- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ ( 1740 - يىلىدىن 1760 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) . چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى ( 1740 - يىلى ) 2 - ئايدا يۈسۈپ قائىدە بويىچە دەرىجىسى ۋۈشۈرۈلۈپ ، << دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ >> ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ . چيەنلۇڭنىڭ 10 - يىلى ( 1745 - يىلى ) 1 - ئايدا ئۇنىڭ ئۇنۋانى << خوشۇن بېيزى >> ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلىدۇ .
چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى يۇڭجېڭنىڭ 13 - يىلى ( 1735 - يىلى ) ئىچكىرىگە قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ، ھەربىيلەر ئۆزلەشتۈرگەن بوز يەرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ ، ھوسۇلىنىڭ تۆت ئۈلۈشىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش ، ئالتە ئۈلۈشىنى ئۆزىگە قالدۇرۇش بەلگىلىنىدۇ . ئىجارە ھەققى ئۈستۈن بولغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، دائىم تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ، دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرالمايدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ . چيەنلۇڭنىڭ 13 - يىلى ( 1748 - يىلى ) قۇرغاقچىلىق بولۇپ ، ھوسۇل كەتملەپ كەتكەنلىكتىن ، نەچچە مىڭلىغان دېھقان ئاچارچىلىققا دۇچار بولىدۇ . بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى 2500 دادەن ئاشلىق ئاقرىتىپ ، كەمبەغەللەرنىڭ قەھەتچىلىكتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ . چيەنلۇڭنىڭ18 - يىلى ( 1753 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يەر ئىجارىسىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يۈكى ھېچقانچە يېنىكلەشمەيدۇ ، بەلكى ۋاڭنىڭ مال - مۈلكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ . قۇمۇلنىڭ كەڭ تېرىلغۇ يەرلىرى شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ۋاڭنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋاڭنىڭ << ئاراباتى ( قۇلى ) غا >> ئايلىنىپ قالىدۇ .
چيەنلۇڭنىڭ 21- يىلى ( 1756 - يىلى ) تۇرپاندىكى مەڭلىك بەگ جۇڭغارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ . شۇ چاغدا ، مەڭلىكنىڭ ئوغلى باي خوجا بېيجىڭدىن قايتىپ ، ئەمدىلا قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ، يۈسۈپ تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىدۇ . شۇنىڭ كەينىدىنلا يۈسۈپ ۋاڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدىن 300 كىشىنى باشلاپ تۇرپانغا بېرىپ ، ئىمىن خوجا بىلەن بىللە چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ . توپىلاڭ تېزلا تىنجىتىلىدۇ ، يۈسۈپ ۋاڭ مۇكاپاتلىنىدۇ .
چيەنلۇڭنىڭ 23- يىلى ( 1758 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭ 100 كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇننى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتيۇرۇش يولىدىكى جازا يۈرۈشىگە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن بىللە قاتنىشىدۇ . گاۋزۇڭ خان << ئالاسىدە شەپقەت >> بىلەن يۈسۈپ ۋاڭغا << ئاغلاقچى ئامبال >> دەپ نام بېرىدۇ . توپىلاڭنى تىنجىتىش جەريانىدا ، يۈسۈپ ۋاڭ ساداقەتلىك بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى كۇچا ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، توپىلاڭنى تىنجۇتقۇچى سانغۇن يارخاشاڭ بۇ جاينى قوغداشنى كۇچا بېگى ھادىغا تاپشۇرماقچى بولىدۇ . بىراق گاۋزۇڭ خان ھادى يېڭىلا ئەل بولغان ، ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس ، قايتۇرۇۋېلىنغان جايلار يەنىلا يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن دەپ قارايدۇ .
چيەنلۇڭنىڭ 23- يىلى ( 1758 - يىلى ) 11 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۈچتۇرپاننى ساقلاشتىكى ئاجايىپ تىرىشچانلىقىدىن تولىمۇ رازى بولۇپ ، ئۇنى بېلى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلايدۇ . چيەنلۇڭنىڭ 24- يىلى ( 1759 - يىلى ) چىڭ ھۆكۈمىتى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ بولىدۇ . شۇ يىلى 7 - ئايدا تۇرپاندىكى ئىمىن خوجىنى يەكەننى باشقۇرۇشقا ، قۇمۇلدىكى يۈسۈپ ۋاڭنى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيدۇ . 9 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭنى دوروبېلىلىققا ئۆستۈرىدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا قاتناشقان خادىملارنى تۆھپىسىگە قاراپ مۇكارپاتلايدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنى << ئۈچتۇرپاندا تۇرۇپ ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى ، ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى >> دەپ ئۇنىڭغا يەنە شەپقەت ياغدۇرۇپ ، ئىنانچىخانلىق دەرىجىسىنى ئىنئام قىلىدۇ . بۇ ، ۋاڭلىققا بېكىتىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|