باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئىككى جۈمىلىك ھايات دەستۇرى - [تۇرمۇشۇم ۋە تەسىرات]

    2009-06-07


    ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ؛

    ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ؛

    ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ؛

    كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ؛

    ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ؛

    ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، لېكىن شەخسىيەتچى بولماڭ؛

    ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، لېكىن مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ؛

    قەتئىي بولۇڭ، لېكىن جاھىل بولماڭ؛

    جانلىق بولۇڭ، لېكىن شاللاق بولماڭ؛

    باتۇر بولۇڭ، ئەمما قارام تەلۋە بولماڭ؛

    تەمكىن بولۇڭ، لېكىن جۈرئەتسىز بولماڭ؛

    سەگەك بولۇڭ، لېكىن گۇمانخور بولماڭ؛

    مەردانە بولۇڭ، لېكىن قوپال بولماڭ؛

    ياۋاش بولۇڭ، لېكىن دۆت بولماڭ؛

    ئېھتىياتچان بولۇڭ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ؛

    يومۇرلۇق بولۇڭ، لېكىن چاكىنا بولماڭ؛

    سۆزمەن بولۇڭ، لېكىن مۇغەمبەرلىك قىلماڭ؛

    ساددا بولۇڭ، لېكىن گۆدەكلىك قىلماڭ؛

    مۇلايىم بولۇڭ، لېكىن قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ؛

    چاقچاقچى بولۇڭ، لېكىن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ؛

    分享到:

    评论

  • ھەقىقەتەن ئىسىل ، مەنىلىك سۆزلەر ئىكەن .
    بوغلان ئەپەندى ، سىزدىن بىر ياردەم سورىماقچى ئىدىم . بولسا بىلوگىم ئۈچۈن بىر Logo ياساپ بەرگەن بولسىڭىز . ئاندىن بىلوگىڭىزدىكى ئىلىم-پەن بىلوگ ئۇلىنىشىنىڭ ئادرىسىنى www.ilim-pen.com غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز .
    Boghlan回复ئىلىم-پەن说:
    ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدىم. دوستانە ئۇلىنىش ئادىرىسىڭىزنى ئۆزگەرتتىم. لوگو ياساشقا كەلگەندە تازا ئىشەنچ قىلالمايمەن. مەنمۇ لوگورۇمنى تەييار قېلىپتىن پايدىلىنىپ ياسىغان. شۇنداق ياسالسىمۇ بولامدۇ-يا؟
    2009-06-20 08:17:41