كەتمىشلەر ۋەھىدىن يۈرىكىم ھالسىز ، سېزىمەن ئۆزۈمنى ، گويا بىر ئەسىر ياشاپ بولغاندەك ، ناتۇنۇش ۋىسال ، ناتۇنۇش كۈتۈش ناتۇنۇش كەچمىشلەرنى ياپراقتەك ئاجىز ، ۋىجىك تېنىمگە، ئۆلۈك دېڭىزنى ئەكەپ باشلاپ قويغاندەك، ئارمانلار ئۇلۇغ ، مۇھىتىم سۇنۇق ، تارىخىم قۇرۇق ،
كەتمىشلەر ۋەھىدىن ھالسىز يۈرىكىم ياپراقتەك ئاجىز ۋىجىك تېنىمگە سېزىمەن ئۆزۈمنى، پۇچۇق ئارماننى تەۋرەنمەس قىلىپ مەڭگۈ-مەڭگۈلۈك مىخلاپ قويغاندەك. ئاھ، نە قىلاي ، ھايات مانا شۇنداق ، گاھى يىغلاپ قويغۇدەك ۋە گاھى كۈلۈپ تويغۇدەك. ئاغرىنىش يوق تەقدىردىن، قۇتۇلۇش يوق تۇرمۇش قەستىدىن ، بار لېكىن بىر قانونىيەت ، بار كىشىنى قىلار مەمنۇنىيەت ، تۇرمۇشقا ، ئاسىي تەقدىرگە ، دەرد تۆكمىگەن كىشى غاپىل مۇغەمبەرلككە جەڭ ئېلانى باشلاپ قويغاندەك.
شۇنداق خىسلەت بار : تىرىشسا ، تىرىشسا ... يېڭىلنار تەبىئەت ، نۇرلىنار مىسكىن ئىسكەت . تىرىشسا ، تىرىشسا ... ئىستىقبال كۈلەر غالىب . غەلبېسېرى چۈشلەرمۇ غايىب قەدەم غېرىچ بولۇر ، خۇددى : يىلان قاسراق تاشلاپ قويغاندەك ...
مەنبە : قەلىمىم
2012-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى قومۇل |