باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئېينىشتىين ماشىنا ئادىمى-Einstein Robot-爱因斯坦机器人 - [جاھاندىكى يېڭىلىقلار]

    2009-05-17


    ئەنگىلىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر پوچتا گېىزتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىملىرى قۇيۇق بۇرۇتى ۋە چېچى بار، شەكلى ئادەمگە ئەڭ ئوخشايدىغان "ئېينىشتىين ماشىنا ئادەم" (Einstein Robot-因斯坦机器人) ىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

    ئۇ نىسپىيلىك نەزەرىيسى دىگەندەك مۇرەككەپ نەزەرىيەلەرنى يېشىپ بېرەلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئالىملارنىڭ ماشىنا ئادەمنىڭ كەيپىيات ۋە زېھنى تەرەققىياتى تەرەپلەردىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ لايھىلىگۈچىسى "ئامېرىكا خەنسېن (Hanson) ماشىنا ئادەم شىركىتى" دىكى داۋىد.خەنسېن (David Hanson) بۇلۇپ، Hanson ئالاھىدە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق، ئېينىشتىين ماركىلىق بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تونۇيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ خىل ماشىنا ئادەم مىخانىكا قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدىكى بىر بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن.

    ئېينىشتىين ماشىنا ئادىمى 31 خىل دېتال ئاساسىدا ئادەمنىڭ بىر قىسىم چىراي ئىپادىلىرىنى ئىپادە قىلالايدىكەن

     

    داۋىد.خەنسېن (David Hanson)

    ئېينىشتىين ماشىنا ئادىمىنىڭ "ماسكا" سىنى ئېچىش  

     

    نۆۋەتتە بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ پەقەت بېشى ۋە مۆرىسىلا بولۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن 31 پارچە دېتالدىن 17 پارچىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشىپ ماسلاشقاندىلا ئېغىز ۋە كۆزنىڭ ئەتىراپىدىكى كۆپ قىسىم مۇسكۇللارنىڭ ئورنىنى بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە يېقىن ئىپادىلىيەلەيدىكەن. بۇ ماشىنىنىڭ يۈزىدىكى قۇرۇقلارنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئالىملار ئادەمنىڭ ئىتى (گۆشى)گە ناھايتى ئوخشاپ كېتىدىغان Frubbe دىگەن ماتىرىيالنى ئىشلەتكەن. بۇ ماشىنا ئادەم يۇمشاق دېتال مىخانىكا قۇرۇلۇشى ۋە نانو پەن-تېخنىكسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېرىكىشىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئېينىشتىيىن ماشىنا ئادىمىنىڭ دىئامېتىرى 4~40 نانو مېتىرغىيە بولغان تۈك خالتا بېىزى بار ئىكەن. بۇ ماشىنا ئادەم 2-ئايدا ئامېرىكا پەن-تېخنىكا، كۆڭۈل ئېچىش ۋە لايھىلەش مۇنبىرى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتى لايھىلىگەن.

    نۆۋەتتە، ئېيتنىشتىيىن ماشىنا ئادىمى كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىش، خاپا بولۇش، قورقۇش، خوشال بولۇش دىگەندەك چىراي ئىپادىلىرى (مىمىكىلىرى) نى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ھەمدە ئادەمنىڭ باش لىڭىشتىش دىگەندەك ئاددىي ھەرىكەتلىرىنى تەقلىد قىلالايدىكەن.

    نۆۋەتتە بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ باھاسى 50 مىڭ فوندستېرلىڭ بولۇپ، ياسىلىش تەننەرقى خېلىلا يوقىرى ئىكەن. Hanson بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندا باھانى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 150 فوندستېرلىڭغا چۈشۈرۈش مۈمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.

    مەنبەسى http://it.chinabyte.com/64/8855064.shtml

     

    بۇ يەردە خەنسىن شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ماشىنا ئادەملىرىنىڭ ماتىرىياللىرى بار ئىكەن. قىزىققۇچىلار مەرھەمەت http://www.hansonrobotics.com/robots.html

    分享到: