قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 945|ئىنكاس: 0

«سەۋدا»نىڭ قىممىتى ۋە سەۋدالارنىڭ قىسمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

4468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6368
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 770
تۆھپە : 857
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 12:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]«سەۋدا»نىڭ قىممىتى ۋە سەۋدالارنىڭ قىسمىتى

          

          بالىلىق قەلبىمگە ئۆچمەس مۆھۈرنى باسقان ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە»  ناملىق ھىكايىسىدىكى تەپسىلاتلار ھېلىھەممۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم باسقىنىمدىن بېرى چەتئەللىك ئەزىز نەسىن،ئۆمەر سەيپىتىن، مۇپاسسان، چىخوپ،گوركى...غا ئوخشاش نۇرغۇن يازغۇچىلارىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇم ھەم ئەدەبىياتىمىز پىروزىچىلىقىدىكى كەمتۈك نوقتىلار ھەققىدە تەگسىز خىياللارنىمۇ سۈرۈپ ئۈلگۈرگەنتىم.كېيىنچە زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، باغراش...قاتارلىقلارنىڭ قەلمى ئاستىدىكى بىر قاتار ئەسەرلەردىن بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاپمۇ تېپىۋالدىم. يېقىندا«تارىم» ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 8- سانغا بېرىلگەن ئابدۇناسىر يونۇس(ياۋايى) نىڭ«سەۋدا»ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇنى مۇئەللىپنىڭ بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ جەميىتىمىزنى بىر نۆۋەتلىك  قاتتىق زىل-زىلىگە سېلىۋەتكەن «ياقا يۇرتتىكى ئىشلار»ھىكايىسىىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنى پىروزىچىلىقىمزدىكى يېڭى نامايەندىلەر دەپ تونۇدۇم.
          پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ئادەم ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ نورمال نوقتىسىنى «30» دەپ بىكىتىكەن،ئەگەر ئۇنىڭدىن يۇقىرىلىسا ئەقلى قۇۋۋەت ئاشىدۇ. ئەكسىنچە بولسا ئادەم ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغان سەۋدايىلار سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.شۇ تاپتا ئەتراپىمىزدا ۋىجدان، غورۇر، ئەخلاق،ئېتىقاد قاتارلىقلارنى پايال قىلىش بەدىلىگە ،نۇرمال ئادىمىيلىك سېپىدىن چۈشۈپ قېلىپ سەۋدالار سېپىگە قوشۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلىشى كىشىنى چۇڭقۇر ئېچىندۇرىدۇ. «سەۋدا» نامىلىق  بۇ ھىكايە يوقۇردا قەيىت قىلغىنىمىزدەك ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرىغا بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى تارقىتىپ، كىشى قەلبىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھىسسىياتلار قوينىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ھەممىمىزنى ئادىمىيلىك ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش باسقۇچىغا سۆرەپ باردى.
           نۆۋەتتە ئادىمىزاتلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم بولمىغۇر ئىللەتلىرى ۋە قىلمىشلىرى ھېسابىغا نۇرغۇن مەنزىللىرىمىزگە «قەرەللىك بومبا»قويۇپ، ئۇنى كىيىنكىلەرنىڭ مۇساپىسىدىكى يۇشۇرۇن خەۋىپكە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. «خوجايىنىمىز ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، پۇلى كۆپ ، پۇل بولسىلا ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ، پۇلۇڭ بولمىسا سەن ئىتقىمۇ تەڭ بولالمايسەن! كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، جىق پۇل تېپىپ ماشىنا ئالىمەن،ئۆي سېتىۋالىمەن»مانا بۇ ، بۇندىن 8 يىل بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كىتىلىپ مەجبۇرى سېتىۋىتىلگەن ئون ياشىنىڭ قارىسىنى ئەمدىلەتىن ئېلىۋاتقان بىزنىڭ كىلىچىكىمىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر.بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.بۇ گەپلەرنى ئون ياشلىق بالا ئەمەس، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ ئېغىزىمىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز. خوش ئۇنداق بولسا بۇ بالىنىڭ بۇنداق«كاتتا دۇنيا ۋە قىممەت قارىشى» قانداق يىتىلىپ قالدى؟بۇ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان،ئۆزلىرىمىزئادىميلىك ئالىمىنى زىدىلەپ مەجبۇرى يۇسۇندا كۆمۈپ قويغان ھېلىقى «قەرەللىك بومبا»لانىڭ بىخلىنىشى ۋە ياكى ئالدىن سىزىلىشىنىڭ«مەشھۇر نامايەندىلىرى»جۈملىسىدىندۇر.بۇ بالا چوڭ بولۇپ راستىنلا ئۆزى ئېيىتقاندەك ياشىسا،ئۇنداقتا بىز ئەيىپنى كىمدىن كۆرىمىز؟بالىنىڭ ئۆزىدىنمۇ؟ئۇنىڭغا ئوبدان كۆز – قۇلاق بولۇپ باقالمىغان ئاتا- ئانىسىدىنمۇ؟ ياكى شۇنداق قەبىئي قىلمىشلار بەدىلىگە قورساق سېلىپ ھارامدىن «سەمرىۋاتقان»، قەدەمگە بىر يۇقارقىدەك «بومبا» قويۇپ  مېڭىۋاتقان خۇنسا مىجەز نائەھلىلەردىنمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرەلمىگەن جەمىيەتتىنمۇ؟مەنچە بۇ ئەيىپ يەنىلا بىز ئۆزىمىزدە يەنى ئارىمىزدىكى:پۇل – مال ئۈچۈن بارلىقىغائاتا- ئانىسىنى قوشۇپ سېتىۋىتىشنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىدا تۇرىۋاتقان، ئادىميلىكنىڭ  قىنىدىن ئاللىقاچان چىقىۋېلىپ،ھايۋانى ئالىمىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن، مال- دۇنيا، ھوقۇق، ئەمەل تاماسىدا خۇدىنى بىلمەي مەسىت- ئەلەس ھالدا يۈرىۋاتقان، تۈرلىك  ئېزىتقۇلارنىڭ بىردەملىك چېقىننىڭ قۇلى بولۇپ،بىر ئوبدان ئائىلىسىنى،ئوقۇشىنى،تۇرمۇشىنى... ۋەيران قىلىش بەدىلىگە جەميەتكە ياكى ئاتا- ئانىلىرىغا بىر نەچچە نارىسىدە،بىقۇۋۇل پەرزەنتلىرىنى بەخشەندە قىلىپ بىرىپ، ئۆزلىرىىنڭ كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ھەر قايان چېپىشىپ يۈرگەن، سەبى(قىز)لىرىمىز، «ھىسسىياتچان »ئايالللىرىمىز ،قۇترىغان تەلۋە «ئەركەك» لىرىمىز،ئەدەب- ئەخلاق ،شەرمى –ھايانى كۆڭۈل خوشلىقىغا ئالماشتۇرۇپ پايتىمىسىغا دەسسەپ يۈرگەن «سەۋدايى»لاردا. ئاپتور بۇ ھىكايىسىدە مانا بۇ نوقتىلارنى ئەسەر كومپوزىتسىيسىدىكى  ئۆزگىچىلىكى، تېما تاللاشتىكى يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ۋە پىشقان تەپەككۇر سەمەرىلىرى بىلەن تولىمۇ ئوبرازلىق ھەم يېقىشلىق ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىش بىلەن بىرگە، سەنئەتنىڭ  كىشى قەلبىنىڭ نازۇك قاتلامىلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزلىك ئېڭىدا خىلمۇ- خىل سەزگۈلەرنى قوزغىتالايدىغانلىقىدەك سەل قاراشقا بولمايدىغان رولىنى بىر يولدىلا پاش قىلىپ تاشلىدى.
        نۆۋەتتە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق تالاي تىراگىدىيىلىك قىسمەتلەر سىز-بىزگە كۆز ئالايتىپ، ئۆزغەلبىسىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ.  بۇ ئەھۋاللاردىن باشقىلارنى ۋاقىپلاندۇرۇپ، ئەخلاق ئالىمىمىزدىكى قىسمەن تەۋرىنىش ۋە تۈزۈلۈشىنى مەقسەت قىلغان ئەدەبىيات ئاشىنالىرى – يۈرەك قانلىرى بەدىلىگە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئەمگەك مىۋىلىرىنى روياپقا چىقىرىشىۋاتىدۇ. بۇ روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاچچىق پاجىئە،ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە بىلەن سۇغۇرۇلۇپ،غەم – قايغۇ بويىقى بىلەن بويىلىۋاتقان بولغاچقا ، بەزىدە بۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىراگىدىيىلىك رېلىس ۋە پاجىئەلىك قىسمەت يوللىرىدىن باشقاچىقىش ئېغىزى يوقمىدۇ؟ دەپ ئەلەم بىلەن ئۆرتىنىپمۇ قويىمىز. ئەدەبىياتىمىزدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن بۇ ئەلەملەرگە جاۋابەن مەمتىمىن ھوشۇرنى مەركەز قىلغان بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىمىز «كۈلكە ۋە يومۇر»نى بويلاپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .  ئابدۇناسىر يۇنۇس (ياۋايى)نىڭ  بۇ ھىكايىسى يۇقىرىدىكى ئىككى خىل يول بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزگىچە بەدئىي ئۇسلۇپ ۋە بايانى قىممەتلىرى بىلەن بىز يولۇقىۋاتقان ھەم يولۇقىدىغان ئاچچىق قىسمەتلەرنى يېنىك ھەم لېرىك ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بىلەن تولىمۇ يارقىن سۈرەتلەپ بەردى.بۇ يەردە مەن «تارىم»ژورنىلىنىڭ 8- سانىنى مەندىن ئارىيەت ئېلىپ ئۇ ھېكايىنى كۆرۈپ چىققان بىر خىزمەتدېشىمنىڭ بۇ ئەسەر ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە ئەندىشىلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.مەن ئۇ خىزمەتدېشىمدىن ژورنالنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى سوردۇم.
-    ياق ،قايتۇرالمايمەن،ئوقۇپ ئەمدى يامان يېرىگە كەلدىم.
-    ئەتىگەن ئالغان تۇرساڭلار،ھازىرغىچە...
-    نىمە دەيدىغانسىلەر؟ئاخىرىقى باسقۇچقا كەلگەندە ئىتتىك ئوقۇيالمىدىم. بىر سائەتتىن كىيىن ئوقۇيمەن.تۈگىسىلا قايتۇرۇپ بېرەي.
-    ساۋادىڭلار تولۇق چىقماپتىكەندە،بىر سائەتتە ئۇنداق  ژورنالدىن بىر- ئىككىنى تۈگەتكىلى بولار؟
-    نىمە دىسەڭلار مەيلى،ئىشقىلىپ بۇ ھىكايە بەك ئاجايىپكەن،تولۇق ئوقۇشقا  چىدىيالمىدىم.
-    بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ئېنىقراق بىر نەرسە دېمەمسىلەر؟
-    ھېلىقى قىزنى ،مۇنۇ كىشىنىڭ قىزى چىقىپ قالمىسىكەن دەيمەن.بۇ بىچارە ئادەم ئون نەچچە يىل تۇل ياشىسا،نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى تارىتسا،ئەمدى كىلىپ ئارزۇلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان قىزى بۇنداق ئىشلار بىلەن يۈرسە، بۇ كىشى نىمە بولۇپ كىتىدۇ؟شۇنۇڭغا ئىچىم ئاغرىپ ھىكايىنىڭ ئاخرىقى باسقۇچىنى ئوقۇشتىن ۋاقىتىلىق توختىدۇم.- ،مەن قاقاھلاپ كۈلۈپ تاشلىدىم.قاراڭ بۇ ئەخمەقلىقنى، تېز- تېز ئوقۇۋىتىپلا خاتىرجەم بولماي  يامان يېرىگە كەلگەندە توختىتىپ قويغىنىنى؟
-    ئىشقىلىپ مەن ھازىر ئوقۇمايمەن،ژورنالنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيمەن.
-    تازا كۆكەمىكەنسىلەر؟ھازىر مەن ئوقۇۋالاي،ئاندىن  بىرىپ تۇرسام بولىدىغۇ؟
-    ياق...
...
      مانا بۇ مەندىن ژورنالنى ئارىيەت ئالغان خىزمەتدېشىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇنى  تالىشىش«جېڭى».ئۇ ھىكايىنى مەنمۇ ئوقۇمىغان بولغاچقا تولىمۇ قىزىقسىنىش ۋە ئىچىرقاش ھالىتىدە ئاران تەستە چۈشتىن كىيىننى كەلتۈردۈم.
