قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 0

تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-27 15:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى!
  
ئۆمەر

      يېزىق ــ بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى، ھازىرىنى ۋە كېلەچىكىنى مۇكەممەل يازمىلىرى ئارقىلىقلا يورۇتۇپ بېرىدۇ. يېزىق ــ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈكتۇر!  
      خوش، بىز نۆۋەتتە ئەشۇ تىلسىز، ئىگە-چاقىسىز يېزىقىمىزغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمىز؟ ئۇنى ئاسرىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا كۆيۈندۇقمۇ؟ ياق-ياق، قېرىنداشلىرىم، بىز، بولۇپمۇ 90-يىلدىن كېيىنكى ياشلار بۇ بىچارىنى تولىمۇ تەس كۈنگە قويدۇق! قانداق قىلىپ دەمسىز؟! ئۇنى بالا-چاقىسىدىن ئايرىۋېتىپ، بالا دەردىدە ساراڭ قىلىپ قويۇپ بولمامدۇ! ئەمەلىيەتتە، تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ يۈرەك پارىلىرىدۇر. ناۋادا ئۇ، تىنىش بەلگىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، چوقۇملا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. ( تىنىش بەلگىرىنى قانۇنىيەتسىز ھالدا جىق ياكى ئاز قويۇشمۇ قويمىغانغا باراۋەر ). ساراڭ بولغان يېزىق قانداقمۇ توغرا مەنا ئىپادىلىيەلىسۇن؟ قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسۇن؟!...  
      نۆۋەتتە مۇنبەرگە تېما-ئىنكاس يوللاۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنىڭ يېزىقىدىمۇ ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا! ھەممە ئىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتى بولغىنىدەك، يېزىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيىتى بار، ئەلبەتتە. مەسىلەن: پەشنىڭ جۈملە ئىچىدىكى ئوي-پىكىرنى توغرا ئىپادىلەشتە رولى ئىنتايىن زور. مەسىلەن، مۇنۇ ئوخشاش ئىككى جۈملىدىكى بىرتال پەشنىڭ رولىغا قاراپ باقايلى: بىرىنچى جۈملە، << ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما!>>؛ ئىككىنچى جۈملە، << ياخشى ئوقۇ، داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما!>> ( بۇ ئىككى جۈملىنىڭ مەنا پەرقىنى ئۆزىڭىز بىلىۋېلىڭ! )؛ چېكىتلىك پەش بولسا مۇرەككەپ جۈملىلەر ئارسىدا كېلىدۇ؛ چېكىت - ئوي-پىكىرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۇراپ جۈملە ئاخىرىدا كېلىدۇ. كۆپ چېكىت ئۈچتاللا بولىدۇ، سوراق، ئۈندەش بەلگىلىرى ھەم ئۈچتالدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەپسۇس بىزچۇ؟ پەش-چېكىتلەرنى جايىغا قويمىغاننى ئاز دەپ، بەكرەك ھاياجانلىنىپ كەتسەك سوراق بەلگىسىدىن سەككىز -ئوننى، ئۈندەش بەلگىسىدىن ئون-ئونبەشنى (چېكىتنىغۇ دېمەيلا قوياي ) قويىۋىتىدىغان سېخىي بايۋەتچىلەردىن بولۇپ كەتتۇق. سىزنىڭچە بۇ ھىچ قانچە ئىش بولمىسا كېرەك. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ ساپاھىيىڭىزغا، ئوبرازىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. يېزىق بىلىمنىڭ يۈزىگە ئوخشايدۇ. بىراۋ بۇ سەت يۈزنى كۆرسە سەسكەنمەي تۇرالارمۇ؟ سىزنىڭ سەۋىيىڭىزدىن ھەم گۇمانلانماي تۇرالارمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭىز ئۈچۈن ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلەرسىزمۇ؟!... مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم ئويلۇنۇپ بېقىڭلار، بۇ قىلغىلى بولمايدىغان شۇنچە تەس ئىشمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تەس ئىشقۇ ئەمەس، گەپ سىزنىڭ بىرەر-يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتابخانىغا بېرىپ، << ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى >> دېگەن كىچىككىنە كىتاپچىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا!...    
      كىتاپخانىغا بېرىشقا ۋاقتى چىقمايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئاددىي قوللانمىنى سۇندۇم، مۇشۇنىڭدىن بولسىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

  

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى

    
      ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىلەر تۆۋەندىكىچە:   
      1. چېكىت (.) 2.سۇئال بەلگىسى (؟) 3. ئۈندەش (!) 4. پەش (،) 5. چېكىتلىك پەش (؛) 6. قوش چېكىت (:) 7. قوش تىرناق ( << >> ) 8. يالاڭ تىرناق (<>) 9. تىرناق ( () ) 10. سىزىقچە (-) 11. سىزىق ( _ ) 12. كۆپ چېكىت (...)

    
      چېكىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
  
      1. بايان جۈملىنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويىلىدۇ.    
      مەسىلەن: كۈن چىقىپ، ھاۋا ئېچىلدى.

      2. ئۆتۈنۈش، مەسلىھەت، تىلەك مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىدىن چېكىت قويىلىدۇ.  
      مەسىلەن: سىز مېنىڭ ئورنۇمغا نۆۋەتچىلىك قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.    
      3. قىسقارتىپ يىزىلغان خاس ئىسىمدىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ.

      مەسىلەن: ل.مۇتەلىپ، م.باغراش  
      4. پىكىرنىڭ رەت تەرتىۋىنى بىلدۇرىدىغان قاتار ساندىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ.
      مەسىلان: 1. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىمىز. 2. تىرىشىپ ئۈگۈنىمىز.  
  
      سۇئال بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:    
      سۇئال مەنىسنى بىلدۇرگەن جۈملىدىن كېيىن سۇئال بەلگىسى قويىلىدۇ.    
  
      ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:    
  
      شۇئار، چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۇملىدىن كېيىن، ھىس-ھاياجاننى بىلدۇرىدىغان جۈملىدن كېيىن، كۆتۈرەڭگۇ ئىيتىلغان ئىملىق سۆز ۋە قاراتما سۆزدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويىلىدۇ.  
      مەسىلەن: تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ، ۋەتەننىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇڭلار ! (چاقىرىق)  
      تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۇرەيلى ! (شۇئار)  
      بىزنىڭ يۇرتىمىز نېمېدېگەن گۈزەل-ھە ! (ھاياجان)  
      ھوي بالىلار! بۇياققا ئۆتۈڭلار. (كۈچلۈك ئىيتىلغان قاراتما سۆز)  
      پەشنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:  
      1. مۇرەككەپ جۇملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىدىن كېيىن پەش قويىلىدۇ.  
      مەسىلەن: بۈگۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ، يامغۇر يىغىپ، يوللار تىيىلغاق بولۇپ كەتتى.

      2. جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنىڭ ئارىسىغا پەش قويىلىدۇ.  
      مەسىلەن: مەن بازاردىن ئالما، ئۆرۈك، ئەنجۇر سېتىۋالدىم.  
  
     
سىزىقچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:

      1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتۇرسىغا سىزىقچە (-) قويىلىدۇ.  
      2. جۈملە ئاخىرىغا كەلگەن ھە، دە، يۇ، يە، يا يۈكلىمىلىرىدىن كېيىن سىزىقچە (-) قويىلىدۇ.    
      مەسىلەن: ئۇ يۈگۈرۈپ كىردى-دە، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى.

  
      سىزىقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى :

  
      دىئالوگلار يىڭى قوردىن باشلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا سىزىق ( _ ) قويىلىدۇ، ياكى ئوتۇرغا ئاپتۇر سۆزى قىسىلغاندا، ئاپتۇر سۆزىنىڭ ئالدى ھەم كەينىگە سىزىق ( _ ) قويىلىدۇ.  
      مەسىلەن:

      _نەگە ماڭغان ئىدىڭىز؟

      _بازارغا،_ئۇ تەئەجۈپ بىلەن جاۋاپ بېرىپ ياندۇرۇپلا سورىدى،_سىزچۇ؟



مەنبە: ئۆزۈم

http://www.nurlukislam.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )