قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 3

بۇغداي ۋە نان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7530
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 7
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

file:///C:/Documents%20and%20Settings/Administrator.01E79A6A521E439/桌面/timthumb.php.jpeg
بۇغداي ۋە نان
ئىنسان بالىسىنىڭ تۇنجى غىزاسى  قۇرئان كەرىمدە "ھەبە" يەنى دانچە، ئۇرۇغنى تىلغا : ئالىدۇ. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 95. ئايىتىدە دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەت  تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. دېگەن بولسا قاف سۈرىسىنىڭ 9. ئايىتىدە " كۆكتىن (بۇلۇتتىن) مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق. ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئىگىز ئۆسكەن مېۋىلەرنى، سانجاق- سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بۇغداينى ئۆگىتلىگەندىن كېيىن كېپىكىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان ھەدىسلەر بار.

بۇغداي يېزا ئىگىلىكى بىلەن شوغۇللىنىدىغان دۆلەتلەردە ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان غىزا ماددىسىدۇر. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئىلىمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ كېپەكلىك ئۇن ۋە شۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرگە بولغان تەلەپنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇغداينىڭ تېرىسى بولغان كېپەكتە يۇقىر مىقتاردا نېرۋا تۇقۇلمىسى بىلەن قان، ئۇمۇرتقىلار، چىشلار ۋە سۆڭەكلەرگە ئىھتىياجلىق بولغان كالسىي ماددىسى بولۇپ بۇغداي كېپىكىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە ۋىتامىن ب يەرلەشكەن. بۇغداينىڭ ئىچ قىسمىدا بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ يئېڭىلىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق ماددا بولغان گىلوتىن باركەن.

بۇغدايلار ھازىرقى كۈنىمىزدە زامانىۋېلاشقان فابرىكىلاردا ئۈگۈتلىنىپ ئېلغاپ ئېلىنغان ئۇنلاردا ئاران 70 پىرسەنتلىك  ئۇنلار بولۇپ چىقماقتا. بۇ ئۇنلار تۈگىمەندە تارتىلغان ئۇنلارغا قارىغاندا پىراتىن، ۋىتامىن ۋە مىنىرال جەھەتلەردىن ئىنتايىن ئاز.

نان

ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋازكېچەلمەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسى دەپ قارىلىدىغان نان نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئاساسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. نان ئۆز ئالدىغا ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن بىرگە يېيىلىدىغان ئالاھىدە بىر غىزادۇر. بۇرۇنقى ئىنسانلار ناننىڭ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئىچىدىن ئەڭ باشتا كېلىدىغان مۇبارەك نېمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نانغا" نېمەتلەرنىڭ ۋەلىيسى" ۋە " نان ئەزىز" دېگەن   ناملارنى بەرگەن. دىن تارىخىغا ئائىت بولغان ماتىرياللاردا جىبرىئىل ئەلەيھىسسلامنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ناننى قانداق پىشۇرۇشنى ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، شۇڭلاشقا بەزى ناۋايلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بۇ كەسىپنىڭ پىرى دەپ بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىۋەسسەلەمنىڭ دەۋرىدە  ياشىغان مەدىنىلىك ساھابە ئامر ئىبنى ئۇمران بولسا ئىككىنچى پىر بولۇپ قوبۇل قىلىنغان.

نان تەركىۋىدىكى كېپەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە تەركىبلىرى بىلەن كالسىي، تۈمۈر ماددىلىرىنى تولۇقلىغىچىدۇر.

زىلۋالىق مودىغا ئايلىنىپ قالغان ھازىرقى دەۋرىدە نان ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە سەمىرىتىدىغان بىر كاربونات دەپ قارىلىدىغان خاتا قاراش ئوتتۇرغا چىقتى. ھالبۇكى ناننىڭ ئۆزى ھەرگىزمۇ ئىنساننى سەمىرتمەيدۇ، بەلكى، ياغ ۋە شېكەر بىلەن بىرگە يېيىلگەندە سەمىرىتىشى مۇمكىن. ناننىڭ ھەم ئىنساننى تويغۇزىدىغان، ھەمدە خېلى كۆپ غىزالارغا قارىغاندا كالورىيەسى تۈۋەن بولۇشى جەھەتتىن ئوروغداش ئۈچۈن تاماقلاردىن چەكلىنىش رېجىمىدە يېيىلىدىغان ئوزۇقلۇق شەكىلدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى تەتقىقاتچىلار  نان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: نان سۈننى سەمىرتىش فابرىكىلىدا يېتىشتۈرۈلگەن توخۇلارنىڭ گۆشى ۋە سانائەت تېخنىكىلىرى بىلەن ياسالغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ياخشىدۇر.

ناۋادا بىز كۈندە 200 ياكى 300 گىراملىق نان يېگىنىمىزدە بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان پروتىننىڭ 20 پىرسەنتىنى، كالورىيەنىڭ 45 پىرسەنتىنى تەمىنلىيەلەيمىز. ئاق بۇغداينىڭ ئۇنۇدىن پىشۇرۇلغان ناننىڭ خېمىرى ياخشى بولدۇرۇلغان ۋە ياخشى پىشقان بولسا ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر ئەكسى تەسىرى بولمايدۇ. ئەمما ئاشقازىنىدا كېسىلى بار كىشىلەر قاتتىقراق نانلارنى يېيىشى ياخشىدۇر. چۈنكى يېڭى پىشقان، ئىسسىق نان كونىراپ قالغان قاتتىق ناندىن ئۈچ ھەسسە تەستە ھەزىم بولىدۇ.

ناننى ئاز يېيىش تەشەبۇسلىرى تارقالغىنىچە ئىنسان بەدىنىدىكى ھۇجەيرىلەرنىڭ قېرىش سۈرىتىنىڭ تىزلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئاۋارچىلىق كېلىپ چىقماقتا. بۇ ئاۋارچىلىقنى يەنىلا ناندا كۆپ مىقتاردا بار بولغان سەلەنيۇم مىنارىلىنى تولۇقلاش ئارقىلىقلا ھەل قىلىش مۇمكىن.

جاۋدار نېنى: بۇغدايغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك قېنىق رەڭلىك ۋە قاتتىقراقتۇر. ئۇنىڭ يۈرەك تۇمۇرلىنى مۇھاپىزە قىلىشتىن ئىبارەت بىر ئالاھدىلىكى بار.

 

يۇلاف نېن: ئاق ئۇنغا ئون پىرسەنت يۇلاف قوشۇلۇپ پىشىرىلىدۇ. ئىېنىرگىيە تولۇقلىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆسۈش يېشىدىكى بالىلارغا ۋە سوغۇق ھاۋادا ياشايدىغان ئىنسانلارغا نىسپەتەن پايدىلىقتۇر.

ئارپا نېنى: ئاق ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق پىشىرىلىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەت بېرىدىغان نان بولۇپ ئۇنى يېڭى يىگەندە لەززىتى تېخىمۇ زىيادە بولۇر.

كېپەك نان: كېپەك نان ئەڭ پايدىلىق ناندۇربۇغداينىڭ 14 پىرسەنتى كىپەكتىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ قىسمى ۋىتامىن، منىرال ۋە پىروۋتىن ناھايىتى مولدۇر. فابرىكىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇنلاردا بۇ قىسمى ئىلغىنىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. تۈگمەنلەردە تارتىلغان ئۇنلاردا بولسا كېپەك ئېلىۋىتىلمەي ساپ بىر بۇغداي ئۇنى قىلىنىدۇ.

بۇغداينىڭ پوستى سېلۈلىز ۋە سېلۈلىزگە ئوخشايدىغان ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز كابونھىدروتلار بار. مانا بۇ قىسمىنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلاندۇرۇش قىممىتى يوق بولۇپ، بەدەنگە سىڭدۈرۈلمەستىن سىرتقا چىقىرىۋېتىلىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن توم ئۈچەينىڭ راك ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كېپەكتە يۇقىرى مىقتاردا تېپىلىدىغان كالسىيوم فوسفات، نېرۋا مەركىزىنىڭ توقۇلمىسىنى، قان، مۇسكۇل، چىشلار ۋە سۆڭەكلەر ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان بىر كالسىيوم مىقتارىدۇر.

"ساغلىق ئوزۇقلىقى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئۆزىمىز بىر كىچىك تۇگمەن ياسايدىغان گەپمىكىن يا ، بۇرۇنقىدەك ياغۇنچاقتا يارما تارتىپ يىسەك ھەم چېنىقىمىز ھەم ئۇننى كىپىكى بىلەن قوشۇپ يىيەلەيمىز ،

ھالىدىن كەتكەن ئاشىقلارغا كىپەكتە ئاداپ چېلىپ بىرىىپ سالامەتلكىىنى ئەسلىگە كەلتۇرگەننى ئاڭلىغان ئىدىم ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

7730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 16:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخوتۇرنىڭ يوقۇرىقى رېتسىپلىرى بولىدىكەن جۇمۇ!

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 22:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نان ئەسلىدىنلا ئېسىل ھەم ئۇلۇق يېمەكلىك
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )