- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35008
- نادىر
- 6
- يازما
- 1277
ئۆسۈش
100%
|
توخوتۇرنىڭ ھۆكۈمەتتىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى كۈتىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن .لېكىن ھۆكۈمەت يەنىلا چەكلىك دائىرىدە خىزمەت قىلالايدۇ .ھۆكۈمەت بالىلىرىمىزغا دائىم ھەمرا بولالمايدۇ .قول تىلىفۇنلارنى ھۆكۈمەت دائىم نازارەت قىلالمايدۇ .
بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى يەنىلا ئانا ۋە ئاتا .شۇڭا ئاتىلار قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن نازارەتنى كۈچەيتىشىمىز ئۇلارنىڭ ئەركىن ئازادە ،ئىجادىي ياشىشىغىمۇ مۇھىت ھازىرلاپ بىرىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ سېرىق مەدەنىيەت بىلەن ئۇچىرىشدىن ئالدىنى ئېلىشىمىز كىرەك .
1.بالىلار بىلەن تېلىۋىزور كۆرگەندە تېلىۋىزوردىن بولمىغۇر كۆرىنىشلەر چىقسا دەرھال ئالماشتۇرۋېتىشىمىز كىرەك .
2.بالىلىرىمىزغا ما قىزنى ئېپ بىرىمەن ،ئالامسەن دىگەندەك بولمىغۇر چاخچاقلارنى قىلماسلىقىمىز،بالىلار ئالدىدا چوڭلار ئەدەپلىك بولىشىمىز كىرەك .
3.بالىلارنىڭ جىنسى تۇيغۇسىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز .ئۇلار بىلەن جىقراق ھەم سۆھبەت بولۇپ ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى يۆنىلىشكە ماڭغىنىنى پەرەز قىلىشىمىز كىرەك .
4.ئۆز يېشىغا ماس كېلىدىغان جىنسى تەربىيەنى چىرايلىق رەۋىشتە ئېلىپ بىرىشىمىز كىرەك .ئەگەر ئەلتە ياشتىن ئون ياشقىچە ئۆسمۈرلىرىمىز مۇھەببەت ،نىكاھ ،جىنىس دىگەندەك نەرسىلەرگە دىققەت قىلىپ قالسا ۋە سۇئال سوراپ قالسا ئۇلارغا ئامال بار ئۇلارنىڭ لوغەت مەنىسىنى چۈشۈندۈرۈپ قويىشىمىز ۋە بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كىرەك .ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئۆسمۈرلىرىمىزگە زىنا ۋە ناشايەن مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئىسلامدا قاتتىق گۇناھ سانىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىمىز كىرەك .بالىلارغا تەربىيەنىڭ ياخشى ئۆتىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى 4 ياشتىن باشلاپ ئىسلامى تەربىيە ئېلىپ بېرىش كىرەك .
4.ئەگەر كىچىكىدە ئىسلامى تەربىيە ئېلىپ بېرىلمىغان بالىلىرىمىزدا يات جىنىسلارغا قىزىقىش .ھەتتا شەھۋانى فىلىملارنى كۆرۈش ھادىسىسى بايقالسا ئالدى بىلەن تىگىشلىك نورمال تەربىيەنى چىرايلىق رەۋىشتە قىلىشىمىز بولۇپمۇ زىنانىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىشىمىز كىرەك .ئۇلار ئارلىشىۋاتقان دوستلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز ،ئائىلىدە تەربىيە ياخشى بولمىغان بۇزۇلۇشقا ماڭغان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارىلىشىغا چەك قويىشىمىز كىرەك .
5.ئۇلارنىڭ كومپىيوتوردا زادى نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىشىمىز ،كۆرىۋاتقان تور ئادرىسلىرىنى ئارىلاپ تۇرىشىمىز كىرەك . |
|