قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 988|ئىنكاس: 0

ھىندىستاندا ھاجەتخانىسى يوق يىگىتلەرنىڭ ئۆيلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 02:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستاندىكى 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمى يەنى 665 مىليون نوپۇسنىڭ ئائىلىسىدە مۇستەقىل ھاجەتخانا يوق بولۇپ، ھىندىستان قىزلىرىنىڭ ئارزۇ تىزىملىكىدە ‹‹ئۆيدە مۇستەقىل ھاجەتخانا بولۇش››بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
[align=justify]    ئانا: ‹‹مەن قىزىمنى ئۆيىدە ھاجەتخانىسى يوق يىگىتكە ياتلىق قىلمايمەن››[align=justify]   ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ شىمالىدىكى بىر كەنتتە، ‹‹قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىگىت›› بولۇشنىڭ ئۆلچىمى گۆش يېمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، بىر كىشىلىك مۇقىم خىزمىتى بولغان شۇنداقلا كەلگۈسى كېلىنچەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تەلىپىنى ئورۇنلىيالايدىغان يەنى، ئۆيىدە ھاجەتخانىسى بار بولغان بولۇشى كېرەككەن.[align=justify]ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاندىكى كەنتلەردە نۇرغۇن ياش قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن ئاممىۋى ھاجەتخانىغا بېرىش ياكى چوڭ – كىچىك ھاجىتى ئۈچۈن دالاغا چىقىشتىن ئىبارەت ئوڭايسىز ئەھۋال ۋە قولايسىزلىقلاردىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەگەر، توي تەكلىپى قويغۇچىلارنىڭ ئۆيىدە ھاجەتخانىسى بولمىسا قىزلار ئۇنداق يىگىتكە ياتلىق بولۇشقا قوشۇلمايدىكەن، ئانىلارمۇ قىزلىرىنى بۇ خىل يىگىتكە ياتلىق قىلمايدىكەن.[align=justify]   يىگىت:‹‹ ھازىر ھاجەتخانا بولمىسا ئۆيلەنگىلىمۇ بولمايدۇ››[align=justify]   ھىندىستاندا، قىز بوۋاقلارنى ئالدۇرىۋېتىش قانۇنسىز قىلمىش بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ،ئەرلەر ۋە ئاياللار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بويتاق يىگىتلەرنىڭ سانى توي قىلمىغان قىزلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. ‹‹مەن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ ھاجەتخانىسى بار ئۆيگە ئىگە بولۇشۇم كېرەك، بولمىسا ئۆيلىنەلمەيمەن››دەيدۇ 22 ياشلىق ھىندىستانلىق يىگىت مۇخبىرغا.[align=justify]   ھىندىستانلىق قىزلارنىڭ ھاجەتخانىغا بولغان تەلىپى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن. تېزلىكتە ئومۇملىشىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئىنتېرنېت تورى ھىندىستاندىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى نەچچە يۈز مىليون ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغان، راھەت ياتاق ۋە ھاجەتخانىسى بار ھۇجرا ئۆي، ئۇچىسىغا كىيىۋالغان يىپەك سارىلارنى يەلپۈتكىنىچە ئىشخانىلاردا لەرزان مېڭىپ يۈرگەن ياش قىزلار ... ھىندىستان قىزلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشنى قوغلىشىش ھەۋىسىنى كۈچەيتكەن.[align=justify]بۇنىڭدىن باشقا، ئۆز ئۆيىدە ھاجەتخانا بولماسلىق قولايسىز بولۇپلا قالماي، يەنە تولغاق، كېزىكۋە بەزگەك كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.[align=justify]     مۇتەخەسسىس: ‹‹ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھاجەتخانا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك››[align=justify]     ئىلگىرى ھىندىستان ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم كەنت – يېزىلاردىكى كىشىلەرنى قول يۇيۇش جۈمەكلىرى، مونچىلىرى بار بولغان ھاجەتخانىنى ئورنىتىپ ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرغان ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ مەغلۇب بولغان ئىدى. بىراق، ھاجەتخانىنىڭ توي ئىشىغا بېرىپ تاقىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بارابارا ئۆزگەرتكەن.[align=justify]     ‹‹ھاجەتخانىسى بولمىسا ئۆيلىنەلمەسلىك — بىر خىل قان ئاققۇزمايدىغان سىياسەت، ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھاجەتخانا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بەلكىم قىزلىرىمىز ئەڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ بۇ خىل ۋەزىيىتىنى ئوڭشىشى مۇمكىن›› دەيدۇ بىر مۇتەخەسسىس مۇخبىرغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )