىكەن.
      تۈركلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتقان نەزەردە قاراشلىرى، ئارقىمىزدىن «بۇ بىچارىلەر ، ئاجىز ئىنسانلار...» دېگەندەك ھېسداشلىق سۆزلىرى قولاققا كىرىپ قالىدىكەن. ئۇقۇدۇقمۇ دەيلى  ، ئوقۇش تۈگەپ بولغاندا، «نېمىشقا ۋەتىنىڭگە قايتىپ ئۆگەنگەنلىرىڭنى خەلقىڭگە ئۆگەتمەيسەن؟› دەيدىكەن... خىزمەت تاپالمايمەن دېسە، ۋەتىنىڭگە كەتمىسەڭ، ئەلۋەتتە خىزمەت تاپالمايسەن... دەيدىكەن. گەپنىڭ قىسقىسى، ھېچبىر ۋاقىت بۇ تۈركىيە ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدەك بولالمايدىكەن.
      بىر ئىككى ئاي ساياھەت قىلغاننىڭ ئۇرنىدا تىزلا ئۈتۈپ كىتىدىكەن ، كىيىن يىڭىلىقمۇ دەسلەپكى ھېس تۇيغۇلارمۇ تۈگەيدىكەن ، زىرىكىشكە باشلايسىزكەن ، ئۈندىداردا دۇسلىرىڭىزغا  تۇققانلىرىڭىزغا خەت يازغۇڭىز مۇڭداشقۇڭىز كىلىدىكەن ، ئۇلارغا سۆز قالدۇرغىنىڭىزدا ئۈزىڭىزنىڭ ئاللىقاچان ئۈچۈرۈلگەن دۇس ئەمەسلىكىڭىز چىقىدىكەن كۈزلىرىڭىزگە ئىشەنمەي قالىسىزكەن شۇنچە  يېقىن تۇققانلىرىم ،يېقىن دۇستۇم ، كىچىكىمدىن بىللە ئۇيناپ چۇڭ بۇلغان ساۋاقداشلىرىمغا نىمە بۇلدىكىن نىمىشقا مىنى ئۈچۈرۋەتكەندۇ دەپ ئازاپلىنىسىزكەن . ئامال يۇق تىلفۇن قىلىسىزكەن  ئۇلار دەسلەپ بىلمەي ئېلىپ سالىدىكەن ،سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن بەزىسى ماشىنا ھەيدەۋاتقان بەزىسى سۆزلەشكە قۇلايسىز بىر يەردە بۇلۇپ قالىدىكەن ، ئامال يۇق كىيىن قىلاي دەپ ئۈزىۋېتىسىزكەن ،كىيىن تىلفۇن قىلغىنىڭىزدا تىلفۇننى ئالىدىغان ئادەم چىقمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سىز يۇرتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاننىڭ ئۈسىتىگە تۇققانلىرىڭىزدىن دۇسلىرىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىزكەن。  ئەلۋەتتە ئۇلاردىنمۇ رەنجىشكە ھەققىم يۇق ، چۈنكى مەنمۇ ۋەتەندە بۇلۇپمۇ خۇتەندە ياشاپ  باققان
     ئىنسان ياشىغانكەن يالغۇز ئۆتكىلى بۇلمايدىكەن ئامال يۇق بۇيەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن دۇسىت ئىزلەيسىزكەن بىراق بۇ يەردە ھەممە ئۇيغۇر بىر بىرىدىن گۇمان قىلىپ يۈرگەچ ھەقىقىي دۇستىڭىز  بۇلمايدىكەن
     مانا ھەش پەش دىگۈچە يىرىم يىل ئۈتۈپ كەتتى ۋەتەندىن ئاچىققان پۇللارمۇ تۈگەي دىدى ،ئەمدى قۇرساقنىڭ غېمى  ئۆي ئىجارىسىنىڭ غېمىنى باشلايسىزكەن ،  ئىشلەي ئۇغۇل بالا بۇلغاندىكىن دەيسىز بىراق ئىش تاپماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس چۈنكى بۇ مەملىكەت بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ چىلىك بۇلغان بىلەن 80 مىلىيۇنغا يېقىن ئىنسان ياشايدىكەن ئىشسىزلىقمۇ ئېغىركەن  بۇ يەرنىڭ يەرلىكلىرىمۇ ئىش تاپالماي يۈرىدىكەن  سىزگە نەدە تۇرۇپتۇ ، يەنە كىلىپ سىز چەتئەللىك ئىشلەش ئىجازىتىڭىز يۇق ، باشقىلارمۇ ئالدىراپ سىزنى ئىشقا ئالالمايدۇ  يەنى   تۈرۈكچىڭىز ياخشى ئەمەس ، گەرچە تۈرۈك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى قېرىنداش تىللار بۇلسىمۇ نىمە  دىگەن بىلەن ئىككىسى ئىككى تىل تۈرۈكچىنى  ئۇنچە ئاسان ئۈگۈنىپ بۇلالمايسىز ،
