قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1410|ئىنكاس: 3

2011 - نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

1545

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  689
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 387
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011 - نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى



سىمۋولىزىم ۋە سۇررىئالىزىم شائىرى توماس ترانسترۆمېر
شى چىنئې   تاھىرجان ئەركىن تەرجىمىسى


[align=justify]
            2011 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ جاكارلىغۇچىسى، شىۋېتسىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلار باش كاتىپى پېتېر ئېنگلۇند 2011 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ 80 ياشلىق شىۋىتسىيە شائىرى توماس ترانسترۆمېر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇ بىزنى رىئاللىققا تۇتاشقان يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ ھېلىمۇ ھەم ھايات ياشاۋاتقان شائىرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقلىرىنىڭ بىرى». بۇ باش كاتىپ ترانسترۆمېرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولغاندىكى ئەھۋال ئۈستىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە ئۇ بەكلا ھەيران قالدى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان چېغىمدا، ئۇ مۇزىكا ئاڭلاۋېتىپتىكەن» دېدى.
توماس ترانسترۆمېر ھەقىقەتەن ھەيران بولغانىدى، ھەم خۇشالمۇ بولغانىدى. ئۇ 1993 – يىلى تۇنجى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئىسمى ئاتالغاندىن بۇيان، ھەر يىلى دېگۈدەك ئاتىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇ كۈننى كۈتكىنىگە 20 يىلمۇ بولاي دەپ قالدى. ئۇ ۋە ئايالى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش يىللارنى كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش بىلەن ئۆتكۈزدى. پېتېر ئېنگلۇند ئۇنىڭغا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا ئۇ ئوچۇق قىلىپ: «مېنىڭچە بەك ياخشى بوپتۇ» دېدى. ترانسترۆمېرنىڭ خانىمى مونىكا: «بىز بەكلا ھەيران قالدۇق» دېدى. شۇ كۈنى چۈشتە ئەر – ئايال ئىككەيلەن تاماق يەۋاتاتتى، شۇ چاغقىچە ھېچكىمدىن تېلېفونمۇ كەلمىگەنىدى. مونىكا «بۇ يىلمۇ بىزگە تەگمىگەن ئوخشايدۇ، بۇمۇ ياخشى بولغىنى» دەپ تۇرىشىغا ئېنگلۇندتىن تېلېفون كەلدى. خەۋەر ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغانىدى. مۇخبىرلار، فوتوگرافلار مۇخبىرنىڭ تۇرار جايىغا سەلدەك كىرىپ كەلگىلى تۇردى. بىر كورپۇستا ئولتۇرۇشلۇق قوشنىلىرىمۇ شائىرنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن ئۆز تۇرالغۇلىرىدىن بىر – بىرلەپ چىقىشتى. ترانسترۆمېر شىۋىتسىيەنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سەككىزىنچى يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىۋىتسىيەلىك يازغۇچىلار ئېيۋىند جونسون(1900 – 1976) بىلەن خاررى مارتىنسون(1904 – 1978) بولۇپ، ئۇلار 1974 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا بىرلىكتە نائىل بولغان. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر شىۋىتسىيە يازغۇچىسىنىڭ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى، شىۋىتسىيەلىكلەرنى خۇشال قىلدى ۋە پەخىرلەندۈردى. شىۋىتسىيە باش ۋەزىرى فرېدرىك رېينفېلت ئالاھىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن توماس ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم ۋە پەخىرلەندىم» دېدى. ئۇ يەنە ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكىلەرنىڭ شىۋىت ئەدەبىياتىغا يەنىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى. شىۋىتسىيە ئاگنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شىۋىتسىيە مەدەنىيەت ۋەزىرى لېنا لىلىروسنى ئىزدەپ تاپقىنىدا ئۇ جەنۇبىي قىسىمدا مەدەنىيەتنى قوغداش توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتاتتى. ئۇ: «بەك ياخشى تاللاش بوپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل» دېدى. ئۇ مۇخبىرغا: «بىزنىڭ بۇ مەدەنىيەت يىغىنىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى ترانسترۆمېرنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بولدى. بۇ يىل باھاردا ئۇنى ۋە خانىمىنى يوقلاپ بارغىنىمدا، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى سوۋغا قىلغانىدى. شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىشقا ئانچە ماھىر ئەمەسمەن، بىراق ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئېغىزغا ئېلىش ئاسان» دېدى.
ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى شىۋىتسىيە بونىر نەشرىياتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا يېتىپ كەلگەندە پۈتۈن بىنا قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ نەشرىيات 20 نەچچە يىلدىن بېرى ترانسترۆمېرنىڭ شېئىر توپلاملىرىنى ئىزچىل نەشر قىلىپ كېلىۋاتاتتى. نەشرىيات سودىگىرى ئېۋا بونېر: «ئۇ بىر ئۇلۇغ شائىر، ئۇ ئاخىرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بەك ياخشى بولدى» دېدى. مەزكۇر نەشرىياتنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جوناس ئاكسارسون قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرالماي «بەك قالتىس بولدى، گويا چۈشۈمدىكىدەكلا» دېدى. لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسى نىكلاس شېرلې ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەپ «مەن كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم» دېدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن «سىز راستىنلا يىغلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «شۇنداق، مەن يىغلىدىم، ئۇنىڭ شېئىرىنى تەتقىق قىلۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، مەن يەنە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىن دوستى» دېدى.
ياۋرۇپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گېزىتلەر مۇكاپات ئېلان قىلىنغان كۈنى چۈشتىن كېيىن بەس - بەستە بۇ توغرۇلۇق باھا ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە «گىۋاردىيان» گېزىتىنىڭ ئەدەبىي ئوبزۇرچىسى «توماس ترانسترۆمېر كۆپچىلىكنىڭ كۈتكىنىدەك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشقا تېگىشلىك يازغۇچى» دېدى. نورۋىگىيە «پوچتا كەچلىكى»نىڭ خەۋىرىدە «ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. ئۇ ئاللىقاچان شىۋىتسىيە چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئۇنىڭ شېئېرلىرىنى ئوقۇماقتا. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىشىگە كۈچلۈك تەسۋىرىي كۈچ ۋە بەدىئىي زوق بەخش ئېتىدۇ» دىيىلدى. دانىيە «جىللاند پوچتا گېزىتى»نىڭ باياناتىدا «كۆپىنچە كىشىلەر ترانسترۆمېرنى شىۋىتسىيەنىڭ بىر مۇھىم شائىرى دەپ قارىشىدۇ» دىيىلدى. فرانسىيەنىڭ فىگارو گېزىتىدە «شىۋىتسىيە شائىرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى» دېگەن چوڭ ماۋزۇلۇق خەۋەر بېرىلدى. خەۋەر يازغان مۇخبىر گەرچە ئىلگىرى ترانسترۆمېرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، «بۇ خەۋەر بىز فىرانسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، بىراق شىۋىتسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس، توماس ترانسترۆمېر شىۋىتسىيەنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيەت تارىخىغا ئىگە داڭلىق يازغۇچىسى» دېدى. ئىككىنچى كۈنى ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى»دە توماس ترانسترۆمېر توغرىسىدىكى زىيارەت خەۋىرى بېرىلدى. گېرمانىيەنىڭ «فرانىكفورت يوللانمىسى»دا «ترانسترۆمېر يېڭىچە ئىستىئارەنىڭ ئىجادچىسى، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەرنى ئېچىپ بەردى» دىيىلدى. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ئىنساننىڭ سىرلىق تەرەپلىرى توغرىسىدىكى سيۇپىررىئالىزىملىق ئەسەرلەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بۇ ساھىبىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سىكاندىناۋىيەدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان» دىيىلدى. مىكسىكىنىڭ «ئالەم گېزىتى»دە «بۇ يىلقى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۆز ئۆيىدە قالدى» دەپ يېزىلدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك گېزىتلەرنىڭ باھالىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياۋرۇپا بولۇپمۇ شىمالىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. قالغان دۆلەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئادەتتىكىچە بولغان. فرانسىيە مۇخبىرى ھەتتا ترانسترۆمېرنىڭ نامىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. دۆلىتىمىزدىكى ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. 6 – ئۆكتەبىر كەچتە ترانسترۆمېرنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى سىرتقا تارقىلىشى بىلەن تاراتقۇدىكىلەر مەندىن بۇ شىۋىتسىيە يازغۇچىسىنى سۈرۈشتە قىلغىلى تۇردى. بەزىلەر ھەتتا «يېقىنقى يىللاردىن بېرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان يازغۇچىلارغا بېرىلىۋاتىدۇ، بىراق ئۇلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، تېزلىكتە يېڭى بىر ئەدەبىيات مەبۇدىغا ئايلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى. شىۋىت تىلى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپداشلارمۇ بۇ يازغۇچىنى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بىلىشىمچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدىلا ترانسترۆمېر جوڭگۇدا تونۇشتۇرۇلغان. بەلكى، دۆلىتىمىزدىكى شائىرلارغا خېلىلا تونۇشلۇق. 1984 – يىلى مەن شىنجىننىڭ «ئالاھىدە رايون ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىۋىت ئەدەبىياتىدىن تاللانما»نى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىچىدە ترانسترۆمېرنىڭ «متروغا چىقىش» ناملىق شېئىرى بار ئىدى. بۇ شېئىرنى مەن شىۋىتچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغان ئىدىم. بۇنى يازغۇچىنى دۆلىتىمىزگە تۇنۇشتۇرغان ئەڭ بۇرۇنقى يازمىلارنىڭ بىرى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىسلاندىيەنىڭ «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1984 – يىللىق 4 – سانىدىكى «تاش بوياق» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان ترانسترۆمېرنىڭ «ئالتە پارچە شېئىر»ى بىلەن ۋاقىت جەھەتتە ئوخشاش. كېيىن شاڭخەي، بېيجىڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىكى بىر نەچچە ژورناللاردىمۇ ئۇنىڭ بىۋاسىتە شىۋىتچىدىن، ياكى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بىر مۇنچە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. بىراق، بىر قەدەر تارقاق بولغانلىقتىن كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىگەنىدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن لى لى تۇنجى بولۇپ «ترانسترۆمېر شېئىرلىرى توپلىمى»(2001)نى نەشردىن چىقاردى، ئۇنىڭدىن كېيىن دوڭ جىپىڭنىڭ «ترانسترۆمېر شېئىرلىرىدىن تاللانما»(2003)سى نەشردىن چىقتى. بۇ تەرجىمە ئەسەرلەر ترانسترۆمېرنى جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بارلىققا كەلگەن «گۇڭگا شېئىر» ئۇسلۇبىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. ترانسترۆمېرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن شائىرلار ناھايىتى خۇش بولدى، چۈنكى ئۇلارغا شائىر تولىمۇ تونۇشلۇق. بەزىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن چاغلىرىنى ، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغاندىكى تۇيغۇسىنى ئەسلەشتى. «دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە پىراففىسسور سۈي ۋېيپىڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «جۇڭگودىكى شائىرلار بىر خىل غەلىبە تۇيغۇسىغا چۆمدى» دىيىلدى. ئۆزىگە تونۇشلۇق كىشىنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خوشال بولۇشنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. شېئىر ئانچە بەك ئالقىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان، بەلكى چېكىنىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان چاغدا بىر شائىرنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولىشىنى شائىرلارغا بېرىلگەن ئەڭ زور رىغبەت دىيىشكە بولىدۇ. توماس ترانسترۆمېر يالغۇز ئۆز دۆلىتى شىۋىتسىيەدىلا داڭلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەردىمۇ نام – ئاتىقى بار شائىر. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ شېئىرلىرى 60 خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ 1931 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان ۋە شۇ جايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. دادىسى تەھرىر، ئاپىسى ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇپ، 1956 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى مەزكۇر مەكتەپتە پىسخولوگىيە كەسپىدىن دەرس بەرگەن. كېيىن بىر بالىلارنى ئۆزگەرتىش، تەربىيەلەش ئورنىدا پىسخولوگىيە دوختۇرى بولغان. ئۇ 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 23 يېشىدا تۇنجى شېئىر توپلىمى «17 شېئىر»(1954) نەشردىن چىقىپ، ئەينى چاغدىكى شىۋىتسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە زىلزىلە قوزغىغان. كېيىن ئۇ ئارقا - ئارقىدىن «يولدىكى مەخپىيەت»(1958)، «كەمتۈك ئاسمان»(1962)، «قاراڭغۇلۇقنى كۆرگەندە»(1970)، «ھەقىقەت تۇسۇقى»(1978)، «ياۋايى مەيدان»(1983)، «ھاياتلار ۋە ئۆلۈكلەر ئۈچۈن»(1989)، «گوندۇرادىكى ھەسرەت»(1996)، «تۈرمە»(2001)، «غايەت سىرلار»(2004) قاتارلىق 10 نەچچە شېئىر توپلىمىنى نەشىردىن چىقاردى. ئۇ يەنە ئاۋتوبىيوگرافىك ئەسىرى «ئەستىلىكلەر»(1993) ۋە ئامېرىكىلىق شائىر روبىرت بىلاي بىلەن بولغان خەت – چەكلىرىنى «خەتلەر 1964 ـــ 1990»دېگەن نامدا نەشردىن چىقارغان.
1990 – يىلى توماس ترانسترۆمېر تۇيۇقسىز سەكتە كېسىلى سەۋەبلىك، يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان. تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىمۇ يوقىتىپ، پەقەت «توغرا»، «ئوبدان» دېگەندەك ئاددىي سۆزلەرنىلا قىلالايدىغان بولۇپ قالغان. بىراق، ئۇ يەنىلا زېرەك ئىدى، ئىزچىل شېئىر يېزىشتىن توختىمىغانىدى. سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە پەقەت شېئىر يېزىش سۈرئىتىلا ئاستىلاپ قالغانىدى. ئەسرلىرىمۇ قىسقىراپ، ياپون ئۇسلۇبىدىكى «خايكو»غا ئوخشاپ قالغانىدى.
ئۇ ئىلگىرى شىۋىتسىيەنىڭ ئىچى سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مەسىلەن شىۋىتسىيە بېرمان شېئىرىيەت مۇكاپاتى(1966)، گېرمانىيە شېئىرىيەت مۇكاپاتى(1981، 1992)، ئامېرىكا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى(1990)، شىۋىتسىيە ئىنىستىتۇتى شىمالىي ياۋروپا مۇكاپاتى(1991)، شىۋىتسىيە ئاۋگۇست ئەدەبىيات مۇكاپاتى(1996)، كانادا ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى(2007) قاتارلىقلار.
