- تىزىملاتقان
- 2011-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2696
- نادىر
- 1
- يازما
- 61
ئۆسۈش
23.2%
|
بىر ئاغىنەم بولىدىغان سۈيۈقراق،قىزلارنى كۆرسىلا بىزەڭلىك بىلەن چاپلىشۋالىدىغان،بۇ مىجەزىنى بىز تەربىيە قىپمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن،مانا تۈنۈگۈن ئۆزى بۇ مىجەزنى تاشلايدىغانلقىنى دەپ كەپتۇ ،سەۋبى مۇنداقكەن،
-ئاداش ،سالامغا سەل قارايىدىغان ئىش ئەمەسكەن،چۈشتە كىتىۋاتسام شۇنداق چىرايلىق ،ئەمما مودا بىر قىز ئۇچىرىغانتى،ئۇنىڭغا بىر نىمە دەي دەپ تىكىلپلا قاراپتىكەنمەن،ماڭا قاراپ ئەسسالام سالام قىلغان ئىدى،مەنمۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ كىتىپ قالدىم،زۇۋانىم تۇتۇلدى،باشقىچە نىيەتلىرىممۇ يوق بولدى،توۋا دەيمەن،ئا قىز ھەجەپ ئەقىللكەن،ئۆمرۈمدە بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان،ھەجەپ خىجىل بولدۇم،بۇندىن كىيىن ئەخلاقنى مىزان قىلمەن،
ئۇ كەتتى،توغىرا،سالامنىڭ كۈچىنى ئاددى چاغلاشقا بولمايدۇ،ئەدەپنىڭ ياخشىراقى سالامدۇر،مەيلى چوڭلار بىلەن،ياكى كىچىكلەر بىلەن ئومۇمەن ياشاش مۇھىتىمىزدا سالام قىلغانلار ھۆرمەتلىندۇ، بىزنىڭ يىزىغا بۇرۇن بىر يىزا باشلقى كەلگەن،ئۇ سالامنى ئىلىك ئالىدىغان ھەم سالام قىلىدىغان كىشى ئىدى،يىزىلق ھۆكۈمەت ئىچىگە كىرگەن ھەر قانداق كىشى مەيلى كىيىم-كىچەكلىرى مەينەت بولسۇن ئىشقىلىپ ئالدىغا كەلسە ئۇ شۇ كىشىنىڭ ئالدىغا 4 قەدەم كىلىپ كۆرۈشەتتى،مانا ئۇكىشى يۆتكۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ياخشى سۈپەتلىرى ئىغىزدىن چۈشمەيدۇ،مىنىڭ جىق تونۇشلۇرۇم بار،ئۇلار بەزىدە بەكلا ھاكاۋۇر،بولۇپمۇ كەنىتلەرگە چۈشكەندە بىچارە دىھقانلار ئالدىغا كىلىپ قول تەڭلىسمۇ شۇنداقلا بىر قولىنى بىلنەر بىلنمەس تەڭلەپلا قويىدۇ،
بىر خىزمەتدىشىم بولىدىغان(ھازىر يۆتكەلدى)دىننى بىلمى ۋە پەننى بىلىمى خىلى مول،تىخى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيسىدە 6-دەرىجە،ئەمما ئۇنىڭ ئۆزدىن تۆۋەن دەرىجىلكەرگە قول بىرىپ سالاملىششى خۇددى ئۆزدىن باشقىلارنىڭ قولىدا يۇقۇملۇق كىسەل باردەك شۇنچىلىك قىپلا قولىنى تارتىۋالاتتى، بىر قىتىم مەن قاتتىق تەگدىم،
--ئۇكام،سىز ئۇيغۇر،بىزمۇ ئۇيغۇر،ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ قولىنى سىقىشقا،راۋرۇس ئەركىشىدەك كۆرۈشۈشكە قادىر بولالمىغان بۇ قولىڭىزدا ئاۋۇ باشلقلارنىڭ پۇتىنى تۇتۇڭ ياكى بىشىنى قاشلاپ قويۇڭ،
رەھمىتى دادام شۇنداق مۇلايىم ئىدى،سالام-سائەتنى بەكلا ياقىلاييتى،ئۇ مۇنداق دىگەنتى---خىزىر ئەلەيھىسالام كۈندە يەتتە قىيىتم ھەر نەرسىنىڭ سۈرىتىدە ئۇچىرايدۇ،شۇڭا ساڭا سالام قىلغانلار ۋە قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەنلەر بىلەن سەممى كۆرۈشكىن،ئىتىلىشچە خىزىر ئەلەيھىسالامنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنىڭ سۆڭىكى يوقمىش(توغىرىسىنى ئاللا بىلگۈچىدۇر)شۇڭا قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە قارشى تەرەپنىڭ باش بامقنى سىقىپ كۆرۈشكىن،،
ھازىرقى ياشلاردىغۇ ئەدەپ ئەخلاق سەل سۇسلىشىپ قالدى،سالامنى قانداق قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان ھالدا،ئۆز ئانا تىلدا سالاملىشنىڭ ئورنى قالمىغاندەكلا،مەكتەپلەردە ئەخلاق دەرىسى سۆزلەيدۇ،ئەمما بەزى شۇ دەرسنى بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ ئۇيغۇرنىڭ سالمىنى قانداق قىلىشنى قانداق ئىلك ئىلىشنى بىلمەيدۇ،ھەر جۈمە نامىزىدا ئىمام -خاتىپلارمۇ دەيدۇ،بىراق بەزىلەرگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،نىمىشقىكىن مۇشۇ سالامنى قىزغىن قىلىدىغان،تىنىچ-ئامانلقىمىزنى سورايدىغان كىشلەر بىلەن بىللە تاماق يىگۈمىز كىلدۇ،مىھمان قىلساقمۇ قوساق ئاغىرىمايدۇ،بەزىلەردىن بىزگە نەپ يەتسىمۇ ئەمما سالامى بىرخىل قوپال ياكى سەممى بولمىسا ئۇلار بىزنى 1000كويلۇق مىھمان قىلسىمۇ كۆڭلىمىزدە رازى بولمايمىز،ئىشقىلىپ كىينكى ئەۋلاتلارغا سالامنى ئۈگىتىشنى پەرز-ھەم قەرز دەپ بىلىشىمىز زۆرۈر بوپ قالدى،،
مەنبە؛تاز كاللام..بوران114 |
|