- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12676
- نادىر
- 1
- يازما
- 606
ئۆسۈش
6.69%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.kaxkiriy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-4-29 17:25
«ھازىرقى ئۆزبېكلەرنىڭ ئىرانلىقلار بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ بىرلەشمىسى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن»
تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ماۋۇ يەكۈن ئاساسسىز چىقىرىلغان يەكۈن. ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ موڭغۇل- توڭغۇس تىللار ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان موڭغۇللار بىلەن ھېندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان ئىرانلىقلار بىرلەشسە، قانداقسىگە ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان ئۆزبىك تىلى پەيدا بولىدۇ. ئىككى تىل سېستىمىسىغا تەۋە تىللاردىكى كىشىلەر بىرلەشسە، يا موڭغۇل تىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، يا فارىس تىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۆز ئارا قوشۇلۇپ يېڭىدىن پەيدا بولغان كىشىلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان تىل شەكىللىنىدۇ. ياكى موڭغۇل تىلىنىڭ فونىتىكىلىق، لىكسىكىلىق، سىنتاكسىسلىق ئالاھىدىلىكىنىمۇ بولغان، فارىس تىلىنىڭ يۇقىرىدا دىيىلگەن ئالاھىدىلىكلىرىمۇ مۇجەسسەملەشكەن يېڭى بىر تىل ھاسىل بولىدۇ، ئېنىقراقى ئىككى تىل يۇغۇرۇلۇپ يېڭى بىر تىل شەكىللىنىپ، ئۆزبىكلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەمدە بۇ تىل ئۆزبىك تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. لىكىن دۇنيادا نەدىمۇ ئوخشىمىغان 2 خىل تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىشىپ ئۈچىنچى بىر خىل تىل سېستىمىسىغا تەۋە بولغان تىلنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئىش بولسۇن؟
ئەگەر ئۆزبىك تىلى زادى شۇنداق پەيدا بولغان دەپ تۇرىۋالساق، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبىك تىلى ئەڭ يېقىن تىللار ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەندە چەتئەلدىكى بىر تۈركنىڭ تۈركىي تىللارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى ھەققىدىكى بىر يازما باغداشتا ئىلان قىلىندى. ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇر- ئۆزبىك تىللىرى 95% ئوخشاشكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ھېچقانداق ئۆزبىك تىلى بىلمەيدىغان يىراق سەھرادىكى بىر 70 ياشلىق بوۋاي بىر ئەنجانلىق بوۋاي بىلەن تەرجىمانسىز سۆزلىشەلەيدۇ. ئۆزبىك تىلى بىلەن يېقىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ موڭغۇل- ئىران بىرلەشمىسىدىن پەيدا بولغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
دەرۋەقە، ئامىرىكىلىقلار گىن نۇقتىسىدىن تەھلىل قىپتۇ، مەن تىل نۇقتىسىدىن سۆزلەۋاتىمەن. ھۆرمەتلىك تورداش، بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا بولمايدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇتەپەككۈرلىرىدىن بولغان كارل ماركىسنىڭ مىللەت ھەققىدىكى نەزىريەسىدە تىل مىللەتنى شەكىللەندۈرگۈچى 5 ئامىلنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە تىلنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزبەكلەر= موڭغۇل+ئىرانلىقلار دېسەك ئەپلەشمەسمىكىن دەيمىنا ئۆزەمچە.
|
|