شىۋىتسىيەنىڭ مودىرنىزىم شېئىرىيىتى ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. دۇنيا ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ غەربىي ياۋرۇپا ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە مودىرنىزىم شېئىرىيىتى 1910 – يىللىرى شىۋىتسىيەدە باش كۆتۈرگەن، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق يىتۈك شائىرلار ۋە داڭلىق ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا كەلگەن. 1951 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى پار لاگېركۋىست(1891 ـــ 1974) شىۋىتسىيەدىكى بۇ ئېقىمنىڭ تۇنجىسى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئەڭ ۋەكىللىك يازغۇچى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 – 40 – يىللىرى شىۋىت ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى. بۇ چاغدا سوتسىيال – دىموكراتىزىم ھەرىكىتىدە بىر تۈركۈم سوتسىيالىزىمغا مايىل پىرولىتار يازغۇچىلار مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، شىۋىت ئەدەبىياتىنى يېڭىلىققا يۈزلەندۈرگەن. شۇنداقلا بىر قانچە ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شىۋتسىيەنىڭ مودىرنىزىم ئەدەبىياتى فىرانسوز ۋە گېرمان ئەدەبىياتىغا تەقلىد قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، بۇ خىل يۈزلىنىش شېئىرىيەتتە تېخىمۇ رۇشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن ئارتور لۇندكۋىست(1906 ـــ 1991) ۋە 1974 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خاررى مارتىنسون قاتارلىقلار بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سىمۋولىزىم، سيۇپىررىئالىزىم ۋە رۇھ ئانالىزىمى شىۋىتسىيەدە ئومۇمىيۈزلۈك گۈللىنىشكە قەدەم قويدى. توماس ترانسترۆمېر دەل مۇشۇنداق چوڭ ۋەزىيەتتە بارلىققا كەلگەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا بىردىنلا كۆزگە كۆرۈنگەن ياش شائىر. ئۇ مۇنەۋۋەر مىللىي ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلغان، ئاۋانگارتلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى قۇبۇل قىلغان، ئاڭلىق قوغلۇشۇش ۋە دادىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكنى ياراتقان.
توماس ترانسترۆمېر شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى خىلمۇ – خىل، تاۋۇشلىرى جاراڭلىق، تەسۋىرلىرى ئوبرازلىق. ئۇ شېئىرلىرىدا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئانالىز قىلىپ، ئىنسان روھىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەجىمى قىسقا، مەزمۇنى تاۋلانغان، مىسرالىرى سانىۋالغۇدەكلا ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شائىر ئىماگ ۋە ئىستىئارەدىن پايدىلىنىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قۇرۇپ چىققان. شېئىرلىرىدا ئۆزى ئېيتقىنىدەك «تاۋلانغان بولۇش»، «تىلى ئاددى، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشقا قول سېلىپ، ئىستىئارەدىن پايدىلىنىپ ئىنساننىڭ پەيتلىك ئىچكى تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ماھىر. مەسىلەن ئۇنىڭ «مېتروغا چىقىش»، «72 – يىلىنىڭ دىكابىر كېچىسى» دېگەن ئىككى شېئىرى باشقا شېئىرلىرىغا ئوخشاش قىسقا ۋە تاۋلانغان. شائىر بۇ شېئىرلىرىدىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشقا قول سىلىپ، شېئىرلىرىنى «مېترو بېكىتىدە»، «كەلدىم» دېگەندەك ئىنتايىن قىسقا ۋە ئاددىي سۆزلەر بىلەن باشلىغان، ئۆزى بولسا ئۈچىنچى شەخس سالاھىيىتىدە تۇرۇپ دۇنيانى ئوبىيكتىپ ھالدا كۆزەتكەن. پەيتلىك پەيدا بولغان ئىلھام بىلەن تارىخ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان ئىچكى مەنالارنى خاتىرىلىگەن.
مىترو بىكىتىدە،
ئۆلۈكتەك قېتىپ قالغان چىراغ نۇرى.
ئېلان تاختىلىرى ئارىسىدا،
پىترايدۇ كىشىلەر توپى.

پويىز كەلدى، ئېلىپ كەتتى،
چىرايلارنى، ھۆججەت سومكىلىرىنى.

قاراڭغۇلۇق،
ئولتۇرىمىز ۋاگون ئىچىدە ھەيكەللەرسىمان.
...

پەرشنىڭ تېگىدىكى بىكەتتە،
كىشىلەر سېتىشار قاراڭغۇنىڭ ئەخبارلىرىنى.
سائەت تاختىسى ئاستىدا.
كىشىلەر پىترىشار ئازابتىن، ياتسىراشتىن.

پويىز ماڭار بىللە ئېلىپ،
چاپانلارنى، روھلارنى.
شائىر بۇ شېئىرىدا رىئال تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن ئاددىي بىلىنىدىغان نازۇك تۇيغۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى تاۋلاپ، تاسقاپ ئۆزىگە خاس بولغان ئىماگىي دۇنيانى ياراتقان. مەسىلەن، «ئولتۇرىمىز ۋاگون ئىچىدە ھەيكەللەرسىمان». بۇ ئىماگ زادى نېمىدىن دېرەك بېرەر؟ شائىر بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى سوغۇقلۇقتىن بىشارەت بېرىپ، بېسىم بىلەن تويۇنغان جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھەيكەللەردەك روھسىز، بىپەرۋا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرمەكچىمىدۇ؟ ـــ بۇ مىسرالار كىشىلەردە تۈرلۈك باغلانما تەسەۋۋۇرلارنى پەيدا قىلىدۇ. سۆز ئىشلىتىش نوقتىسىدىن ئالغاندا شائىر ئاتلىما سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە يېتەرلىك تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرغان. شېئىر مىسرالىرىدىكى مول ۋە كۆپ مەنىلىك ئىماگلار ئوقۇرمەنلەرنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا يىتەكلەيدۇ.
ترانسترۆمېرنىڭ ئىستىئارە ئىشلىتىش قابىلىيىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. ئىشلەتكەن ئىستىئارەلىرى توغرا ۋە يېڭى، ئىماگلىرى جانلىق ۋە نەپىس. ئۇنىڭ «گۇگۇل» ناملىق شېئىرىگە قاراپ باقايلى:
ئەسكى چاپاندا، روس بۆرىسىنىڭ سىياقى،
مەرمەر سۇنۇقىدا، چىراينىڭ ئەكسى
ئولتۇرىدۇ، خەت چەك دۆۋىسىدە،
كۈلكە ۋە شاۋقۇنلۇق ئورمان ئىچىدە.
ئاھ،
يۈرەك گويا بىر ۋاراق قەغەز،
ئۇچۇپ ئۆتكەن سوغۇق تونىلدىن.

شۇ پەيتتە، پېتىۋاتقان قۇياش
تۈلكىدەك غىپپىدە ئۆتەر زېمىندىن،
بىمەھەل قىزارغان چۆللۈكتىن.
توماس ترانسترۆمېر شېئىرلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا قارىتا شىۋىتسىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادىمىكى، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسسورى كيېل ئېسپمارك تولىمۇ ئەتراپلىق باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيتلىك تۇيغۇ بىلەن ئوبىيكتىپ دۇنيانى كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرگەن سېھرى مودىرنىزىمچى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوبرازلىق تىل يەنى جايىدا قوللىنىلغان يېڭى ئىستىئارە. ئۇ قايسى بىر شېئىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق يازغان:
كەلدىم،
شەكىلسىز ئىنساننىڭ سىياقىدا.
بۈگۈنكى ھايات تۇغۇندا بولغان،
ئۇلۇغ ئەسلىمىلەرنىڭ قوينىدا.
شائىر بىر كۆزەتكۈچى، يۇقىرى ھوقۇق ۋە كۈچكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ شاھىدى، ئۇ قۇرۇق قاراڭغۇلۇقنى رازۋىتكا قىلىپ، تارىخ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يوشۇرۇنغان نەمۇنىلەرنى خاتىرىلەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇ ئۆزى يوشۇرۇن تۇرۇپ، قېلىپلاشقان تەرتىپ تۈزۈم ۋە ئىنسانىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ».

4

تېما

0

دوست

4456

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6612
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1036
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇشۇ كىشى شۇ!
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇبارەك بولسۇن ، دۇنيادا بۇ مۇكاپات چۇشىنى كۇرۋاتقانلار ئازئەمەس ، ئەمما ئىرىشەلەيدىعانلار بەكمۇ ئاز .  ئۇيعۇر شائىرى دولقۇنياسىنعا نۇبىل ئالتۇن مۇكاپاتى بىرىلدى . ئەمما ھەقىقى مۇكاپاتىنڭ  نوۋىتى قاچان كىلىەر........................

مەن ھاياتىمنى قى

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6641
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 20:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىقەتەن قالتىس ھە!  بىزدىن قاچانمۇ نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى چىقار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )