- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19271
- نادىر
- 1
- يازما
- 805
ئۆسۈش
23.18%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ! مەن تۈنۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ مۇنداق بىر <<لايىق ئزدەش ئېلانى >> نى كۈرۈپ قالدىم . ئايالىم ئىككىمىز بۇ ئۇچۇر توغرۇلۇق بىردەم مۇزاكىرلەشكەن بولساقمۇ ، بۇ ئۇچۇرنى يوللىغۇچىنىڭ باشقا تەلەپلىرىنى توغرا چۈشەنمەي ئامال بولمىدى ، لىكىن ؛ << خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلار >> دىگەندەك بىر تەلپى ، بىزنى سەل چۈچۈتۈپ قويدى . قىسقىسى ھەممىمىز بىر مىللەتتىن تۇرۇپ ، ئەمدى نىكاھ ئىشمىزدىمۇ ئانا تىلمىزنى چەتكە قېقىپ ، باشقا تىل -يېزىقنى بىلشى كېرەكلىكنى ئالدىن شەرت قىلىپ قۇيۋېلىش سىلەرنىڭچە توغرىمۇ ؟ << خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار >> دىگەن بۇ سۆزنى تېخىمۇ چۇڭقۇرراق چۈشەنگەندە ، ئۇيغۇر يىگىتلىرنىڭ توي قىلشى ئۈچۈن چوقۇم <<قوش تىللىق >> بولمىسا بولمايدۇ دىگەندەك مەنا چىقامدۇ قانداق ؟ بۇ تورداش بىر ئۇيغۇر قىزىكەن ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزنىڭ نىكاھ ئىشىدا باشقىلارنىڭ تىل -يېزقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويۋاپتۇ-يۇ ، چىقارغان ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىدا << بىر ۋاخ >> بولسىمۇ ناماز ئۇقۇشى شەرت ، دىگەن بىر ئېغىز گەپنىڭ يوقلىقىدىن بۇ ئىشنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەي مۇنبەرداشلار بىلەن مۇشۇ مەزمۇن توغرۇلۇق ئازراق پىكىرلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ ، بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىگسى بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە ، شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ، سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلمەن . ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ؛
ئۈزى ياخشراق مۇشۇ يىل توي قىلىش نىيىتى بار ئۇغۇل لايىق ئىزدەيمەن.ئۈيى چۇقۇم ئۈرۈمچىدە بۇلۇشى كىرەك.يەنە مەكتەپتە ئۇقۇپ باقمىغانلار ئۈزىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ. تەلىپىم ئۇزى ئوڭلۇقراق ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان ياكى سودا قىلىدىغان بولسىمۇ بۇلىدۇ...ئۈزى ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر بولساماڭا بەكرەك ماس كىلىدۇ. چۈنكى مەنمۇ ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . سەمىمى ئەسكەرتىش: قۇيۇلغان شەرتنى ياخشى ئۇقۇپ قالايمىقان، خەنزۇچە بىلمەيدىغان،ساۋاتسىز، ساپاسىز، قالاق ، بىكار تەلەت ، قۇلدىن ئىش كەلمەيدىغان بىكارچىلا ، ھەم يىراق يۇرتتىكى دوستلىرىمنىڭ مىنى ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، بوي ئىگىزلىكى 172دىن يۇقىرى بۇلۇشى كېرەك. دوسلارنىڭ شەرتنى ياخشىراق ئۇقۇپ ئاندىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى ،قالايمىقان خەت يازماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن. رەھمەت....ئەگەر خالسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ.قالغان گەپنى چچىدا دىيىشەيلى.ياكى تىلفۇندا دىيىشەيلى. چ چ؛000000000000 |
|