قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1700|ئىنكاس: 0

قازاقىستان جۇمھۇرىيتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 12:07:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى Republic of Kazakhstan پايتەختى ئاستانا شەھىرى، شەھەر نوپۇسى 507 مىڭ بىر يۇز (2002 يىل دىكابردىكى مەلۇمات). 1991-يىلى 16-دېكابر مۇستەقىل بولغان. جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى: يەر مەيدانى2مىلىيۇن 717مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. جايلاشقان ئورنى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ، غەربى كاسپىي دېڭىزى، شەرقى جوڭگۇ، شىمالى روسسىيە، جەنۇبى ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. كوپ قىسىم يەرلىرى تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بولۇپ، قاقاس ۋە يېرىم قاقاس يەرلەر زېمىنىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ
.
   كۆللىرى كۆپ بولۇپ 48 مىڭ ئەتراپىدا، بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراقلىرىدىن كاسپىي دېڭىزى، ئارال دېڭىزى، بالقاش ۋە زايسان كۆللىرى قاتارلىقلار بار. مۇزلۇقلار 1500 گە يەتىدۇ. نوپۇسى: قازاقىستاننىڭ 2008-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 15مىليون 340 مىڭ .
     قازاقىستان كوپ مىللەتلىك دۆلەت، 131 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان، ئاساسلىقى قازاقلار 59.2% ، رۇسلار 25.6%، ئۇكرائىنلار 2.9%، ئۇزبەك 2.9%، ، ئۇيغۇر 1.6%، تاتار 1.5%، گېرمان 1.4%، باشقىلار 4.9% بار. قازاق، ئۇيغۇر، تاتار قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا، روس، ئوكرائىن ، بېلوروسلار پراۋىسلاۋىيە دىنىغا، نېمىسلار پروتىستانت دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. قازاق تىلى -- دۆلەت تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقە تىلى. قىسقىچە تارىخى: قازاقىستان زىمىنى مىلادىدىن ئىلگىرى كانكىيو خانلىقى ۋە ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان. 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئەسىرگىچە كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. 9-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئوغۇز خاندانلىقى ۋە قاراخانىلار خاندانلىقىغا تەۋە بولغان.

    11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە قارا ھىتايلار (قىتانلار) ۋە مۇڭغۇل-تاتارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى قازاق خانلىقى قۇرۇلۇپ 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قازاق مىللىتى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن تېررىتورىيىسى روسىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچراپ بېسىۋېلىنغان. 1917-يىلى نويابىردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ 1920-يىلى 26-ئاۋغۇست روسىيە فىدىراتسىيىسىگە تەۋە قىرغىز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1925-يىلى 19-ئاپرىل نامى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1936-يىلى 5 دېكابر نامى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، دەپ بېكىتىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش
جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالغان
.
    1991-يىلى 10 دېكابر نامى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئۆزگەرتىلىپ، شۇ يىلى 16-دېكابر كۈنى قاراشسىزلىق (مۇستەقىللىك) جاكارلىغان. قازاقىستان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېغىر سانائەت بازىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى ياخشى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى يىللاردا گەرچە تېخنىكىلىق رۇس ۋە نېمىسلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ ئىقتىسادى ئازراق چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما خەلقارادا نېفىت ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ قازاقىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى يىلىغا 10% ئەتراپىدا ئىزچىل ئۆرلىدى. قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 20%، سانائەت ئاھالىسى 30%، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 50%نى ئىگەللەيدۇ. قازاقىستاننىڭ 2008-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 141مىليارت ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۇل بىرلىكى12000دوللار بولدى. قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەڭگە. 2002-يىلى 153تەڭگە بىر دوللار، 2004-يىلى 136 تەڭگە بىر دوللار، 2006-يىلى 126تەڭگە بىر دوللار، 2008-يىلى 120تەڭگە بىر دوللار بولدى.
    2008-يىلى قازاقىستاندا مۇقىم تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 3مىليۇن237مىڭ، يان تېلپون ئىشلەتكۈچىسى 12مىليۇن588مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بىر مىلىيۇن 901مىڭ بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )