قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 674|ئىنكاس: 2

ئامانەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

5687

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 1701
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-2 14:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشبۇ مۇنبەردە سۇھەيل ئىسىملىك ئاپتور «ئامانەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت» ناملىق تېمىنى يوللاپتۇ. تېمىدا ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئىبارەت «ئامانەت»نى ياخشى ساقلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بىر ئېسىل ئىدىيە ياخشى ئەكس ئېتىپتۇ. مەن مۇشۇ تېمىدىن ئىلھام ئېلىپ «ئامانەت» ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى تېما سۈپىتىدە شەرھلەپ باقاي. باغداشلىقلار بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى كەڭ- كۇشادە ئوتتۇرىغا قويسا، بەلكىم بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالۇرمىز.   

ئەلۋەتتە «ئامانەت» ھەققىدە ھەر خىل كىشىلەر ھەر خىل سۆزلەيدۇ. چۈنكى، ھەممە ئادەم «ئامانەت»نىڭ قىممىتىنى مۇكەممەل بىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما ھەممە ئادەم ئامانەتنىڭ قىممىتىنى بىلمىكى زۆرۈر.  دەستۇرۇل كىتابلاردا ھەر قانداق بىر شەيئى- ھادىساتلارنىڭ بىر تەرىپى ئامانەت ۋە دىيانەتكە،  يەنە بىر تەرىپى خىيانەت ۋە جىنايەتكە باغلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلاردا ۋىجدان ۋە ئەخلاق  بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ھەمدە «ئامانەت بارلىق ياخشى سۈپەتلەرنىڭ تۈۋرۈكى، دىيانەت بارلىق ياخشى خۇي- ئەخلاقلارنىڭ يىلتىزى» («ئەخلاق دەستۇرى»دىن) دەپ يېزىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئامانەتكە خىيانەت قىلماق نامەرتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ بىراۋنىڭ يەنە بىراۋنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرغان نەرسىسىنى ـــ بىراۋنىڭ يەنە بىراۋغا بولغان ئىشەنچسىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە رولىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى يىتتۈرۈپ قويماي، بۇزۇپمۇ قويماي ئۆز پېتى ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ بولمىسا ئۇ «ئامانەت» بولماي قېلىپ، ساقلىغۇچىنى «خىيانەتچى»گە ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ھالبۇكى ئامانەت مەرت- مەردانە، بىلىملىك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كىشىلەرنىڭ قولىدا تامامەن ئامانەت تۇرسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز، تەجرىبىسىز، بىپەرۋا، نامەرت، ھاڭۋاقتى ئادەملەرنىڭ قولىدا تامامەن ئامانەت تۇرۇشى ناتايىن؛ چۈنكى مۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ خاملىقى ۋە بىپەرۋالىقى، ساپاسىزلىقى ۋە نامەرتلىكى تۈپەيلىدىن ئامانەتنى زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئامانەتنىڭ قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ ئامانەت ئامان ساقلانسۇن ياكى زەخمەتكە ئۇچرىسۇن، ئۆز ئىگىسىگە ئەينەن قايتۇرۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ساقلىنىشى قىممەتلىك ئەمەس، بەلكى تاپشۇرۇلۇش، ئۆز پېتى ساقلىنىش ۋە قايتۇرۇلۇش جەريانى ھەممىدىن قىممەتلىك، ئۇ مۇشۇ قىممىتى بىلەن «ئامانەت» دېيىلىدۇ؛ شۇڭا ئامانەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئۇنى جەزمەن ساپساق ساقلىشى، ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئەخلاقىي قىممىتىنى جۇلا قىلىشى شەرت، بولمىسا ئۇ خىيانەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەلۋەتتە ئامانەتنى ياخشى ساقلىغانلار ئادىمىيلىككە ــــ ئىشەنچلىككە، دوستلۇققا ۋە ئۈلپەتكە يارايدىغان سۆيۈملۈك كىشىلەر سۈپىتىدە ھەممىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ ساپاسى ئۇنىڭ ئامانەتكە دىيانەت كۆرسەتمىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ؛ ئامانەتنى قوبۇل قىلغانلار مەيلى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ زىممىسىگە ياخشى ساقلاش ۋە ۋاقتىدا قايتۇرۇش يۈكسەك مەسئۇلىيىتى يۈكلىنىدۇ. ھەر قانچە دانا ۋە باي- باياشات ئادەم بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئامانەتنى ساپساق ساقلىمىسىلا ۋە قايتۇرمىسىلا ئۇنىڭ «دانا»لىقى ۋە «باي- باياشات»لىقى كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ جاھاندا ئۇنىڭدەك نامەرت ۋە دوزىخىي بولمايدۇ. دېمەك، ئامانەتنىڭ قىممىتى يۇقىرى، ئىززىتى نۇرانە، ھۆرمىتى چەكسىز؛ ئۇ ئەقىل- پاراسەتنىڭ سوۋغىسى، دىيانەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ سەمەرىسى، ئىشەنچ ۋە ئىخلاسنىڭ باغرى، ئادىمىيلىك ۋە ئېتىقادنىڭ تۇغى؛ ئۇ قەلبنى قەلبكە، بۈگۈننى ئەتىگە، ئەتىنى ئۆگۈنگە تۇتاشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى. ئۇنىڭ يۈكسەك پەللىسى ئىشەنچتۇر، جەريانى مەسئۇلىيەتتۇر، نەتىجىسى مەرتلىكتۇر، ھىممىتى دانالىقتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ تىلنى غۇرۇرلۇق ۋە مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىنىڭ قولىدىكى ئامانەتكە ئوخشاتقۇم كېلىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىل مىللەت تەرىپىدىن يازغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەتتۇر. شۇ سەۋەبلىك يازغۇچىنىڭ تىلنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بەكمۇ ئېغىردۇر ھەم بەكمۇ شەرەپلىكتۇر. ئەگەر ئۇ تىلغا ۋەتەن چېگرىسىنى قوغداۋاتقان ئەسكەردەك سادىق بولمايدىكەن، تىلنى كىتاب بەتلىرىدە تۇلپار كەبى پەرۋاز قىلدۇرمايدىكەن، تىلنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى يېتەرلىك نامايان قىلمايدىكەن، تىلدىن ئىبارەت بۇ ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە جۇلالىق پېتى قايتۇرمايدىكەن ئۇ لاياقەتلىك يازغۇچى بولالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە شۇ تىلنىڭ ئامانەتكارلىق ئەركانىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن تىلنى ياخشى قوللىنىش ۋە جىلۋە قىلىشنىڭ يازغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە مۇنداق مەسئۇلىيەت يازغۇچىنىڭ سۆزلەرنى ئەستايىدىل تاللاش، تۈرلەش، قوللىنىش، سۆزلەردىن پاساھەتلىك جۈملىلەرنى تۈزۈش، مۇنەۋۋەر جۈملە ئارقىلىق تىلنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈمىنى يارىتىش- ئاشۇرۇش، جۈملىلەردىن ئابزاسلارنى قۇراشتۇرۇش، ئۇلارنى بىر- بىرىگە مەنتىقىلىق پار كەلتۈرۈش، ئابزاسلاردىن دېتاللارنى، دېتاللاردىن ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ماھارىتىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە يازغۇچىلار سۆزلىسە ياكى يازسا، سۆزلىگىنىنى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىشىنى، ئاڭلىغاندىمۇ قىزىقىپ ئاڭلىشىنى، يازغانلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈشىنى، كۆرگەندىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇ ئىجادىيەت ئۈستىدە ئەڭ مۇۋاپىق سۆزلەرنى تاللاپ، ئۇنى ئۇيان- بۇيان، نېرى- بېرى ئۆرۈپ- چۆرۈپ مارجان تىزغاندەك تىزىپ، ئەڭ يېقىشلىق جۈملىلەرنى تۈزۈپ، پىكىر- خىيالىنى ئېنىق ۋە توغرا ئىپادىلەشكە ھەم بارلىق ئاماللار بىلەن تىلنى بېزەپ، ئۇنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئوبرازچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، جەزىبىدارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ.     

بىلىشىمىز كېرەككى، ئەمگەك تىلنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسى، تىل بولسا تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى ۋە تاشقى پوستى، تەپەككۇر قانداق بولسا تىلمۇ شۇنداق ئىپادىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئاپتورنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر ۋە پۇختا بولسا، جۈملىلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا پاساھەتلىك تۈزۈلىدۇ، تەپەككۇرى ئاددىي ۋە چېچىلاڭغۇ بولسا جۈملىلىرىمۇ ئەلۋەتتە چۇۋالچاق ۋە تۇتۇق بولىدۇ. ئادەتتە بىرەر قەلەمكەشنىڭ ئوبزورچىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىدا مەسىلە يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قەلەمكەشلەر ئەسەرلىرىمىزنىڭ، ئىنكاس يازىدىغان تورداشلار بولسا ئىنكاسلىرىمىزنىڭ تىلىغا پۇختا ئىشلەيلى، تىل ئىشلىتىش سەۋىيەمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى، «باغداش»تەك باغرى كەڭ مۇنبىرىمىزنى تىلى راۋان يازمىلار بىلەن تەمىنلەيلى!  

تىل ـــ تەپەككۇر، تىل ـــ كىملىك، تىل ـــ مىللەت، تىل ـــ ئىناۋەت، تىل ـــ ھەممە.

تىل ـــ تەلەپچان ۋە مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىلارنىڭ قولىغا مىللەت تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان قىممىتى چەكسىز ئامانەت. ئاھ، مېنى مەھلىيا قىلغان ئەتلەستەك پاساھەتلىك جۈملە!
bagdax
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83625
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-5 14:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ قولىدا خېلى قۇۋۋەت باركەن، تېخىمۇ يېتىشىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )