ئاپتۇردىن:
بۇئەسلى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى "بىئولۇگىيىلىك شەكىل نەزەريىسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسلىرى"ماۋزۇسىدا يېزىش پىلانغان تېما ئىدى.مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ فىزىكا قىسمىغا ئالاقىدار ئىشلار بىلەن بەنىت بولۇپ يېتىشىپ بولالماي شۇ پېتى قالدۇرۇپ قويۇلغان.ھازىر ئويلىغىدەك بولسام قەپقالسا قەپقېلىۋەرگىدەك.شۇڭا بۇ پىلان خارەكتىرلىك تېمىنى بۇ يەرگە يوللاپ چامىمنىڭ ۋە پۇرسىتىمنىڭ يېتىشىچە بىر ئىش قىلغاچ تۇراي دېدىم.ھازىر مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۇنسىرى مەيدانغان كېلىۋاتقان يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى،مىكرۇ دۇنيانى كۆزۆتۈشتىكى تېخنىكىلىق كەشپىياتلار بىزنى ھاياتلىق ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ تەساۋۋۇر پۇرسىتى ۋە يېڭى قوراللار بىلەن تەمىنلىمەكتە.بىز بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىپلا قالماي،ئۇلار ئاساسىدا تەپەككۈر يۆرگۆزۈۈپ،ھاياتلىققا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن نەزەر تاشلىساق تامامەن بولىدۇ،دەپ ئويلايمەن.
مەن خۇددى فىزىكىدا مەخسۇس كەسىپ ئىگىسى بولمىغىنىمدەك بىئولوگىيىدىمۇ مەخسۇس كەسىپ ئىگىسى ئەمەس.مىنىڭ بارۇ-يوقى قورالىم پەلسەپە ۋە لوگىكىلىق تەپەككۆر.مىنىڭ يازمىلىرىمدا ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۆلىشى،ھەتتا پىرىنسىپال خاتالىقلاربولىشى مۆمكىن.شۇڭا كەسىپ ئىگىسى ئۇستازلارنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۆپ پىكىر-تەكىلىپلەرنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
يەنە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى،ساغلام بولمىغان مۇددىئا بىلەن تېمىغا ئالاقىسى ۋە زۆرۆرىيىتى بولمىغان،ئىنكاس يازدىغانلار قارشى ئېلىنمايدۇ.تېما ۋە ئىنكاسلارغا دىنى مەۋقەدە تۇرۇپ ئاساسسىز باھا بېرىپ ماجرا قوزغايدىغان تورداشلارنىڭ سەبىر ۋە سۈكۈت قىلىشىنى ئۈمت قىلىمەن.چۈنكى مەنمۇ ئىككى مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز گەپ-سۆزلىرىمنىڭ ھېساۋىنى ئۆزەم بېرىمەن ۋە ئۆزەمنى دىنى ساۋاتلاردىن قىلچە خەۋەرسىز دەپ ھېساپلىمايمەن.
بىئولۇگىيىلىك شەكىل نەزەريىسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسلىرى
قاسىم سىدىق
كىرىش سۆز
سەۋەپ نەتىجە كاتىگۇرىيسىگە ئىشىنىدىغانلار ئالەمنى بىر پۆتۆن ئورگانىك گەۋدە،ئۇنىڭ تەركىپلىگۈچىلىرى بىر-بىرىنى شەرىت قىلىدۇ ۋە تەسىر كۈرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.نۇۋەتتىكى ئىلم- پەن چەكسىز سەۋەپ -نەتىجە زەنجىرىنىڭ مەۋجۈت ئەمەسىلىگىنى ئۇمۇمەن ئىتراپ قىلىدۇ.مەن مەيلى تەبىئەت دۇنياسىغا مەنسۆپ بولمىغان ئىدىيەلىرىمدە ياكى تەبىئەت پەنلىرىگە ئالاقىدار ئىدىيەلىرىمدە بولسۇن سەۋەپ- نەتىجە كاتىگۇريىسىگە ۋە سەۋەپ -نەتىجە زەنجىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىگىگە مايىل بولۇپ كەلدىم.بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار،ئۇ بولسىمۇ ،مەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى دەۋرىلىكنىڭ چەكسىزلىگىگە ئىشىنمەن،لىكىن بۇ ھەرگىز كىلاسسىك گىئومىتىرىيەدىكى ئاتالمىش«چەكسىز تۈز سىزىق»تىپىدىكى چەكسىزلىك ئەمەس،ئەكسىچە ئوخشاش بىر جەرياننىڭ چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن ھالدا تەكرار يۆز بىرىشىدىن ئىبارەت.لىكىن ئۇلارنىڭ يىغىندىسى يەنىلا چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.
بۇ ئىدىيەلەرنى تېخىمۇ يارقىن چۈشەندۆرۈشتە بىز مۇۋاپىق ئاتالغۇنى قوللانمىغاندەك قىلىمىز.«ئىزچىل»دىگەن بۇ ئاتالغۇنى «چەكسىز»دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا قويساق دەۋرى ئالەمنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ رۇشەن ئەكىس ئەتتۈرسە كېرەك.
نۇۋەتتىكى بىئۇلوگىيە ھاياتلىقنى مۇقىم بولغان ماددا ۋە ئىنىرگىيە ئالماشتۇرۇش جەريانى،غىدىغلىنىشقا ئىنكاس قايتۇرىدىغان،ئۆز-ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغان يېرىم ئوچۇق ماددى سىستىما دەپ چۈشەندۈرىدۇ.بۇ مەنىدىن قارىغاندا ھاياتلىق يىگانە ھادىسە بولماي بىر پۈتۈن تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشكەن ھادىسىدىن ئىبارەت.باشقىچە ئىتقاندا ھاياتلىق غەيرى ھاياتلىق دۇنياسىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.
تېخىمۇ كەسكىنرەك ئىتقاندا ھاياتلىقسىز ئالەمنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ،لىكىن غەيرى ھاياتلىق دۇنياسى بولمىغان ئەھۋالدىكى ھاياتلىقنى تەساۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ھاياتلىقسەۋەپ-نەتىجە زەنجىرىدە سەۋەپ ئەمەس بەلكى نەتىجە سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.يۇقۇرقىلارنى كۆزدە تۇتقاندا،«ھاياتلىقنىڭ سىرى»نى نۇقول ھاياتلىق ئۆزىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ سىرنىڭ ھاياتلىق دۇنياسى بىلەن غەيرى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىغى ئىنىق.
مەن بۇ تېما ئاستىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىلىرىدىن چىقىپ ۋە مىتوتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاياتلىق ھادىسىسى ھەققىدە پەلسەپە-لوگىكىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى.كەسىپ ئىگىلىرى خالىسا تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۈپ،تەكلىپ-پىكىرلەر بەرسە قارشى ئالىمەن.تۇۋەندە توختىلىدىغان نۇقتىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە خاتىرلەپ قويدۇم.بۇ تىزىملىك قىسقىراپ كېتىشىمۇ ،يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلىشىمۇ ,تېما بۆ رەت تەرتىۋىدە يېزىلماسلىغىمۇ مۆمكىن.ئىشقىلىپ «قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ».
ئىزدىنىدىغان نۇقتىلار:
1.«فىزىكىلىق شەكىل»ئۇقۇمنىڭ بىئولوگىيىلىك شەكىل نەزەريىسىدىكى ئورنى ۋەتولۇقلىمىلار
2.شەكىل ۋە تۆزۆلۈش
3.شەكىل ۋە ئىرسىيەت
4.ئالەملىك ئىرسىيەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى
5.تەقلىدچىلىك،ۋارىسلىق،ئىجادىلىق
6.ئىرسىيەت ئۇقۇمى ۋە ئىنىرتسىيە ئۇقۇملىرىدىكى ئورتاقلىقلار،خاسلىقلار
7.تەرەققىيات(ئىۋولۇتسىيە) ۋە ئىرسېلىكنىڭ دىئالىكتىك بىرلىگى
8.سىفرال ھەركەت شەكلى ۋە سىفرال تۆزۆلۈش
9.سۈيۆقلۇق تەركىپلىك سىفرال تۈزۈلۆش
10.ھۆجەيرە خۇسۇسىيىتى بىلەن سۈيۈقلۆقلار خۇسۇسىيىتىدىكى ئورتاقلىقلار
11.دارۋىن ، مېندىل،لامارىك...
12.ھاياتلىقنىڭ ئوبىكتىپ شەرىتلىرى
13.سىتىخىيىلىك جەريانلار
14.بىئو مىخانىزىملار ۋە ئۇلارنىڭ مىكرۇ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ ھەركەت شەكىلى
15.بىئو كىۋانىتلار
16.تاشقى ئالەمدىكى ھاياتلىق
17.ھاياتلىق پەسلى ۋە ھاياتلىق بەلۋىغى
18.ئىلاستىكىلىق ۋە ھاياتلىق
19.سۈنئى ھاياتلىق ۋە قانۇنىيەت
20.سۈنئى ھاياتلىق مەسىلىسىدىكى دىنى،ئەخلاقى چەكلىملەر ۋە ئىمكانىيەتلەر
22.ھۆجەيرە ۋە ئۇنىڭ تەركىلىپگۆچىلىرىنىڭ ماسسىسى،ھەجىمى بىلەن ھەركەت شەكلى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت _«مۇتلەق ھەجىم»،«كۆرۆنمە ھەجىم». «قاپلاش» ئۇقۇملىرىنى ھاياتلىققا تەدبىقلاش
21.ۋە باشقىلار
ھازىرقى زامان بىئولۇگىيىسىدە«ھاياتلىق»نىڭ ئىنىقلىمىسى
ماتىرياللاردىن قارىغاندا ھازىرغىچە ھاياتلىققا مۇكەممەل،مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىنىقلىما بېرىلگىنى يوق. ھاياتلىقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىنقلىمىسنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
ھاياتلىق _ ئىچكى مۇۋازىنەتكە ،مىتافۇلىزىم ئىقتىدارىغا،ھۈجەيرە تۈزۈلۆشىگە،ئۆسۆپ يىتىلىش جەريانىغا،كۆپىيىش ئىقتىدارىغا،تەسىرگە بولغان ئىنكاسقا،مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدە.
يۇقۇرقىچە ئىنقىلىما بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن چەكلىمىلىككە ئىگە دەپ قارالغان.چۈنكى بەزى جانلىقلار كۆپىيەلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى يۇق،يىتىلمگەن ياكى بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.مەسىلەن ئىشچى ھەرە،ئىشچى چۈمۈلە،قىچىر قاتارلىقلار.لىكىن ئۇلار يەنىلا ھاياتلىق شەكلى.
بەزىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۆتۇپ ھاياتلىقنىڭ تۆپ ئالاھىدىلىكى ئىرسىلىكىدە ،شۇڭا،كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمىغان بۇنداق ئورگانىك گەۋدىلەر ئوخشاشلا ھاياتلىققا ئىگە،ئۇلار تۇرداشلارئارا تاللىنىش مىخانىزىمى ئارقىلىق يېڭى يەككىلىكنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇدىگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.
بەزىلەر،ۋىروس،پىرىئون(ئۆزىنى نۇسخىلىيالايدىغان ئاقسىل) قاتارلىقلارنى ھاياتلىق كاتىگۇرىيىسىگە مەنسۈپ ئەمەس دەپ قارايدۇ.بۇنداق قاراشنىڭ سەۋەبى،ئۇلار ھۈجەيرىگە ئەمەس.ۋىروسنى بېۋاستە ھاياتلىق شەكلى دەپ قارىماي،ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ بىر تۆرى دەپ قارايدىغان ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك.
سىتوئارىت كائۇفمان
باشقا تەبىرلەر
1.ھاياتلىق - ئۆزىنى تەشكىللىيەلەيدىغان،ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق قىلىدىغان سىتىما ئالاھىدىلىگە ئىگە،ئۇ ،ئۆشتۆمتۇت ئۆزگىرىدىغان توپلارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
2.ھاياتلىق - شەكىللىنىشى پەرىقلىق ،مۇرەككەپ ئۆگىرىشچانلىققا ئىگەبولغان جانلىقلا كوللىكتىۋى بولۇپ،ماددا ۋە ئىنىرگىيە ئارقىلىق مۇكەممەلىككە قاراپ نۇسخىلىنىدىغان يەككىلىك.
يۇقۇرقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،ھاياتلىق ھازىرغىچە مۇكەممەل ئىنىقلىمىغا ئىگە بولغان رىياللىق ئەمەس.يۇقۇرقى ئىنىقلىمىلار ئىچىدە سىتوئارىت كائۇفماننىڭ ئىنىقلىمىسى بىر ئازئىخچام ۋە ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك كۆرىنىدۇ.لىكىن چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلساق بۇ ئىنىقلىمىدىمۇ بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ بارلىغىنى بايقايمىز.ھىدروگىن ئاتومىنى مەلۇم مەنىدە،مەلۆم شەرتلەر ئاستىدا كائوپفماننىڭ يۇقۇرقىچە ئىنىقلىمىسىنى قانائەتلەندۈرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.قارىغاندا ھاياتلىققا ئىنىقلىما بېرىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
داۋامى ئىنكاس قەۋەتلىرىدە داۋاملىق يېزىلىدۇ ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ.
«باغداش مۇنبىرى» گە 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللاندى
|