- تىزىملاتقان
- 2011-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18143
- نادىر
- 0
- يازما
- 853
ئۆسۈش
20.36%
|
سىز نىمە مەقسەتتە بۇ مۇئەللەق تاشنىڭ ساختىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىپ قالدىڭىز ؟؟... ، بارلىق مۇسۇلمانلارنى قانداق قىلسۇن ، نىمىنى بىلسۇن دىمەكچى ؟؟ .........كۆپ ئىزدىنىپسىز ، بىراق سىزنىڭ ھەر بىر سۆزىڭىزدىن كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى ، سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس ، چۇنكى بىز ئالدى بىلەن ئىمانىمىزغا ئاندىن كۆزىمىزگە ئىشىنىمىز ! بولسا سىز ئاللاھنىڭ ئاشۇنداق تېخىمۇ مۇقەددەس زىمىنلىرىدىكى نۇرغۇن مۆجىزىلىرىنى بىر - بىردىن كۆرۇپ كېلىڭ !! قانچىلىكى راست ، قانچىلىكى ساختا ؟ ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارغا سۆزلەۋاتقان « يەنە بىر ساخـتا مۆجىزە ... » دىگەندەك سۆزلىرىڭىز ئۇستىدە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىسىز ! ............................
سىز يالغان دەۋاتقان ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە قانچىلىك ۋەزىنگە توختايدىغانلىقىنى ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتقان ئوخشايسىز . بولۇپمۇ بىزنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە ، ئەتىگە ئۈمىد بىلەن قارىيالايدىغان بولىشىمىزدا ، ۋۇجۇدىمىزدىكى بىرلىك - ئىتتىپاقلىقنىڭ ، ئادىمىي - ئېتىقاتنىڭ قايتىدىن كۆتۇرۇلىشىدە ئالاھىدە رول ئويناۋاتقان قۇدرەتلىك كۇچنىڭ نىمىلىكىنى پەقەت ھېس قىلمىغاندەك ، ھېس قىلىشنى خالىمىغان ئوخشايسىز . نىمە دەيسىز !! ... ھېس قىلغىنىم ئۇچۇن ، مۇسۇلمانلارنى ئالدانمىسۇن دەپ ئېنىقلاۋاتىمەن - دەڭ ! ....ئەلۋەتتە ، سىز ئويلىغاندەك ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ساختىلىق قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ بولمىسا كېرەك ! لېكىن ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئاللاھ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى بەرگۇسى ! ...
سىزگە قىلىدىغان ئىشلار تېخى نۇرغۇن . بولسا ئۆز - ئۆزىمىزنىڭ سۇنغان ، ھالسىرىغان مىللىي ئەخلاقىمىز ، كۇنسېرى سۇسلىشىپ يوقىلىۋاتقان ئېتىقادىمىز ھەققىدە ئىزدىنىڭ ! توغرا بولغان ، گۇزەل بولغان ئاللاھنىڭ نۇرانە يوللىرىنى چۇشىنىشكە تىرىشىڭ ! كۆز ئالدىمىزدا نۇرغۇن پاكىت ، مۆجىزىلەر تاغدەك دۆۋىلنىپ تۇرسىمۇ ، كىشىلىرىمىزنىڭ زادى نىمە سەۋەبتىن گۇمانى نەزەر بىلەن ئۆز ئېتىقادىغا شەك كەلتۇرۇپ يۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ، زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىڭ !!
يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى ، ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى مۆجىزىلىرى توغرىسىدا ھەر بىرىمىز ئۆز ئىمانىمىز ، ئېتىقادىمىز بىلەنلا توغرا قارار چىقىرالايمىز ، بۇنىڭغا ھېچبىر شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ ھەر قانداق يەكۇنلىرى بىلەن ياردەم بېرىمەن دەپ ئەخمەقلىق قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق !! |
|