مائارىپىمىزدىكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ ساپسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى
مائارىپ ئىشلىرى كۈنسايىن تەرەققى قىلۋاتقان جەمئىيەت كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىپ پۈتۈن خەلق ئاممسى پۈتۈن ئۈممىدىنى مائارىپ ئىشلرىغا بىغىشلاۋاتقان ھەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرنىڭ چىقىش يولىنىڭ پەقەت مائارىپ ئارقىلىق پاپالايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بىزنىڭ بىر قىسىم بەھبەرلىرىمىز نىڭ قانۇن ئىڭى ۋە ساپاسىنىڭ تىخى ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم .
بۇگۈن ئولتۇرۇپ توردىن قەشقەردىكى بىر يېزىدىكى بىر مەھەللە مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .چۈنكى مائارپىمىزدا شۇنداق رەھبەرلەرنىڭ بالىقىغا ئىشەنمەي قالدىم ھەم كاللامغا نۇرغۇن خىيللار كىلىپ كىلىپ مىنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى .
بۇرەھبەرلەر سىنىپنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلار ھەم مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىش جەرياندا بىرقىسىم رەھبەرلىرىمىزنىڭ سىنىپ ئىچىدىلا تاماكىسىنى
تۇتاشۇرۇپ چىكىشى مىنى سەل قايمۇقتۇرۇپ قويدى ، ھەممىز بىر كادىر تۇرۇپ ،مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان تۇرۇپ مائارىپ قانۇنىدىن كىچىككىنە خەۋرىمىز يوقمىدۇ ؟ ئەجبا شۇ رەھبەرلەر مائارىپ تەربىيىسى ئالمىغانمىدۇ ؟ شۇ رەھبەرنىڭ شۇنداق خۇمارى تۇتۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ شۇ رەھبەر سىنىپتا تاماكا چىكىشنىڭ مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟ ياكى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ ساپاسى شۇنچىلىكىمىدۇ ؟ دىگەن سۇئاللار كاللامدا ئەكىس ئىتىشكە باشلاپ مىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشىمگە تۈرۈتكە بولۇپ قالدى .
مىنىڭچە بۇ رەھبەلرىمىزنىڭ خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەت قارىشى ناھايىتى تۆۋەن بولسا بۇ قانداق قىلىپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندۇ ؟ بىزنىڭ رەھبەرلىرىمز ئىچىدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلەردىن قانچىلىك باردۇ ؟ ئەگەر مۇشۇنداق ساپاسىز ، مەسئۇلىيەتسىز باشلىقلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋەرسە بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز قانداق قىلىدۇ ؟ ئۇلارنى مۇشۇنداق مەدەنىيەتسىز، قانۇن ئىڭى تۆۋەن تۇرۇپ قانداق ئۆزدىن تۆۋەن ئورۇنلارغا بىرىپ قانداق خىزمەت تەكشۈردىغاندۇ ؟ نىمىنى تەكشۇردىغاندۇ ؟ بۇرەھبەر زادى كىمدۇ ؟ ئۇنىڭدا مائارىپ قانۇنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك قانداق ھوقۇقۇق باردۇ . مەن ئويلاپ قالدىم سىز مائارىپ تەربىيسى كۆرمىگەن پەقەت پۇلىڭزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان قانۇن تۈزۈم دىگەننى كۆزگە ئىلمايدىغان ساپاسى يوق بىر ئادەمىلىكى چىقىپ تۇردۇ .بىزگە بۇنداق باشلىقلارنىڭ كىرىكى يوق . بىزگە رەھبەر بولغان ئادەم كىشىنىڭ ،خەلقنىڭ ھالىغا يىتىغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھبە قوشىدىغان بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارتىپ بىرىدىغان ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان ، قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلدىغان رەھبەرلەر كىرەك .
داۋامى بار
|