باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئەي، دۇنيا! مەن بەش ياشتا! (كۆرگەزمە) - [باشقــــا تۈردىكىلــەر]

    2009-05-07


    ئىلاۋە: يېقىن بىر دوستىمىزنىڭ بەش ياشقا كىرگەن بالىسى 19-ماي ئۈرۈمچىدە ئۈچ يىللىق جاپالىق ئەمگەك سەمەرىلىرىنى  كۆرگەزمە قىلماقچى ئىكەن. ئەگەر ۋاقتىڭىز چىقسا، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىڭىزگە كۆرسىتىپ كېلىڭ. ئاشۇ مېھرىبان ئانا ۋە تىرىشچان ئوغۇلغا قىلغان مەدىتىڭىز بوپ قالسۇن!  ئاشۇ ئانىنىڭ-دوستىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن بوغلان بلوگىدا، تىرىشچانلار تورىدا تەۋسىيە قىلىندى.

     

       «ئانىلار بايرىمى» ۋە «1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ،2009-يىلى5-ئاينىڭ19-،20-كۈنى(ئىككى كۈن)<شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى>كۆرگەزمە زالىدا( سەنئەت مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ سول قول تەرەپكە بۇرۇلۇپ50 مېتىردەك ماڭسىڭىز يېتىپ بارىسىز) ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شىنخۇا تارماق يەسلىسىنىڭ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىسى،بەش ياشلىق ئاتىللا ئابلىمىتنىڭ«ھەي!دۇنيا، مەن بەش ياشتا» تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.كۆرگەزمە ھەقسىز بولۇپ بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ،دوستلارنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى، پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز! كۆرگەزمە 19-ماي ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى 9.30 دا باشلىنىدۇ.

        ئاتىللا 2004-يىلى1-ئاينىڭ12-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان .ئۇ 2 يېشىدىن باشلاپ ئاپىسىنىڭ يېتەكلىشىدە رەسىمگە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ئۇنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندا، ئۆلچەملىك ماي بوياق رەخت جاھازىسىغا سىزغان80 پارچە ماي بوياق رەسىمى،120 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل سىدام سىزما، سۇ بوياق قەلەم،ماي بوياق چۇكىسىدا سىزغان رەسىملىرى سىزنىڭ كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشىڭىزغا سۇنۇلىدۇ،ۋاقىپلانغايسىز.

     

    زوقلىنىشنى بىلىشمۇ بىر مەدەنىيەتلىك ئادەمنىڭ ئىشى.ئاتا-ئانىلار، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ھەم بېرىپ قاتنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

    分享到:

    评论

  • http://uykino.bilqut.com/66_TomurPalwan/TomurPalwan.rm