قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2056|ئىنكاس: 5

تاشيولغا مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

0

دوست

3005

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 514
تۆھپە : 635
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 04:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-31 16:18  







تاشيولغا مۇھەببەت


   
ئاپتۇرى: ئابلىكىم مۇھەممەت
   

          رىياسەتچى: كۇچار ناھىيىسى چىگرىسىدىكى دۆلەت تاشيولىنىڭ 217-لېنىيىسىنى ئاسىراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سابىق تەڭرىتاغ تاشيول ئۇچاستىكىسى تېلىمەت يول ئاسىراش پونكىتىدە موھىتى ناچار، مەشغۇلات قېيىنلىق دەرىجىسى زور، دېڭىز يۈزىدىن 3300 مېتىر كېلىدىغان تەڭرىتاغ باغرىدا جاپانى جاپا دېمەي، تاشيول ئاسىراش كەسىپىدە 30 يىل ئۈنتىنسىز ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تاشيول ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىر كىشى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئاپتونۇم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مۇنەۋۋەر كومىنىست-ئەزىز ھېيت. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
       بايان: ئەزىز ھېيىت يول ئاسىراش ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسىدىن تارتىپ قىزىغىچە ئۈچ ئەۋلاد كىشى تەڭرىتاغ باغرىدا يول ئاسىراش كەسپىدە ئىشلەپ كەلدى، ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ «تاشيولنى ئائىلە، جاپانى شەرەپ» دەپ بىلىشتەك «ئۇنتاش» روھىنىڭ تەسىرى بولدىمۇ قانداق، كىچىكىدىن تارتىپ جاپاغا بەرداشلىق بېرىش، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئادەت شەكىللەنگەن ئىدى، 1979-يىلى ئۇ دادىسىنىڭ قولىدىن گۈرجەكنى ئېلىپ، ئاددىي بىر تاشيول ئاسىراش ئىشچىسى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ كۈنلىرى تاغ-داۋانلاردا، چۆل-جەزىرىلەردە ئۆتتى، شارائىت قانچە ناچار، بوران-چاپقۇن قانچە كۈچلۈك، تۇرمۇش قانچە قېيىنچىلىق بولغانسىرى ئۇنىڭ ئىرادىسى، قەيسەرلىكى شۇنچە كۈچىيىپ. باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى. 1986-يىلى تەشكىلدىن ئۇنىڭ تاشيول ئاسىراش خىزمىتىگە بولغان قىزغىنلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە جاپادىن قورقماسلىق روھىغا قاراپ، ئۇنى تېلىمەت تاشيول ئاسىراش پونكىتىنىڭ مەسئۇللىقىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بۇيان پالەچ بولۇپ قالغان بۇ پونكىتنى جانلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. دېڭىز يۈزىدىن 3300 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاشيول ئاسىراش لېنىيىسىدە تۇرۇپ ئىشلەشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل خالىس تۆھبە قوشۇش ھېساپلىناتتى، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شالاڭ بولغانلىقتىن ئوكسىگىن يېتىشمەيتتى، لافىرانۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئادەم بەدىنىگە بولغان ئەكىس تەسىرى بەكمۇ زور ئىدى. ھېرىپ چارچىغاندا مەدەنىي تۇرمۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىل بويى يوللاردىن ئۆتكەن ئاپتۇمۇبىللاردىن باشقا، ئادىمىزاتى كۆرگىلى بولمايتتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئەزىز ھېيىت خىزمەتتىن بەسىنمىدى، چېكىنمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادى، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن خىلمۇ-خىل قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇ چۆللۈكتىلا 15 يىل ئىشلىدى.
      بايان: ئەزىز ھېيىت دەسلەپتە تېلىمەت تاشيول ئاسىراش پونكىتىگە كەلگەندە، بۇ پونكىت ئەمدىلا خىزمەتكە چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان ياشلاردىن تەركىپ تاپقان كوللېكتىپ ئىدى، ياشلار مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتقا كۆنەلمىگچكە، خىزمەتكە تازا بېرىلىپ كەتمەيتتى، ئەزىز ھېيىت بىر تەرەپتىن خىزمەتتە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلسا ۋە تۇرمۇشتا مەدەت بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ئۈلگە بولدى، ئىشنىڭ ئېغىرىنى باشتا ئۆزى تاللاپ قىلدى، بۇزۇلغان يوللارنى جىددى ياساش، كەلكۈنگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا ئالدىدا ماڭدى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن تەسىرلەنگەن ئىشچىلار خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەيدىغان، ئىدىيىسىدە تەۋرىنىش بولمايدىغان بولدى، ئەزىز ھېيىت ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تېلىمەت تاشيول ئاسىراش پونكىتى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە مەدەنىي ئورۇن، ياشلار مەدەنىي گۇرۇپپىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ياش پىدائى زەربىدارلار ئەترىتى دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
        رىياسەتچى: مۇخبىرلىرىمىز تېلىمەت تاشيول ئاسىراش پونكىتىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئەزىز ھېيىتنىڭ خىزمەت جەريانىدا خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلغانلىقى، خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بولۇش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چەككەنلىكىدەك نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى.   
        بايان: 1997-يىلى 7-ئايدا نەچچە كۈن ياغقان قارا يامغۇر كەلكۈن بولۇپ، تاشيولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان 3 ئورۇندىكى خەندەك، 4 ئورۇندا بىر يېرىم كىلومېتىر كېلىدىغان قاراماي يولنى كەلكۈن ئېلىپ كېتىپ، 340 دىن ئارتۇق يولۇچى، 20 دىن ئارتۇق ئاپتومۇبىل قاپسىلىپ قالغان ئىدى، يامغۇرنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئەزىز ھېيىت بوران ئارىلاش كەلگەن بۇ يامغۇرغا قارىماستىن تاشيول ئاسىراش ئىشچىلىرىنى باشلاپ، نەق مەيدانغا بېرىپ، بىرىنچى بولۇپ كەلكۈنگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.



زىيارەت: مېھرىبان ھۈسەن-ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ

        بايان: 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلەت تاشيولى 217-لېنىيىسىنىڭ 928 كىلومېتىر بۆلۈكىدە 1.50 مېتىر قار ياغقان ئىدى، جەنۇب-شىمالدىن كەلگە يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى، يۈك ئاپتۇمۇبىللىرى ۋە 100 گە يېقىن ئادەم تاغ باغرىدا قاپسىلىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەزىز ھېيىت 3 نەپەر خىزمەتدىشىنى باشلاپ، قارنىڭ قېلىنلىقىدىن  4 كىلومېتىر يولنى  6 سائەت يۈرۈپ، قاردا قاپسىلىپ قالغانلارغا يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى.
زىيارەت: رابىگۈل قاۋۇس- ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..

          بايان: يىللاردىن بۇيان، تاشيول ئىشچىلىرىغا كۈندە ھەمرا بولىدىغىنى  پەقەت توپا-چاڭ، تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇق، ئېغىر ئەمگەك ۋە زېرىكىشلىكلا ئەمەس، تۈرلۈك توساتتىن يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى يولدا خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىدى، بىر يۈك ئاپتۇمۇبىلى يول بويىدىكى ئىلەككە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاپتۇمۇبىلدىكى ئىككى كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى.


زىيارەت: رابىگۈل قاۋۇس- ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..
   
         بايان: 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدە يۈز بەرگەن 21 ئادەم قازا قىلىشتەك «18-ئۆكتەبىر» پەۋقۇللادە ئاپتۇبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىنى ھېچكىم ئېسىدىن چىقىرالمايتتى، ۋەقە يۈز بەگەن كۈنى ئەزىز ھېيىت پۈتۈن خىزمەتچىلەرنى باشلاپ، نەق مەيدانغا بىرىنچى ۋاقىتتا يېتىپ بارىدۇ، ھەم بىرىنچى بولۇپ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق كۆل سۇيىگە ئۆزىنى ئېتىپ، جەسەتنى سۈزۈپ چىقىدۇ...  


زىيارەت: ئابدۇراھمان ئىمىن-ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..   

رىياسەتچى: ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا باشقىلارغا ياردەم بېرىش-ئەزىز ھېيىتنىڭ بىر كومىنىستقا خاس ئېسىل پەزىلىتى، ئۇ خىزمەت ھاياتىدا قانچە ئادەمگە ياردەم بەرگەنلىكىنى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، پەرزەنتىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.

بايان: 2003-يىلى 7-ئاي مەزگىلى ئىدى، ئەزىز ھېيىتنىڭ ئانىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ بالنىستا يېتىپ قالدى، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ نەچچە قېتىم گەپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ قولىدىكى خىزمەتنى تەلتۆكۈس ئورۇنلاپ بولۇپ ئاندىن ئانىسىنى يوقلاشنى ئويلىدى، خىزمەتنى تۈگۈتۈپ دوختۇرخانىغا بارغىنىدا، ئانىسى بۇ ئالەمدىن كەتكەن ئىدى

          زىيارەت: ئاينۇر قادىر-ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..

         بايان: ئەزىز ھېيىت ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىدۇ، ئۇ تاشيولدا ئىشلەۋەتقان مەزگىللىدە سەمىمىيلىك بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ياردەم قولىنى سۇندى.
زىيارەت: ئاينۇر قادىر-ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..  


          رىياسەتچى: ئادەمنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ، لېكىن ئەل ۋە ۋەتەن ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ھېچكىم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جاپالىق ئىشلەپ كۆنۈپ قالغان ئەزىز ھېيىتنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا يەنە بىر قېتىم بۇرۇلۇش بولدى.


         بايان: شۇنچە جاپالىق شارائىت ۋە ناچار تۇرمۇش موھىتىدا ياشاپ كەلگەن ئەزىز ھېيىتنىڭ  روھى ۋە جىسمانى ھالىتى بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقى ئېىنىق، لېكىن ئۇ بىرەر قېتىم ھارغان تالغانلىقىنى، قېيىنچىلىقىنى تەشكىلگە دەپ باقمىغان ئىدى، ئۇچاستىكا رەھبەرلىكى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ، شارائىتى ياخشىراق بىرەر ئورۇنغا تەڭشەپ قويۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ بۇنداق قىلىش-بىر كومىنىستنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى دەپ قارايتتى. 2003-يىلى ئۇچاستىكا رەھبەرلىكىنىڭ ياندۇر-ياندۇر ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىشى بىلەن، ناھىيە بازىرىدىكى ئاياللار تاشيول ئاسىراش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆتەپ بېرىشكە ھەم ئايال تاشيول ئىشچىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ قوشۇمچە شوپۇرى بولۇشقا قوشۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.   

زىيارەت: ئەزىز ھېيىت-بۇ گۇرۇپپىنى باشقۇرماقنىڭ ئىنتايىن تەسلىكى، ئۆزىنىڭ بىر تەرەپتىن خۇشاللىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن قېينالغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.   
         بايان: ئاياللارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتىرىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئەزىز ھېيىت يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىرىغىنىغا ئالدىرىدى، ئويلىغانلىرىنى ئويلىدى، ئايال ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق قېيىنچىلىقى ياكى خىزمەتتە يولۇققان مەسىلىلىرى بولسا، ئاۋۋال ئۇچاستىكا مەسئۇللىغا دوكىلات قىلىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. قائىدە-تۈزۈم، مەشغۇلات ھالقىلىرى، مۇكاپاتلاش-جازالاش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە  دېمۇكىراتىك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، نەتىجىدە ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرى تەرتىپلىك، نەتىجىلىك ئىشلەنگەچكە ئۇچاستىكا رەھبەرلىرى ۋە يوقۇرى دەرىجىلىك ياشيول باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە تەغدىرلىشىگە ئېرىشتى.

   
زىيارەت: ئابدۇراھمان ئىمىن-ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بېرىدۇ..


           بايان: تۇرسۇنگۈل ساۋۇتنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى باشقا ئىشچىلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل ناچار ئىدى، نەچچە قېتىم كېسەل سەۋەبىدىن داۋالىنىپ قەرز ئارتىلىپ قالغانلىقتىن، ئىدارىدىن ئېلىپ بارغان ئۆي ئىسلاھاتىغا قاتنىشالماي، ئۆي ئالالماسلىققا تاس قالغاندا، ئېزىز ھېيىت يوقۇرىغا دوكىلات سۇنۇش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئەزىز ھېيىت يەنە ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئىشچىلارغا قەرەللىك ھالدا تۇرمۇش لازىمەتلىرى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى، بۇ ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى،

زىيارەت: تۇرسۇنگۈل ساۋۇت-ئۆزىنىڭ ئەزىز ھېيىتتىن مەمنۇنلىقىنى سۆزلەيدۇ.

        بايان: مۇخبىرلىرىمىز ئەزىز ھېيىتتىن شۇنچە جاپالىق شارائىتلاردا تاشيول كەسىپىگە بۇنچىۋالا بېرىلىپ كېتىشتىكى سەۋەپنىڭ زادى نەدىلىكىنى، شەرەپ ۋە ئالقىش ئالدىدا نېمىلەرنى ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا مۇخبىرلىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ.

زىيارەت: ئەزىز ھېيىت. ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت بىر كومۇنىست ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.

          رىياسەتچى: شۇنداق، ئەزىز ھېيىت 30 نەچچە يىللىق تاشيول ئىشچىسى بولۇش جەريانىدا، دېگىنىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئۆزىنىڭ قولىدىن تاشيول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 30 نەچچە يىل قولىدىن چۈشۈرمىگەن گۇرجەكنى كۈچ ئۇلاپ ئالدى. مانا بۇ بىر جاپاكەش تاشيول ئىشچىسىنىڭ ھايات مۇساپىسى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزى تېخىمۇ پارلاق نىشاننى بويلاپ تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچقۇسى.

*********************************************************************************            بۇ پروگرامما 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>> پروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن---ئاپتۇردىن



297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 10:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان تەبئىتى بىلەن ھىساپلاشماسلىق ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىش ئەمەس ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

27

تېما

0

دوست

3005

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 514
تۆھپە : 635
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 03:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس فىلىمىنى قوشۇپ قويدۇم، بىرلىكتە كۆرگەيسىلەر.....

ana tilim jan tilim!

7

تېما

6

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10175
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 933
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 815
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:45:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا مەن تېما يوللىسام ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋىتىسىلەر! ئۆچرىۋەتكەن بولساڭلارمۇ بىرەر خەت خەۋىرىنى بەرمەمسىلەر! ئاغزىڭلاردا شەھەر ئېلىپ..................
ئويغان ئۇيغۇر!مەرىپەتتە ئويغان!قەددىڭىنى رۇسلا!

27

تېما

0

دوست

3005

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 514
تۆھپە : 635
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 16:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس فىلىمىنى قايتا قوشۇپ قويدۇم، بىرلىكتە كۆرگەيسىلەر.....

27

تېما

0

دوست

3005

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 514
تۆھپە : 635
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس فىلىمىنى قايتا قوشۇپ قويدۇم، بىرلىكتە كۆرگەيسىلەر.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )