دىققەت قىلىڭ،خوتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس!!!
[align=justify][align=justify] بۇرادەر توي كۈنى خوتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر.شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغا تەئەللۇقسىز،بەزىلەر ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ يىرىمىغا ئىرى،يىرىمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالىدۇ ھەجۋى قىلىپ،ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇ مەلۇم بىر ئىدارە ئورگانغا نىسبەتەن ھەقلىق ئىشلەش مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ئەمما نىكاھ ۋە ئەر ئاياللارنىڭ بىر-بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرگە دەخلىسىزدۇر،مۇتلەقتۇر.شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بولۇڭ.مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كىلىدىكەن،مىھمان كۈتىدىكەن دەپ خوتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇ خىزمىتىگە سىلىپ بىرىپ ،ئۆيىدە پۇشۇلداپ ئولتۇرغىنىنى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خىلى كۆپ كۆرگەنمەن.ئەمما سىز مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەر بولىدىغان بولسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ھەرقانداق باھالاش،كۈتىۋىلىش شەكىلىدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا سۆزسىز قاتنىشىشىغا يول قويماڭ.مەن مۇنداق كۈتىۋىلىش شەكىلىدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن.ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا سىزلا بەھىرلىنىدىغان نىمەتكە ئايلاندى.ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ بەھىرلىنىشىگە،كۆڭۈل ئىچىشىغا يول قويماڭ.شۇنداقلا ئيالىڭىزسىز سىزمۇ مۇنداق ئەر-ئاياللار ئولتۇرىشىغا ،كۆڭۈل ئىچىش سورۇنىغا قاتناشماڭ.سىز ئۆزىڭىز ھەريەر-ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ،ئايالىڭىزنى مىنىڭ خىزمىتىنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ،بۇ ئادالەتسىزلىك ھېساپلىنىدۇ، ھەمدە ئوڭايلا ئايالىڭىزدىمۇ قارشىلىشىش، شۇنداق سورۇنلارغا بىرىپ بىقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ.ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما.
بەزى سورۇن يىغىلىش قاتنىشىشلارغا بىرىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن تانسا ئۇسۇل ئويناشتىن ساقلىنىڭ.شۇنداقلا خوتۇنىڭىزنىمۇ ئومونىڭ مۈلكى، كىم ئوينىسا بولىۋىرىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.بىزدە خوتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ئۆزى بىر تەرەپتە تۇرۇپ خوشلۇقتىن ئېغىزى كىلە بولىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس.ھەتتا بىرەر باشلىق خوتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ،باشلىققا رەھمەت ئېيىتپ سۆيۈنۈپ كېتىدىغان ئەرلەرمۇ ،ئۆزى ئۆيىدا داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇرىدىغان ،خوتۇنى رىستۇراندىن خەق بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ بەزمىخانىدىن كېلەلمەيدىغان ئائىلىللىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
بۇرادەر ئۇنتۇماڭ ۋە دىققەت قىلىڭكى خوتۇن ئومومنىڭ مۈلكى ئەمەس،خوتۇن ئەر بولغىچىغىلا تەۋە. ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى شۇنىلا كۈتۈشى، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئېچىشى كىرەككى ،يات ئەرلەر بىلەن تانسا ئۇسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىپ كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك.يات جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا-بارا غەيرى سىزىمدا بولماس ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە، نارازى بولۇشقا خۇشتار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇچرىشىش ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ ئۆيدىن سىزدىن پەرزەنىتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.كىيىمگە، گىرىمگە ئەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ -دە، سىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كېتىدۇ .ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بىقىڭ... رېستۇرانغا يات ئەر-ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ئامراق خوتۇنلارنىڭ قايسىبرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكىن؟ قايسىبىرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىدىكىن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئايالىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ،ئۇ ئومونىڭ ئورتاق بەھىرلىنىدىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن.ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ،ئائىلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن دوست يوق.سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بولىدۇ.ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قېلىڭ. ئۆز دائىرىڭىزدە كونتىرۇل قىلىۋىلىڭ. بولمىسا ئۇ ئەتە-ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قېلىشى مۈمكىن!!!!!
[align=justify]
مەنبەسى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ "ئەرلەرگە 101تەكلىپ" دىگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى.
|