- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4695
- نادىر
- 4
- يازما
- 268
ئۆسۈش
89.83%
|
ئەركىنلىك ۋە چەكلىمىلىك
مۇستافا ئوغۇز
قانچىكى ئەركىن جايدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شۇنچىكى قىممەتلىك ؛ بولمىسا ئەركىنلىك ئادەمنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
- ئېسىيا بىرلىن (بىرىتانىيەلىك پەيلاسۇپ)
مەن يىقىندا جۇ خېجۈن نىڭ قەلىمى ئاستىدىكى، يالقۇن روزىنىڭ تەرجىمە ئەسىرى بولغان "تۇرمۇشتىكى پەلسەپە" دىگەن كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇپ كىلىۋىتىپ " ئۆزىنى تۇتىۋىلىش- مەيلىگە قويىۋىتىشنى ئەركىنلىك دەپ بىلمەسلىك كىرەك" دىگەن تىما ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا كۆزۈم چۈشتى. مىنىڭ ئەسلىدە بۇرۇنلا بۇ تىما توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىش ئويۇم بار ئىدى. بۇ كىتابنىڭ تۈرتكىسىدە بىلگەنلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى. ماقالەمنى تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن ئوقۇپ چېقىشىڭلارنى سورايمەن.
ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ "ئەركىنلىك" ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرى ھەرخىل بولۇپ كەلدى. مىلادىدىن بۇرۇن 200-يىللاردا ياشىغان گرىك تارىخچىسى ھەم پەيلاسۇپى پولىبايىس(Polybius)نىڭ "تارىخ" ناملىق كىتابىدا: "ئەركىنلىك دىگەن ھىچقانداق ھۆكۈمدار ياكى ھۆكۈمەت ئېندىۋىدال شەخسىنىڭ خاھىشىدىكى ئىشقا ئارىلىشىۋالماسلىق ھەمدە شۇ خاھىشىنىڭ باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىدىن قوغدايدىغان تۈزۈلمە تۈزۈش" دەپ ئىيتقان. ئېرلاندىيىلىك دۇنياغا داڭلىق پەيلاسۇپ فىلىپ پەتتىت (Philip Pettit) ئۆز ئەسىرى (Just Freedom: A moral compass for a complex world ) دىگەن كىتابىدا پولىبايىسنىڭ يۇقارقى قارىشىنى قوللىغان ھەم تولۇقلىغان. يەنى پەتتىت: "ئەركىنلىك پەقەت ئىنساننىڭ خالىغان ئىشىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلالىشىلا بولماستىن، بەلكى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھىچبىر ئىنساننىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقىدۇر، ئەركىنلىك قانداقتۇر باشقا بىرلىرىنىڭ خوشاللىقى ياكى ئىرادىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىنمايدۇ" دىگەن. كارل ماركىسنىڭ قارىشىچە ئەركىنلىك باراۋەرلىكتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇنىڭچە 18-ئەسىرلەردىلا غەرپنىڭ يىڭى لېبىرىنزم ئەندىزىسى يۇنان پەيلاسۇپلىرىنىڭ تىكلەپ بەرگەن ئەركىنلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. يەنى قورال-ياراق قانۇنى، ھوقۇق قانۇنى، يۇقىرى ئۆسۈم ۋە باج كىرىمى، پاراۋانلىق مەكتىپى قاتارلىقلار بولسا قەدىمقى لېبىرنزم نەزەرىيىسگە زىت دەپ قارىغان.
مەيلى قايسى خىل قاراش بولسۇن، كۆپچىلىك پەيلاسۇپلار ئەركىنلىكنى ھىچقاچان چەكسىز ئىمتىيازغا مۇناسىپ كۆرمىگەن، بەلكى چەكلىكلىك كاتىگۇرىيىسى ئىچىگە قويۇپ ئېنىقلما بىرىپ كەلگەن. يۇنانلىق مەشھۇر پەيلاسۇپ پىفاگۇر: " ئۆزىگە چەك قويمىغان ئادەمنى ئەركىن ئادەم دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ." دىگەن ھىكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان. ئىنسانلار ئارىسىدا مۇتلەق ئەركىنلىك بولمايدۇ. ئەركىنلىك پەقەت نىسبىي بولىدۇ. بەزى كىشىلىرىمىز ئەركىنلىك ئۇقۇمىغا بىرىلگەن يۇقارقىدەك نەزەرىيىۋى ئىنىقلىمىلارغا ئاساسەن، ھەرقانداق شەخسىنىڭ نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ، ھىچكىمنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپ يۈزەكى چۈشەنچىدە بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، بىزنىڭ ھايۋاندىن پەرقىمىز قالمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھايۋانلارغا نەپسە بىرىلدى، بىز ئىنسانلارغا نەپسىگە قوشۇپ، ئەقىلنى بەردى. ئەقىلنىڭ رولى نىمە ؟ چەكسىز ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن نەپسىنى كونترۇل قىلىپ، چەكلىكلىك ئىچىدە يىتىشتۇرۇشتۇر. مانا مۇشۇ سەۋەب ئىنساننى يارالغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە قىلغاندۇر. تەندىكى ھەۋەس چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىلا، ئاندىن قەلب تىخىمۇ زور ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ. دۇرۇس، مەلۇم چەك بولغاندىلا ھەقىقىي ھۆرلۈك بولىدۇ. " تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە كەڭ مەنىدىن ئىيتقاندا، بۇ خىل ئەركىنلىك ھەۋەسنى مەيلىگە قويىۋىتىش بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ بىر خىل خۇسۇسىيىتىدىنلا ئىبارەت."
تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئىنساندا كەپتەرگە ئوخشاش قانات يوق، ئۇچۇش ئەركىنلىكى بىرىلمىگەن؛ بۈركۈتكە ئوخشاش دۇربۇن كۆز يوق، ئۇزاقتىن ئېنىق كۆرۈش ئەركىنلىكى بىرىلمىگەن؛ قاپلاندەك تىز يۈگرەش ئەركىنلىكى بىرىلمىگەن؛ ئاتنىڭكىدەك تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئالدىن بىلىش ئەركىنلىكى بىرىلمىگەن؛ ئىتنىڭكىدەك ئالاھىدە پۇراش ئەركىنلىكى بىرىلمىگەن ۋەھاكازالار. ئەمما، شۇنچە كۆپ ئەركىنلىكتىن چەكلىنىپ تۇرۇقلۇق، بىز يەنىلا ئۇلاردىن ئۈستۈن مەرتىۋىدە. چۈنكى بىزدىكى ئەقىل ئىجادچانلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، نەپسىمىزگە ئىگە بولغاندۇر، ئۆزىنى تۇتىۋىلىش پەقەت ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارغىلا خاس ئىش. شۇڭا، مەلۇم ئىندىۋىدۇئال كىشىنىڭ ئەركىنلىكىم دەپ قىلغان قىلمىشى جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر ئىلىپ كەلگىنىدە قائىدە-تۈزۈلمە ئارقىلىق توسۇش كىرەك. ئەخلاق ئۈلگىمىزنىڭ مەلۇم يامان ئىشنى كۆرگىنىمىزدە قول بىلەن توسۇشىمىز كىرەكلىكى، قول بىلەن توسالمىساق ئىغىز بىلەن، ئىغىز بىلەن توسالمىساق كۆڭلىمىزدە نارازىلىق بىلدۇرىشىمىز كىرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۆگۈتلىرى بار. بۇ مەزمۇن ئىككى خىل قۇتۇپلىشىشقا قارشى تۇرغان. بىرسى جەمئىيەتكە يامانلىق ئىلىپ كىلىدىغان ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ، تەربىيەدە بولماسلىق ياكى ئېغىر كۆرمەسلىك، شۇ يامان قىلمىشنى قىلغان كىشىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىم خەقنىڭ نىمە كارى دەيدىغان قاراشلارغا قارشى. ئىككىنجىدىن، يامان ئىشنى توسۇدۇم دەپ ئوشۇقچە چات كىرىۋىلىش، ئېغىر ھاقارەت كەلتۈرۈش، كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە زەربە بىرىش ۋە ئۆسەك سۆز تارقىتىپ تۆھمەت چاپلاشقا قارشى. بىزدە ئېغىر ئالماسلىق نەتىجىسىدە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ھەتتا ئۆسمۈر قىز-ئوغۇللىرىمىزغا قەدەر يامرىدى. بىزدىكى چىرايلىق تەربىيە ياكى سۈكۈنات ئورنىغا بىھۈدە تارقىتىلغان ئۆسەك سۆزلەر سەۋەبىدىن ئارىمىزدىكى ئىتتىپاقلىق يوقاپ، ئاداۋەت ئۇلغايدى. بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ سۇزلاشتى. ئەركىنلىكىم دەپ چەكتىن ئاشقاندا تەربىيەدە بولىدىغان يەرمۇ بار، باشقىلاردىن نۇقسان ئىزدەپ ئوشۇق ئىشلارغا چات كىرىپلا يۈرمەي، ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان يەرمۇ بار. شۇڭا ھەر ئىشنىڭ ئۆز لايىقىدا بولغىنى ئەۋزەل.
ئەتراپىمىزدا ئاشقۇن ئىندىۋىدۇئال ئەركىنلىك تەرغىباتچىلىرى خىلى بار، ئۇلارغا تەربىيە ئارتۇقچە. بىراق، شۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولغاچ، كۆپچىلىك ھالەتتە سۈكۈناتتا كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەپ ئۆتىمىز. ئۇلار سىزگە تەپەككۇرنى بوغىۋالماي، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىڭىز ئۈستىدە كۆپ نەسىھەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلاردىكى تەپەككۇر ھايۋاندىمۇ بار تەپەككۇردۇر. شەھۋەت ئەركىنلىكى، خالىغاننى يەپ-ئىچىش ئەركىنلىكى، دىنغا ھاقارەت قىلىش ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ ئىغىزىدىن چۈشمەيدىغان ئەركىن تەپەككۇردۇر. ئەتراپىمىزدا يەنە ئاز بىر قىسىم ئاشقۇن بىكىنمىچىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بار ئەركىنلىكنى قىسىدۇ. ئۇلار دىننى چۈشەنمەيدىغان قارا قورساق دىندارلار. ئۇلارنىڭ چىھرىنى بىلەرمەنلىك، كىبىر قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. دىندا بەرگەن ئەركىنلىككە كۆز قىزارتىپ ئۇنى چەكلەيدۇ. كەڭ قورساق، ئاسان دىننى قاتمال، زىيادە ئېغىر قىلىۋالىدۇ. دىندا ئەسلى بولمىغان، كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى دىننىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ مۇتلەق ھەقىقەت دەپ جار سىلىپ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ. ئېتىقادچى ئاممىنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت دەپ قارىغان دىنى ساختىلىق بىلەن تولىدۇ، ھەم شۇ ساختىلىق ھەقىقەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بىر تەرەپتە، قۇتۇپلىشىشنى تەرغىپ قىلغۇچى ئاشقۇن ئىندىۋىدۇئال ئەركىنلىك تەرغىباتچى ئەخلاق دۈشمىنى زىيالىي قاتلىمىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتە، زامان تەرەققىياتىدىن يىراق قالدۇرۇپ، قوپماي دۇرۇت ئوقۇسۇن دەيدىغان ساختا دىندارلار قاتلىمىمىز؛ مانا بۇ بىزدىكى پاجىئە.
تاشقى قىياپەت ۋە ماددىيەت ئەركىنلىكىگە بىرىلىش ئىنساننى نەپسانىيەتچى قىلىدۇ، ئەركىنلىككە ئىرىشكەنسىرى شۈكۈرسىزلىشىدۇ. ھاياتىدىن مەنا يۇقايدۇ، كۈنلىرى سۈنئىي كۈلكە ۋە ساختا ئادەمگەرچىلىك بىلەن بىھۇدە ئۆتىدۇ. چەكلىمىسىز يىيىش ئادىتى تەپەككۇرنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەكسىچە، قەلبنىڭ ھۆرلۈكىگە ئىنتىلىپ، ئەركىن تەپەككۇرنى كۈچەيتىكىنىدە، قەلب ھۆرلۈكىگە ئىنتىلگەنسىرى ئادىمىيلىكى ئاشىدۇ، نەپسە ئەركىنلىكىنى كونترۇل قىلىپ قانائەتچان بولىدۇ. بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرىدۇ. ئاز يەپ ئاز ئىچىپ، تەپەككۇرى ئىچىلىدۇ. ئوشۇق ئىشلارغا ئۆكۈنۈپ غەم يىمەيدىغان سەبىرلىك بولىدۇ. قىمارنى مىسالغا ئالساق، ئادەم تەبىئىتىدە قىمار ئويناش ھەۋىسى بولىدۇ، ئەمما ھەر ئادەمنىڭ قىمارغا بىرىلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. قىمار سورۇنىدا قىمار ھەۋىسىڭىز جانلىنىپ كەتسە ئۆزىڭىزنىڭ ئادەم تەبىئىتىدىكى تەڭقىسلىق - ئاچكۆزلۈك بىلەن ۋەھىمە ئىچىگە، يەنى يىڭىمەن دەيدىغان ئاچكۆزلۈك، ئۇتتۇرغاندىكى ۋەھىمىگە پېتىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، تەلەي ۋە ھىيلە-مىكىر ئارقىلىق قىمار مەيدانىدا جەزمەن يىڭىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇقلۇق كىشىلەر يەنە نىمە ئۈچۈن قىمار ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈكلەر ئۇتۇۋېرىدۇ ؟ ئالدىدىكىسى تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى؛ كىيىنكىسى ئەقىل-پاراسەت ۋە چەكلەشنىڭ غەلبىسى بولۇپ، ئۇ قىمار سورۇنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن ئاجىز ئادەملەرنى يىڭىدۇ. نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆزىدىكى ئاچكۆزلۈك ۋە ۋەھىمە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەۋەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك ! رىتىملىق تۇرمۇش كەچۈرسەكلا شادلىق ۋە ئەركىنلىككە ئىرىشەلمەيمىز. ئاخىرىدا، لىبىرالىزم توغرىسىدا چوڭقۇر تەتقىقات ئىلىپ بارغان پەيلاسۇپ ئېسيا بىرلىن ياخشى ئيىتقان:" قانچىكى ئەركىن جايدا ئۆزىنى تۇتىۋىلىش شۇنچىكى قىممەتلىك ؛ بولمىسا ئەركىنلىك ئادمنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ."
|
|