- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6599
- نادىر
- 0
- يازما
- 263
ئۆسۈش
31.98%
|
ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن جېڭجۇغا كەلگىلى بىر نەچچە ئاي بولدى. ئادەتتە ياتاقتا ئايرىم تاماق قىلىپ يەيمىز . ھەپتىدە بىرەر ئىككى قېتىم مۇشۇ جايدىكى خېلى ياخشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يەپ كېلىمىز. بۇگۇنمۇ شۇنداق ماخسەت بىلەن ئاشخانىغا ماڭدۇق. ئاشخانا پويىز ئىستانسىغا يېققىن قايدا بولغاچقا بىز ئالدى بىلەن پويىز ئىستانسسىغا بېرىپ ئاندىن ، ئۇ ئاشخانىغا پىيادە بارىمىز. ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ كېتىۋاتساق ، بىر غالتەكلىك سەپەر سومكىسىنى سۆرىگەن ئۇيغۇر ياش ئۇچىردى.. ئۇتولىمۇ ھارغىن چىراي ئىدى. كۆزلىرىمىز ئۇچراشتىيۇ- ئۇ كۆزىنى ئىتلىك تارتىۋالدى. گەپ قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم .... يېنىمدىكى ھەمراھىم ئالدىراتتى .. شۇنداق قىلىپ ئۇ ياشتىن يىراقشىپ كەتتۇق.. ئاشخانىغا ماڭغاچ ئۇ ياشنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ۋە ياردەمنى كۆتكەندەك ئىكەنلىگىنى ھەمرايىمغا ئېيىتتىم . ئۇمېنىڭ بۇ ئاقكۆڭۇللۇكىمنى تەنقىتلىگەچ ، بۇ جايدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يامان ئىشلار بىلەن شوغۇللىندىغانلىقىنى ، ئالدىراپلا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى .. لېكىن ئۇ ياشنىڭ ئۇيغۇ ر ئىكەنلىكىنى ئويلاش بىلەن ئۇنىڭدا ئۇنداق گۇمانلىق تەرەپلەرنىڭ يوقلىقىنى ئويلىغاچ ..يەنە بىر ئۇچراپ قالارمۇ دىگەنلەرنى ئويلىغاچ تاماقنى تىزلا يەپ قايتىشقا تەييارلاندىم . كەلگەن جاي بىلەن قايىتتۇق .. كۆزۇم ئەنە شۇ ئۇيغۇر يىگىتىنى ئىزلەيىتتى ... تۇيۇقسىز بايىقى كۆرۇنىش يەنە تەكرارلاندى... ئۇ ئالدىمدا سومكىسىنى ئېغىر قەدەملەر بىلەن سۆرەپ كېلىۋاتاتى.. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! دەپلا قولۇمنى سوزدۇم . ئۇ بالىمۇ قولىنى سالامنى قايتۇرغا چ سۇندى .. ئۇ ئۆزىنى قىسقىلا تونۇشتۇردى....
_ مەن ئاقسۇدىن. ئاشپەز . خېلى بولغان بۇ يەرگە چۇشكىلى. بىر نەچچە يەردە ئىشلىدىم . خوجايىنلار ئىشلىتىپ پۇل بەرمەيدۇ. بۇ قېتىم خېلى ئۇزاق ئىشلىگەن بولساممۇ ، خوجايىن پۇل بىرىش تۇگۇل پۇل كارتامنى، كىملىكىمنى تارتىۋالدى . شۇ قۇرساق كۆپىكىدە باشقا جايدا ئىشلەي مىكىن دەپ بۇ جايدا يۇرۇيمەن . _دىدى.
_كىملىكىڭىز يوق يولدا ئاۋارىچىلىك كۆپ بولىدۇ ، قانداق قىلىسىز ، بۇ چاغدا _ دىدىم . ئۇنىڭ كىملىكسىز ئۇچرايدىغان ئاۋارىچىلىكلىرنى ئويلىغاچ.
__ بىر نەچچە قېتىم ئۇچراپ قالدىم . ئۇنداق ئەھۋاللارغا._ دىدى ئۇ . _ كىملىك نومۇرۇمنى يادلاپ ئالغان ، ساقچىلار تۇتسا كىملىكىمنى ئېتىپ بەرسەملا قويۇپ بېرىدۇ - دىدى ئۇ خاتىرجەم.
مەن:
_ تاماق يىدىڭىزمۇ؟ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ دەپ سورىدىم .
ئۇيىگىت:_ تاماق يەپ بولدۇم . پۇلمۇ بار . دىدى. خىيالىمدا بىللە تاماق يىگەچ ياردەم قىلاي دىگەن ئىدىم .
___ يۇرتقا قايتىڭ ... ئۇجايدا قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن جاپا ھالاۋۋەتتە بىللە بولۇڭ. بۇ جايدا بۇنداق بوزەك بوغىچە _دىدىم.
ئۇيىگىت:
مەن ھازىر بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. شۇ جايغا بېرىپ ئىشلەيمەن .
مەن ئۇنىڭ قەتئى سۆزلىگەن سۆزىدىن ھەيرانلا قالدىم ...
ھەمرايىمنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن ئاق يول تىلەپ خوشلاشتۇق.
نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتىغا قايىتمايدىغاندۇ..... |
|