-    ئۇھ ،خۇداغا شۈكۈرى.ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كىشىنىڭ قىزى بولۇپ قالمىدى ھېلىقى پاسكىنا قانچۇق.-،خىزمەتدېشىم ژورنالنى قايتۇرغاچ  يۇقارقى سۆزلەرنى ئېيىتتى.
-    ئۆزىچە تىللىماڭلار خەقنى؟-،دېدىممەن ئۇنى قىزىتىش ئۈچۈن.
-    نىمە دەپ تىللىمىغۇدەكمەن،ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى ئوقۇماي پوق بارمۇ ئۇنىڭغا ئەر كىشىنىڭ كەينىدە.ئوقۇشى پۈتۈپ خىزمىتىنى تېپىۋالسا ئەر كىشى تۈگەپ كەتمەستى  جاھاندا؟
-    ھەر نىمە قىلسا ھەر كىشىنىڭ  ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ،ئارتۇقچە چېچىلىپ قالدىڭلارمۇ يا؟
     - ئالدى بىلەن ھىكايىنى بىر ئوقۇڭلار،سىلىمۇ بولالماي چېچىلىپ كىتىپ قېلىپ ،تېرىۋالغىلى ئادەم چىقماي قالمىسۇن يەنە؟-، مەن ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئارتۇقچەبىر نەرسە دىمىدىم. لېكىن،ئەسەر ۋەقەلىكى ۋە راۋاجى توغرىسىدا كىچىككىنە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىكەندەك بولدۇم. ۋە ژورنالىنى ئېلىپلا قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدىم .باشتا «مەن»نىڭ پىچاق سوراپ كىرگەن يەرلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم،ھەم بۇ بىچارىنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچىلىك غەيرەتكە كەلگەنلكىگە تولىمۇ ھەيران بولدۇم.ئاندىن نەچچە يىل بويتاق ياشىغان ئەخمەق بۇرۇنراق مۇشۇنچىلىك غەيرەتكە كەلگەن بولسىچۇ دەپ ،ئۇنى ئاز-تولا تىللاپمۇ قويدۇم.راسىت دېگەندەك، ئاخرىقى باسقۇچلارغا كەلگەندە يۈرۈگىم سېلىپ،كۆڭلىم پاراكەندە بولۇشقا باشلىدى.داۋامىنى كىچىككىنە توختىۋېلىپ زورۇقۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم.بۇچاغدا يۈرۈگۈم بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.بىراق كۆڭلۈم يەنىلا پاراكەندە.مەن ئويلىنىپ قالدىم.بۇ ئەسەردە پاجىئەدىن كۆرە كومدىيلىك تۈس بىر ئاز قويۇق ئىدى.باش پىرسۇناژىمىز بولغان  «مەن»مۇ ئارتۇقچە كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىمىدى. ھىكايىدە بۇلاردىن باشقا زىغىرلاپ تەسۋىرلەنگەن ۋە ياكى ئەسەر دىققەت مەركىزىنى   ئىشغال قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بىرىلگەن  ئۆزگە پىسۇناژ ياكى ۋەقەلىك جاريانلىرىمۇ يوق.ئۇنداقتا خىزمەتدېشىم بىلەن مەندە پەيدا بولغان بۇ خىل ھالەتنى نىمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟
      ھەممىمىزگە مەلۇم،لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «دورا»نامىلىق ھېكايىسىدە بىر ئاشكارە،بىر يوشۇرۇن ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. ئەسەردە باشتىن- ئاخرى ئاشكارە ۋەقەنىڭ داۋرىڭى چىقىپ تۇرىدۇ.لېكىن ئۇنى ئوقۇغا كىشىنىڭ دىققىتى ئىختىيارسىزلا ئەسەردىكى يۇشۇرۇن ۋەقەلىك(يۈيئەر پاجىئەسى)گە مەركەزلىشىپ قالىدۇ.ھەتتا پىرسۇناژلار تەھلىلىدىمۇ بىز ئىختىيارسىز «ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى يۈيئەر»دەپ ھۆكۈم قىلىۋىتىمىز... «دورا» ھىكايىسىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى مانا مۇشۇ يەردە.خوش ئۇنداق بولسا بىز يۇقىرىدا قەيىت قىلىۋاتقان«سەۋدا» ھىكايىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغانمۇ – يوق؟مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئەسلىدە خىزمەتدېشىم بىلەن ئىككىمىزنى بىئارام قىلىپ،يۈرۈگىمىزنى سالدۇرۇپ قەلىپ قەسىرىمىزنى تۇل خۇتۇننىڭ قازنىقىدەك قالايمىقان خىياللار قوينىغا بەنىت قىلغان دەل مۇشۇ خىل ھالەت ئىكەن.ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە باشتىن – ئاخىرى «مەن»دىن ئىبارەت بۇ سالتاڭ پىرسۇناژ توغرىسىدا توختالغىنى بىلەن،يۇشۇرۇن ۋەقەلىك سۈپىتىدە غىل – پاللا ئەكىس ئەتتۈرىلىپ قويۇلغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ھېلىقى دېرىكتۇر  غوجامنىڭ پاجىئەسى ئەنە شۇنداق خاراكتېرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھىكايىدە ئاشكارە ھالدا تەسۋىرلىنىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان لېكىن يوشۇرۇنلىقى ۋە جەميىتىمىزدىكى ئومۇمىيلىقى بىلەن نۇرغۇن تىراگىدىيلەرنىڭ پىلتىسى سۈپىتىدە رول ئېلىپ كىلىۋاتقان يەنە بىر ۋەقەلىك بار،ئۇ بولسىمۇ «مەن»نىڭ تۇل ئايال خوشنىسى(ئايتۇنخان)نىڭ پاجىئەسى.
     بىز ئەسەرنى يومۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ھېسسىيات  ئىچىدە تولىمۇ تەستە ئوقۇپ تاماملايمىز.ھەم كۆڭلىمىزنى«مەن»نىڭ قىزى بىلەن ساق- سالامەت كۆرۈشكەنلىكى بەدىلىگە بىزدە پەيدا بولغان خۇرسەنلىك ھىسسىياتى بىلەن تىنىچلاندۇرىمىز.بىراق بۇ تىنىچلىنىش ئارىسىغا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بەنەپ دېرىكتۇر،تۇل خۇتۇن ئايتۇنخان، سالتاڭ ئەر قاتارلىقلارنىڭ ئاچچىق پاجىئەسى يۇشۇرۇنغان.دىمەك: ئاپتۇرئەشۇ كومدىيلىك تۈس ئالغان كىچىككىنە ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە تۇرمۇشىمىزدا بار بولغان، بۇلغانما كىملىك مەنبەلىرىدىن بولغان نۇرغۇن زىدىىيەت ۋە ئاچچىق تىراگىدىيلەرنى يۇغۇرۇپ ئۆزىنىڭ يىتىلگەن بەدئىي ماھارىتىنى نامايەن قىلغان.
           فىرانسىيە پىروزىچىلىقىدىكى پىشىۋا،دۇنيا ھىكايىچىلىقنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان مۇپاسساننى ھەممىمىز بىلىمىز.بۇ بلىشنى ئاپتۇرغا قارىغاندا ئەسىرىنى پىششىق بىلىش دىسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن.چۈنكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۇنىڭ ھاياتى،ئىجادى پائالىيىتى... قاتارلىقلارغا قارىغاندا ئەسەرلىرى ۋە پىرسۇناژلىرى ھەققىدە كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگىبىز،مەسىلەن ئالساق:«مارجان»دىكى ماتېلدا،«تاغام ژىيۇل»دىكى ژىيۇل،«دونداق»تىكى پاھىشەئايال(دونداق)...قاتارلىق پىرسۇناژلار بىزگە خېلىدىن بېرى تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم مۇپاسسان ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى سىيۇژىت يىشىمنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن  ئىبارەت مۇشۇ نوقتىدا گەۋدىلىك ئەكىس ئىتىدۇ.بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇۋاتقانداپىرسۇناژلار تەقدىرى ۋە ئەسەر ۋەقەلىك راۋاجى ئۈستىدە ئۆز تەپەككۇرىمىز ۋە قىياسلىرىمىزغا ئاساسەن جۈزئى ھۆكۈم چىقىرىپ بولىمىز(خۇددى ھىندىستاننىڭ ئەخلەت فىلىملىرىنى تولا كۆرۈپ كۆزلىرىنىڭ نۇرى قالمايۋاتقان ئەخمەقسىمان تاماششىبىنلىرىمىز فىلىم باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ھەقتە ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ بولغان،ئەسەر داۋامىمۇ شۇ ھۆكۈمگە دەل چۈشكەن.مانا بۇ ئوخشاشلىقتىن يۈكسەك دەرىجىدىكى تەپەككۇر مەنمەنچىلىكىگە تويۇنۇپ ئۆزىدە ئاQ لارچە روھى غالىبىيەت بىخلىرىنى كۆكلەتكەن نۇرغۇنلىرىمىز، ئەنە شۇنداق چاكىنا ۋە تۆۋەن سەۋيىلىك فىلىملەرگە بېشىمىز بىلەنلا كىرىپ كەتكەندەك).بىراق ئۇ ھۆكۈمىمىز پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقىدۇ.بۇ خاتا چىقىش بىزنىڭ ئەسەر يىشىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ھېس قىلغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى بەربات قىلىۋىتىپ،بىر تەرەپتىن سىز- بىزنى ھەيران قالدۇرسا،يەنە بىر تەرەپتىن بۇھەقتە يېڭىۋاشتىن پىىر يۈرگۈزىشكە قىستايدۇ.مانا بۇ نوقتا- مۇپاسسان ھېكايىلىرىدىكى بەدىئي مۇۋاپىقىيەتتۇر. ئابدۇناسىر يونۇس (ياۋايى) بۇ ئەسىرىدە مانا شۇنداق بەدىئىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.
     زۇلپقار بارات(ئۆزباش) ئاچچىق ئۆكسىنىشلەر ۋە يۈرەك ياشلىرى بىلەن تويۇنغان يازمىلىرىدا «بۇلغانما كىملىك ھادىسىسى »ئۈستىدە توختىلىپ ئۇنى،مىللەت گەۋدىسىنى چىرىتكۈچى،پارازىت قۇرۇتلار ۋە يۇقۇملۇق ۋېرۇسلار جۈملىسىگە يىغىنچاقلاپ جەميىتىمىز ۋە كىشىلىرىمىز ئارىسىدا بۇنداق بۇلغۇنۇشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ بۇ كۈچىيىش بەدىلىگە مىللەت ئومۇمىي توپىنىڭ«ياغلىق قاپاق»قا ئايلىنىش مۇساپىسىنىڭ تولىمۇ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى،بۇ «ئىلگىرلەش»نىڭ ماھىيەتتە ئىنسانىيەت ئەخلاق ئالىمىدىكى يوقتۇشلار بىلەن خاتىمىلىنىدىغانلىقىنى،بۇ يوقۇتۇشنىڭ ئاقىۋەتتە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر مەيدان«توپان بالاسى»تېرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.ئابدۇناسىر يونۇس(ياۋايى)نىڭ بۇ ئەسرىدە بىرىلگەن ھادىسىلەر ۋە تەپسىلاتلار ئارىسىغا  مۈكتۈرىلگەن پاجىئەلەرمۇ نۆۋەتتە تېزلىك بىلەن يامراپ نورمال تۇرمۇش رىتىمىمىزنى قالايمىقان قىلىش بەدىلىگە بەخىتلىك تۇرمۇشنى ۋەيران قىلىش ، ئاخىرىدائىنسانىيەت ھالاكىتىنى  تېزلىتىش رولىنى ئويناۋاتقان سىز ھەم بىزنى سەسكەندۈرىدىغان ۋەقەلىكلەردۇر.بىز بۇ ۋەقەلىكتىكى سىتودىنىت قىزنى،دېرىكتۇرنى، تۇل ئايالنى  كىشلىك ئالىمىدىكى «ساختا سەۋدالار»دىيىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق.ئۇلار ئەگەر ھەقىقىي سەۋدالاردىن بولسا ئىدى،قورسىقىنى توقلاش ۋە قارارگاھىنى نىشانلاشتىن ئۆزگە ئىشلاربىلەن مەشغۇل بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ سەۋدالار نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ قان ياشلىق ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ ئۇۋىسىنى ياسىدى،ھاياتلىق يولىغا ئورا كولىدى. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى بۇنداق قىلمىشلار يالغۇز سادىر قىلغۇچىسى بىلەنلا خاتىمىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ۋە ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تارتىپ بولالمىغۇدەك ئاچچىق دەرت- ھەسرەت،پىغانلىق خاتىرىلەرنى بەخشەندە قىلىدۇ. كىشىلىك شەرمى – ھايانى ، ئەدەب – ئەخلاقىنى قايرىپ قويۇپ  سېسىق تىنىنى بۇلغاپ،  ئىپپەت  ھايانكەشلىكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان  سىتودىنت قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئېيتايلى:ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى  نۇرغۇن ئۈمۈد ۋە ئارزۇنىڭ شولىلىرى- قىزىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى بەدىلىگە ئېغىر ئازاپ ھەم ئاچچىق كۆز ياشلىرىغا غەرىق بولدى. ھېلىقى دېرىكتۇرمۇ ئىللىق ئائىلە مۇھىتىنى مۇدھىش شىۋىرغاننىڭ قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن ۋەيران قىلىپ تۈگەشتۈرۋەتتى.تۇل ئايال(ئايتۇنخان) بولسا «مەن»گە ئوخشاش رايىش، سالتاڭ، ئەرلىرىمىزنىڭ ۋە ياكى ئۆز بېغىدىكى پۇراقلىق ئەتىرگۈللەرنى چەيلەپ تۇرۇپ، ئۆزگە جايلاردىكى ھەشىقپىچەككە ئىنتىلىدىغان، نائەھلى ، تۇزكور« ئەر»لىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا باستۇرۇپ كىرىپ نۇرغۇن تىراگىدىيىلەرنى  پەيدا قىلىدىغان ياكى قىلىشقا ھازىر تۇرغان«ئادىمىي شەيتان»لارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.مانا بۇ بايانلار ئاپتۇرنىڭ پىشقان  بەدئىي دىتىنى  بەدەل قىلىپ ئەسەر سىيۇژىتىغا تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرلۇپ ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن.
ئاپتۇر ئەسىرىدە ئون نەچچە يىل يالغۇز سالتاڭ ياشىغان بىر ئەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇۋاتقان كۆرنۈش ۋە قىلمىشلارغا قارىتا ۋۇجۇدىدا قۇتراۋاتقان ئەسەبىي ھېسسىيات ۋە ئەرلىك شولىلىرىنى تولىمۇ تەبئىي ۋە ئىنسان تەبئىتى ياتلىمايدىغان ھالەتتە ئىخچام،قىزىقارلىق ھەم قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يېقىشلىق سۈرەتلەپ بەرگەن.بىز ئەسەر داۋامىدا «مەن» گە نىسبەتەن باشتىن- ئاخرى ھېسىداشلىق قىلىش مەيدانى بويچە مۇئامىلە قىلىمىز.ئۇنىڭ تۇل ئايالغا تۇتقان پوزىتسىيسى، كۈن- كۈنلەپ خەقنىڭ دېرىزىسىگە تەلمۈرۈشى ، ھەتتا پىچاق سوراپ  ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىكىشى...گە ئوخشاش قىلمىشلىرىغا ئەپۇ نەزىرىمىز بىلەن قارايمىز.ئۇنى ئەيىپلەپمۇ ئولتۇرمايمىز ، بۇ خىل ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىدا ، ئاپتۇرنىڭ پىرسۇناژ ئۆزلىكىنى نامايەن قىلىشتىكى بەدئى ئۇسۇلى ۋە تاللىغان يولى بىزنى قايىل قلىدۇ.ئاپتۇرنىڭ ئەسەردىكى قىلمىش- ئەتمىشلەرگە نىسبەتەن قانداق قارايدىغانلىقىنى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ قانات يېيىش جەريانىدىن ئۇچرىتىش قىيىن.گەرچە ئۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ« بۇ قىلىمىش خاتا،بۇ توغرا» دەپ ئىپادە بىلدۈرمىگەن ۋە ياكى بۇ جەريانلارغا ئۆزىنىڭ ھېسداشلىق ياكى نەپرەتلىك كۆز قاراشلىرىنى سىڭدۈرمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئەسەرنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئەسەردىكى«باش جىنايەتچىلەر»گە نەپرەت ئوقۇيدۇ. ھېكايىدە ئاپتۇر تولىمۇ سىپايىلىك بىلەن«ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى»مەزگىلىدىكى ئامىرىكىغا ئوخشاش «بىتەرەپ»مەيدانىدا تۇرغاندەك سىزىلىدۇ،بۇ خىل ھالەتتىن بىزمۇ ھەم بىنۇرماللىق ھېس قىلمايمىز.لېكىن ئاپتۇرنىڭ بۇ خۇسۇسىدىكى دۇنيا ۋە قىممەت قارىشىنى بىز«سىتودېنت خېنىم ۋە دېرىكتۇر غوجام »لار پاجىئەسىدىن تولۇق ئايرىۋاشلىيالايمىز خالاس.ئۇ ئىككى «مېتە قۇرۇت»لار ئاپتۇرنىڭ قەلىم ئاستىدا ئەسلى خالى بىنادا ئۆزلىرى بىلگەنچە ھالەتتە سەۋدالىقىنى داۋام قىلىۋەرسىمۇ بولاتتى.لېكىن ئاپتۇر ئۇلارغا بىر نەچچە قېتىمىلق پۇرسەتىنى چىقىرىپلا ئارقىدىن ئاچچىق ساۋاق ۋە ئېغىر پاجىئەنى بەخشەندە قىلىپ بەردى.مانابۇ نوقتىدىنلا بىز  ئاپتۇرنىڭ جەميىتىمىزدىكى بۇخىل ئىللەت ۋە «سەۋدالار» غا نىسبەتەن قانداق قاراش ۋە تونۇشتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز. «مەن»تۇل خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى كىرگەندە ئۇ ئايالنىڭ قىسمەن غىلجىڭلىقلىرى ۋە ئائىلىسى، تېلۋېزۇر... قاتارلىقلاردىكى شەھۋانى مۇھىت ئۇنى ھېسسىيات جەھەتتە خېلى قايمۇقتۇرىدۇ لېكىن ئېزىقتۇرالمايدۇ. بۇ ئېزىقماسلىقنىڭ ئۆزىلا ئاپتۇرنىڭ مەيدانى،غەلبىسى ۋە ئەسەرنىڭ شان- شۆھرىتى.ئون نەچچە يىل يالغۇز ئۆتكەن بىر ئەركەك بۇ چاغدا ئېزىپ قالسىمۇ بىزنىڭ ئەپۇ ۋە سەۋرى خىياللىرىمىز ئۇنى ئاقلاشقا ھامان يىتىپ ئاشاتتى.بىراق ئاپتۇر بۇ تەپسىلاتلاردا كىشلىك ئەخلاق ۋە شەرمى ھايانىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىماي تۇرۇپ، ئەسەردە ئۆزگىچە بىر روھى ھالەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇنداق تەسۋىرلەش ئارىسىغا يەنە ئۇستىلىق بىلەن ئارىمىزدىكى «تۇل ئايال» ۋە«سالتاڭ ئەر»لەرنى تۈرلىك ئاقىۋەت ۋە «سەۋدايى» قىلمىشلاردىن ھوشيار بولۇپ ،ئېسىل ئەخلاق  ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆملىك، ئىناقلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ پۇختا ئاساسىنى تىكلەپ، ياشاشقا چاقىرىق قىلغان، «سەۋدا»ھېكايىسىنىڭ  يەنەبىر قىممىتى دەل  مۇشۇ نوقتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارىمىزدىكى ئەنە شۇنداق«سەۋدا»لار كوچىسىدا ئوڭ- تەتۈر سەيىر قىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئاگاھ بىشارىتى ۋە ئۈندەشنى تەقدىم قىلساق،ئىككىنچى قەدەمدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھارماس قەلەم،سۇلماس ئىرادە بىلەن ئىجادىيەت دالاسىدا ئات چېپىپ،بىزنى تالاي تاتلىق مېۋىلىرى ۋە «شەربەت»لىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ،قەلىپ تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ياش مەسئۇلىيەتچان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ  بىر بولغان:ئابدۇناسىر يونۇس(ياۋايى)نىڭ ئىجاديىتىگە  ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغاخاتىرجەملىك تىلەيمىز.
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )