قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3012|ئىنكاس: 10

سۇلايمان ئەلەيھىسالام ۋەقەلىرىنىڭ بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 20:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

 
بىر كۈنى سۇلايمان ئەلەيھىسالام لەشكەرلىرى بىلەن كېتىپ باراتتى ،بىر چۈمۈلىنىڭ پەرياد قىلىپ توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى :
-ئى چۈمۈلىلەر ،دەرھال پاناھلىنىڭلار ،بولمىسا سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدا دەسسىلىپ پايمال بولىسىلەر .
بۇ سۆلەرنى ئاڭلىغان سۇلايمان ئەلەيھىسالام ئۆز ئادەملىرىنى  شۇ يەردە توخـتاشقا پەرمان قىلدى ۋە كۆكتىن پەسلەپ شۇ يەرگە چۈشتى .شۇ چاغدا چوڭلۇقى ئۆچكىدەك كېلىدىغان بىر ئاق چۈمۈلە سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىپ ، ھۆركەت-ئېھتىرام بىلدۈردى .سۇلايمان ئەلەيھىسالام چۈمۈلىگە جاۋاب سالام بېرىپ بۇلۇپ سورىدى :
-ئېتىڭ نىمە ؟
-ئېتىم مەنزەرە ،-دەپ جاۋاب بەردى چۈمۈلە .
-چۈمۈلىلەرنى نىمىشقا قېچىشقا بۇيرۇيسەن ؟
مەنزەرە ئېيتتى :
-18مىڭ ئالەمنىڭ خۇداسى ماڭا 40قەۋەت يەر بەرگەن ،ھەر قەۋەتتە 40مىڭ پىرقە ،ھەر پىرقىدە يەنە 40 مىڭ پىرقە مۇئەككەللەر بار .مەن ئۇلارنىڭ پادىشاھىمەن .ئۇلار خەۋەرسىز قىلىپ ،سىزنىڭ لەشكەرلىرىڭنىڭ ئاسىتىدا دەسسىلىپ ئۆلسە ،ئۇلارنىڭ ۋابالى ماڭا بولىدۇ .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام سورىدى :
-ئۇنداق بولسا ئۆزۈڭ نىمىشقا قاچمايسەن ؟
مەنزەرە ئېيتتى :
مەن ئۇلارنىڭ كاتتىبىشىدۇرمەن ،كاتتىلار ئۆز پۇقرالىرىغا مېھرىبان بولماق لازىمدۇر . كەلگەن بالا -قازاغا ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىپ ،باشقىلارنى قوغداپ قالماق كاتتىلارنىڭ قەرزىدۇر .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام سورىدى :
-بۇ نەسىھەتلەرنى كىمدىن ئۆگەنگەن ؟
مەنزەرە ئېيتتى :
خىيالىڭىزدا ئىلىمنىڭ ھەممىسى ماڭا بېرىلگەن دەپ ئويلامسىز ؟ بىزگىمۇ بېرىلگەن .رۇخسەت قىلسىڭىز سىزدىن بىر نەچچە سۇئال سوراپ باققۇم بار ؟
-قانداق سۇئالىڭ بولسا سورىغىن !-دىدى سۇلايمان ئەلەيھىسالام .
-ھەقتائاللاھتىن نىمە تەلەپ قىلدىڭىز ؟- دەپ سۇئال قويدى مەنزەرە .
-ھېچ كىشىگە بېرىلمىگەن كاتتا پادىشاھلىقىنى تىلىدىم .
-تىلىكىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى ،كۆڭلىڭىز تار ئىكەن . بىلىپ قىلىڭكى ،ئەگەر ئۇلۇغ ئاللاھ تائاللا دۆلىتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىر كىشىگە بەرسىمۇ ،خەزىنىڭىز ئازلاپ قالمايدۇ .سىز تېخى خۇدانىڭ ئەزىمەت ۋە كاتتىلىقىنى بىلمەپسىز،شۇ تەلىپىڭىز ئۈچۈن نىمە ئالدىڭىز ؟
-شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردى .بارلىق چوڭ -كىچىك ئەئيانى ،مەملىكەت ئەركانى دۆلەتنى ھەشەمىتى ھەيۋەت بىلەن شامال كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ .
-ھەقتائاللاھنىڭ سىزگە شامالنى مۇسەخخەر قىلىپ بەرگىنىنى چۈشىنەمسىز ؟ بىلىپ قىلىڭكى ،بۇ ئالەمنىڭ ئىشى شالامغا ئوخشاش ئىلدام ئۆتىدۇ .كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .قولدا تۇرمايدۇ .ئۇنداق شامالنى مىنگۈچە مەرىپەت دۇلدۇلىنى مىنسىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ،ئەرش -ئەلاغا چىقىپ چۈشىسىز ،خوش ،بۇندىن باشقا يەنە نىمە بەردى ؟
-يەنە بۇ ئۈزۈكنى بەردى ،پۈتۈن ئالەمنىڭ سىرى مۇشۇ ئۈزۈكتىدۇر .
-ئى سۇلايمان ،بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى بىلىپ قىلىڭكى ،خۇدايىتائاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەسلى مال-دۇنيالارنىڭ پەرقى يوق .ئۇنىڭغا مىسالدۇركى ،بىر بەندىسى مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا -خالىسا قۇبۇل قىلىدۇ ،خالىمىسا قۇبۇل قىلمايدۇ .بىر ئادەم مىڭ يىل ئۆمرىنى گۇناھ بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،بىر قېتىم چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلىپ ئاھ-پەرياد قىلسا ،نارلىق گۇناھلىرى ئۆزى تارتقان ئاھتا كۈيۈپ كۈل بولۇپ توزۇپ كېتىشى مۇمكىن ،ئى سۇلايمان ،ئاللاھ سىزگە مەشرىقتىن مەغرىبكىچە بولغان يەرنى بۇيسۇندۇرۇپ بېرىپتۇ .ئۇنىڭ باھاسى ئەسلىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىدە بىر پارچە تاش ئىكەن ،ئۇنداق بولسا بۇ تەمەنننا قىلغۇدەك ئىش ئەمەس .ئەسلى مەملىكەت بايلىق -بېھىشنىڭ ئەڭگۈشتەرىنى قولغا ئېلىش ،ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ باھاسىنى ھىسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ .ئۇ سۇلايمان ،ئاللاھتائاللا يەنە نىمە بەردى ؟
-دىۋە-پەرىلەرنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردى .
-بۇنىڭ ھەممىسى ئوڭاي گەپ .ئەگەر سەۋر قىلسىڭىز ،سىزنى پەرىشتىلەرمۇ كېلىپ تاۋاب قىلىدۇ .پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتىسى ۋە پادىشاھى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالام خۇدايىتائاللاھنىڭ گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ خوجىسى ،قىيامەت كۈندىكى شاپائەتچىسى -ھىمايىچىسىدۇر .ئۇ خۇدايىتائاللاھتىن دۇنيالىق ئۈچۈن ھېچنىمە تەلەپ قىلمىغان .شۇ تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ خىزمىتىگە پۈتۈن دۇنيا ھازىر بولغاي .
-ئى مەنزەرە ،مۇنچىۋالا بىلىمنى ،ئەقىلنى نەدىن ئۆگەندىڭ ؟
-ھەممىگە ئالىم ھەقتائاللاھ بىلدۈردى .
بۇنىڭدىن بۆلەك يەنە نىمىلەرنى بىلىسەن ؟
-سىزنىڭ پەرمانىڭىزدا بولىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ ؟
-يوق .
-بۇ زەئىپ ھالىم بىلەن ھەر كېچە لەشكەرلىرىم بىلەن پۇقرالىرىمنىڭ ئىچىگە بېرىپ ئايلىنىپ ،قايسىسى كىسەل بولسا ،ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇناجات قىلىپ خۇدادىن شىپالىق تىلەيمەن .بىر قېتىم ئاللاھتائاللا ماڭا :‹‹ساڭا ئاسماندىن ئورۇن بېرەي ،نامىڭنى ئالەم ئىچىدە ئۇلۇغ ۋە مەشھۇر قىلاي ››دىۋىدى ،مەن :‹‹ئىلاھا ،مەن بولسام سېنىڭ زەئىپ ۋە ئاجىز قۇلۇڭمەن ،ماڭا ئۇلۇغلۇق ياراشمايدۇ ،شۆھرەتلىك نامىڭنى كۈتۈرەلمەيمەن ››دەپ جاۋاب بەردىم .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام چۈمۈلىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ،تۆۋە قىلىپ ،ئاللاھتائاللاغا مۇنداق دىدى :
-ئىلاھا ،مەن ئۆزۈمنى دانا ۋە ئەقىللىق ھىسابلاپ يۈرەتتىم .بىر چۈمۈلىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەسكەنمەن .
چۈمۈلە دىدى :
-ئى سۇلايمان ،بىزنىڭ شەھەرگە چۈشۈڭ ۋە بۇ كېچە بىزنىڭكىدە قونۇڭ !
سۇلايمان ئەلەيھىسالام بارلىق لەشكەرلىرى بىلەن چۈمۈلىنىڭ ئۆيىدە قوندى .مەنزەرە بىر چىكەتكىنىڭ قولىنى ئېلىپ چىقتى .سۇلايمان ئەلەيھىسالام بۇنى كۆرۈپ سورىدى :
-بۇنى نىمە قىلىمىز ؟
-بۇنىڭ گۆشىنى لەشكەرلىرىڭىزگە بېرىمىز ،-دىدى .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام مەسخىرە قىلىپ كۈلدى  ۋە :
-بۇ ئازغىنا بىر نىمىنى مۇنچە لەشكەرلەرگە قانداق يەتكۈزەلەيسەن ؟-دىدى .
- ئۇ سۇلايمان ،-دىدى مەنزەرە چۈشەندۈرۈپ ،-سىز بۇنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ .ھەقتائاللانىڭ ئۇلۇغ قۇدرەت كامالىغا قاراڭ ،مېنىڭ ئەقىدە ئىخلاسىمغا قاراڭ .
چىكەتكىنىڭ بىر قولى پىشۇرۇلۇپ ،لەشكەرلەرگە تەقسىم قىلىنىۋىدى ،لەشكەرلەر ئىچىدە گۆشكە تويمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى .
ئاندىن مەنزەرە چۈمۈلىلەرگە بۇيرۇق قىلدى :
-بۇ ئاتلارنىڭ لەشكەرلىرىگە يەم ئېلىپ كېلىڭلار !
چۈمۈلىلەر يەم ئېلىپ چىقىپ ،لەشكەرلەرنىڭ ئېتىغا بەردى ،ئاتلارمۇ تويۇپ يەم ئېشىپ قالدى .سۇلايمان ئەلەيھىسالام سورىدى :
-بۇ ئارپىنى قەيەردىن ئەكەلدىڭلار ؟
مەنزەرە جاۋاب بەردى :
-ئى سۇلايمان ،ئىلگىرى سۇلايمان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن .ئۇ پادىشاھمۇ بىر چاغلاردا لەشكەرلىرى بىلەن بۇ يەردە قونغان . بۇ شۇلارنىڭ قاپ تاغارلىرىنىڭ يىرتىقىدىن تۆكۈلۈپ قالغان ئارپا ئىدى .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام سورىدى :
 
-قانچە لەشكىرىڭ بار ؟
نەزەرە جاۋاب بەردى :
-سىزنىڭ لەشكەرلىرىڭىزدەك ئون ھەسسە كېلىدۇ .
 
 
 
سۇلايمان ئەلەيھىسالام ئويلىدى :بىر ئاقساق چۈمۈلە شۇنچە كۆپ لەشكەرلىرىم بىلەن مېنى مېھمان قىلدى ،مەنمۇ ھەممە جانلىقلارنى بىر مېھمان قىلسام ...
ئۇ ئاللاھتائاللاغا مۇناجات قىلدى :
-ئىلاھا ،ماڭا رۇخسەت قىلساڭ ،تامام جاندارلارنىڭ رىسقىنى بىر كۈن مەن بەرسەم !
ئاللاھتىن نىدا كەلدى :
-ئى سۇلايمان ،قۇلۇڭدىن كەلسە شۇنداق قىلغىن !
سۇلايمان ئەلەيھىسالام دىۋىلەرگە تاغلارنى تىشىپ ،قازانلارنى ئورنىتىشقا بۇيرۇق قىلىۋىدى ،دەرھال چوڭلۇقى 70مىڭ گەز كېلىدىغان 70مىڭ قازان تەييار قىلىندى .ھەم ئۇنىڭدا 40 كۈن ئاش پىشۇردى .سويۇلغان قوي ،كالا ،ئاتلارنىڭ سانىنى ھىسابلاپ چىققىلى بولمايتتى .ئۇ سەككىز ئايلىق يەردىكى بارلىق ئادەم ۋە جىنلارنى ،پاشىدىن تارتىپ سۇمرۇغقىچە بولغان چەرەندىلەرنى ،پىلدىن تارتىپ چۈمۈلىگىچە بولغان جاندارلارنى يىغىش ئۈچۈن شامالغا ئەمىر قىلدى .ئۆزى بولسا تەخىت ئۈستىگە چىقىپ مەغرور ئولتۇردى .ئەتىسى دەريادىن بىر بېلىق بىشىنى چىقىرىپ دىدى :
-بۈگۈن مېنىڭ رىسقىمنىمۇ سىز بېرىسىز ،ھازىر ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان ۋاقتىم بولدى ،قېنى تاماق كەلتۈرۈڭ !
سۇلايمان ئەلەيھىسالام بېلىققا :
-تەييارلانغان بۇ تائاملاردىن ئۆز ھالىڭغا بېقىپ يىگىن !-دىدى .
بېلىق بىر دەم تارتىۋىدى ،تۆت ئايلىق يەردىكى تاماقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ گېلىغا كىرىپ كەتتى .يەنە بىر دەم تارتىۋىدى ،سەككىز ئايلىق يەرگە توپلانغان تاماقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى .بۇ ھالنى كۆرگەن سۇلايمان ئەلەيھىسالام ھەيرانۇھەس قالدى .بېلىق ئاغزىنى ئېچىپ دىدى :
-قورسىقىم تويمىدى ،ماڭا يەنە بېرىڭ !
سۇلايمان ئەلەيھىسامال دىدى :
-سەككىز ئايلىق يەردىكى تاماقنىڭ ھەممىنى پاك-پاكىزە يەپ بولدۇڭ ،باشقىلارغا ھېچنىمە قويمىدىڭ ،يەنە تويمىدىم دەمسەن ؟
-بېلىق دىدى :
-ئى سۇلايمان ،مەن ھەر كۈنى يەتتە لوقما تاماق تېپىپ يەيتتىم ،تاڭ ئاتقۇچە قانداق چىدايمەن ؟
شۇ ئارلىقتا باشقا جاندارلارمۇ كېلىپ قىلىشتى دە، ئۇلار بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تىپىپ دىيىشىتى :
-ئۆزۈڭنىڭ بەندىلىكىگە لايىق ئىش قىلساڭچۇ ،بۈگۈن ھەمىمىزنى ئاچ قويىدىغان بولدۇڭ .
ھەقتائاللادىن خىتاب كەلدى :
-ئى سۇلايمان بىلگىنكى ،رىزىق بەرگۈچى مەندۇرمەن .رىزىق ئالغۇچى  سەندۇرسەن . ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىشىنى قىلغىنى ياخشى .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام سەجدىگە بىشىنى قۇيۇپ دىدى :
-ئىلاھا ،مەن بىلمەپتىمەن !...
ئۇ ئاشۇ ھالەتتە 40 كىچە كۈندۈز يىغلاپ ياتتى .ئاللاھتائاللا بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان تەمەنناسىنى پەسلەتتى .سۇلايمان ئەلەيھىسالام شۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىز ئۆزىگە تەمەننا قىلمىدى .
 
 
ھىكايەت قىلىنىشىچە ،سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ قىشىغا بىر كىشى كىرىپ كەلدى-دە ،ئېيتتى :
 
-ماڭا ھايۋانلارنىڭ تىلىنى ئۆگىتىپ قۇيۇڭ !
-سۇلايمان ئەلەيھىسالام ئېيتتى :
بۇ سەن ئۆگىنىدىغان نەرسە ئەمەس ،ئەگەر ئۆگىنىۋىلىپ كىشىلەرگە ئېيتساڭ ،ئۆلىسەن .
-ئى سۇلايمان ،سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزغا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايمەن .ئەگەر تەلىم بېرىپ ئۆگىتىپ قويسىڭىز .ھېچكىمگە دىمەيمەن ،-دىدى ئۇ ئادەم .
سۇلايمان ئەلەيھىسالام ئۇ ئادەمنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۋىدى ،ئۇ ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىۋالدى .
بۇ ئادەمنىڭ بىر كالىسى ۋە بىر ئېشكى بار ئىدى .بىر كۈنى ئۇ كالىسىنى ناماز شامغىچە قوشقا قاتتى .ئاندىن ئۇ كالىنى باغلاپ قۇيۇپ ئېشەككە بىدە سېلىپ بەردى .ئېشەك كالىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى .كالا تارتقان جاپا -مۇشەققەتلىرىنى بايان قىلدى :
ئۇنداق بولسا ،بۈگۈن سەۋىر قىلىپ ئوت -سامان يىمىگىن .سۇمۇ ئىچمىگىن .‹‹كالام كىسەل بولۇپ قاپتۇ ››دەپ ئەتە سېنى قوشقا قاتماس ،-دىدى ئېشەك .
ئىگىسى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى .ئۇ ئەتىسى كالىنىڭ ئوقۇرىغا ئوت -سامان سالدى .كالا يىمىدى .‹‹كالام كىسەل بولۇپ قاپتۇ ››دەپ ئېشىكىنى ئېلىپ ناماز شامغىچە قوشقا قاتتى .ئىشەكنىڭ ئون جېنىدىن بىرسىمۇ قالمىدى .
ئىگىسى يەنە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالدى .كالا سورىدى :
ئى ئىشەك ،ئەھۋالىڭ قانداقراق ؟
 
ئىشەك دىدى :
-ئى كالا ،مېنىڭ ھالىم ناھايىتى ياخشى ،ئەمما سېنىڭ ھالىڭ يامان بولدى ،شۇنىڭغا خاپىمەن .
كالا سورىدى :
-ئى بۇرادەر قېنى ئوچۇق ئېيتقىنا ،بۇ زادى قانداق گەپ ؟
ئىشەك دىدى :
-ئالدىنقى كۈنى خوجىمىز مېنى مىنىپ بېرىپ ،‹‹كالام كىسەل بولۇپ قاپتۇ ››دەپ قاسساپ بىلەن سۆزلەشتى .ئەتە سېنى سويىدۇ .
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كالىنىڭ دەرمانى كەتتى -دە ئىشەكتىن سورىدى :
-ئى ئىشەك ،ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولار ؟
ئېشەك مەسلىھەت بېرىپ ئېيتتى :
-ئى كالا ،خوجمىز كىرگەندە ئوت-ساماننى راسا يەپ ،سۇ ئېچىپ تېتىك بول ،خوجىمىز ‹‹كالام ساقىيىپ قاپتۇ ››دەپ قاسساپقا بەرمەيدۇ .
ئېشەكنىڭ تەدبىرى بىلەن كالا ئوڭلاندى .
خوجا ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈۋەتتى . خوتۇنى سورىدى :
-نىمە ئۈچۈن قاقاھلاپ كۈلىسىز ؟
خوجا ئېيتمىدى .خوتۇنى چىڭ تۇتتى :
- سىز ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىڭىز ،چوقۇم سىزدە بىر سىر بار.
-ئى خوتۇن ،بۇ ئىشنى كۆپ سورىما ،كۈلگىنىمنىڭ سەۋەبىنى ساڭا دىسەم شۇئان ئۆلىمەن .سەن ماڭا ئۈچ كۈن مۆھلەت بەرگىن .-دىدى خوجا .
ئۇ كىشىنىڭ بىر خورىزى ،بىر نەچچە مىكيىنى ۋە بىر ئىتى بار ئىدى . خوراز دەرەخ ئۈستىدىن چۈشۈپ مىكيانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن بىسىۋىدى ،ئىت ئېيتتى :
-ئى خوراز ،ئەجەب ھاياسىز ئىكەنسەن .خوجىمىزنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى ،سەن يەنە شۇ شەھۋەتپەرەسلىكىنىڭ قىلىسەن .
-خوجىمىزنىڭ ھېچقانداق كىسىلى يوق .ئۇ سالامەت مېڭىپ يۈرسە ،قانداق ئۆلىدۇ ؟-دەپ ھەيرانلىقىنى بىلدۈردى خوراز .
ئىت ئىشەك بىلەن كالىنىڭ ۋەقەسىنى بىرمۇبىر ئېيتىپ بەردى . بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ خوجا كۈلدى ،خوتۇنى كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى سورىدى .خوجا جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىغان ئىدى ،ئۇ جا ۋاب بېرىشكە قىستاۋەردى .خوجا خوتۇنىدىن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت ئالدى ۋە شۇ پەيت يېتىپ كەلگەندە سىرنى ئاشكارا قىلىدىغان بولدى .
خوراز دىدى :
-خوجا ئۆلسە بىزگە نىمە غەم ؟ سەن يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۇندا يالاپ ئۆتىۋېرىسەن ،مەنمۇ قەيەردە ھېچىلىپ قالغان دان بولسا ،تېرىپ يەپ جان بېقىۋېرىمەن .ئۇنىڭ خوتۇنىچۇ ؟ئۇمۇ يەنە بىر ئەرگە تېگىدۇ .مەن جېنىمدا 20 -30 مىكياننى باشلاپ يۈرىمەن .ئۇ بىر خوتۇنىنى باشقۇرالماسمۇ ؟! ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلگىنىدىن خۇشال بولسام بولىدۇ .خوجف خوتۇنىغا سىرنى ئېيتقاننىڭ ئورنىغا ،ئۇنى بىر تاياق ئۇرسا قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتىغۇ ؟!
خوجا ئىت بىلەن خورازنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ بولۇپ ،‹‹ئەجەپ ياخشى چارە تاپتىم ››دەپ تۇراتتى ،خوتۇنى يەنە سورىدى :
-كۈلكەنىڭ سەۋەبىنى دىمەمتىڭ ؟
خوجا دەرھال قولىغا بىر تاياق ئېلىپ ‹‹كۈلكەمنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ ››دەپ خوتۇنىنى بىر نەچچە تاياق ئۇردى .خوتۇنى جىمىپ ئۈن چىقارمىدى .خوجف ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى .
 
 
ھىكايەت قىلىنىشىچە سۇلايمان ئەلەيھىسالام ،بىر كۈنى مۈشۈكياپىلاقتىن سورىدى :
-نىمە ئۈچۈن ھەمىشە ۋەيرانە يەردىلا يۈرىسەن ؟
مۈشۈكياپىلاق جاۋاب بەردى .
- بۇ ئالەمدە ماڭا تەقسىم بولغىنى شۇ .
-نىمە ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا يۈرمەيسەن ؟
كىشىلەرنىڭ بىر -بىرىگە قىلىدىغان جەبىر زۇلمىدىن قورقىمەن .
-نىمە ئۈچۈن بۇغداي يىمەيسەن ؟
-ئادەم ئەلەيھىسالام بۇغداي يەپ گۇناھكار بولدى ئەمەسمۇ ؟!
-نىمە ئۈچۈن سۇ ئىچمەيسەن ؟!
-نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ قەۋمى سۇدا ھالاك بولدى ئەمەسمۇ ؟!
-ماكانىڭدا نىمىش قىلىسەن ؟
-ھەمىشە ‹‹ئى ئادەملەر ،ھەممىڭ ئۆلىسەن ،ئۆلۈشتىن ئىلگىرى تەييارلىقىڭنى قىلىۋال ››دەيمەن .
-ئادەمنى كۆرسەڭ نىمىشقا كۆزۈڭنى يۇمىسەن ؟
-قىيامەتتە دۈشمەنلىك بولماي دەپ .
 
 
‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا ››ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
نەسىردىن رابغۇزى ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››1988-يىللىق بىرىنچى نەشرى
 
 
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!

2

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5871
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 27
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 18:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاب بەك ياخشى ،مەن ئىككى قېتىم ئوقۇپ بولدۇم.
ئادەم_ئادەم بىلەن ئادەم!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

33

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 11984
توردىكى ۋاقتى: 4317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 21:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئۇزاق بوپتىكەن بۇ كىتاپنى كۆرمىگىلى ، يەنە بىر تەپسىلى كۆرۇپ چىقسام بولغۇدەك ،

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5654
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 16:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى ئىزدەپ يۇرگىلى ئۇزۇن بولدى،  قەيەردىن تاپقىلى بولار؟   بورۇن باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقىغان ئىدىم، سېتىۋېلىپ  بىرنى ساقلاپ قوياي دىگەن، تورداشلار ياردەم قىلىپ تېپىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

297

تېما

33

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 11984
توردىكى ۋاقتى: 4317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 00:04:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسىىسۇ ل ئەنبىيا بۇ كىتاپنىڭ توردىكى پ دى ئىف نۇسخىسى بارمىكىن ، تىلى بەك گۇزەل ، يېقىنقى زاماندىكى يات مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارلاشقان ئەمەس

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5654
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 09:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بولدى، رەخمەت سىزگە توخوتۇر، قايسى تور بېتىدىن ئىزدىسەم بولار؟ تور ئادرىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەرسىزمۇ؟ بەك مىننەتتار بولاتتىم.

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34560
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 14:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاب بىر چۆچەكلەر توپلىمى تەنقىدى پوزىتسىيەدە ئوقۇش كىرەك.

0

تېما

0

دوست

343

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34535
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 11:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسەسۇل ئەمبىيانى ھىكايە ئۇرنىدا ئۇقۇسۇڭلار بۇلىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )