- تىزىملاتقان
- 2011-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  63.8%
|
زەنجىۋىلنىڭ شىپالىق رولى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ .باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا ،قولنى ئىلمان زەنجۋىل سۈيىگە 15مىنۇت چىلاپ بەرگەندە ،باش ئاغرىقى يىنىكلەيدۇ .
مەسىت بولۇپ قالغاندا ئىسىق زەنجىۋىل سۈيىگە بىر ئاز ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ،مەستلىكنى يېشىدۇ .
يۈزىگە دانخورەك چىققاندا ،كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزىنى ئىسىق زەنجىۋىل سۈيىدە يۇيۇپ بەرسە ،دانخورەك يوقايدۇ .
بەل، مۈرە ئاغرىغاندا ،زەنجىۋىل سۈيىگە ئاز مىقداردا تۇز ياكى ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ،ئاغرىغان ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ئاغرىق توختايدۇ .
پۇتى پۇرايدىغانلار پۇتنى تۇز ياكى ئاچچقىسۇ ئارلاشتۇرۇلغان زەنجىۋىل سۈيىگە كۈندە 15 مىنۇت چىلاپ بەرسە ،پۇت پۇراشتىن قۇتۇلىدۇ .
چاچ كىپەكلەشكەندە ئالدى بىلەن زەنجىۋىلنى چاچقا سۈرۈپ ،ئاندىن چاچنى زەنجىۋىل سۈيىدە يۇغاندا ،كېپەكنى تۈگىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ .
زەنجىۋىل قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
ئامېرىكا ۋە ياپونيەلىك تەتقىقاتچىلار زەنجۋىنىڭ ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى قېرىشنى كىچىكتۈرۈپ ،ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق رولىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ،بۇنىڭ سەۋەبى زەنجىۋىلنىڭ گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلكىدە ئىكەن .شۇڭا گۆش پىشۇرغاندا ،ئازراق زەنجىۋىل قوشىۋەتكەندە ،سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئاستىلتىپ ،بەدەندە ياغنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تىزگىنلەپ ،قېرىشنى كىچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن ،ياشانغانلار زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە ،بەدىنى ساغلام بولۇپ ،ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن .
مەنبە :قانۇن گېزىتى |
-
|