قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 0

تۈركىيەنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى - مۇستاپا كامال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:18:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى تۈركىيىنىڭ ئىجادچىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ تۈركلەرگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك، تۈركىيىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىستىلاسىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسا، جاھالەت ئىستىلاسىدىنمۇ شۇنداق قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ھەتتا كۈچلۈك ياۋروپا ئارمىيىسىدەك دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا پايتەختنى قوغداپ قالغۇدەكمۇ مادارى قالمىغان كونا تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئورنىغا بۈگۈنكى بارلىق مۇسۇلمان ئەللەر ئىچىدە ئەڭ دىموكراتىك، ئەڭ تەرەققى قىلغان، ئىقتىساد ۋە مائارىپ ئىشلىرى گۈللەنگەن بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان. مۇستاپا كامال مانا مۇشۇنداق تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈپىتىدە ئاتا تۈرك دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق سىياسى ۋەسىيەتلىرى بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

     مۇستاپا كامال 1881-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى  ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق سالونىكا  (ھازىرقى گىرىتسىيەدە) شەھرىدە بىر ياغاچ ماتىرياللىرى سودىگىرى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1893-يىلى ئائىلىسىدىن يۇشۇرۇنچە سالونىكا ئۆسمۈرلەر ھەربى مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇغان، 1899-يىلى ئىستانبۇل ھەربى ئۇنىۋېرسىتىغا ئۆرلەپ ئوقۇغان، 1905-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كاپىتان ئۈنۋانى بىلەن سۈرىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ  ئۇدا غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ۋە بۇ مەزگىلدە مەخپى ئۇيۇشما «ۋەتەن ئەركىنلىك جەمىيىتى» نى تەشكىللىگەن . كېيىن سالونىكا ۋە ماكىدونىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ بارغانلا يېرىدە ماھىرلىق بىلەن غەلىبە قازىنىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1910-يىلى فىرانسىيەگە ھەربى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل تۇرغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلغارىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە زىمىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرپىدىن بۆلۈنۈۋېلىشقا باشلىغان، مۇستاپا كامال داردانىل بوغۇزىدىكى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ  ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ  تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن پاشا ئۈنۋانى بېرىلىپ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ  قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.  1918-يىلى 10-ئايدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان، ئىستانبۇل ئىزمىر قاتارلىق تۈركىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ نادىر شەھەرلىرى ئىتالىيە گىرىتسىيەلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن. مۇستاپا كامال تۈركىيەنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان ۋە  ھەربىلەر ئارىسىدا پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرىدىغان  يۇشۇرۇن ئۇيۇشما قۇرۇش مەقسىدى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئاناتولىيەگە ئەۋەتىۋېتىلگەن،  مۇستاپا كامال ئاناتولىيەگە بارغاندىن كېيىن تۈركىيەگە تېڭىلغان شەرتسىز شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەرزۇلۇمدا بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئوسمان ئىمپىرىيسىگە قارسى ئىنقىلاپقا يېتەكچىلىك قىلغان ، 1921-يىلى تۈركىيە زىمىنىدىكى ئەنگىلىيە-فىرانسىيەنىڭ قوللىشىدا تۈركىيەنى ئىستىلا قىلماقچى بولغان گىرتسىيە ئارمىيىسگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قازانغان ۋە غازى ئۈنۋانىغا، مالشال ھەربى ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1922-يىلى ھەربى مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ يۈزمىڭ كىشىلىك ئارمىيە تەشكىللەپ ئىزمىر ئۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ پۈتۈن ئاناتولنى ئازاد قىلغان،  شۇ يىلى  11-ئاينىڭ 1-كۈنى 600يىلدىن كۆپ ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1923-يىلى 7-ئايدا تۈركىيە پىرىزدېنتى ۋە ئارمىيە قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن شىۋىتسارىيەگە بېرىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە كەلگۈسى سىياسىتى، زىمىن چېگرىسى قاتارلىقلاردا غايەت زور رول ئوينىغان لۇزان كېلىشىمىنى تۈزۈپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى ئىستىقباللارغا ھامىلدار بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ پايتەختنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈرگەن.  تۈركىيە جۇمۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن، تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇش، تۈرك ئېلىپبەسىنى ئەرەب ئەرەب ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش، مەملىكەت مىقياسىدا ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، سىياسىنى دىندىن خالىلاشتۇرۇش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۆگىنىش ھەركىتىگە باشچىلىق قىلغان.
ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ئىتالىيە ۋە گىرىتسىيە قوشۇنلىرىنى تۈركىيە تۇپرىقىدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن ،ېپيېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بۈيۈك تۈركىيە غايىسىنىڭ ئۇل مۇەسسەسە تۈرلىرىنى يولغا قويغان، ھەمدە بۇ بۈيۈك غايىنىڭ ئۇل تېشىنىڭمۇ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن.
    1927-يىلى 7-ئايدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ تۈركىيەنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ھەربى دىكتۇرا ئاستىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن.  1934-يىلى تۈركىيە مىقياسىدا فامىلە قانۇنىنى يولغا قويغان پارلامېنت مۇستاپا كامالغا ئاتا تۈرك دىگەن شەرەپلىك نامنى فامىلە قىلىپ بەرگەن.
   مارشال  مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك غازى پاشا   1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى  ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.
    ئاتاتۈرك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، كەڭ كۆلەملىك مائارىپ سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 1927-يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش-يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيە ساۋاتسىزلىقنى تولۇق تۈگەتكەن بولۇپ نۆۋەتتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققى تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ.
نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ 73 مىليون نوپۇسنىڭ 21 مىليونىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە باشلانغۇچ مائارىپىدا مەكتەپلىشىش نىسبىتى يۈزدە يۈز پىرسەنگە يەتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پىرىنسىپ، سىياسەت ۋە پىلان جەھەتتىن خەلقنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەمدە زامانىۋىي مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئۇل تاشلىرى سېلىندى.
    ئاتاتۈركنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا بىرلىك، مىللىيلىك، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستىما ۋە زامانغا لايىق مائارىپ ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەتلىك جەۋھەردۇر.
    1921 - يىلقى بىر نۇتقىدا «مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك مېنىڭ بىردىن بىر شوئارىمدۇر» دېگەن ئاتاتۈرك، ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باياناتىدا بولسا «ھېچقاچان شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەككى، جۇمھۇرىيەت سىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ئەركىن ۋىجدان ۋە ئەركىن ئاڭغا ئىگە نەسىللەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەلەپ قىلماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن باياناتلىرىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلىدىغىنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىجادكارلىق روھى، مىسلىسىز ئەقىل - پاراسەت، تىرىشچانلىق، ئەركىنلىك، يۈكسەك ئەخلاىي پەزىلەت ۋە زامانغا ماسلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، شۇنداقلا ھەر بىر تۈركىيىلىكنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى.
    ئاتاتۈرك، بىر تەرەپتىن زامانىۋىي، مۇستەقىل، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېمىغا ئىگە ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئامىللىرى بولغان ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى، مەڭگۈلۈك پىرىنسىپلار ۋە زامانىۋىي ئۇسۇللارنىڭ ئۇل تاشلىرىنى سېلىپ بەرگەن.
    ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا «ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسلىق نۇقتا مائارىپ مەسىلىسىدۇر. مائارىپ شۇنداق بىر ھالقىدۇركى، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغان ھەر قانداق بىر مىللەت، ئۆز ئەركىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە مۇستەققىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ، شۇنداقلا شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقالايدۇ؛ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر بولسا، قۇللۇققا ۋە خار زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر» دېگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئاتاتۈرك «بىر تەرەپتىن زۇلمەتلىك جاھالەتنى يوقىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا كۈچكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرپ بېرىش، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. قىسقىسى، ئاتاتۈركنىڭ ، ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن مائارىپنىڭ ھەم ئىنسان ھەم جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىمۇ، مەملىكىتىمىزدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان زامانىۋىي مائارىپ ئېڭىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
    ئاتاتۈرك، مائارىپقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوقۇتقىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق نامايەن قىلغان. ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا، «ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! ياش ئەۋلادلارنى ئىلىم - پەن، پەن - تېخنىكا، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلدۈرۈپ چىقىش جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. يېڭى ئەۋلادلارنى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىش سىلەرگە باغلىقتۇر» دېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەپ بەرگەن: «ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشكە مەجبۇرمىز.»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا مائارىپ خىزمىتىگە ناھايىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان. «دۈيۇنۇ ئومۇمىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ئوسمانلى دۆلىتىدىن قالغان دۆلەت خىراجەتلىرىنىڭ يۈزدە 20 گە يېقىن قىسمى ئايرىلغان بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۈزدە 4.5 پىرسەنت مەبلەغ ئايرىلغان.
   تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھامان، بۈيۈك تۈرك ئىنقىلاۋىنىڭ يېتەكچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى شۇكى، ساۋاتسىز ھېچقانداق بىر گراژدانىمىز قالماسلىقى، ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىك خادىملىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، مىللىي غايە ۋە بۇ غايىنىڭ ئىدىيىسىنى پىلانلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ھەمدە بۇ غايىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققى قىلدۇرالايدىغان شەخسلەرنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى شەرت.»
   ئاتاتۈرك يەنە بىر نۇتقىدا «قىز - ئوغۇل ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى ئوخشاش سەۋىيىدە يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەۋلادلىرى مائارىپنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، شۇنداقلا ئقتىسادىي ھاياتتا پائالىيەتچان، تۆھپىكار ۋە غالىب ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى لازىم» دەپ يوليۇرۇق بەرگەن.
    تۈركىيە مىللىي مائارىپىنى زامانىۋى ۋە ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش پىلانلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن ئاتاتۈرك، مائارىپنىڭ غايىسىنى مۇنداق دەپ تەكىتلىمەكتە: «مائارىپنىڭ غايىسى، مائارىپنىڭ ئاساسىي، مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئەگەردە بۇ ھەقتە خاتا يولدا مېڭىپ قېلىپ، خەلق زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتسا، بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋابكارى، بۇ يولدا سابىت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى نىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتلىك، ئىجتىھاتچان ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان رەھبەرگە ئىشەنگەن بىچارە خەلقتىنمۇ كۆرە، شۇ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلار ئەمەسمۇ؟ ئىلغار ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىدىمۇ يەنە زامانىۋىي ئىلغارلىقنىڭ دەل مەركىزى نۇقتىسىدا ياشايمىز. بۇنىڭغىمۇ پەقەت ئىلىم - پەننىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىلىم - پەن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى شۇنى يەردىن ئېلىپ، مىللىتىمىزدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ مېڭىسىگە يەرلەشتۈرىمىز. ئىلىم - پەنگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يوقتۇر...دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۈچۈن، جۈملىدىن كۈندىلىك ھايات ئۈچۈنمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا ئىلىم - پەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان شۇ دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئىلىم - پەننىڭ كۈنسىرى قانداقسىگە ئۇچقانداك تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا ئىلىم - پەننىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىمىزگە زادى بولمايدۇ.»
   بۈيۈك دۆلەت ئەربابى، يىراقنى كۆرەلەيدىغان زات ۋە بىلىم -ئىسلاھات مەستانىسى بولغان ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن زامانىۋى ۋە مەدەنىيەتلىك بىر پارلاق يولدا غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قانچىلىغان ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ساناقلىق بىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
 
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )