- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
  37.9%
|
داۋگۇاڭنىڭ13 - يىلى ( 1833 - يىلى ) بېشىر بېيجىڭدىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالىدۇ ، ئەمەلدار ، ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ ، قاقتى - سوقتى قىلىدۇ . ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەت يەرلىرىنى ئېچىپ ، ئۆزىنىيڭ قىلىۋېلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ زىيىنى ھېسابىغا ئۆزىنى بېيىتىدۇ . قۇۇلدا ھۆكۈمەت قارمىقىدا ئۈچ ئورۇندىلا تېرىلغۇ يەر بولۇپ ، بۇنىڭدىن باشقا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشىر ۋاڭنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . بېشىر ۋاڭنىڭ زۇلمى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسى قۇمۇلدىكى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ بىردەك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ .
داۋگۇاڭنىڭ25- يىلى ( 1845 - يىلى ) لىن زېشۈ بۇيرۇققا بىنائەن قۇمۇلغا كېلىپ بوز يەې ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەچ ، بېشىر ۋاڭنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شەخسىي ئېچىۋالغان 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
شۇنىڭدىن كېيىن ، بېشىر ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇپ ، كۆپ قېتىم پۇرسەت ئىزدەپ خوشامەت قىلىدۇ . شيەنفېڭنىڭ 3 - يىلى ( 1853 - يىلى ) قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇن خىراجەتتىن ھېچقانداق قىسىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، بېشىر ۋاڭ ئۇلارغا ئۆزلۈكىدىن 5000 سەر تەڭگە تەقدىم قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئاخىر ۋېنزۇڭ خاننىڭ نەزەرىگە ئېرىشىدۇ . شيەنفېڭنىڭ 10 - يىلى ( 1860 - يىلى ) 1 - ئايدا ، بېشىر ۋاڭ خاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا ، ۋېنزۇڭ خان ئۇنىڭغا سۆسۈن چۇلۋۇر ئىنئام قىلىدۇ ھەمدە خان ئالدىدا مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ .
تۇڭجىنىڭ 3 - يىلى ( 1864 - يىلى ) 3 - ئايدا ، قۇمۇلدىكى خان ئامبىلى ۋېن شىياڭ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ ، ئېتىزلارنى سۇغىرىشنى يولغا قويغاندا ، بېشىر ۋاڭ پائال ئادەم كۈچى ۋە ماتىرىيال چىقىرىپ ياردەم بېرىدۇ . 8 - ئايدا تاشۋېلىق ( تالناچىن ) قاتارلىق جايلاردىكى ئېرىق - ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى پۈتىدۇ . مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلىدۇ . بۇ چاغدا ، تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابىنىڭ ۋە شەنشى ، گەنسۇدىكى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شىنجاڭدىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ . تۇڭجىنىڭ 3 - يىلى ( 1864 - يىلى ) 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قۇمۇللۇق خۇيزۇ ماجاۋچياڭ بىلەن ماخۇەن ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . نامرات ئۇيغۇر دېھقانلار بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنى ماجاۋچياڭ بىلەن 1000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى ئىنتايىن قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن قىرغىن قىلىدۇ . قالغان قوزغىلاڭچىلار تۇغلۇق ( ھازىرقى توخۇلۇ ) قا قېچىشقا مەجبور بولىدۇ . شۇ يەردە قوزغىلاڭچىلار ئاۋۋال باج چازىسىنى بۇلايدۇ ، ئاندىن تاشۋېلىققا ( تالناچىنغا ) ھۇجۇم قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ باشلىقى ماتيەنسەي ۋە ئوغلى بەختكە قارشى تۆمۈرتىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن ۋاڭ قوشۇنىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇب بولىدۇ ، چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭنى << باندىت يوقىتىش >> تا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ، سېرىق چۇلۋۇر بىلەن مۇكاپاتلاپ ، << ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ >> .
بىراق ، قوزغىلاڭ يالقۇنى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆچمەيدۇ ، ئەكسىچە ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەيۋىسى بارغانسېرى ئاشىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلنى پۇختا ساقلاش ئۈچۈن ، تۇڭجىنىڭ 4 - يىلى ( 1865 - يىلى ) بېشىر ۋاڭنى ياردەمچى ئامباللىققا تەيىنلەپ ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ . شۇ يىلى 5 - ئايدا خۇيزۇ خىي لاۋۋا ، ئۇيغۇر سۈپۈرگە يەنە ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . قوزغىلاڭچىلار ناھايتى تېزلىك بىلەن كوناشەھەرنى ئىشغال قىلىپ ، قۇمۇلنىڭ خان ئامبىلى زاكى داڭئانى ئۆلتۈرىدۇ ، ئارقىدىنلا شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ .
تۇڭجىنىڭ 5 - يىلى ( 1866 - يىلى ) 6 - ئايدا ، بارىكۆل باش بۇغى خېگۇەن بارىگاھ بېگى لىن شياڭغا لەشكەر تارتىپ قۇمۇلغا بېرىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ . قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي ، تۇرپانغا چېكىنىدۇ . لىن شياڭ شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىپ ، بېشىر ۋاڭنى قۇتقۇزىدۇ . 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سۈپۈرگە تۇرپاندىكى 4000 - 5000 خۇيزۇ ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ، قارادۆۋىنى ئىشغال قىلىدۇ . لىن شياڭ بىلەن ئوردا بېگى شاسېلىم 5000 ئەسكەر بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ ، دۆۋەجىنگە يېتىپ بارغاندا ، تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراپ ، پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولۇشقا تاس قالىدۇ . ئەتىسى بېشىر ۋاڭ فۇجۇڭ خېنىم ( ۋاڭنىڭ خوتۇنى ) مېھرىبانۇنى بارىكۆلگە ياردەم سوراشقا ئەۋەتىدۇ . بېشىر ۋاڭ كىچىك فۇجۇڭ خېنىم بىلەن بىللە 2000 دىن ئارتۇق قالدۇق ئەسكەرنى باشلاپ سۇمقاغىدا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ . كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتلارنىڭ ئايىغىدا دەسسىلىپ ئۆلىدۇ ، شاسېلىم چېپىپ تاشلىنىدۇ ، بېشىر ۋاڭ بىلەن جىيەن نەۋرىسى پازىل تەيجى ئەسىرگە چۈشىدۇ ، قوزغىلاڭچىلار شەھەر ئىچىنى قايتا ئىشغال قىلىدۇ . كېيىنچە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا تارقالغان << شاسېلىم چېپىپ تاشلاندى ، كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتقا دەسسىلىپ ئۆلدى >> دېگەن گەپلەر مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىققان . قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى سۈپۈرگە بېشىر ۋاڭنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ . ئەمما بېشىر ۋاڭ بۇنى رەت قىلىدۇ ھەم ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ . تۇڭجىنىڭ 6 - يىلى ( 1867 - يىلى ) 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ جىيەن نەۋرىسى پازىل قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ . 4 - ئايدا بارىكۆل باش بۇغى خې گۈەن بارىگاھ بېگى رۇي لىننى ئەسكەر تارتىپ قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . قوزغىلاڭچىلار ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي ، قارا دۆۋىدە مەغلۇب بولۇپ قاچىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى قۇمۇلنى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا << خوشۇت چىڭۋاڭى >> دەپ نام بېرىدۇ ھەمدە كونا شەھەردە جاساق چىڭۋاڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇشنى ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئىبادەتخانىغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈشىنى بەلگىلەيدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
|
|