باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • بىزمۇ قىلىپ باقتۇق - [تۇرمۇشۇم ۋە تەسىرات]

    2009-05-06


    ھەممە ئادەم 3-ماي بايرام قىلىپ يۈرگەندە بىزمۇ كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بازار چۆگىلەپ قالدۇق. قۇيۇق ئۇيغۇر پۇرىقىغا ئىگە، توپا-چاڭ بىلەن تولغان قايناق بازاردا تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بۇ باشتىن كىرىپ، ئاران ئۇ باشقا چىقالىدۇق، بەك كەلسە بۇ كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر كېلەر. خېلىدىن نامى بار "توقسۇن بازار" دا يەكشەنبە كۈنى بولغاچقىمۇ ياكى بايرام بولغاچقىمۇ بازاردىكى ئادەم زىيادە كۆپ ئىدى. شۇ تەرىقىدە غېرىچتىن دىگۈدەك مېڭىپ، بازارنىڭ ئۇ بېشىغا ئاران چىقتۇق، ئۇنىڭىدن-بۇنىڭدىن يىگەچ قايتار ۋاقتىمىزدا ۋىلايىتىمىز بويىچە خېلى داڭقى بار ئاۋات ناھىيە ئامبىرىدىن تۇتۇلغان بېلىقلار ئۇچراپ قالدى. ئاغىينەم بىلەن خېلىدىن بېرى سەبداشلار بىلەن بىرەر داستىخاندا بىللە بولمىغىنىمىز، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىدا كېلىپ چىققان ئازارلىقلارنى تۈگىتىۋېتىش مەقسىتىدە خېلى كۆپ بېلىق سېتىۋېلىپ، يەنە بىر شىرىكىمىز ھەم ئاغىينىمىزنىڭ ئۆيىدە ھالال سورۇن (بىلىپ-بىلمەي ھارام نەرسىلەرگە ئۇچراپ قالمىغانلا بولساق) ھازىرلاپ ئۇلارغا چاي بېرىش، شۇنداقلا ئەسلىدىكى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئىناقلىق، ئۆملۈك ۋە خوشاللىقنى تېپىۋالماقچى بولدۇق.

    شۇنداق قىلىپ دوستىمىزنىڭ ئۆيىدە مەن، يەنە ئىككى بۇرادىرىمىز ۋە ئۆي ئىگىسى دوستىمىز بىلەن بېلىقنى تازىلاشقا كىرىشىپ كېتىپتۇق. بېلىق تازىلاشمۇ خېلى قول تۇتىدىغان ئىش ئىكەن. ئىلگىرى ئاپامغا ئامباردىن بېلىق ئەكەپ بېرىپلا داستىخانغا چىققاننى يىيىشنى بىلىپ يۈرگەنىكەنمەن. بۇ قېتىم ئەزەلدىن چاي قاينىتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان (بىر ئاغىينەمغۇ ئىلگىرى ئاشخانا ئاچقان، ئەمما ئاشپەز ئەمەس، ئاساسىي جەريانلىرىغا كۆزى پىششىق ئىكەنتۇق) ئۈچىمىز، بولۇپمۇ مەن بۇ ئىشقا يېڭىدىن كىرىشىپ، دەسلەپتە سەل ئىشلىرىمىز قولاشماي قالدى. 10 نەچچە تال بېلىق بولغاچقا بارا-بارا بۇنىڭغىمۇ ئۇستا بوپ كەتتۇق. ھاھاھاھاھا.... شۇنداق قىلىپ بېلىقنى قاسرىقىنى ئېلىش، ئىچىنى تازىلاش، تامىقىنى ئېلىش (ئۆزىغۇ چوڭ نەرسەر ئەمەسكەن، نىسپىي ئۈچبۇلۇڭغا ئوخشايدىغان سۇس يېشىل نەرسە ئىكەن، پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن سەل ئورنىدىن قوزغاتساقلا چىقىپ كېتىدىكەن. بۇ نەرسىنى ئېلۋەتمىسە بېلىق تەمى يوق ياكى ناھايتىمۇ بەتتام پىشىدىكەن <بۇ ئاڭلىغان گەپ>)، كېيىن پارچىلاش دىگەندەك ئىشلارنى خېلى كۆپ ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ تۈگەتتۇق.

    بېلىقنى تازىلاشتا ئاۋال پىچاق، قىڭراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قىرلىق، بىسلىق نەرسىلەر بىلەن بېلىق قاسىرىقىنى تازىلايدىكەنمىز. ئاندىن ئىچىنى پاكىزلىدۇق. خېلى سېمىز بېلىقلارنى ئالغان ئوخشايمىز ياغلىرى خېلى كۆپ چىقتى. "پايدىلىق ئىكەن، كېيىن ئىشلىتەرسىز" دەپ ئاغىينەمگە ئېلىپ بەردۇق. ژابراسىنى ئېلىش بىلەن تامىقىنى ئېلىش سەل تەسراق توختىدى. شۇنداقتىمۇ بېلىقنى بەك پاكىز تازىلىدۇق. ئاندىن پىلان بويىچە 10 نەچچە كىلوگىرام بېلىقنىڭ بىر قىسمىنى ياغدا پىشۇرىدىغان، يېرىمىنى سۇدا پىشۇرىدىغان بولدۇق.

    بېلىقنى ياغدا پىشۇرىدىغاندا مۇنداق خۇرۇچلار كەتتى: يېرىم چىنە ئەتىراپىدا ئۇن، بىر نەچچە كىلوگىرام زىغىر يېغى (ئادەتتە بېلىق چۆككىدەك بولسا بولىدىكەن)، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، بىر نەچچە تال تۇخۇم

    ئاۋۋال ئاغىينەم ئۇننى تەييالىۋېلىپ (ئازىراق سۇ قۇيدىمۇ-قۇيمىدى بىلمىدىم)، ئاندىن تۇخۇمنى چېقىپ، چوكا بىلەن سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئارىلاشتۇردى، مۇۋاپىق (بىر نەچچە قوشۇق) تۇز قۇيغاندىن كېيىن مەن پارچىلاپ بەرگەن بېلىقنىڭ گۆشىنى ئۇ قىيامغا مىلەپ ئاندىن قىزىغان ياغقا سالدۇق، بېلىق گۆشى ياغقا چۆكسە، ياغ قىزىق بولسا بېلىق گۆشى سارغىيىپ، ئوبدان پىشىدىكەن، تۇخۇم كۆپرەك ئىشلىتىلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بېلىقنى ياغدا مۇشۇنداق پىشۇردۇق (ئەسلى رەسىمى بىلەن يوللىماقچى ئىدىم. دەسلەپ ئويلاشماپتۇق، كېيىن ئىمكان بولمىدى، بولمىسا پىشۇرغان بېلىق گۆشلىرى ئاغزىڭلارغا سېرىق سۇ كەلتۈرىۋېتەتتى-دە)، سورۇنغا كەلگەنلەر، شەخسەم ئۆزۈممۇ ئوبدانلا رازى بولدۇم، بازاردىن كىلوسىنى 30~35 يۈەندىن سېتىۋېلىپ يىگەن بېلىق كاۋىپىدىن قېلىشقۇسىز بوپتۇ). ھە-راست، ئۈستىگە سىپىيدىغان زىرىمۇ بار تېخى. زىرە بېلىقنىڭ گۆشىگە يەنە بىر ھەسسە تەم قوشىۋېتىپتۇ.

    بېلىق كاۋىپى تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن نۆۋەت بېلىقنى شورپا قىلىشقا كەلدى. قازان كىچىك بولغاچقا گاز ئوچاققا بىر قازان (ساپلىق)، توك ئوچاققا بىر قازان ئېسىپ، تەڭلا ئىش باشلىدۇق.


    ئاغىينەم ئۇستىكەن بۇ ئىشقا: ئۇ ئاۋۋال ئازىراق ياغ قۇيۇپ (بايا بېلىق پىشۇرغاندا ئىشلەتكەن ياغنى سۈزۈپ ئىككى قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا قۇيدى)، مەن ئاقلاپ، توغراپ قويغان پىيازنى بىردەم قورىدى، بىردەمدىن كېيىن شۇخۇلىنى قورىۋالدى (بۇنداق بولغاندا ئىزىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن)، ئاندىن سەل تۇرغۇزۇپ سۇ قۇيدۇق، بېلىقنى سالدۇق، مۇۋاپىق مىقداردا تۇزمۇ سېلىۋالدۇق، بېلىق 10 مىنۇتتىن كۆپرەك قاينىدى، ئاندىن پالەك، شىياۋبەسەي (يۇلغۇن لۇغىتىدە "يازلىق يېسىۋېلەك" دەيدىكەنمىز) قاتارلىقلارنى بېلىقنىڭ گۆشى بىرەر قۇر پىشىپ بولدى، دەپ قارىغاندىن كيىن تەرتىپ بويىچە سالدۇق، پالەكنى سېلىپ قايناپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن يېسىۋېلەكنى سالدۇق. ئاندىن قازان بىر قايناپ بولغاندىن كېيىن تۇزنى تەڭشىۋالدۇق. ئاخىرىدا كۆكمۇچ (ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتۇق) سالدۇق، شۇنداق قىلىپ شورپا پىشىپ قالدى. "ئاچچىق شورپىنى قىپتۇق، ئەمدى ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، چۈچۈكنى قىلمامدۇق؟" دەپ چاقچاق قىلىپ، ئىككى-ئۈچ قوشۇق ئاچچىقسۇ قويدۇق، يېرىم مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىغاندىن كېيىن، شورپا تەييار بولدى.

    شۇنداق قىلىپ، مېھمانلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تۇنجى، شۇنداقلا ئەجىرلىك ئەمگەكلىرىمىز بىلەن مېھمان قىلىپ ئۇزاتتۇق. ئاغىينىلەر بىلەن دىيىشىپ كەتتۇق: باشقا يۇرتلارغا چىقىپ تاماقتا قىينىلىپ قالساقمۇ، مۇشۇ تىرىشچانلىقىمىز بولسىلا جېنىمىزنى گۈلدەك بېقىپ كەتكۈدەكمىز....

    ھەتتىگىنەي، رەسىمى يوق بوپ قالدى-دە، ئەپۇ قىلغايسىزلەر-ھە...................


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئاشۇ پۇرۇرۇلغان بېلىق كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتتى دىسە، بىزگە قېنى؟؟(ھا ھا ھا چاقچاق)