- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4852
- نادىر
- 4
- يازما
- 250
ئۆسۈش
100%
|
ماقالەمنىڭ تەرىپىنى قىلىپ ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۇر. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن دىگەنلەرمۇ بوپتۇ. ئىنشائاللاھ ئامانلام بولسام توختاتمايمەن. خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى خىلى ئۇزۇن بولدى مۇنبەرلەرنى ئارلىيالمىدىم ھەم ماقالە يىزىپمۇ بولالمىدىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر ! ئەمما پۇرسەت بولسىلا يىزىپ تۇرىمەن.
ADAM-Z ئىسىملىك قېرىندىشىمىز كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇشنى مۇراجىئەت قىلىپتۇ، تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. دىگىنىڭىز تۇغرا ھەر نەرسىنىڭ ئەسلىسىگە نىمە يەتسۇن. بىراق، بۇ قىتىم يۇرتقا قايتقىنىمدا كىتابخانا ئارىلاپ، كۆزۈمگە چۈشۈپ قالغان ئىلىپ ئوقۇپ باقتىم. يازغان تىمام ئەسلى بۇرۇنلا كۆڭلۈمدە بار ئىدى. پەلسەپىنى مۇبالىغىلەشتۈرگەن مەزمۇن ئىلمىنتى ماقالەمدە بولسا تۈزىتەي. ماڭا كۆرسىتىپ قويسىڭىز خوش بولىمەن. چۈنكى خاتالىق ھەركىمدە بولىدۇ. شۇڭا مەن ماقالەمدىن قۇسۇر تاپىدىغان ئادەمگە ئامراق. چۈنكى ئۆزەممۇ باشقىلارنىڭ ماقالىسىدىن كۆپ قۇسۇر تاپىدىغان ئادەم. بۇنى مىنى بۇ مۇنبەردە تونۇيدىغانلار بىلىدۇ. بىزدە تەنقىدىي تەپەككۇر شەكلى يىتىلىشى كىرەك. قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇنازىرە ھەم تەنقىد ئىلىپ بىرىشىمىز، ئۆزىمىزنى، ئائىلىمىزنى ۋە جەمئىيىتىمىزنى دىئاگنوز قىلىپ تۇرىشىمىز بۈگۈنكى كۈندە بەك زۆرۈر بولۇپ قالدى. بىزدە ساغلام ئىلىم تىخى ئومۇملىشىپ بولالمىدى. شۇ سەۋەبتىن نا ئۇستىلارنىڭ سۆزلىرى بەك ئۈنلۈك ھەم پۇللۇق.
پەلسەپەگە كەلسەك، پەلسەپە مۇتلەق ھەقىقەت ياكى مۇتلەق ساختا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىنساننى ئازدۇرىدىغان ھەم توغرا يولغا باشلايدىغان تەرەپلىرى بار. مەن شۇنداق قارايمەن، بۈگۈنكى غەرپ پەيلاسۇپلىرى خەتەرلىك. ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقىغاندا بىزدە ئالاھىدە تەپەككۇر ئەلگىكى بولۇشى كىرەك ! شۇڭا مەن پەلسەپىۋى كىتابلارنى ئارىلاپ ئوقۇيمەن، ئۆرنەك ئالىمەن. بىراق پەلسەپەگە ئەگەشمەيمەن. مانا بۇ مىنىڭ مىزانىم. سىز دىگەندەك بىزگە كىرمىگەن نۇرغۇن ئىسىل كىتابلار بار. پەقەت غەرپ پەلسەپىۋى كىتابلىرىلا ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئويغۇنۇش بولىۋاتىدۇ. بىز كۆڭلىمىزنى پۇچەك قىلىدىغان تەرىپىمىزگە دىققىمىتىمىزنى بەكرەك مەركەزلەشتۇرۋالساق ئۇ ئوڭشىلىپ قالمايدۇ. بەلكى بىزنى تەرەققىي قىلدۇرماي، بىر ئىزدا توختىتىپ قويىدۇ. بىز بولسا ئاكتىپ ئىنىرگىيەنى كۆپرەك تارقاتساق، كىسەللىكىمىز ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
قېرىنداشلىرىمدىن ئۈمىدىم، ئامال بار ئەتراپقا ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتايلى ! ئەمما كۆپتۈرۋەتمەيلى ! بىز ياشلار تىرىشمىساق قەتئىي بولمايدۇ. ياشلار بوشاشماي تىرىشايلى ! |
|