- تىزىملاتقان
- 2016-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1037
- نادىر
- 0
- يازما
- 116
ئۆسۈش
3.7%
|
توي قىلىشقا باھانەم يوق .
ئۆز خىزمىتىمدىن تاپقان مۇئاشىم ئۆزۈمگە يىتىپ ئاشىدۇ ، كىشىنىڭ قولىغا قاراشلىق ئەمەسمەن . توي قىلىشقا باھانەم يوق ، ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىدىغان ئاپام كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ ، چۈشتە ئىشتىن يىنىپ ھاپىلا شاپىلا ئۆيگە پالاقشىپ كىرىپ چۈشلۈك تاماق تەييارلايدىغان ھالىتى يەنە كۆز ئالدىمدا ،چۈشتىن كىيىن يەنە ئالدىراشلا ئىشقا مىڭىپ كەچتە ھالسىزلانغان تىنىنى سۆرەپ ئەكىرىپ كەچلىك تاماق ئىتىۋاتقاندا سافادا يىتىپ تىلۋىزور كۆرۈۋاتقان دادامنىڭ "تامىقىڭ نىمانچە پىشمايدۇ ؟" دىگەن ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە .
توي قىلىشقا باھانەم يوق .
شەنبە يەكشەنبە كۈنىلىرى ئاپامنىڭ چوڭ ئۆيگە بىرىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراش ئۈچۈن مىنى دادامنىڭ يىنىغا كىرگۈزۈشلىرنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم . چۈنكى بىر ئايال توي قىلغاندىن كىيىن ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ يىنىغا بىرىشى ئۈچۈن ئاۋۋال ئىرىدىن ئاندىن قىيىنئانىسىدىن رۇخسەت ئىلىشى كىرەك ئىكەنتۇق . ھەپتىدىن بىرى ئۆز ئۆيىدە ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بىر كۈن ئۆز ئۆيىدە ئانىسىنىڭ مەلىكىسى بولىۋىلىشمۇ بىر تەلمۈرىدىغان لىكىن ئىرىشىش تەس بولغان بىر سوۋغات ئىكەن .
توي قىلىشقا باھانەم يوق
بىر يىگىت بىر بوۋايدىن سوراپتۇ ،" بوۋا ، ھازىر نىمىشقا ئاجرىشىش نىسبىتى بەك يۇقىرى ؟" بوۋاي دەپتۇ " بىزنىڭ زامانىمىزدا ئۆيدىكى تىلۋۇزۇر بۇزۇلۇپ قالسا رىمۇنت قىلدۇراتتۇق ، ھازىر بىراقلا ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى " شۇ ھامان بىر توي قىلىپ بالىسى بولغان بىر قوشنىمىزنىڭ " خوتۇن بىلەن پەقەت ئۆي تۇتقىچىلىقم قالمىدى ، ئاپاممۇ ئاجرىشىپ كىتىشىمنى قوللايدۇ ، ئاپام خوتۇنۇمغا ' بەك ئىشىۋالمىسىلا ئوغلۇم بەك ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز ، 18 ياشلىق توي قىلمىغان قىزنى خوتۇن قىلىپ ئىلىپ بىرەلىگىچىلىكۈم بار ' دىدى دىگەن گىپى ئىسىمگە كەلدى . توي قىلىشقا باھانەم يوق قىز دوختۇر بولسا مانچە پۇل ، ئوقۇتقۇچى بولسا مانچە پۇل تويلۇق ئالىدىكەن دىگەن گەپ قاياقتىندۇر قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، ئاتا بوۋىلىرىمىز تويدىن بۇرۇن ئىتىقادىنى ، نەسەبىنى ، ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرسە ھازىر خىزمىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان جەمىيىتىمىزگە قاراپ ئەپسۇسلاندىم .
راس توي قىلىشقا پەقەتلا باھانەم يوق
ئەتىگەندىن كەچكىچە خىزمەت، ئۆي ئىشلىرى، يولدىشى ھەم قىيىنئاتا قىينئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتقان ۋىجىككىنە كىلىنچەكلەرنىڭ تاغدەك يۈكنى سۆرەپ بىچارە تىنىنى ئاران ئاران سۆرەپ كىتىۋاتقان لىكىن يەنىلا ئۇلارنى رازى قىلىپ بولالمايۋاتقان كىلىنچەكلەرنىڭ ھالىغا قاراپ ئۇلاردىن سۆيۈندۈم ھەم ئىچىم ئاغرىدى ، ئىگەم سىلەرگە كۈچ قۇۋەت بەرسۇن .
توي قىلىشقا باھانەم يوق
تويدىن كىيىن خىزمىتىنى تاشلاپ ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللارنى كۆردۈم ،" ئاۋۇ قوشنىمىز مۇنداق بىر سومكا ئىسىپتىكەن "" ئاپامنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي دىگەن ئىدىم " " ئاپامنىڭ سەل مىجەزى يوق دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىم كىرەك " كۆزىدە بىر خىل يىلىنىش ، ئاۋازى بوشقىنە . توي قىلىشقا باھانەم يوق كىچە سائەت 12، ئايال ئىرىگە تىلفۇن قىلدى " قەيەردە سىز ؟ بالىلار سىزنى ساقلاۋاتىدۇ " " ئاغىنىلىرىم بىلەن ئولتۇرۇشتا مەن ، سەن ئۇخلىتىۋەر " قارشى تەرەپتىن مۇزىكىلارنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى .
توي قىلىشقا باھانەم يوق
توي قىلغىلى بىر ئىككى يىل بولغان يىگىتلەرنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۈندىدار ئوينايدىغانلىقىنى كۆردۈم . 40 نەچچە ياشلىق ئەرلەرنىڭ قىزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىزلاردىن تىلفۇن نۇمۇر سورىغانلىقىنى كۆردۈم . بىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئالتۇنلىرىنى سىتىپ قىمارۋاز ئىرىنىڭ قەرزىنى تۆلىگەنلىكىنى كۆردۈم .
توي قىلىشقا باھانەم يوق راستىنلا باھانەم يوق
" نىمە نىمە دەيسىز ؟ بۇ دىگەن پەرز ؟" ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۈتىشى ، ئەتىۋارلىشى پەرز ئەمەسمۇ ؟ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرىشى پەرز ئەمەسمۇ ؟ ئائىلە خىزمەتچىسىدەك توختىماي ھەممە ئىشنى قىلىدۇيۇ جاپاسىغا لايىق ھالاۋەت يوق بىچارىلەرنىڭ . خوتۇنىنىڭ مۇئاشى بىلەن ئۆزىنى بىقىشى گۇناھ ئەمەسمۇ ؟ بىچارە مەزلۇمىنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ سىرتتا قىزلارغا پۇل خەجلىشى گۇناھ ئەمەسمۇ ؟ ئەركىشى دىگەن تۆت خوتۇنلۇق بولسا بولىدۇ دىگەن مۆمىنلەرنى كۆردۈم ، ئۆزى باي بولغاچقا ئۆزىدىن 20ياش كىچىك قىزلارنى خوتۇن قىلاتتى ، قىنى ئۇ " يىتىم قىز تۇل ئاياللارنىڭ بىشىنى سىلاش ئۈچۈن ...." دىگەن قوشۇمچە تەلەپلىرى .
توي قىلىشقا راسلا باھانەم يوق .
كۆيۈمچان ،مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارنى ، چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان مويسىپىت بوۋىلارنى كۆردۈم . بىراق ئەتراپىمدا ھىچبىر "ئەركەك "كۆرمىدىم .تورلاردا .بۇزۇلغان قىزلارنى ، دوختۇرخانىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرىدىغان قىزلارنى تىللايدىغان ھاقارەت قىلىدىغان ئالىيجاناپ كىشىلەرنى كۆپ ئۇچراتتىميۇ '" شۇ قىزنى بۇزغان ھايۋان قىنى ؟ شۇ نىكاھسىز بالىنى تاپقان ھايۋان قىنى ؟ قىزنى بۇزۇپ مەسئۇل بولمىغان ئوغۇل قىنى ؟ " دەيدىغان بىرەر ئىنساننى كۆرمىدىم ." ئىپپەت تەربىيسى قىزلارغىلا ئەمەس ئوغۇللارغىمۇ ئىشلىنىشى كىرەك ئىدى "دەيدىغان بىرمۇ ئىنساننى كۆرمىدىم . كۆرگىنىم پەقەت مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولىۋاتقان قىزلار ، نەپىسنىڭ قۇلى بولىۋاتقان يىگىتلەر بولدى
توي قىلىشقا پەقەتلا پەقەتلا باھانەم يوق .
ئۆزۈم خان ئۆزۈم بەگ بولسام ، ئاتا ئانامنىڭ مىنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان باققانلىقىنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرسام ، نەچچە يىتىم بالىنى بىقىۋىلىپ ئۆزۈم تاپقان مۇئاشىم بىلەن ياخشى تەربىيەلىسەم دەپ ئويلايمەن . يىغقان بىساتىمغا ئاتا ئانامنى ساياھەت قىلدۇرسام ، جاھاننىڭ راھەتلىرىنى كۆرسەتسەم دەيمەن . ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىمدا بەدەن چىنىقتۇرسام ، كىتاپ ئوقۇسام ، قوشۇمچە باشقا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۈگەنسەم . ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلسام دەپ ئويلايمەن ، خىزمەت بىسىمىدىن باشقا بىسىم يوق. توي قىلىشقا ھىچ باھانە تاپالمىدىم . ......( ئىنكاسچىلارنىڭ ئىلمىيلىق بىلەن ، ئاقىلانىلىك بىلەن ئىنكاس يىزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
|
ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش
manarsa بۇ ئىنكاسنى 16 - قەۋەتتە يوللىغان
مۇشۇ يازما ئارقىلىق جەمىئەتتە بولىۋاتقان بەزى ئىشلارنى سۆكۈپ قويدۇم خالاس ، ھەم بۇ مىنىڭ توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىيالمايدۇ . ئىنكاسچىلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن جەمىئەتنى كۆزىتىپ مەن ئىنكاس قىلغان ئىش ...
hejran007 بۇ ئىنكاسنى 34 - قەۋەتتە يوللىغان
ئائىلە زوراۋانلىغى ئۇيغۇرجەمىيتىدە يوق ئەمەس بار،ئەمما مەن نىمە ئۈچۈن قىممەت قارىشى ساغلام ،خۇدانى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان شۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىغى قىلىدىغانلىقىنى قەتئى چۈشۈنەلمىگەن،ئەسلى شۇ ئاتىلار،ئاكى ...
|