ئامال يۇق قانۇنسىز ئىشلەشكە مۇجبۇر بۇلۇسىز ۋەتەندە سىز ياراتايمايدىغان  ئاشخانىلاردا كۈتكىچىلىك  قىلىش قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى تاپالىسىڭىزمۇ خېلى چۇڭ ئىش ، دەسلەپ ئۇنداق ئىشلارنى ياراتمايسىز بىراق قۇرساق نان دەيدۇ  كىچىدە باغچىلاردا ياتقىلى بۇلمايدۇ مۇھتاجلىق يامان ئامال يۇق ئىشلەيسىز .
      قۇلىڭىزدا ھۈنەر يۇق شۇڭا ئاشخانىدا كۈتكۈچى بۇلۇپ ئىشلەيسىز ئىشلىگەندىمۇ كۈندە 10 سائەت ئەتراپىدا جاپالىق ئىشلەيسىز .
      ئۇف  بىر ئايمۇ ئۈتۈپ كەتتى ئەمدى قۇلمۇ پۇل كۈرىدىغان بۇلدى، نەچچە پۇل بەردى دەمسىز، 1000 لىرا  بەردى ،نىمانچە كۆپ  بەردى  ، قۇلىڭىزنى يۇيۇۋېتىپ كۈزىڭىزنى ئۇۋلىۋېتىپ قايتا ئۇقۇڭ دۇستۇم مەن لىرا دەپ يازدىم دۇللار ئەمەس ، 1000 لىرا نەچچە يۈۋەن بۇلۇدۇ دەمسىز ، بۈگۈنكى باھادا 2300 يۈۋەن خەلىق پۇلى ، نىمە ئۈرۈمچىدە ئاشخانىدا قاچا يۇيۇدىغانلارغىمۇ ئايدا 3000 دىن كەم بەرمەيدۇ دەمسىز ، ئۇ دىگەن ۋەتەن  جېنىم دۇستۇم  بىزنىڭ  ئانىمىزغا ئۇخشاش سىز ئۇ يەرنىڭ پۇخراسى قانۇن سىزنى قۇغدايدۇ بۇ يەردىچۇ ئىشلىسىڭىزمۇ  ئىنسابى بارلىرى پۇلىڭىزنى بىرىدۇ ئىنساپسىزلىرى ئىشلىتىپ بۇلۇپ بىر تىيىن بەرمىسىمۇ سىز ھېچ نىمە  دىيەلمەيسىز ، ساقچىغا بېرىپ ياكى سۇتقا  بېرىپ ئەرىز قىلالمايسىز ،چۈنكى  بۇ يەردە  سىز يابانچى يەنى چەتئەللىك  سىزنىڭ ئەسلى ۋەزىپىڭىز پۇل خەجلەش پۇل تېپىش ئەمەس سىزنىڭ ئەسلى  ئىشلەش ھۇقۇقىڭىز يۇق ، شۇڭا يەرلىكلەرگە ئايدا 2000لىرا بىرىدىغان ئىشنى سىز 1000 لىراغا ئىشلىمەي ئامالىڭىز يۇق ،سىز 1000 لىراغا نەچچە ئاي جان ساقلىغىلى بۇلۇدۇ دەپ ئۇيلاۋاتقانسىز بەلكىم ، ھازىر ھىسابىنى چىقىرىپ بىرەي ، ئۈزىڭىز ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۇلتۇرسىڭىز ئايدا ئەڭ ئەرزان  بۇلسا ئايدا 700لىرا (مەنغۇ بۇنداق ئەرزان ئۆينى كۈرۈپ باقمىدىم ) سۇ  تۇك پۇللىرىغا ئايدا 100 لىرا قىشتا ئۆينى ئىسسىتسىڭىز گاز پۇلۇسى ئەڭ ئەرزان چىقسا 150-200 لىرا  ناۋادا ئاشخانىدا كۈتكىچىلىك قىلسىڭىزغۇ قۇرساقتىن غەم قىلمايسىز، بىرەر زاۋۇت دىگەندەك يەردە ئىشلەپ قالسىڭىز تاماقنى ئۈزىڭىز يەيسىز بىر نان  ئىككى لىرا بىر قاچا لەغمەن 7-8 لىرا ، دۇرۇم يىسىڭىز 5 لىرا شۇنداق كۈندە ئىككى ۋاخقا بىر ناننى يەتكۈزۈپ يەپ بىر ۋاخ تاماق يىسىڭىز ئايدا 300 لىرا كىتىدۇ ئىشلەيدىغان يىرىڭىز  يېقىن بۇلسىغۇ مېڭىپ بارارسىز يىراق بۇلسا كۇچا ئابتۇبۇستا بارىسىز بىر قېتىملىق باھا ئىككى لىرا ، نىمە سىز ھىساپلىغان چىقىم 1000 لىرادىن ئېشىپ كەتتى دەمسىز قانداق قىلاي جېنىم دۇستۇم ئەھۋال شۇ تۇرسا يازماي ھىساپلاپ بەرەي قانداق قىلىمەن ، مەن تېخى سىزنى قۇرقۇپ كەتمىسۇن دەپ مەن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان ئەرزان ئۆينى يازدىم  ياخشىراق مەركەزگە يېقىن يەردىن ئۆي ئىجارە ئالسىڭىز 1000-1500 لىرىغىچە چىقىدۇ تېخى ، مەن سىزلەرنى قۇرقۇپ كەتمىسۇن دەپ ئىملاكچىغا (يەنى ئۆي ئىگىسى بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدىكى ۋاستىچى  ئادەتتە ئۆينىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسى نەچچە پۇل بۇلسا ئىملاكچى شۇنچىلىك تۇنۇشتۇرۇش ھەققى ئالىدۇ ) بىرىدىغان ھەقنى  دىپۇ (يەنى زاكالەت پۇلى ئادەتتە ئۆي ئىجارىسىنىڭ بىر ياكى ئىككى ئايلىق پۇلىنى ئالىدۇ ) پۇلىسىنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالدىم قەستەن  ، قانداق دۇسلۇرۇم يازغانلىرىمنى ئۇقۇپ قانداق ئۇيغا كەلدىڭىز ،
        بۇ ۋاقىتتا سىز نىمىشقا ۋەتەننى تەرىك ئىتىپ چىققىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز ، لېكىن كىچىككەن بۇلۇسىز ياشىماي ئامال يۇق  ، ئادەم يۇق يەرگە بېرىپ يۇرتنى سېغىنىپ مۇھتاجلىقتىن تۇيۇپ يىغلايسىز بىراق كۆز يېشى ھېشنىمىنى ھەل قىلالمايدۇ .
       شۇنىڭ بىلەن ۋەتەننى ئۇرۇق تۇققانلارنى بارغانچە سېغىنىسىز ، بۇرۇن ئاياغلىرىڭىزنى مەينەت قىلۋەتكەن تۇپىلاڭ كۇچىلارمۇ ، سىزنى ئۇخلاتماي  كىچىچە قاۋاپ سىز ئۈلىمىنى تىلىگەن خۇشنىڭىزنىڭ لالما ئىتلىرىمۇ چۈشىڭىزگە تۇلا  كىرىدىغان كۈزىڭىزگە تۇتىيا كۈرىنىدىغان بۇلۇپ كىتىدۇ ، ھازىر مىدىتسىنا تەرەققى قىلدى دىگەنلىك بىلەنمۇ ۋەتەن ئاغرىقىغى بىلەن  ئەيدىزگە تېخى دۇرا چىقمىدى  ،ئۇنۇتماڭ دۇستۇم ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى بۇلدى خەتلىرىمنى مۇشۇ يەردە تۇختىتاي ھېلىمۇ  بۇلارنى يازغۇچە 780 گىرامدەك ياشلىرىم ئېقىپ بۇلدى.
ئاخىردا ۋەتەندىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دەيمەنكى  ۋەتەن دىمەك ئانا دىمەك  ئانىڭىزنى تاشلاپ يىراققا كەتمەڭ ، نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم بىزنىڭ ۋەتەندەك بىزنىڭ يۇرتتەك ياخشى ،كۈن ئالماق ئاسان ئەرزانچىلىق  ئادەملىرى مىھمان دىست يەرنى كۆرمىدىم ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇم باردى شۇڭا چەتئەلگە چىقاي دىگەن دەمسىز ، قۇيۇڭ بۇنداق ئۇسرۇققا تەڭ گەپنى چەتئەلگە چىققاندا ئۇيلايدىغىنىڭىز مىللەت ئەمەس قۇرساق غېمى ئۆي غېمى تۇرمۇش غېمى بۇلۇدۇ قېرىندىشىم ، ئۇيغۇرىڭىز يېنىڭىزدا تۇرسا چەتئەلگە چىقىپ قايسى مىللىتىڭىزگە خىزمەت قىلاتتىڭىز ،
ئۇنۇتماڭ يۇرتىڭىزدا تۇرۇپ ھالال ئىشلەپ ،پەرزەتلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشسىڭىزمۇ مۇشۇنىڭ ئۈزىمۇ ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق.
      نجېنىم  قېرىندىشىم پەقەت ۋەتەنىمىزلا شىنجاڭلا بىزنىڭ يۇرتىمىز ئانىمىز  ۋەتەننىڭ قەرىگە يىتىڭ ، ئۇ يەردە  ھېچكىم سىزنى ياتئەللىك دىمەيدۇ  ئۇ تۇپراق سىزنىڭ ،چەتئەلگە چىقىڭ ساياھەت قىلىڭ كۈرۈڭ ئۇقۇڭ بىراق ۋەتەننى تەرىك ئىتىشنى ھېچ ئۇيلىماڭ
قىلىدىغان خىزمەت ۋەتەندە  بىزنىڭ ھۆرمىتىمىز ۋەتەندە  بىزنىڭ قەدرىمىز ۋەتەندە .......
قىسقىسى، پېقىر گەرچە تۈركىيەدە بولساممۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت ۋەتەندە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھالال ئىشلەپ يەۋەتقان  قېرىنداشلىرىمغا ھەۋەس قىلىمەن. ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ نوچىسى ۋەتەندە ، يۇرتىنى  باشقىلارغا تاشلاپ  قۇيماي گۈللەندۈرۈۋاتلارنى .  ئەڭ  نۇچى ئىنسانلار  دەپ بىلىمەن.
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار...


uyghuray

4

تېما

42

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3630
توردىكى ۋاقتى: 1079
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 16:58:38 |ئايرىم كۆرۈش
  پاسپورتنى بىجىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش خەلقىمىزگە ئىلىپ كىلىدىغان پايدىسى شۇكى ئىقتىساد ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقىشى ھەم مېللىتىمىزدىكى بايلارنى سەگىتىپ ،ئۇچۇغداش... ئەقلى بار كىشى ھەرگىزمۇ شامالغا بىقىپ ئىش كۆرمەيدۇ .

0

تېما

0

دوست

3629

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1084
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 17:02:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئەي مۇساپىرچىلىق  اللا ئىشلرڭلانى ئۇڭ قىلسۇن ئامىن

2

تېما

2

دوست

1585

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59947
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 17:04:48 |ئايرىم كۆرۈش
قېرىندىشىم سىزگە قانچە يىل بولدى
uyghuray

0

تېما

2

دوست

546

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33700
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 17:19:12 |ئايرىم كۆرۈش
مۇساپىر بولمۇغۇچە مۇسۇلمان بولماس.  ئۇقۇپ بولغۇچە كۇزۇمدىن ياش چىقىپ كەتتى

0

تېما

13

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15823
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 5012
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 18:11:21 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئۆز ئىقتىسادنى بۇزۇپ تۈركىيە ، دۇبەيگە چىقىپ سورۇۋەتكۈچە ئۆز يۇرتىمىزدا خەجلىسە بولاتتى .
ئوقۇش ئۈچۈن چىقىش كېرەك بولسا ياۋروپاغا ئامېرىكىغا چىقىشى كېرەك ، چۈنكى تۈركىيەنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىدىن شاڭخەي  بېيجىڭ مائارىپ سەۋىيىسى مىڭ ياخشى .
بەك چەتئەلگە چىققۇسى كەپكەتكەن بولسا قازاقىستان يەتتەسۇ ئۇيغۇر رايونىغا ماكانلىشىپ قالسا بولىدۇ .
چۈنكى يەتتەسۇدىن باشقا بىز ئاسسىمىلىياتسىيە بولمايدىغان باشقا چەتئەل ماكانى يوق .
كۆچ - كۆچ ۋاقتىداچىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ ھېلىھەم ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشاۋاتىدۇ .
مېنىڭچە ئۇيغۇرلار قازاقىستان ئالمۇتا شەھەرلىرىگە چىقىپ يەرلىشىپ شۇ يەردىكى نوپوسىمىزنى كۆپەيتسە ،( كىرىپ چىقىشمۇ قولاي ، پەقەت بىرنەچچە سائەتلا ، ) تۈركىيە ، دۇبەيگە كىتىپ ئەرەپ ، تۈرك بولۇپ كەتكەنگە قارغاندا يەتتەسۇ رايونىدا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتمەي مىلىيون ئۇيغۇر ئارسىدا مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ ياشاۋېردۇ .

0

تېما

7

دوست

2665

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 18:18:39 |ئايرىم كۆرۈش
Jimgur0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 17:19
مۇساپىر بولمۇغۇچە مۇسۇلمان بولماس.  ئۇقۇپ بولغۇچە كۇزۇ ...

بۇ گەپنى سىزگە كىم دىدى؟(چەلكەش ،شالغۇت چۈشەنچىلەرنى ئىسلاھ قىپ بولالمايۋاتقاندا بۇنداق گەپلەرنى جايىستانغا كۆتۈرۈپ چىقماڭ!)

0

تېما

6

دوست

2790

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25171
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 868
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-3 18:51:26 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 16:58
پاسپورتنى بىجىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش خەلقىمىزگە ئىلىپ  ...

سىزنىڭچە ئالدىرماسلىق كېرەككەندە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )