- تىزىملاتقان
- 2011-8-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9926
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
98.52%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -اللە ئىنساننى ياراتتى .ھەمدە مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئۈزىگە ئىبادەت قىشنى بۇيرۇدى . مەسىلەن .كۈنىگە بەش ۋاق ناماز ئۇقۇش -ھەر يلىدا بىر ئاي رۇزا تۇتۇش . باي بۇلۇپ قالساق زاكات بىرىش . شارائىت بولسا ئۆمرىدە بىر قىتىم ھەج قىلش ...................ۋە باشقا ئىبادەتلەر .
ئەمدى اللە قىل دىگەن ئىشنى قىلماي ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلدىغان ، ئۆزى قىلش تۈگۈل اللە بۇيرۇغان ئىشنى قىلۋاتقانلارنى شۇنىڭدىن تۇسايدىغان ، مەسخىرە قىلدىغان . يەنە بۇتىنى ، ئوتنى ، قۇياشنى ، ئۆزىچە ئىلاھ دەۋالىدىغان ئازغۇن - غەپلەتتە ياشىغان ۋە شۇ ھالەتتە ـتۆۋبە قىلماي ئۈلۈپ كەتكەن ئىنسانلارغا بىرلىدىغان جازا قانداقتۇ ؟ بۇلارنى بىلگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى قۇرئان ئايەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭ؟
.
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.(سۈرە تەھرىم 6-ئايەت)
كاپىرلار جەھەننەمگە توپ- توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟ » دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.(سۈرە زۇمەر 71-ئايەت)
شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ.(سۈرە ئەنفال 36-ئايەت)
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى(قۇرئاننى-ئىسلام يۇلىنى) ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [56].[ سۈرە نىسا56-ئايەت]
ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ . (سۈرە غافىر 71 - ئايەت)
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ. (سۈرە دۇخان 47 - ئايەت)
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار اﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ (سۈرە ھەج 19 - ئايەت)
ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!(51). چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر(52). ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر(53). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر(54).
(ۋاقىئە سۈرىسى 51-52-53-54-ئايەتلەر)
ئۇنىڭ(كاپىرنىڭ) ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(سۈرە ئىبراھىم 16-17-ئايەتلەر)
اﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (سۈرە تەۋبە 68 - ئايەت)
دوزاختا ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز (سۈرە ئەئراف 41 - ئايەت)
ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز .(سۈرە مەريەم 72-ئايەت)
مەنبە مەن . |
|