- تىزىملاتقان
- 2011-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2210
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
7%
|
بۇيۇمۇر ئەمەس
(ھېكايە)
ئەمەت يۈسۈپ
ئولتۇرۇشقاكېچىككەنلەرنى ساقلىغاچ پاراڭغا چۈشكەن بىر نەچچىسى باشتا گەپنى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشىنى سۆكۈشتىن باشلاپ، ئاخىرىدا سۆز تېمىسىنىڭ قانداق بولۇپ خوتۇن، بالىغايۆتكەلگەنلىكىنىمۇ تۇيماي پاراڭلىشىۋاتاتتى.
"بالىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى توغرىسىدا دەتالاش قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا خوتۇنۇم بىلەن باغلاشتىم. ئەگەر بۇ بىر مەۋسۈم مەن باشقۇرغاندا بالامنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممە پەندە 90 غا چىقسا، خوتۇنۇم بىر يىل يېڭى كىيىم-كېچەك ۋە ھەر قانداق زىبۇ-زىننەت ئالماي ئايلىق مائاشىنى ئۆيگە ساق ئەكىرىدىغان، ئەگەر 90 غا چىقىرالمىسام، بىر يىل ئىچىدە مەن ھەر قانداق چاي، ئولتۇرۇش، سەيلە-ساياھەتكە بارمايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق" دەپ ھەممىنى ئاغزىغا قارىتىپ سۆزلەۋاتقان كازىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،— زامان تەرەققىي قىلغانسېرى چوڭ ئادەم تۈگۈل ئۇششاق بالىلارنىڭمۇ قىممەت قارىشىغا بىر نەرسە دەپ بولمايدىكەن. شۇ سەۋەبلىك بالام بىلەنمۇ ئاسانلا كېلىشىۋالدىم. «بىرنومۇرغا بىر يۈەن بەرسەڭ چوقۇم ئانامنى يېڭىۋېلىشىڭغا تولۇق كۈچ چىقىرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەنتى. مېنىڭ زېرەك، بودەك ئوغلۇم دېگەندەك ھەممە پەندە ئىمتىھان نەتىجىسى90 دىن چۈشمەي، مەندىن پۇل، مەكتەپتىن تەقدىرنامە بولۇپ ھەممە پايدىنى شۇ ئالدى.خوتۇنۇم بولسا يېڭى كىيىم، زىبۇ-زىننەت ئالماي، مائاشىنى ئۆيگە ساق ئەكىرگىنى بىلەن ھەر پەسىلدە ئىدارىسىدىن ئالىدىغان بىر تالاي مۇكاپات پۇلىنى ماڭا كۆرسەتمەي قويدى، — دەپ تۇرۇشىغا غالىب ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى.
—كازىم راست گەپ قىلدى. بۇ كەمنىڭ بالىلىرى بەك زېرەك بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟! شۇڭائۇلارنى كىچىك دەپ سەل قاراشقا زادى بولمايدىكەن. بولمىسا بەزىدە ئۆزىمىز ئوڭايسىزئەھۋالدا قالىدىكەنمىز. بىر ئايچە بولدى. باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنى مەكتىپىدىن ئېلىپ كېتىۋېتىپ، مەھەللىدىكى مەسچىت ئالدىغا كەلگەندە، ئەزان توۋلاۋاتقان مەزىننى كۆرگەن ئوغلۇم: «دادا، ئۇ ساقاللىق داداشنىڭ بېشىغا يۆگىگىنى نېمە؟ ئۇ نېمىشقا توۋلايدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن بالامنىڭ قىزىقىپ سورىغان سوئاللىرىغا مەستلىكىم كەلگەن ھالدا: «بالام، ئاۋۇ ساقاللىق داداش بولسا مۇشۇمەسچىتنىڭ مەزىنى، ھازىر ناماز ۋاقتى بولغاچقا، بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەزان توۋلايدۇ. بېشىغا يۆگىگىنى ‹سەللە› دەپ ئاتىلىدۇ».
غالىب گېلىنى بىر قىرىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
—ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خوتۇنۇم بىلەن ئۈچىمىز بىر سەنئەت كېچىلىكىگە بېرىپ ئويۇن كۆردۇق. ناخشا-ئۇسسۇل ئارىسىدا كۆرسىتىلگەن مۇقامدىن ئارىيەدە مۇقامچىنىڭ مۇقامنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىدىن ھوزۇرلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ ئولتۇرسام،تۇيۇقسىز ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرغان ئوغلۇم «دادا، دادا» دېگىنىچە يېڭىمدىن تارتىپ،ئۈنلۈك ئاۋازدا مېنى چاقىرغىنىچە قولى بىلەن مۇقامچىنى كۆرسىتىپ: «ئاۋۇ ئاكاشمۇ مەزىنمۇ، بېشىدا سەللىسى باركەنغۇ؟» دەپ سوراپ، مېنى ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالداقويدى.
ئۇشۇنداق دېيىشىگە سورۇندىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشتىيۇ، غالىبنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلكەشۇئان توختىغان بولسىمۇ، غالىب ئۇلارغا جىددىي تەلەپپۇز بىلەن: «بۇ دېگەنلىرىم يۇمۇر ئەمەس، راست گەپ. ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا سىلەر بولساڭلا، بالىنىڭ سوئالىغانېمە دەيتتىڭلار؟!» دېدى.
مەنبە: ئەمەت يۈسۈپ
|
|