كۆپ يىللاردىن بۇيان چاڭ – توزان قاپلاپ كەتكەن فرانسىيىنىڭ بىر ئارخىپىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا، فرانسىيىنىڭ جاسۇسلىرى گىتلېر ۋە گورىن قاتارلىق ناتسىستلارنىڭ كېيىنكى يادرولۇق شەخسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىلىك نۇرغۇن سىياسىي ئەربابنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بىراق، فرانسىيىلىكلەر ئەينى چاغدا گىتلېرنى ‹‹گېرمانىيىنىڭ موسسۇلىنى›› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي، ئۇنى ھېچقانچە تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ، دەپ قارىغان. يېقىندا ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەتكە گىتلېرنىڭ بىر پارچە سۈرىتى چاپلانغان بولۇپ، سۈرەتتىكى گىتلېر چېچىنى ئۆزىگە خاس قىسقا ياساتقان، بۇرۇت قويغان، شىم – كاستۇم كىيىپ، گالستۇك تاقىغان. ھۆججەتتە ئۇنىڭ كەسپى ‹‹مۇخبىر››دەپ يېزىلغان. ھۆججەتتە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گىتلېر بۇرۇن ››خەلق كۆزەتكۈچىسى‹‹ دېگەن گېزىتنىڭ مۇخبىرى بولغان، بۇ گېزىتنى ئەينى چاغدا ناتسىستلار تەشكىلاتى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالى قىلغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھۆججەتتە گىتلېرنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ‹‹ئادولف ياكوب››دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان(‹‹ياكوب›› يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئىسمى)، فرانسىيە مۇتەخەسسىسلىرى: بۇ بىر خاتالىق بولسىمۇ، تارىخشۇناسلار ئىزچىل مۇھاكىمە قىلىپ كېلىۋاتقان گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار دېگەن قاراشنى ئىسپاتلىيالىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. بۇ ھۆججەتتە: گىتلېر ‹‹گېرمانىيىنىڭ موسسۇلىنى››، ئۇ بىر ‹‹فاشىستچە›› زاپاس ھەربىي تەشكىلاتقا يېتەكچىلىك قىلماقتا، دېيىلگەن. ھۆججەتتە گىتلېرغا: ئۇ ئەخمەق ئەمەس، ئۇ بىر قاپ يۈرەك ۋەسۋەسىگە سالغۇچى، دەپ باھا بېرىلگەن. ھۆججەتتە يەنە گىتلېر 1923 – يىلى باۋارىيەدە قوزغىغان ‹‹پىۋىخانىدىكى توپىلاڭ›› تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، توپىلاڭ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا مەغلۇپ بولغان، دېيىلگەن. ھۆججەتنىڭ ئاخىرىدا، گىتلېر فرانسىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. ھۆججەتتە يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ناتسىستلار ھەرىكىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فرانسىيىنىڭ بىر ھەربىي قوماندانى ھۆججەتتە ناتسىستلار تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ دارمىشتادت شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان بىر ھەربىي مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: ئۇ يەردە نۇرغۇن يېڭى پاسوندىكى ھەربىي فورما ،رېۋولۋېر(ئالتە ئاتار تاپانچا) ۋە مىلتىق بار، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىككى – ئۈچتىن كاۋچۇك كالتەك سەپلەپ بېرىلىدۇ، دەپ يازغان. بىراق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، كېيىن ناتسىستلار ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئالتە ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە پارىژنى ئىشغال قىلغان گىتلېردىن ئىبارەت بۇ شەخسكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ناتسىستلارغىلا قىزىقىپ قالماي، يەنە ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە دۆلىتى ئىچىدىكى سول قاناتلاردىن ئوڭ قاناتلارغىچە بولغان تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنى تولۇق تەتقىق قىلغان |