3.شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونىنىڭ نامى توغرىسىدا
بۇ ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى10-ئايدا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان ‹‹جۇڭگۇ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى قىسىقىچە ئوقۇشلۇقى››بىر يۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ بىرى، لى شياۋشا ئاپتورلىقىدىكى‹كۆپ خىل مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى›ناملىق كىتابچىدىن ئۈزۈپ ئېلىندى.
ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ،ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونۇم رايونى قۇرۇشى كېرەك.1955-يىلى 2-ئايدا،شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېررىتوتىيىلىك ئاپتونومىيىگە تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇلۇپ،ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونۇم رايۇن قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى ،پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونۇم رايون قۇرۇش مەسىلىسىنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىپ .شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونۇم رايونى قۇرۇشىنى ھىمايە قىلدى ،لېكىن ئاپتونۇم رايوننىڭ نامى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى ،بۇ ئاساسلىقى ‹‹شىنجاڭ››دېگەن سۆزنى ۋە‹‹ئۇيغۇر›› دېگەن نامنى قوللىنىش كېرەكمۇ ،يوق دېگەن مەسىلىگە مەركەزلەشتى .
ھەر مىللەت،ھەر ساھە زاتلىرى بىر يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،ھەر دەرىجىلىك خەلق ۋەكىللىرى يىغىنى،سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ،ۋەبىر قىسىم مەخسۇس يىغىنلاردا تولۇق مۇزاكىرە قىلىش،قايتا-قايتا غۇلغۇلا قىلىش ئارقىلىق ،تەدرىجىي ھالدا بىردەك تونۇش ھاسىل قىلدى:(1)قۇرۇلۇپ بولغان ئاپتونۇم ئوبلاست،ئاپتونۇم ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش بىلەن تەڭلا ئۇنىڭ يەر نامى ۋە مىللە نامى ئېنىق كۆرسىتىلدى،ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت ،ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانىكەنئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامى قويۇلۇشى كېرەك ،بۇ ‹‹مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى››دىكى مەزمۇنلارغا ماس كېلىدۇ.‹‹شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونى›› دەپ ئاتاش گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى باشقا مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىشىغا پايدىلىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭدا قايسى مىللەتنىڭ ئاپتونۇمىيىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.(2)‹‹ستان››سۆزى تارىختا مىللىي بۆلگۈنچىلەر توقۇپ چىققان ‹‹شەرقىي تۈركىستان››بىلەن ئاسانلا ئارلىشىپ كېتىدۇ،ئۇ پاكىستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ نامىدا قوللىنىلىدۇ،‹‹ستان››سۆزىنى قوللانغاندا كىشىلەردە مۇستەقىل دۆلەت ئوخشايدۇ،دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۇمكىن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ‹‹ستان››سۆزى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى توغرا،تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ،شىنجاڭ 13مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون،‹‹ئۇيغۇرىستان››لا دىيىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە،‹‹ستان››سۆزى جۇڭگۇنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،شۇڭا،‹‹ستان››سۆزىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.(3)گەرچە‹‹شىنجاڭ››سۆزى ‹‹قەدىمىي زېمىن يېڭىدىن تەۋە بولۇش››دېگەندىن كەلگەن بولۇپ،ئەينى چاغدا يېڭى زېمىن دىگەن مەنىنى بەرسىمۇ،لېكىن سەلبىي مەنىگە ئىگە ئەمەس؛ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹شىنجاڭ››سۆزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە جۇڭگۇ ۋە چەتئەلگە تونۇشلۇق بولۇپ بولدى،شۇڭا داۋاملىق قوللىنىۋېرىش كېرەك.(4)‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى››دېگەن نام ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ،ئۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،شىنجاڭنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تۇرغۇزىشىغا پايدىلىق .ئاخىر،جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بيورۇسى ۋە شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ،‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى››دېگەن نامنى بېكىتتى ھەمدە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىدى.①
............
بەزىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى›› دەپ قارايدۇ،بۇ،بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خاتا قاراش ،شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش داۋامىدا،مەركەز تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ياردەم ۋە ئېتىبار بېرىشى،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك،دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.1957-يىلى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جۇئېنلەي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ نامى مەسىلىسىدە مۇنداق ئېنىق بايانلارنى قىلغان:‹‹بىزنىڭ قوللانغىنىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىشا ئۇيغۇن كېلىدىغان،مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىغا پايدىلىق بولغان،مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدۇر.بىز مىللىي ئايرىمىچىلىقنى تەكىتلىمەيمىز.ئەگەر ھازىر مىللەتلەر ئايرىمىچىلىق قىلسا بولىدۇ دەپ تەكىتلىسەك جاھانگىرلار دەل ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ.گەرچە ئۇلار مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىسىمۇ،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا بولغان كاشىلىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.مەسىلەن،شىنجاڭ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان دىگەنگە ئوخشاش بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىدىن جاھانگىرلار پايدىلىنىپ كەتكەن.شۇڭا ،بىز مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغاندا ‹‹ئۇيغۇرىستان››دىگەن بۇ نامنى قوللىنىشقا قوشۇلمىغان.شىنجاڭدا بىرلا ئۇيغۇرلار بولۇپ قالماستىن،يەنە باشقا 12مىللەتمۇ بار ،بۇ 13 مىللەتنىڭ ھەممىسىگە 13ستان قۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ-دە.پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇشنى بېكىتكەندە شىنجاڭدىكى يولداشلارمۇ قوشۇلغان ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى دەپ ئاتىغاندا‹قالپاق›يەنىلا ئۇيغۇرلارغا كىيگۈزۈلدى،چۈنكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئاسالىق مىللەت بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ،باشقا مىللەتلەرمۇ بۇ ‹قالپاق›نى ئورتاق كىيىدۇ.››‹‹بۇنىڭ ئىچىدە مىللەتلەر ھەمكارلىقى دىگەن مەنە بار،بۇ مەسىلىنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك.››①
①جۇئېنلەي:‹‹ئېلىمىزنىڭ مىللىي سىياسىتىگەدائىر بىر قانچە مەسىلەتوغرىسىدا››،دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسەت تەتقىقاتئىشخانىسى تۈزگەن‹‹جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى بايانلىرى››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى،مىللەتلەر نەشرىياتى1994-يىلى نەشرى خەنزۇچە 175-بەت.
|