قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 1

رۇسىيە ھەم خوشاللىققا چۆمدى ھەم قايغۇغا پاتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2233
توردىكى ۋاقتى: 616
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 17:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify] [align=justify]نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋە دۆلەت دۇماسى سايلىمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ئىشقا ئوخشىمىغان كەيپىياتتا بولماقتا.[align=justify]ئالدى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئېيتايلى، 18 يىلغا سوزۇلغان سۆھبەت مۇساپىسىنى تۆگىتىپ، ئاخىرى بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا چۈشمىدى، بۇنىڭغا ھەممە ئىقرار، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنىڭ پايدىسىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە ئېنېرگىيە خام ئەشياسىنى ئېكسپورت قىلىشقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات قېلىپىدا بۇرۇلۇش ياساشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كەلدى، ئەمما ئۈنۈمى ناھايىتى ئاز بولدى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە رۇسىيەنىڭ ئۈستۈنلىككە ئىگە تاۋارلىرىنى ئېكسپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ــ رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى زۆرۈر تاللىشى.[align=justify]ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىرمۇنچە مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىدە چەكلىمە كۆپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ مۇستەقىللىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش يېنىك سانائەت، يېزا ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرگە زور زەربە بولىدۇ بۇنىڭدىن كارخانىلار ۋەيران بولىدۇ، ئىشچىلار ئىشسىز قالىدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا 18 يىلدىن بۇيان رۇسىيەدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى ھەققىدە مۇنازىرە ئۈزۈلمىگەن ئىدى.[align=justify]ئەينى چاغدىكى پىرېزىدېنت پۇتىن 2002-يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېگەن ئىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى پەقەت بىر قورال، كىمدە كىم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولسا، شۇ تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە پۇتىننىڭ سۆزى رۇسىيەنىڭ ئىسپاتلىشىنى كۈتمەكتە.[align=justify]دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش رۇسىيەلىكلەرنى ھەم خۇشاللىققا چۆمدۈردى، ھەم قايغۇغا سالدى ، دۆلەت دۇماسى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ھەم خۇشاللىققا چۆمدى قايغۇغا پاتتى، %49.3 لىك ئاۋاز نەتىجىسى شەك شۈبھىسىزكى مېدۋېدېف بىلەن پۇتىننى زۆرۈر سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيەلىكلەر خەلق فىرونتىنىڭ ھىمايىسىدە پۇتىن پىرېزىدېنتلىق تەختىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.[align=justify]ئەمما بۇ غەلبىلەر ئارقىسىدا يەنە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ يوق ئەمەس، گەرچە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ھېچقانداق توسالغۇسىز ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ ئەمما سىياسىي تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پارتىيەنىڭ غەلىبىسى ئالدىنقى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىشلىتىلگەن مەبلەغ ئاساسىدا بولغان.[align=justify]سايلام ئاخىرلاشقىنى بىلەن دىلخەستىلىك ئاخىرلاشقىنى يوق، 10-دېكابىر چۈشتىن كېيىن 25 مىڭچە كىشى موسكۋا شەھەر مەركىزىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت دۇماسى سايلىمىدا كۆزبويامچىلىق بار دەپ ئېتىراز بىلدۈردى، ئۇندىن باشقا ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، پۇتىننى قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەنى %42 گە چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى قىيىنكەن، 2004-يىلدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇ %70 لىك ئاۋاز بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان ئىدى.[align=justify]ئاممىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى بەلكىم كەيپىياتنىڭ توغرا ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى پۇتىننىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىغا تەھدىت بولۇشى ناتايىن، ئەمما بۇ قانداقلا بولمىسۇن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەندىشىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى مالىمانچىلىق ۋە بەربادچىلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ چىقىپ، سىياسىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقتىمۇ، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ زەربىسىدە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئاشمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ جەمئىيەتتىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى، پۇتىن ئۆزىمۇ: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ قىسىمەن قوللاش ئاۋازىدىن قۇرۇق قېلىشىغا رۇسىيەنىڭ ئەمدىلا ئىنتايىن قىيىن كىرىزىس مەزگىلىدىن ئۆتكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.[align=justify] مۇشۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلار رۇسىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى، بۇ دۆلەت داۋالغۇش ئىچىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى ھەرگىز يوقاتمىدى، ئىسلاھات ئىچىدىكى رۇسىيەنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇ ئىچىدە ئالغا باسىدىغانلىقى مۇقەررەر.[align=justify]
[align=justify]مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادېئو تورى.

0

تېما

2

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3065
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 65
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 11:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روسىيەنىڭ دۇنيا  سودا تەشكلاتىغا  كېرىشى ھەجەپ تەسكە چۇشۇپتۇ..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )