قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەۋجۇدىيەتچىلىك ۋە ئىنسانچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

12

دوست

2639

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 884
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مەۋجۇدىيەتچىلىك بولسا بىر خىل ئىنسانچىلىق

سارترې


بۇ يەردە، مەن مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچەتۈرلۈك ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەرمەكچى.

ئالدى بىلەن، مەۋجۇدىيەتچىلىك «كىشىلەرنى ئۈمىدسىز سۈكۈتكە باشلايدۇ» دەپ ئەيىبلەندى. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بارلىق يوللىرى ئېتىۋېتىلگەن ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان پائالىيىتى ئەھمىيەتسىز ھەم ئۈنۈمسىز؛ نەتىجىدە، كىشىلەر ھامىنى سۈكۈناتتىكى ئىستىقامەت پەلسەپىسىگە يېتىپ كېلىدۇ، ھالبۇكى ئىستىقامەت بولسا بىكارچىلىقتىن ۋە راھەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن،مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى پەقەتلا بۇرژۇئازىيەنىڭ يەنە بىر پەلسەپىسى خالاس. كوممۇنىزمچىلار مۇشۇ جەھەتتىن بىزنى ئەيىبلەيدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن، مەۋجۇدىيەتچىلەر ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ: بۇ پەلسەپە ئىنسان تەبئىيىتىدىكى ناپاكلىق، پەسكەشلىك ۋە ئىپلاسلىقلارنىلا كۆرۈپ، ئىنسان تەبئىيىتىدىكى گۈزەللىك، ياخشىلىق ۋە يورۇق تەرەپلەرگە كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. مەسىلەن، كاتولىك دىن مۇخلىسى مېرسىيېر خانقىزنىڭ تەنقىدلىشىچە، بىز مەۋجۇدىيەتچىلەر«بوۋاقنىڭ قانداق كۈلۈمسىرەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق.» بۇ تەنقىدچىلەر ۋە باشقىلار بىزنى يەنە ئىنسانىيەت پۈتكۈللىكىدىن ئايرىلىپ چىقتى، ئادەمنى ئايرىم، يەككە ھالەتتە ئويلاشتى دەپ ئەيىبلىشىدۇ. كوممۇنىزمچىلارنىڭ ئىيتىشىچە، ئىشنىڭ بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى پۈتۈنلەي سۇبيېكتىۋىزملىقنىڭ ئۈستىگە، يەنى دېكارتنىڭ «مەن ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت»دەيدىغان تەپەككۇرىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەنھا ئادەم مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئارقىلىق ئۆزلۈكىگە ئېرىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەپەككۇردىكى ئادەم ئۆزىنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر ئادەم بىلەن بىرلىككە كىلەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئادەم «مەن ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دەيدىغان تەپەككۇرغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئەسلا بىلەلمەيدۇ.

خرىستىيان دىنىدىكىلەر بىزنى «ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئىشلارنىڭ چىنلىقىنى رەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىمايدۇ» دەپ ئەيىبلىشىدۇ. چۈنكى بىز تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى پىسەنتىمىزگە ئالمايمىز، «ئەبەدىي ئۆزگەرمەس» دەپ قارالغان قىممەت قاراشلىرىغا پەرۋا قىلمايمىز. بىزنىڭ قارىشىمىزدا، ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىدىن باشقا ھېچنېمە يوق. ھەر بىر ئىنسان ئۆزى خالىغاننى قىلالايدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ قىلمىشى ياكى ئىدىيەسىنى ئەيىبلەيدىغانغا ھەققى يوق. ئۇلار بىزنى مانا مۇشۇنداق ئەيىبلەيدۇ.

بۈگۈن، مەن مۇشۇ ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. شۇڭلاشقا مەن بۇ قىسقا ماقالەمگە «مەۋجۇدىيەتچىلىك بولسا بىر خىل ئىنسانچىلىق» دەپ ماۋزۇ قويدۇم. نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانچىلىقنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىدىن ئەجەبلىنىشى مۇمكىن؛ بىراق بىز بۇ سۆزنى زادى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، بىزنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك» دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچىمىزدە، ئۇ ئىنسان ھاياتىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدىغان بىرتەلىمات. بۇ تەلىمات ھەر بىر ھەقىقەت ۋە ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ ئىچىگە ئىنسان ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە ئىنساننىڭ ئۆزلۈك سۇبيېكتىپلىقى يوشۇرۇنغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەيىبلەشلەرنىڭ يادروسى ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ رەزىل تەرەپلىرىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىگىنىمىزگە قارىتىلغان. يېقىندا ئاڭلىشىمچە، مەلۇم بىرئايال ھەر قېتىم زىھنى جىددىيلىشىپ ئېغىزىدىن سەت گەپ چېقىپ كېتىپ قالسا، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەپ:«مەن چوقۇم مەۋجۇدىيەتچىگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتىمەن!» دەپ غودۇراپ قويىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەۋجۇدىيەتچىلىك ھەر ۋاقىت سەتچىلىك بىلەن باغلانغان چېغى، بەزىلەر دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىزنى «تەبئىيچىلەر» دەپ ئاتىسا كېرەك، بىراق، ئەگەر بىز راستىنلا «تەبئىيچى» بولساق، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ بىزدىن سەسكىنىشى ۋە بىزدىن قورقۇپ كېتىشى ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە ھەقىقىي مەنىدىكى تەبئىيچىلەردىن ھېچكىم قورققاندەك ياكى ھاقارەت ھېس قىلغاندەك ئەمەس. زولانىڭ «زېمىن» دېگەندەك رومانلىرىنى بىر تىنىقتىلا ئوقۇۋېتىدىغان ئاشۇ كىشىلەر مەۋجۇدىيەتچىلىككە ئائىت روماننى قولىغا ئالسىلا ئوغىسى قاينايدۇ. خەلقنىڭ پاراسىتىگە — بۇ بىر ئېچىنىشلىق پاراسەت — مۇراجىئەت قىلغان كىشىلەر،  بىز مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ پاراسىتىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ھالبۇكى، جاھاندا «قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ» ياكى «ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر، ھايۋان بالىسى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر» دېگەندەك مۇشۇنداق پەلىپەتىش ئەقلىيە سۆزلەردىنمۇ ئۆتەر قاملاشمىغان «پاراسەت» بارمۇ؟ بۇنداق مىساللارنى كۆرسىتىپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاش: شۈكۈر-قانائەتلىك بول، ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ئۆزگەرتىمەن دېمە، نوپۇزغا جەڭ ئېلان قىلما، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل؛ ياكى، مەلۇم ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەت پەقەتلا ئاقماس رومانتىكا؛ ياكى، تەجرىبىنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق بىر ئىش ھامىنى چۈشكۈنلۈك تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ؛ يەنە كېلىپ، تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئىنسانىيەت رەزىللىككە مايىل كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى چەكلەيدىغان قائىدە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ھۆكۈمەتسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. ۋاھالەنكى،ئېغىزىدىن مۇشۇنداق ماقال-تەمسىللەرنى چۈشۈرمەيدىغان كىشىلەر، ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بەزىبىر ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى ئاڭلىغان ھامان «ئىنسان تەبئىيىتى مانا مۇشۇنداق!» دېيىشىدۇ، بۇلار دەل رېئالىزىم توغرىسىدا ئاغزى بېسىلماي جاۋىلدايدىغان كىشىلەر، ئوخشاشلا مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ چۈشكۈنچىلىك تەلىماتىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن كىشىلەر. ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە شۇدەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلارنى بىزار قىلغىنى بىزنىڭ ئۈمىدسىزچىلىكىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۈمىدۋارلىقىمىزدۇر؟ چۈنكى مەن سەل تۇرۇپ سىلەرگە چۈشەندۈرمەكچى بولغان تەلىمات تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندائىنساننى تاللاش ئىمكانىيىتىگە يۈزلەندۈرىدىغان بىر تەلىمات. بۇ نۇقتىنى دەلىللەش ئۈچۈن، بىز بۇ مەسىلىلەرنى قاتتىق پەلسەپىۋى ئۆلچەم بويىچە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنداق بولسا، بىز «مەۋجۇدىيەتچىلىك» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ تەلىمات زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

بۇ سۆزنى ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىمۇ «مەۋجۇدىيەتچىلىك» دېگەن سۆزنى توغرا چۈشەندۈرەلمەيدۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى مودا بولۇشقا باشلىغاندىن بىرى، كىشىلەر تەنتەنە قىلىشقان ھالدا ماۋۇ مۇزىكانت ياكى ئاۋۇ رەسسامنى «مەۋجۇدىيەتچى» دەپ جاكارلاشتى. «نۇرلۇق گېزىتى»نىڭ مەلۇم بىر سەھىپە يازغۇچىسى ماقالىسىنىڭ ئاپتورى دېگەن يېرىگە«مەۋجۇدىيەتچى» دەپ يازدى. دەرۋەقە، «مەۋجۇدىيەتچى» دېگەن بۇ سۆزنى شۇنچىلىك كۆپ ئادەم شۇنچىلىك كەڭ مەنىدە ئىشلەتتىكى،  ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىدى. قارىغاندا، «ھالقىما رېئالىزم» دېگەندەك يېڭى تەلىماتلار كەمچىل بولغانلىقتىن، ئەڭ يېڭى سەتچىلىك ياكى ئەڭ مودا ئېقىمدىن قۇرۇق قالغۇسى كەلمەيدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە قارىغۇلارچە يېپىشقان بولۇشى چوقۇم. ئەمەلىيەتتە،بارلىق ئېقىملارنىڭ ئىچىدە، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ سەتچىلىكى ئەڭ ئاز، ئۆزى ئەڭ ئېھتىياتچان بىر تەلىمات: دەرھەقىقەت، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەقەت مۇتەخەسىسلەر ۋەپەيلاسوپلار ئۈچۈنلا بەرپا قىلىنغان؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس.

ئىككى خىل تۈردىكى مەۋجۇدىيەتچىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا يۇقارقى مەسىلە سەل مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. بىر خىلدىكىلەر خرىستىيان مەۋجۇدىيەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كارل جاسپېرس، گېبرىيېل مارسېل قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن، بۇلارنىڭ ئىككىلىسى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى؛ يەنە بىر خىلدىكىلەر خۇداسىز مەۋجۇدىيەتچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مارتىن ھايدىگېر شۇنداقلا مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيە مەۋجۇدىيەتچىلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بارلىق مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇدلۇقنىڭ ماھىيەتتىن ئاۋال ئىكەنلىكىگەئىشىنىدۇ؛ ياكى، بۇنى باشقىچە يوسۇندا دېسەك: بارچىنىڭ باشلىنىشى سۇبيېكت. بۇ زادى قانداق گەپ؟

ئەگەر بىراۋ مەلۇم بىر پارچە كىتاب ياكى بىر قايچىنى ئويلاشسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇشۇ نەرسىنىڭ ئۇقۇمىغا ئىگە بولغان مەلۇم بىر ھۈنەرۋەننىڭ بۇ نەرسىلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى دەرھاللا كۆرۈپ يېتىدۇ؛ بۇ ھۈنەرۋەن قايچىنىڭ ئۇقۇمىغا شۇنداقلا ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىغا ئوخشاش دەرىجىدىكى نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ، بۇ تېخنىكا قايچا ئۇقۇمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندابىر فورمۇلادۇر. شۇڭلاشقا، قايچىنى ھەم مەلۇم خىل يوسۇندا ياساپ چىققىلى بولىدۇ، ھەم بۇ قايچا مەلۇم خىل مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، چۈنكى بىراۋنىڭ قايچىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ قايچا ياسىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. مۇشۇمەنىدىن ئېيتقاندا، قايچىنىڭ ماھىيىتى - ئۇنى ياساس ئۈچۈن لازىملىق بولغان بارلىق فورمۇلا ۋەئۇنىڭ ياسىلىشى شۇنداقلا ئېنىقلىمىسىنى مۇمكىن قىلغان بارلىق خۇسۇسىيەتلەر - ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئاۋال بولىدۇ. قايچا ياكى كىتابنىڭ مۇنداق ياكى ئۇنداق ھالىتى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا مانا مۇشۇنداق بېكىتىلپ كېتىدۇ. بۇ يەردە، بىز دۇنيانى تېخنىكىلىق نۇقتىنەزەردە كۈزەتتۇق، شۇڭلاشقا بۇ يەردە بىز «ياساش مەۋجۇتلۇقتىن ئاۋال» دېيەلەيمىز.

ياراتقۇچى سۈپىتىدە تەڭرىنى ئويلاشقىنىمىزدا، كۆپىنچە ھاللاردا بىز ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ھۈنەرۋەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بەزى تەلىماتلارنى تەتقىق قىلغاندا، مەيلى ئۇ دېكارتنىڭ تەلىماتى بولسۇن ياكى لېيبنىزنىڭ تەلىماتى بولسۇن، بىز ھەرۋاقىت تەڭرىنىڭ يارىتىش ئىرادىسى تەڭرىنىڭ يارالغۇچى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنىڭ (بىلىشىنىڭ) ئارقىسىدىن كېلىدۇ، ھېچبولمىغاندا يارىتىش ئىرادىسى بىلەن يارالغۇچىنىڭ ئىدىيەسى ئىككىسى بىللە كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا تەڭرى ئۆزىنىڭ زادى نېمىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ دەپ ئويلايمىز. بۇنىڭدا، ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ كاللىسىدىكى ئىنسان ئۇقۇمى بىلەن ياسىغۇچى ھۈنەرۋەننىڭ كاللىسىدىكى قايچا ئۇقۇمى ئوخشىشىپ كېتىدۇ: ھۈنەرۋەن مەلۇم خىل ئېنىقلىما ۋە فورمۇلا بويىچە قايچىنى ياسىغانغا ئوخشاش، تەڭرىمۇ ئىنسانلارنى مەلۇم خىل ئۇقۇم ۋە تەرتىپ بويىچە يارىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەربىر يەككە ئىنسان مەلۇم خىل ئىلاھىي چۈشەنچىدىكى بەلگىلىك ئۇقۇمنىڭ رېئاللىشىشى. 18-ئەسىردىكى خۇداسىزلىق پەلسەپىسى تەڭرى ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى، بىراق «ماھىيەت مەۋجۇتلۇقتىن ئاۋال» دېگەن پىكىردىن يەنىلا ۋاز كەچمىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىكىرنى بىز دىدېرودا، ۋولتېردا، ھەتتا كانتتا بايقايمىز. ئادەمدەئىنسانىي ماھىيەت بار، بۇ «ئىنسانىي ماھىيەت» دەل ئىنساننىڭ ئۇقۇمى بولۇپ، ھەر بىرئادەمدە تېپىلىدۇ؛ بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ھەر بىر ئادەم مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسال ئۇقۇمنىڭ، يەنى «ئىنسان ئۇقۇمى»نىڭ ئايرىم مىسالى. كانتنىڭ پەلسەپىسىدە بۇ خىل ئۇنىۋېرساللىق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئورمانلىقتا تەبئىي ھالەتتە ياشاۋاتقان ياۋايى ئادەم بىلەن بىلەن بۇرژۇئا جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئادەم بىردەك ئۇقۇمغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك سۈپەتلىرى ئوخشاش. بۇ يەردە، ئادەمنىڭ ماھىيىتى يەنىلا بىز تەجرىبىمىزدە يولۇقتۇرىدىغان ئادەمنىڭ تارىخىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئاۋال دەپ قارىلىدۇ.  

مەن ۋەكىللىك قىلىدىغان خۇداسىز مەۋجۇدىيەتچىلەر باش-ئاخىرى بىردەك يوسۇندا شۇنداق جاكارلايمىزكى، ئەگەر تەڭرى مەۋجۇت بولمىسا، ئۇنداقتا دۇنيادا كەم دېگەندە بىر مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن ئاۋال بولىدۇ، ئۇ ھەر قانداق ئۇقۇم تەرىپىدىن بېكىتىلىشتىن ئاۋال مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ خىل مەۋجۇدات بولسىمۇ ئادەم، ياكى، ھايدىگېرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ رېئاللىقى. مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئاۋال دېگىنىمىز زادى نېمە گەپ؟ بىزنىڭ بۇ دېگىنىمىز، ئادەم ئاۋال مەۋجۇت بولىدۇ، ياشاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇچرىتىدۇ، دۇنيادا پائالىيەت قىلىدۇ — شۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى بېكىتىدۇ. ئەگەر مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ئۇقۇملاشتۇرۇپ بېكىتىشكە بولمىسا، بۇنىڭ سەۋەبى باشلىنىشتا ئادەم تېخى ھېچنېمە ئەمەس. بىر مەزگىلگىچە ئۇ ھېچنېمە ئەمەس، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمىلىكىنى بېكىتىدۇ. شۇڭا، ئادىمي ماھىيەت مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ئالدىنئالا بىلىدىغان تەڭرى مەۋجۇت ئەمەس. ئادەم پەقەتلا مەۋجۇت، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىنى چۈشەنگەن ھالىتىدە مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى ئۆزى يېتىشكە ئىرادە قىلغان مەۋجۇتلۇق ھالىتىدىمۇ مەۋجۇت؛ يەنى، ئۇ مەۋجۇتلۇقتىن كېيىنكى ئۆزىنى چۈشەنگەن ھالىتىدە مەۋجۇت، شۇنداقلا مەۋجۇتلۇقتىن كېيىن ئۆزى ئېرىشىشكە ئىرادە باغلىغان مەۋجۇتلۇقىدا مەۋجۇت. ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزى يارىتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭدا ھېچنېمە مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ بىرىنچى پرىنسىپى. كىشىلەر بۇنى مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ «سۇبيېكتىۋىزمى» دەپ ئاتاپ، بىزنى ئەيىبلىشىدۇ. بىراق، بىز بۇنداق دېيىشى ئارقىلىق پەقەتلا «ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى بىر تاش ياكى بىر ئۈستەلدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېمەكچى خالاس. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئاۋال ئادەم مەۋجۇت؛ ھەممىدىن ئاۋال، ئۇ توختىماستىن ئۆزىنى ئالغا سىلجىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. دەرھەقىقەت، ئادەم سۇبيېكتىپلىق ئۆزلۈك ھاياتىغا ئىگە، ئۇ مۇخ، زەمبۇرۇغ ياكى چېچەكسەي ئەمەس. بۇ خىل ئۆزلۈكنىڭ زاھىرىيلىنىشىدىن ئاۋال ھېچنېمە مەۋجۇت ئەمەس، ھەتتا ئىلاھلارنىڭ چۈشەنچىسىدىمۇ ھېچنېمە مەۋجۇت ئەمەس: ئادەم ئۆزى نىشانلىغان مەۋجۇتلۇققا يەتكەندىلا ئاندىن ئۆزىنى مەۋجۇت قىلىدۇ، ئارزۇلا قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى «ئارزۇ قىلىش» ياكى «ئۈمىد قىلىش» ئادەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاڭلىق ھالەتتە چىقارغان قارارىمىز. مەن بىر ئولتۇرۇشقا بېرىشنى ياكى بىر پارچە كىتاب يېزىشنى ئارزۇ قىلىشىم مۇمكىن، بىراق بۇ خىل ئەھۋالدا «مېنىڭ ئىرادەم» دەپ ئاتالغىنى ئەمەلىيەتتە ئىستىخىيەلىك ھالدا ئالدىنئالا چىقىرىلغان مەلۇم بىر قارارنىڭ ھادىسىلىنىشىدۇر. ۋاھالەنكى،ئەگەر  مەۋجۇتلۇق ھەقىقەتەنمۇ ماھىيەتتىن ئاۋال بولسا، ئۇنداقتا ئادەم ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى رولى شۇ يەردىكى، ئۇ بارچەئادەمنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارچە ئادەمگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئارتىدۇ. بىز «ئادەم ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك»دېگىنىمىزدە ھەرگىزمۇ ئۇ پەقەت «شەخس سۈپىتىدىكى ئۆزىگىلا مەسئۇل بولىدۇ»دەۋاتمايمىز، بەلكى ئۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەسئۇل بولىدۇ دەۋاتىمىز. «سۇبيېكتىۋىزم» دېگەن سۆز ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىلىشى كېرەك، بىراق بىزنىڭ رەقىبلىرىمىز بۇ سۆزنىڭ  بىرلا خىل مەنىسىنى تۇتۇۋېلىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. «سۇبيېكتىۋىزم» دېگەن بۇ سۆز بىرجەھەتتىن يەككە شەخسنىڭ ئەركىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن «ئادەم ئىنسانىي ئۆزلۈكتىن ھالقىيالمايدۇ» دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك چۈشەندۈرۈش مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ  بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان مەنىسىدۇر. «ئادەم ئۆزىنى تاللايدۇ» دېگىنىمىزدە، بىز ھەقىقەتەنمۇ «ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى تاللىشى كېرەك»دەۋاتىمىز؛ بىراق، بىز يەنە «ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى تاللىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدەپۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ تاللايدۇ» دەۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يارىتىۋاتقان چېغىدا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىمۇ ئۆزى تاللىغان مەۋجۇتلۇق ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك دەپ ئىرادىلەنمەيدىغان ئەھۋال يوق دېيەرلىك. ئىككىنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاپ چىقىش ئەمەلىيەتتە تاللانغۇچىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ، بىز ئەزەلدىن ناچىرىنى تاللىمايمىز، ياخشىراقىنى تاللايمىز؛ ئەگەر ئۇ ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا بىزگە نىسبەتەنمۇ ياخشى بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ، مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن بۇرۇن بولىدۇ، بىز بارچە ئىنسانغا ۋە بارچە دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەۋجۇتلۇق ھالىتى بويىچە ئۆزىمىزنى مەۋجۇت قىلىشقا ئىرادىلىنىمىز. شۇڭلاشقا مەسئۇلىيەت بىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر، چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىرگەۋدە سۈپىتىدە ئويلىشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر مەن بىر ئىشچى بولسام، كوممۇنىزم ئۇيۇشمىسىغا ئەمەس خرىستىيان ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشۇم مۇمكىن. بۇ خىل ئەزالىق ئارقىلىق مەن بۇ خىل ئەگىشىش ۋە ئىتائەتمەنلىكنىڭ ھەقىقىي ئىنسانغا ئايلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانغا لايىق خانلىقنىڭ بۇ ئالەمدە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىۋاتقىنىمدا، بۇ خىل ئىدىيەگە يالغۇز ئۆزۈمنىلا بېغىشلىمىدىم. بۇ ئارقىلىق مەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىتائەتمەن بولۇشىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋاكالىتەن ئۆزۈمنى بېغىشلىغان بولۇشۇمنى خالايمەن. ياكى، يەنەبىر مىسال ئالسام، مەن توي قىلىپ بالىلىق بولماقچى بولدۇم، گەرچە مېنىڭ بۇ قارارىم ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئەھۋالىمغا بېقىپ چىقىرىلغان، يەنى مېنىڭ ھاياتىي قىزغىنلىقىم ياكى ئىستىكىم سەۋەبىدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق مەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆزۈمگە قوشۇپ بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە بېغىشلاۋاتىمەن. شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمگە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەسئۇل، بۇ يەردە مەن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزۈم ئىرادىلەنگەن ھالىتىدە يارىتىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى ياراتقان چېغىمدا، مەن ئىنسانىيەتنىمۇ ياراتتىم.

......

(داۋامى تەرجىمە قىلىنمىدى)

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

شاڭخەي تەرجىمە نەشىرىياتى 2012-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان «مەۋجۇدىيەتچىلىك بولسا بىر خىل ئىنسانچىلىق» (خەنزۇچە نەشىرى) دېگەن كىتابتىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمە جەريانىدا ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن قوشۇمچە پايدىلاندىم.
bagdax

9

تېما

10

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1793
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
چۈنكى بىز تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى پىسەنتىمىزگە ئالمايمىز، «ئەبەدىي ئۆزگەرمەس» دەپ قارالغان قىممەت قاراشلىرىغا پەرۋا قىلمايمىز. بىزنىڭ قارىشىمىزدا، ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىدىن باشقا ھېچنېمە يوق. ھەر بىر ئىنسان ئۆزى خالىغاننى قىلالايدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ قىلمىشى ياكى ئىدىيەسىنى ئەيىبلەيدىغانغا ھەققى يوق.

بۇ مەۋجۇدىيەتچى دىگەن ئېقىمنىڭ ئاساسىي شوئارى بولسا ، ھەربىر مەۋجۇدىيەتچى ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا چاۋاك چېلىپ تەشەككۈر بىلدۈرۈشى كېرەككەن . چۈنكى قاتىل خالىغىنىنى قىلدى . شۇڭا مەۋجۈدىيەت پەلسەپەسى بويىچە ئۇنىڭ ئەمگىكىگە مەۋجۇدىيەتچىلەر تەشەككۈر بىلدۇرۇشى كېرەككى ، ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ قىلمىشى ياكى ئىدىيەسىنى ئەيىبلەيدىغانغا ھەققى يوق.....

0

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79040
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Abduhalim75 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-30 19:01
چۈنكى بىز تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى پىسەنتىمىزگە ئالمايمىز،  ...

ئالدىراپ سۆزلىسىڭىز بىلىم قۇرۇلمىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، بۇغۇ بىزگە ياخشى ، لىكىن سىزگە ياخشى ئەمەس.
دىققەت قىلىڭ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق دۇنيانىڭ پاراۋۇزى دەپ قارىلىۋاتقان غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ھۇل تاشلىرىدىن بىرى، بىراق بۇ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ، قانۇن يول قويغان دائىرىدە باشقىلار چىكەمدۇ ، ئىچەمدۇ ئارىلاشماسلىقىڭىز كىرەك، چۈنكى بۇ ئىلاھى ھوقۇق، بىراق قانۇن ئاممىۋى سورۇندا چېكىشنى، ماشىنا ھەيدىگەندە ئىچىشنى چەكلەيدۇ، بۇمۇ ئىلاھى ھوقۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادى قاراشلىرىدا ھۈكۈمەت تەڭرىنىڭ ئىزنى بىلەن تىكلەنگەن، ئۇنىڭغا قارشى چىقىش تەڭرىگە قارشى چىقىش دىيىلىدۇ.

3

تېما

5

دوست

2403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-3

قىزغىن ئەزا

يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Abduhalim75 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-30 19:01
چۈنكى بىز تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى پىسەنتىمىزگە ئالمايمىز،  ...

ئىككىمىز ئوخشاش چىقىپ قاپتىمىز .... بۇ ماقالىدە ئاپتۇر خۇداسىز ئۈزىنى ئىلاھ قىلۋالغان خالىغىنىنى قىلىدىغانلارنى سۈكۈپتۇ . ئەمما ماقالىنى مىنىڭمۇ ئۇقۇغۇم كەممىدى ، بىرى نۇرغۇن زاغراسىز كەسپى ئاتالغۇلار جىق ، چۈشنۈش قىيىن ، بەزى ئاتالغۇلار توغۇرلۇق بىز ھىش نىمە بىلمەيمىز ، مىسالەن مەۋجۇدىيەتچىلىك دىگەن قايسى قاراشنى كۆرسىتىدۇ ؟؟؟ ماقالىدىن قارىسام ئۈزىنى ئاڭ ئالىي ئۇرۇنغا قۇيۇپ نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلدىغانلارنىڭ قارشىنى كۆرسىتىدىغان چېغى ، ماقالىنى مىنىڭمۇ تۇلۇق ئۇقۇغۇم كەلمىدى ، بېشىنى ئوتتۇرنى ئايىغىنىلا ئۇقۇدۇم ،  ئۈزىنى ئەڭ ئالىي ئۇرۇنغا قۇيۋاغۇچى ئەىلاقنىمۇ ئۈزى بىكىتىدۇ ، ھەممىنى ئۈزى بىكىتىدۇ ، شۇڭا ئانىسى بىلەنمۇ ئەر خۇتۇن بولىدۇ ،  دا دىسىغىمۇ تىگىپ خۇتۇن بولىدۇ ، ئاپتۇر ، ئىنسانلارنى ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىش قىلىشقا ، ئىنسانلار دا بولۇشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپتۇ ، مىسالەن : ئىنسان بولغاندىكىن بالىلىق بولۇپ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشىغا ھەسسە قۇشۇش . بۇ ياخشى قاراشكەن .  مەن بالىلىق بولۇشقا قارشى ئادەملەرنى ئۇچراتقان ، ئۇلارچە بالا تۇغۇپ بىر ئادەمگە سادىقلىق بىلدۈرگەندىن ياش ۋاقتىدا تازا ئويناپ پاراۋانلىق پۇلىنى تازا تۈلىسە قېرىغاندا دۆلەت باقامىش ، ھەممە ئادەم بۇنداق ئويلىسا دۆلەتكە ۋاكالاتەن ئۇلارنى باقىدىغان ئادەمنى كىم تۇغۇدۇ ؟؟؟؟؟؟؟  ساراڭلار بۇ دۇنيادىمۇ ئازاپ تارتىدۇ ، بۇ ئۇلارغا ئىگىسىنىڭ ۋەدىسى
bagdax

3

تېما

5

دوست

2403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-3

قىزغىن ئەزا

5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تەرجىمان ئەپەندى ئاۋارە بولۇپسىز ، مۇمكىن بولسا بىۋاستە تەرجىمە قىلماي مەزمۇنى ئىپادىلەپ چىقىشقا تىرىشسىڭىز بولغۇدەك... ئۇقۇشتا قىينىلىپ قالدىم ، سىز بىلگەننى مەن بىلمەيمەن ، چۇقۇم ئۇقۇغۇچى پىسخىكىسىنى ئويلاپ تەرجىمە قىلىڭ ، ئاتالغۇلارغا ئىزھات بىرىڭ ئەگەر ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلاممايدىغان قاراش بولسا قۇشۇمچە تىرناق ئېچىپ بۇ پالانىنىڭ قارشى دىگەندەك ئىزھات قىلىڭ  بوممىسا ھىسياتچانلاردىن پەشۋا يەيسىز ...  رەخمەت

9

تېما

10

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1793
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
mikraskup يوللىغان ۋاقتى  2016-9-30 20:34
ئالدىراپ سۆزلىسىڭىز بىلىم قۇرۇلمىڭىز ئاشكارىلىنىپ ق ...

بىلىم قۇرۇلما دىگەن نىمە ؟ خەقنىڭ ئاقماس سەپسەتىلىرىنى پەش-چىكىتلىرىگىچە يادلاش بىلىم قۇرۇلمىغا كىرەمدۇ ؟ ھىچقانداق كىشى ئۆزىنى مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە دىيەلمەيدۇ . ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس ، كىشى ئۆزىگە مۇناسىېەتلىك بىلىملەردىن يىتىشىچە ئىگەللىڭىنى مۇۋاپىق . بىلىم دېڭىزى چەكسىز ، ئىنسان ئۆمرى چەكلىك . شۇڭا ھەقىقى مەنپەئەت بېرىدىغان ، توغىرلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىلىملەردىن يىتەرلىك ئۈگەنسەك ، شۇنىڭ ئۆزى دانالىق .

قانۇن يول قويغان دائىرىدە باشقىلار چىكەمدۇ ، ئىچەمدۇ ئارىلاشماسلىقىڭىز كىرەك،

سىز قايسى قانۇننى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ خىزمەت ۋاقتىدىمۇ ئېچىپ -چېكىشكە رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن بار دىمەكچىمۇ ؟

ئۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ يىگىرمە تۇت سائەتنىڭ ھەممىسىدە چەكلىشى ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىچە-كۈندۈز اللەنىڭ خىزمىتىدە يەنى تائەت -ئىبادەتتە يۈرگەنلىكى سەۋەپ بولغان . كىمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئاشكارلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى مۈنبەردە كۆرۇنۇپ تۇرىۋاتىدۇ . مەن سەپسەتىلەرنى بىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ باقمىدىم .

9

تېما

10

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1793
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
qvshkvn يوللىغان ۋاقتى  2016-9-30 20:14
باش-ئاخىرىدىكى تېكىستنى تولۇق ئوقۇڭ، ئاپتورنىڭ قاندا ...

مەن باش - ئاخىرىنى ئوتتۇرسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇدۇم . سارتېر خېرىستىئانلارنىڭ تەغدىرچىلىكى ۋە پوپلارنىڭ مونۇپۇللىقىغا قارشى  ئۆز تەجىربىسىگە ئاساسەن يەكۈنلىگەن «ھەقىقەت»لىرى . بۇ ئىدىيە ئۆزى قارشى تۇرىۋاتقان قارا كۈچلەرگە نىسبەتەن ئادىل ئىدىيە ھىساپلىدۇ . لىكىن پۇتكۇل دۇنياغا نىسبەتەن ئەمەس . ئەگەر ھىندىستانلىقلار قىز مېلى سەۋەپلىك ھىندى ئاياللىرىنىڭ خورلىۋاتىدۇ دەپ ھىندى نىكاھ قائىدىلىرىگە قارشى نامايىش قىلسا ، بىز خاتا دەپ قارامدۇق ؟ ئەلۋەتتە خاتا دىمەيمىز . لىكىن خاتا دىمەيمىز دەپلا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ نىكاھ قائىدىلىرىمىزدىكى «مىھرى ھەققى»-تويلۇقلارغا قارىتا نامايىش قىلىمىزمۇ ؟ شۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ ؟ سىز سارتىرىنىڭ ئىدىيەسىنى بىلدۇرمەكچى بولغان بىلەن باشقىلار شۇنى دەستەك قىلىپ پىتنىگە دەسمايە يىغىدۇ . ساتىرى ئىدىيەسى ئەينى زاماندىكى قالاق خېرىستىئان پوپلىرىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئىلغار بولالايدۇ لىكىن مۇتلەق ئەمەس . چۇنكى خىرىستىئان مۇرتلىرى ئاشكارە نام بىلەن داۋاملىق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . لىكىن سارتىرى ئىدىيەسى مۇكەممەل بىر توپنىڭ يىتەكچىسى بولۇپ پۇت تىرەپ تۇرغىنى يوق .

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3300
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-4

تۆھپىكار ئەزا

8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىدىن قالغان ئاسارە ئەتىقە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )