اھ نىگار مېنى كۆپ دەرىتلەرگە سېلىپ كەتتىڭ،
سېنى دەپ سوققان يۈرەگىمنى تىلىپ كەتتىڭ.
***
قالمىدى نە مەندە دەرمان، كۆزلىرىمدە ياش،
بارچە خۇشاللىق ۋە ئۈمۈدۈمنى ئېلىپ كەتتىڭ.
***
كىممۇ دەر ھالىڭ نىچۈك، مەن كەبى بېچارىگە،
نالە قىلسام قارىماي يىراقلارغا يۈرۈپ كەتتىڭ.
***
سېنى دەپ پەرۋىش قىلدىم گۈلزارلىقتا قىزىلگۈل.
ئېچىلمىغان غۇنچىنى خار قىلىپ يۇلۇپ كەتتىڭ.
***
نىمجان بولدى بۇ تېنىم ئۆزگىدىن شىپا تاپماس،
نىجاتكارىم قايدىسەن كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتىڭ.
***
چىن پۈتمۈدۈڭ سۆزۈمگە، خىيالىڭدا كاززاپمەن،
چۈشۈنەلمەي قەلبىمنى ئاچچىقلاپ قىزىپ كەتتىڭ
***
قارىغىنە كۆكلەرگە قۇشلار جېنىدا جۈپكەنغۇ.
مەن بىتەلەي ئاجىزنى تىكەندەك قىلىپ كەتتىڭ.
***
زار يىغلارمەن چۆللەردە، ماڭا ئۇندا ئىمكان يوق،
ھېجران ئاتلىق پىچاقتا باغرىمنى يېرىپ كەتتىڭ.
***
چىن مۇھەببەت ئەقىدەڭ ئاڭا تالىق قەلبىڭمۇ،
مۇھەببەتنىڭ جۇدۇنىدا تېڭىرقاپ ئېزىپ كەتتىڭ.
***
باھار كەلسە كېلەر دەپ يوللۇرۇڭغا تەلمۈرگەن،
يولۇڭ ئەسلى باشقىمۇ، نەلەرگە تېزىپ كەتتىڭ.
***
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن مېنى تاشلاپ كەتسەڭمۇ،
پاك مۇھەببەت سۆيگۈنى بىر ماڭا بېرىپ كەتتىڭ.
مەنبە:ئۆزەمنىڭ
|