- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 442
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
0%
|
مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇپ يىغلاپ كەتكەنىدىم.ھازىر مۇشۇنى يېزۋېتىپمۇ يەنە يىغلىغۇم كېلىپ تۇرىدۇ.دېمەك بۇ ھېكايە ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك.
بېر جۈپ ئەر- ئايال باې ئىكەن. ئايالى ئېرىدىن پەقەتلا رازى بولمايدىكەن. ئۆزىنى بەك شور پېشانە ھېس قىلىدىكەن. ئېرى كېلىشى بىلەنلا
ئۇ تۈگمەس تاپا-تەنە، نارازىللىقلىرىنى ياغدۇرۋېتىدىكەن.لېكىن ئېرى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ قارشى گەپ قىلمايدىكەن. سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا، مەن خاتا قىپتىمەن دەيدىكەن.بىر كۇنى ئۇ خوتۇن زادى چىدىغۇچىلىكى قالماي ئېرى ئىشتىن كېلىشىگىلا ئۇنى ئولتۇرغۇزىۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ :
- مېنىڭ زادى چىدىغۇچىلكىم قالمىدى،بۇگۇن بىز بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئۆزئارا سۆزلەپ چىقايلى ۋە شۇنىڭغا قارىتا تۈزىتەيلى،قېنى كىم باشتا سۆزلەيدۇ؟
ئېرى تاماكىسىنى پۇرقىرتىپ چەككىنىچە:
- قېنى،سىز باشلاڭ،-دەپتۇ.
ئايال بارماقلىرىنى پۈكۈپ بىرباشتىن ساناشقا باشلاپتۇ: (1) سىزنىڭ پۇتىڭىز پۇرايدۇ. (2) پايپىقىڭىزنى ۋاقتىدا يۇمايسىز. (3) ھەممىلا يەردە بىر نەرسىلىرىڭىز چېچىلىپ تۇرىدۇ. (4) تاماكا چىلىپ ئۆينىڭ تاملىرىنى ئىسلىۋەتتىڭىز .(5) ئۆيگە كىرگۈچە ئايىقىڭىزنىڭ تېگىنى پاكىز سۈرتۈپ كىرمەيسىز ..........دېگەندەك 28 خىل يېتەرسىزلىكنى ساناپ چىقىپتۇ ۋە ھېرىپ كېتىپ توختاپتۇ-دە،ئېرىگە:
-قېنى ئەمدى سىز ئېيتىڭە ،مېنىڭ قانداق يېتەرسڭزلىكلىرىم بار؟-دەپتۇ.
ئېرى تاماكىىنىڭ ئىسلىرى كۆزلىرىگە كىرىپ ،كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرغىنىچە خوتۇنىغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
- قەدىرلىكىم،ھەر قانچە ئويلاپمۇ سىزنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكىڭىز بارلىقىنى بىلەلمىدىم.
ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئېرىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەيدىغان بوپتۇ.
مانا بەخىت دىگەن .بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ياخشى كۆرسە،كەڭ قورساقلىق قىلالىسا ئاندىن ئۇ ھەقىقى مۇھەببەت بولىدۇ.
ئادەتتە رېئال تۇرمۇشتا ھامان باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىكى <<بەخىت>> لىرىگە تىكىلىپ تۇرۋالىمىز ،باشقىلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرىنىلا كۆرۇپ ،ئۆزىمىززنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز .<<بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ بەخىتنى كۆرەلمەيمىز >>.
مەنبە :"ئاياللارغا 101 تەكلىپ" دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى. |
|