-
ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئەر ئۆزى يالغۇز پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنگىلى كەپتۇ.
ئۇ بىر شىركەتتە ئىشلەيدىكەن، خېلى بۇرۇنلا كەسپىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇش ئۈمىدىدە يۈرىۋاتقانىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن يۇشۇرۇن رىقابەتلىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىزمەتدىشى ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقىنى سۆرەپ چىقىپ، باش لىدىر (董事长) غا بىرمۇ-بىر دوكلات قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆسۈش ئۈمىدى قارشى تەرەپنىڭ ھەسەت ۋە زەربىسى ئاستىدا ۋاقتىنچە سۇغا چىلىشىپتۇ. ئۇنىڭ تېخىمۇ قورسقىنى كۆپۈرگىنى-ئايالىنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىكى ئىكەنلىكىنى، نېرۋىسىنىڭ ھەددىن زىيادە قالايمىقانلشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دوختۇرغا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن:" ئۇنداقتا، سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا سىزنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئايال بولۇشى كېرەك، شۇنداقمۇ؟" دەپ سوراپتۇ. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپتۇ.
دوختۇر ئۇنىڭغا ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش بەرمەيلا سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ھايال بولماي قايتىپ كىرىپتۇ. قايتىپ كىرگىنىدە بولسا قولىدا ئۆچۈرگۈچ ۋە ئىككى دانە ئىلمەكلىك گىر تېشى بار ئىكەن. دوختۇر ئۇ ئەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھېلىقى ئىككى دانە گىر تېشىنى ئۆچۈرگۈچنىڭ ئۈستىگە قويۇپتۇ. گىر تاشلىرى ئېغىر بولغاچ، ئۆچۈرگۈچنى ماكچايتىپلا قويۇپتۇ. ئەگەر ئازىراقلا باسسا، ئۆچۈرگۈچنىڭ سۇنۇپ كېتىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن. بۇ چاغدا ئۇ ئەر دوختۇرنىڭ غەلىتە ھەرىكىتىگە تەئەججۈپلەنگەن ھالدا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ.دوختۇر سوراپتۇ: "ھېلىقى سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان خىزمەتدىشىڭىزنىڭ خىزمەت ئورنى ئۆستىمۇ؟"
ئۇ بېشىنى چايقاپتۇ.
دوختۇر يەنە:"ئۇنداقتا، ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىپ بېرىڭ، ئاشۇ خىزمەتدىشىڭىز توغرىسىدا دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟؟
ئۇ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ :"يېرىمى دىگۈدەك راست" دەپتۇ.
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ، "ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئۆسمەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بىر مۇنچە يېتىشسىزلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشىڭىز توغرا ئەمەسقۇ؟ ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىزنى تۈزىتىپ ماڭىدىغانلا بولسىڭىز، ئۇ سىز توغىرلىق يەنە نېمىمۇ دىيەلەر؟"دەپتۇ.ئەر دوختۇرنىڭ دىگەنلىرىنى باش لىڭىشتىپ قويۇپتۇ. دوختۇر باياتىنقى ئۆچۈرگۈچ ئۈستىگە قويغان ئىككى دانە گىر تېشىدىن بىرنى ئېلىۋېتىپتۇ، ئۆچۈرگۈچمۇ خېلى ئەسلىگە كەپتۇ. ئاندىن دوختۇر:"ئايالىڭىز سىنى ھە دىسىلا چۈشەنمەيدىكەن، ئەمما سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى جاراھەت ساقايتقىلى بولمىغۇدەك ھالغا كەپ قالدى، شۇنداقمۇ؟" دەپ سوراپتۇ.
ئەر بېشىنى چايقاپتۇ ھەمدە :"ھېسسىيات جەھەتتىن يەنە كېلىشىپ قالىمىز، ھېچبولمىغاندا ئارىمىزدا ئوماق، شوخ قىزىمىز بار ئەمەسمۇ؟" دەپتۇ.
دوختۇر:" يەنە دىسەك، سىزنى چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئايال بار. سىز ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى تېخىچە قارار قىلىپ بولالمىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟" دەپ سوراپتۇ.
بىر ھازا سۈكۈتتىن كېيىن ئەر ئاستىغىنىە باش لىڭىشتىپتۇ.
دوختۇر توساتتىنلا قاتتىق كۈلىۋېتىپتۇ ھەمدە يەنە بىر دانە گىر تېشىنىمۇ ئېلىۋېتىپتۇ ھەمدە ئەسلى ھالىتىگە كەلگەن ئۆچۈرگۈچنى ھېلىقى ئەرگە بېرىپ :"ھازىر ئەمدى سىزدە ھېچقانداق يۈك قالمىدى، يەنە ئەسلىدىكى ئىلاستىك ھالىتىڭىزگە قايتتىڭىز، سىز يەنە ئەسلىدىكى مۇكەممەل <ئۆچۈرگۈچ> شۇ" دەپتۇ.
شۇ دەقىقىلەردە ھېلىقى ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىدە بىدىنلا "ۋاللىدە" يورىغاندەك بوپتۇ. توغرا، تۇرمۇشىمىزدىكى قىممىتى يوق ئاشۇ گىر تاشلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتسەكلا، ھاياتىمىزمۇ ئەسلىدىكى ئېلاستىك ھالىتىگە قايتىدىكەنغۇ؟
مەنبە: http://bbs.8801.com/viewthread.php?tid=16631&fromuid=0
评论
داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى يوللاپ تۇرۇۋاتقان قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يازمىلارنى داۋاملىق يوللىشىم چوقۇم. قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
ھە-راست، يېقىندىن بېرى Blogspot تىكى بلوگلار ئېچىلماس بوپ قالدى، سىزنىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، سەۋەبى نېمىدۇ؟
ئېلانىڭىز چىكىلىپ كەتتى
ئۇلنىشقىمۇ قۇشۋالدىم سىزمۇ قوشۇپ قويارسىز