- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشىر ( 1780 - يىلىدىن 1813 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) . چيەنلۇڭنىڭ 45 - يىلى ( 1780 - يىلى ) 11 - ئايدا ئىسھاقنىڭ چوڭ ئوغلى ئەردىشىر ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ .
چيەنلۇڭنىڭ 46 - يىلى ( 1781 - يىلى ) 1 - ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئەل بولغانلىقىنى ۋە ھەربىي جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ، ئۇ يەرلەردە << ۋاڭلىق ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قېلىش >> نى رەسمىي تەستىقلايدۇ .
بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغان ، ۋەزىيەت مۇقىملاشقانىدى . جايلاردىكى ۋاڭ - گۇڭلار نۆۋەت بىلەن پايتەختكە بېرىپ ، خاننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى . ئەردىشىر چيەنلۇڭنىڭ 55 - يىلى ( 1790 - يىلى ) ، چيەنلۇڭنىڭ 60 - يىلى ( 1795- يىلى ) ، جياچىڭنىڭ 7 - يىلى ( 1802 - يىلى ) ، جياچىڭنىڭ 14- يىلى ( 1809 - يىلى ) بولۇپ تۆت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئەردىشىرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىقتىن ، رېنزۇڭ خان ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم زىياپەتلەردە بىللە بولۇپ ، كۆڭۈل ئاچىدۇ . بۇ ، زىيارەتكە بارغان باشقا ۋاڭ - گۇڭ ئاقسۆڭەكلەر ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان ئالاھىدە شان - شەرەپ ئىدى .
جياچىڭنىڭ 18 - يىلى ( 1813 - يىلى ) 2 - ئايدا ئەردىشىر قازا تاپىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى دەپنە قىلىشقا 300 سەر تەڭگە بېرىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|