باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئۇ زادى كىم؟ - [تۇرمۇشۇم ۋە تەسىرات]

    2009-06-04


    ئىلگىرى داڭلىق چولپان، كىچك ئەزىمەت ئەرافات (بۇنى راستىنلا قانداق ئاتاشنى بىلمىدىم) توغرىسىدا ھەر قايسى تور بېكەتلەردە بەك مۇنازىرە بوپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا، ھەر قايسى ناخشا كېچىلىكلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن شۆھرەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

    ھازىرغىچە مەن ئۇنى ئەرافات (ياكى ئەرەفات) دەپ قارايمەن، دادىسى قانداق ئىسىم قويدى، ئۇ ماڭا نامەلۇم. ئەمما بۈگۈن "ئەرفان چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى" دىگەن تېمىنى كۆرۈپ، گاڭگىراپلا قالدىم. كىمدۇ بۇ ئەمدى؟ ئىلگىرى ئەرافات دەپ ئاڭلىغان، ئەمدى بۇ "ئەرفان" قايسى چولپاندۇ؟ دەپ قارىسام شۇ چولپان ئىكەن.

    بۇنىڭغا زادى نېمە دىگۈلۈك؟ ئىلگىرى قانداق ئىسىم قويغانلىقىنىغۇ قايرىپ قويايلى (ئىسلامچە بولامدۇ، ئۇيغۇرچە بولامدۇ، قىزىقىشتىن قويغان ئىسىم بولامدۇ.....)، ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئىسمنىڭ نەچچە ۋارىيانتى چىقىپ كەتسە... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىچىك چولپاننىڭ تور دۇنياسىدا نامى سەير ئېتىپ يۈرگىلى خېلى بولدى. قالغان تېمىلارنى قويۇپ تۇرايلى: "سەلكىن تورى" دىكى "كىچىك چولپىنىمىز ئەرافات رول ئالغان فىلىم" (http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=74376)  دىگەن تېمىدا "ئەرافات" دەپ ئېلىنىپتۇ، ئەمما "ئەرفان چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى" (http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-79859.html) دىگەن تېمىدا بولسا "ئەرفان" دەپ ئېلىنىپتۇ. ئېنىقكى مېنىڭ تونۇشۇمدا كېيىنكى تېمىدىكى "ئەرفان" دىگەن ئىسىم خەنزۇچىدىكى "阿尔法" نىڭ ئاھاڭ تەرجىمە ۋارىيانتىغۇ دەيمەن؟ (خاتالاشقان بولسام ئەپۇ ئېتىڭىزلەر، ئەسكەرتمە بېرىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمەن).

    بۇ ئەلۋەتتە نوقۇل مۇشۇ شاكىچىك توغرىسدا قايناپ قالغىنىم ئەمەس، بەلكى تىلىمىزدا نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى، ئۆلچەملەشكەن تېرمىنلار خاتا ئاتىلىدىغان ئەھۋال خېلى ئېغىر. "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دە بىر خىل ئاتالغان كىشى ياكى جاي ئىسمى "شىنجاڭ گېزىتى" دە يەنە باشقىچە ئاتىلىۋاتقان... ئەمما مەن خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە ماتىرىياللارنىڭ بۇنداق ئاتىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئاساسەن بايقىمىدىم ياكى ئۇچراتمىدىم؟

    بۇنىڭدىكى سەۋەب نەدە؟ بىزلەر مەسئۇلىيەتسىزمۇ؟ ئاشۇ موھىم ئاتالغۇ، تېرمىن، يەر-جاي ناملىرىنى بۇزۇپ ئاتاش-توغرا دىمەسلىك مودىمۇ؟ زامانىۋىيلىقمۇ؟ بوشاڭلىقمۇ؟ تۈز كۆڭۈللۈكمۇ؟ تىلىمىزدىكى غېرىبلىقمۇ ۋە ياكى كەلگۈسىمىزدىن بىشارەت بېرىدىغان غېرىپلىقمۇ؟

    ئەگەر سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭمۇ تەخەللۇسۇم "بوغلان" نىڭ "بوگلان"، "بوغما يىلان"، "بوكلان"، "boglan".... دىگەندەك ۋارىيانتى چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش "ۋارىيانتى" چىقىپ كەتسە بىئارام بولماي ئولتۇرالامسز؟

    分享到:

    评论

  • ھاۋا رايىغا قاراپ ئۆزگىرەۋىردىكەن...
    Boghlan回复بەندە说:
    چۈشەنمەك تەس............
    2009-06-07 13:53:44
  • سىزنى مەندىن باشقىلارمۇ «بوغما يىلان» دەپ باقتىمۇ؟
    Boghlan回复Ogen说:
    مېنىڭ يېڭى «ۋارىيانت»ىمنى چىقىرىۋەتكىنىڭىزنى تويۇپسىز ھە؟! سىزدىن باشقا ھىچكىم بۇ گەپنى دەپ باقمىدى. يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟
    2009-06-07 13:53:14
  • تېلىۋېزوردىكى ئىخلاس فىرىمانىڭ ئېلانىدا ئېرپان دەپ چىقىدىغۇ. زادى قايسىسى توغرا؟
    Boghlan回复تارىم说:
    مەن ھازىرغىچە نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم. پەقەت «مۇشۇنداق بىر بالا چولپانىمىز بار ئىكەن» دەپلا چۈشىنىپ مېڭىشىم توغرا ئوخشايدۇ.
    2009-06-07 13:52:23
  • ئەرافان دىسە توغرا
    Boghlan回复نەزەر说:
    مەن ھازىرغىچە نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم. پەقەت «مۇشۇنداق بىر بالا چولپانىمىز بار ئىكەن» دەپلا چۈشىنىپ مېڭىشىم توغرا ئوخشايدۇ.
    2009-06-07 13:52:11