ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
نەفلە روزا تۇتۇش بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى .ئادەتتە ھەر ئاينىڭ 14-15-16-كۈنلىرى (يەنى ھىجرىيە
كالىندارى بويىچە )روزا تۇتۇش ئادىتىمىز بار .بەزىلار مىلادىيەنى ھىجرىيەگە ئايلاندۇرالماي قىينىلىپ كېتىدۇ .
شۇ ۋەجىدىن مەن بىر دوستىمىز مەخسوس مىلادىيەنى ھىجرىيەگە ئايلاندۇرغۇچ تەييارلاپتۇ .پايدىلىنارسىزلەر .
ئىشلىتىشنى بىلەلمىسڭىز ئىنكاس قىلىپ يازارسىز مەن ئۆگىتىپ قوياي .
تۆۋەندىكى بەتنى ئاچسىڭىزلا بەت ئاخىرىدا ئايلاندۇرغۇچ بار .
http://www.12tagh.com/index.htm
نەفلە روزا ۋە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر .
نەپلە روزا توتۇش مۇستەھەپ بولغان كۈنلەر
1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتۇش. بۇ ئالتە كۈندە روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر.
2- دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا توتۇش. چۈنكى بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ.
3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەردۇر. بۇ ئۈچ كۈن ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاينىڭ) ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىشى ئەلا ۋە ئەۋزەلدۇر.
4- ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى توققۇز كۈنىدە بولۇپمۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا توتۇش ئەۋزەلدۇر.
5- مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇش.
روزا توتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر
1- شەك كۈنى روزا توتۇش. شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى شەك كۈنى ھېسابلىنىدۇ.
2- روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا توتۇش.
3- تەشرىق كۈنلىرى روزا توتۇش. زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 11-، 12-، 13- كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرىدۇر.
4- روزا توتۇشقا جۈمە كۈنىنى خاسلاشتۇرۋېلىش.
5- ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىزنىسىز نەپلە روزا توتىشى.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاي دېسەڭ، 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتقىن»، دېدى.- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). |