ئۆزۈم ھەققىدە

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
ئەزىز تورداش:
خۇش كەپسىز، مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى.مەن كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقىلى ئالاھەزەل 10 يىل بولۇپتۇ.ھازىرقى كەسپىم كومپيۇتېر-تور، ئالاقە كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ.ھازىر مۇقەددەم شەخسى بىلوگى يېزىشنى ئويلاپ باقمىغان،شۇڭا ئىزچىل بۇ ساھەدىن يىراق تۇرغانتىم.سەۋەبى، ئالدى بىلەن مىنىڭ بىلىم سەۋىيەم ناھايىتى چەكلىك، بىلىمىم تېيىز. شۇڭا ئوقۇرمەنگە بەرگىدەك يېڭىچە بىلىم-ماھارەت ھازىرلاشتىن ئىلگىرى ئۆز ئالدىمغا چالۋاقاشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تور-بىلوگلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك دېگەن مەسىلىلەردە ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالدىراش ۋاقىتنى ئىشەنچسىز بىر ئىشقا سەرپ قىلىشنى خالىمىغان.
ھازىرمۇ ئىزچىل تىرىشىۋاتىمەن، ئۆگىنىۋاتىمەن.يېقىندىن بىرى كەسپىمنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىش تۈپەيلى iPhone,iPod,iPad,iTV قاتارلىق Apple نىڭ ئۇتۇق قازانغان مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا زامانىۋى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، Computer,Internet … ساھەلەردە ئازتولا بىرنەرسە چۈشەنگەندىن كىيىن ئۆزۈمگە خاس بىر مۇكەممەل سورۇندا كۆپچىلىك بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش مەقسىتىدە بىلوگ 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. كەڭ بىلوگگېر-تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا ياخشى، ئىجتىمائىي تور مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ بىلوگىمغا نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىمەن. خالاستان بىلوگى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئاممىۋى ئىشلار ئۈچۈن ھەقسىز ئېلان-تارقاتقۇچى سورۇنى تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.
خالاستان بىلوگى شەخسى بىلوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن كەمىنە نەزەرىنىڭ ماقالىلىرىنىلا يوللاش ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈلەن ئەپەندىنىڭ بىۋاستە ماقۇللىشى بىلەن «گۈلەن يازمىلىرى»سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ گۈلەن ئەپەندىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى يۇغلىنىدۇ ۋە بىۋاستە يوللىنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ گۈلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىگە ھەرقانداق پىكىرى بولسا خالاستان بىلوگىمغا قالدۇرسا.گۈلەن ئەپەندى مۇۋاپىق پەيتلىرىدە ئۆز ماقالىسى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىدۇ.شۇنداقلا بىلوگدا يوللانغان ھەرقانداق تېخنىكىلىق ماقالىگە قارىتا ئېنكاسلارغا بىۋاستە تېخنىكىلىق ياردەم تەمىنلىنىدۇ.
يۇقىرىلاردىن سىرت يەنە پېقىرنىڭ قىزىقىشى بويىچە بىلوگدا ھەر ھەپتىسى بىردىن موڭلۇق (يېنىك) مۇزىكا تونۇشتۇرۇپ چۈشۈرۈش تەمىنلىنىدۇ. سەھىپە مىقدارى ۋە بىلوگ خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بىر يىلدا پەقەت 54 لا مۇزىكا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. چارچىغان نىرۋىلىرىمىز مۇۋاپىق ئارامغا ئېرىشسە نەزەرىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەم تورداشلارنىڭ ئېسىل مۇزىكىلارنى بىز بىلەن ھەمبەھىر قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. iPhone ۋە كومپيۇتېر-تور تېخنىكا بىلىملىرى مۇۋاپىق يوللىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
Halastan Blog نەزەرى يېزىشىدىكى شەخسى بىلوگ بولۇپ زامانىۋى ئالاقە، IT، ئۇچۇر-تېخنىكا، سىملىق-سىمسىز تور قۇرۇلۇشى(نەزەرىنىڭ كەسپى)، تور بەت تەشۋىق-ئېلان قاتالىق جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق ياردەم تەمىنلەيدىغان، ۋە يۇقىرىقى ساھەلەردە ھەقلىق-ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بىلوگ.
خالاستان بىلوگى بارلىق تور-بەت، بىلوگلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، دوستلۇق ئۇلىنىشى ئالماشتۇرىدۇ. دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان تور بەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا خالاستان بىلوگى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىدۇ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندىن بىرى مەندەك بىر يىڭى بىلوگگېرنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىزلەرگە!
ھازىر تور بەت رەسمىي مۇقىملىشىپ بولدى، شۇڭا كەڭ تور بەت باشلىقلىرىغا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنىمەن. گەرچە يىڭى قۇرۇلغان كىچىك بىر بىلوگ بولسىمۇ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى. مەنمۇ داۋاملىق يېزىپ خاسلىقنى ساقلاپ قالغان ھالدا تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى كەڭ ئىلىمسۆيەر تورداشلاردىن ئايرىمايمەن.
ئۇلىنىش ئادرېسى ../
LOGO ئادرېسى ../logo.gif
دوستلۇق ئۇلىنىش ئىلتىماسى، بېكەت ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.24 سائەت ئىچىدە چوقۇم جاۋاب تاپشۇرۇپ ئالىسىز.
نەزەرى(Nezeri & Nazary) زۆرۈر ئالاقە ئۈچۈن ئېلخەت ۋە QQ نومۇر ئوخشاشلا admin@../

«ئۆزۈم ھەققىدە»نىڭ 266 ئويلىغانلىرى بار

  1. سىزگە كەمىنە avam0507 دىن ئوتلۇق سالام. بىرلىكتە تىرىشقايمىز……
    گەرچە مېنىڭ ئاددى ، كىچىك ، ئەرزىمەس بىر بلوگ بولسىمۇ سىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.

    1. قەتئىي ئۇنداق دىمەڭ. تور بلوگچىلىققا مەن تېخى گۈدەك. سىزدەكلەرنىڭ يىتەكلىشىگە موھتاجمەن. «سەپداش» قا قوشۇلدى.

  2. ئالدى بىلەن بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    بلوگنىڭ RSS Feed ئىقتىدارى يوقتەك قىلىدۇ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىقتىدار قوشۇلسا (ئەڭ ياخشىسى تېمىنىڭ مەزمۇنى ھەممىسى تولۇق كۆرۈنىدىغان بولسا، ئەگەر ئېلان كېرىمىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئېلانلارنىمۇ كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىز بولىدۇ)

    1. يامان يەردىن تۇتتىڭىز دە. مەن سىز دىگەندەك 3-تەرەپ بوشلۇقى ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان. لىكىن ھازىرقى ../ دىگەن تور نامى تېخى تەستىقتىن ئۆتمىگەچ بەت ھازىر «باشقا نام» شەكلىدە كۆرۈنۈگلىك. ئەگەر مەن ھازىرلا 3-دەرىىجىلىك ئىسىمغا feed بىرىۋەتسەم يىقىندا چىقىدىغان ../ ئىسىم بىلەن ئىقىم ئىككىگە بۆلۈنۈپ كىتىدىكەن. شۇڭا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن سىز دىگەندەك قىلىپ RSSتەمىنلەيمەن.

  3. ئەسسالامۇئەلەيكۇم .كەمىنە كىچىك بولساممۇ سىزگەئوخشاش يانفون كومپىيوتېر بىلەن ئېتىشىشقا ئامراق. بۇھەقتە بىزئىلگىرى قىسقىغىنە بىرپاراڭلاشقان .بۈگۈن بلوگىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم .خالىسىڭزھەمدەم بولايلى.ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ئەمىسە. :roll:

  4. سىزگە كەمىنە izdengin دىن ئوتلۇق سالام…
    بىز گەرچە بىلوگچىلىق ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان بىر يېڭى ئۆگەنچى بولساقمۇ سىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالدۇق…

    1. رەھمەت. كەمتەرلىك ئالغا بېسىشنىڭ كاپالىتى. مەن ئەڭ يېڭى بلوگگېر، ئۆزئارا يىتەكلەيلى. ئۇلىنىش قوشۇلدى.

  5. yahximusilar
    mining bitim ni ulnix kilip kuyamsilar
    man uyghurqa yazay disam bulmidi
    suz kaldurux daptirinimu tapalmidim
    silar ni awara kildihan buldum, halastan blog ni man mu ulnix kiliwaldim .

    1. كەچۈرۈڭ. wordpressنىڭ يىڭى نەشرىدە بۇ كۆزنەككە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشمىغاچ سىزگە قولايسىزلىق كەلتۈرۈپتىمىز.
      تور بىتىڭىز ئاللبۇرۇن خالاستان بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىندى. :razz:

  6. بۇ تور بىكەت مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، مىنى ئۆزىگە تارتتى. ھەم ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر قىلدى.

    1. مۇشۇ WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يىڭى نەشرى3.1
      بلوگ تېخى يىڭى قۇرۇلدى، بايراقدارلىقتىن خىلىلا يىراق. قەدەمنى مەزمۇت باسساقلا مەنزىلىمىز يىراقلارغا ئۇلىشىدۇ.

  7. نەزەرى، ۋاقتىڭىز بولسا بىلوگىمغا بىر كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭە، ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن بىلىسىز، ئەمدى بىر ئۇبۇنتۇنىڭ تور بېتىگە ئوخشاپتىمۇ، ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىگە ئوخشىتىپ ئۆزگەرتتىم. بىر نەچچەيلەن ئېلخەت يېزىپ ئالمىنىڭ بېتىگە ئوخشاپ قاپتۇ دىگەن ئىدى. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك نەزەرى ئەپەندىم؟
    ئۇلۇغ ئاللا تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا بەركەت ئاتا قىلسۇن.
    مىنىڭ سىزدىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىشىم بار ئىدى.
    گەپنى باشتىن باشلىسام مەنمۇ بىلىك ۋە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ دائىملىق زىيارەتچىسى، مۇشۇ زىيارەتلەر داۋامىدا ماڭىمۇ ‹‹سېسىق ئالما››نىڭ كىسىلى تەگدى. چۈشۈمدىمۇ شۇ ئالمىنى چۈشەپ، مىڭ تەستە سېتىۋالغان 5230تېلفونۇمنى زىيىنىغا سېتىپ، باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ 2-ئەۋلات 16گېگا بايىت(ئاق رەڭلىك) ئالمىدىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. شۇ مەنمۇ جىم ئولتۇرالماي، ئايتۇنىسقا چاتسام 4.2 نەشىرى چىقتى يېڭىلامسىز دىسە، ھە يېڭىلاي دەپ يېڭىلاپتىمەن. ھەممە قەدەم باسقۇچ نورمال تاماملىنىپ ئاخىرغا كەلگەندە «ئايفون يېڭىلىنالمىدى، نامەلۇم خاتالىق بار(1015)» دەپلا ئىشنى تۈگەتتى. (تېلفون ئىكراندا يۇ ئېس بى سىم ئايتۇنىقا توغىرلانغان رەسمىدىن باشقا تېلفوندا ھېچقانداق ئىنكاس يوق)
    ئايتۇنىسنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئالما تورىدىكى خاتالىقنى ئوڭشاش ئۇسۇلىدا دىگىنىدەك، روتېرنىڭ سىمىنى بىۋاسەت ئۇلاپ سىنىدىم، باشقا كومپيۇتېردا سىنىدىم. بەيدۇ قارىلاردىن جىق ئىزدەپ سىناپ باقتىم… نەتىجە ئوخشاش. بىلىك مۇنبىرىدىكى ماۋۇhttp://www.bilik.biz/bbs/thread-23631-1-2.html تمىدىكى سىز قالدۇرغان ئۇلىنىش(بىلوگىڭىزنىڭ) غا كىرسەم «تېما ئۆچۈرۈلگەن» دەپ چىقتى. ئاشۇ تېمىدى(بىلىك)كى «ئايفون 3جى» ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ دىگىنى تەپسىلى ئەمەسكەن، بىرنەچچە گۇجىيەن(ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمىدىم) چۈشۈرۈپ سىناپ باققان بولساممۇ redsn0w_win_0.9.6b5مۇنۇ دىتال ئاچالمىدى.
    مەن راستىنلا ئامالسىز قالدىم. مۈمكىن بولسا ياردىمىڭىزنى ئايىمىغان بولسىڭىز؟
    QQ:409216651
    ئېلخەت:jilileli@126.com
    تېلفون:13899462631
    كامالى ئېھتىرام بىلەن: خوتەندىن :ئابدۇجىلىل

    1. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! قەدىرلىك تورداش
      مەن ئالدىنقى ھەپتە كاماندوروپكىغا چىقىپ كېتىپ بلوگىم تاشلىنىپ قالدى.
      سۇئالىڭىزغا ئاددىيلا جاۋابنى قالدۇراي، يەنە سىناپ مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلغايسىز.
      http://blog...//428.html

  9. ياخشىمۇسىز؟ نەزەرى سىزنىڭ ې خەت ساندۇقىڭىزغا خەت يوللىغانتىم
    سىزدىن ئايپود تاچ4 ئالاي دېگەنتىم ، تېزىراق جاۋاب قايتۇرسىڭىز.
    چ چ دىمۇ سىزگە خەت قالدۇرغانتىم، تېزىراق جاۋاب قايتۇرسىڭىز.
    مېنىڭ چ چ ىم 1277612165

    1. يانفون بىلەن ئۇيغۇرچە تورلارنى بىمالال زىيارەت قىلىش يىقىن كەلگۈسىدە مۇمكىن ئەمەس.
      چۈنكى ھەركاتچان ئۈسكىنىلەرگە تېخى بىرلىككە كەلگەن توربەت ئۇسلۇب، كىلىشىمى يوق.
      بارلىق چوڭ كارخانىلار ئۆزىنىڭ گېپىنى گەپ دەپ كىلىۋاتىدۇ.
      ھەتتا يىڭى چىققان windowsphone7دا خەنچە يوق، يىڭى چىققان androidتا ئەرەبچە يوق، ئۇيغۇرچىغا تېخى ۋاقىت كىرەك. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدا مۇشۇ مەسىلە ئەڭ چىرايلىق ھەل قىلىنغان.كىرگۈزگۈچ، فونت،لۇغەت…لەر پات ئارىدا ئۇيغۇر دىيارىغا يۈزلىنىدۇ.

    1. iPhone5 ئالتىنچى ئايلاردا بازارغا كىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇرۇنقى ئەۋلاد iPhone لارنىڭ باھاسى چۈشتى.
      ھازىر 4- ئەۋلادنىڭ يىڭى (چوڭ قۇرۇقلۇق مىلى) 16Gلىقى 5000 ئەتراپىدا، 32G لىقى 6000 سوم ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.
      ئازراق ئىشلەتكەنلىرىمۇ بۇنىڭدىن 800 ئەتراپىدا ئەرزان.

  10. بىرىنجى ئەۋلات ئالما يانفۇن لىيەنتۇڭ كانى تۇنۇمىدى . قانداق تۇنۇتۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلا بوپتىكەن.

    1. بىرىنچى ئەۋلادنىڭ GSM ئىقتىدارىلا بار. شۇڭا كۆچمە نى تونۇپ بىرلەشمىنى تونۇمايدىغان ئەھۋال بولمايتتى.
      مەنچە بۇ قاتتىق دىتال مەسىلىسى. يىقىندىكى رىمونت ئورنىغا كۆرسىتىپ بىقىڭ.

      1. بىرىنجى ئەۋلات ئالما يانفۇنۇم بالامنىڭ بىرلەشمە كارتىسىنى تۇنىمىدى .باشقا بىرلەشمە كارتىلارنى تۇنۇيدۇ.بالامنىڭ كارتىسنىمۇ باشقا يانفۇنلار تۇنۇيدۇ. ھزىرغىچە يانفۇنۇمدا كۆچمىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم.ئەمدى بالامنىڭ كارتىسىينى ئىشلەتمەكچى بولغان.
        بىر كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم بۇكا قىلىپ ، كۆپ قېتىم سىناپ باقتىم نەتەجە ئوخشاش . بۇ نۇمۇرنى باشقىلارغا بەرسەم بولمايتتى. قانداق قىلىشىم كىرەك؟

        1. مەن ئۇچۇرمىغان مەسىلە ئىكەن. ھازىر ئەگەر بالىڭىزنىڭ كارتىسىدا بىرەر iphone4 توختاملىق مۇلازىمىتى ئېچىلغان بولسا كارتا ئەسلى تېىلفوندىن ئايرىلسا ئىشلىمەيتتى.
          سىز بىرلەشمە نىڭ مۇلازىمەت تېلفونى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. بالىڭىزنىڭ كارتىسىدا ئەمەس بەلكى شۇ تېىلفون نومورىدا بىرەر مۇلازىمەت ئوچۇقكەن.

  11. ئەسسەلامۇئەلەيكۇم تىشلىقمۇ . مەندە ئايفون 2 نىڭ 16 ج ب لىقتىن بىرسى بارئىدى ، ئۇنىڭ سىستىما نەشىرنى كۈتۇرەي دىگەنتىم بۇتىلفۇننىڭ قەيەرنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم نۇمۇرى
    ( MB501ND ) ھازىرقى سىستىمانەشىرى (3.1.2) بۇنىڭ قۇلپىسى بارمۇ يۇق؟ نەشىركۇتۇرسەم بۇلامدۇ بۇلمامدۇ ، مەسلىھەت بىرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
    بۇلسا چ چ نۇمۇرۇمنى قاچىلىۋالساڭلا چ چ : 284064811

    1. 3.1.2 بولسا نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇقىم نەشىر. ئىنىقلا قۇلۇبى بار ئايفونكەن. شۇڭا بۇنى يۇقىرى نەشىرگە كۆتۈرمەڭ.
      ئاشۇ نەشىرى ئەڭ ياخشى. ھازىرمۇ نۇرغۇن ئابونتلار تېخى 3.1.3 دە. بىرىنچىدىن سۈرەت تېز، ئىككىنچىدىن ئۇنىڭغا ماس يۇمشاق دېتاللار بىر قەدەر كۆپ.
      نەشىرنى كۆتۈرسىڭىز قۇلۇب چۈشۈپ قالسا يېشىش سەل ئاۋارچىلىق بولۇپ قالىدۇ.

  12. سىزدىن بىرقانچە سۇئال سوراي دېۋىدىم:

    ھازىر قولۇمدا IPad 3G WIfi بار بولۇپ ئۇنى سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىۋاتىمەن. SHSH نى زاپاسلاش مەغلۇپ بولدى. مەزۇكۇر ئۈسكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۆۋەن نەشىر ھۆججەتلىرى يوق، سىز كېچىكىپ قاپسىز… دېگەندەك NOT ئۇچۇرلىرى چىقىۋالدى. ھازىر 4.3 نەشىرگە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    1.ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، قايسى بىكەتتىن ئەڭ تولۇق IPA لارنى چۈشۈرەلەيمەن؟
    2. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېين مۇقىمسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئەسلىگە قايتۇرۇشنى قارار قىلسام ئايتۇندىكى «ئەسلىگە قايتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسام بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتامدۇ؟ (ھازىرقى نەشرى 4.2.1 ئىكەن، ئەسلىگە قايتسا مۇشۇنىڭغا كەلمەيدىغاندۇ ھەقاچان؟ يەنە شۇ 4.3 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ھالىتىگە كېلەر؟)
    3. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىن كېين ئايتۇننى ئۆچۈرۋېتىشىم كرەكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈسكىنىنى چاتقاندا ئاپتوماتىك قوزغىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كرەكمۇ ياكى كارىم بولمىسىنمۇ؟

    1. 1.ئەڭ تولۇق ھالەتتىكى ipa لەرنى iTunes ئىچىدىكى store دىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە ھىساب نومورى بولۇشى كىرەك، بۇ دەرسلىك بىلوگىمدا بار.بۇ ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل، يۇمشاق دىتال ئەڭ ئىشەنچلىك، ئۈسكىنە تۈرمىدىن قاچقان ياكى قاچمىغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر بولىۋىرىدۇ.
      ئۇلارنى ئازكەن دەپ قارىسىڭىز http://www.51ipa.com دىگەن بىكەتتە يامان ئەمەس دېتاللار بار. ئۇنىمۇ ئاز كۆرسىڭىز 91 دىن PXL نى چۈشۈرۈپ بىلوگىمدىكى دەرسلىك بويىچە IPA غا ئۆرگەرتىڭ.
      2.تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن مۇقىمسىزلىق ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باسسىڭىز 4.3.1 دىكى ھىچقانداق يۇمشاق دىتال قاچىلانمىغان ھالەتكە قايتىدۇ. زاۋۇتتىن چىققان بىلەن ئوخشاش.تۈرمىدن قايتا قاچىسىز.
      3.تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن iTunes نى ئۆچۈرۋىتىپ http://blog...//1124.html نى ئىشلىتىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىشىنى ئېتىۋىتىڭ. بولمىسا بەك بايلىق ئىسراپ قىلىدىغان دىتال ئۇ.

  13. يەنە بىر سۇئال قاپتۇ:

    سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئۈچۈن بوشلۇقنى نەدىن قانداق باھادا سېتىۋالغانلىقىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟ ھېس قىلىشىمچە خېلىلا تېز ئېچىلىدۇ. مەنمۇ ھەم سېتىۋالاي دەپ ئويلاۋاتقان ئىدىم.

    1. بوشلۇقۇم ھازىر 51web نىڭ شىياڭگاڭ دىكى Linuxمۇلازېمترىدا. ھازىر مەنچە بۇرۇنقىدىن ئاستا. يىقىندا ICPچىقىدۇ، مەن شىيامىن تىلگىرافىنىڭ LInux مۇلازىمتېرىغا يۆتكەيمەن. ئۇنىڭ سۈرىتى ھازىرقىدىن تېز.

  14. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. بۇ جەرياندا مۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقتۇم:

    1. تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن iTool ئارقىلىق قاچىلاقلىق يۇمشاق دېتاللارنى زاپاسلىۋالغان ئىدىم. قېچىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى قايتا قاچىلىسام نورمال ئىجرا بولمىدى(بىر قوزغۇلۇپلا تاقىلىپ كەتتى). ئەمما ئۇلارنىڭ ipa ھۆججىتىنى توردىن چۈشۈرۈپ iTool ئارقىلىق قاچىلىسام نورمال.

    2. iTool نەچچە ئون ناخشىنى بىراق تاللاپ «倒入» نى چەككەندە پروگرامما خاتالىقى كۆرۈلۈپ قېتىپ قالدى. زادى قانچىنى قىلسا بولىدۇ، ياكى بولمايدۇ، ئېنىق سىناپ كۆرمىدىم. ھېچ بولمىغاندا بىردىن بىردىن قىلغاندا مۇنداق مەسىلە يوق. يەنە بىرى، ئايتۇن ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچقان سىستېمىغىمۇ ناخشا قاچىلىسا بولىدىكەنغۇ. مەن دەسلەپتە تۈرمىدىن قاچقاندىكىن ئايتۇن بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.

    3. دېمەك، تۈرمىدىن قاچقانلىق توردىكى بىرەسمىي بىكەتلەر تەمىنلىگەن بىرەسمىي IPA ھۆججەتنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ دېگەن گەپكەندە؟ ئەمما ئايسىتوردىن چۈشۈرۈش ۋە سېتىۋېلىش يەنىلا مۇمكىن ئىكەن.

    1. iTools نىڭ بۇ خىل كەمچىللىكىنى بىلمەپتىمەن.
      1. سىز IPA يامىقىنى تولۇق ئۇرۇپ بولۇپ سىنىغانمۇ؟
      2.تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن iTunes غا ھىچقانداق تەسىرى يوق. پەقەت iTunes دىن باشقا دېتاللاردا يۇمشاق دېتال قوشقىلى بولىدىغان ئىقتىدار قوشۇلىدۇ.
      3.شۇنداق. تۈرمىدىن قېچىش iTunesنى چەكلىمەيدۇ، يېشىۋىتىلگەن(قانۇنسىز) دېتاللارنىڭ ئۈسكىنىدە قاچىلىنشىغا ئىشىك ئاچىدۇ.

  15. ئاپلا، بىر مەسىلە چىقىپ قالدى. مەن Cybia ئارقىلىق Windows 7 نىڭ ئۇسلۇبىنى قاچىلىغان ئىدىم، قايتا قوزغات دېدى، قوزغاتسام ئۇ ئۇسلۇپ ئىشلىمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆچۈرۋېتىپ يەنە قايتا قوزغاتسام ئىكراندىكى سىنبەلگىلەرنىڭ خېتى كۈل رەڭ بولۇپ قېلىپ ئېنىق كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولار ئەمدى….

    تاپتىم تاپتىم. WinterBoard دەپ بىر نىمە قاچىلىنىپ قاپتۇ، شۇنىڭ White Icon Label نى ئېچىۋەتسەم ئوڭشالدى….

    1. مەندە بەزىدە نورمال بەزىدە بىنورمال.
      يىقىندا بوشلۇق ئالماشتۇرۇپ بولۇپلا بۇ مەسلىنى جىددى ئوڭشاي. ھازىر ئوڭشايمەن دېسەم قايتا سىستىما قاچىلىسام بولغۇدەك….

  16. نەزەرى بورادەر، مەن سىزدىن ئايفۇندىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن،خالىسىڭىز QQنى قېتىۋالسىڭىز،شۇنىدا پاراڭلاشساق.271351649

  17. IPad نى 4.3.1 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن 3G تورىدا مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپتۇ. بىر ئۇلۇنۇپ بىر ئۇلانماي دېگەندەك. بۇ ھەققىدە تەجرىبىڭىز بارمىدۇ؟

    بۇ 4.3.1 نىڭ ئىشىمۇ، ياكى تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ ئىشىمۇ ۋە ياكى ئىستانسىنىڭ ئىشىمۇ…
    ناۋادا ئوڭشالماي 4.2.1 ھالىتىگە قايتۇرۇشنى قارار قىلىپ قالساق، ئايتۇندا شىفىت كۇنۇپكىسىنى باسقاچ «ئەسلىگە قايتۇرۇش» كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ياندۇرغىلى بولارمۇ؟

    1. بۇ 4.3.1 نىڭ مەسىلىسى. 4.3.2 دا ئوڭشالدى.
      ئەگەر سىز shsh نى زاپاسلىغان بولسىڭىز(دەرىسلىك http://blog...//852.html) ئاندىن زاپىسى بار نەشىرگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.
      قايتۇرغاندا يۇقارقى تېمىدىكى دېتالنىڭ tts server دىگەنى قوزغىتىپ قويۇپ iTunesدا سىزدىگەن باسقۇچ ئارقىلىق قايتۇرغىلى بولىدۇ.

  18. بەتلەرنى ئاختۇرسام( AutoNavi (高德 نى بەك ماختاپتۇ،تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ شىنجاڭنىڭ خەرىتىسىنى چۈشۈردۈم ،چۈشكەن ھۆججەتنىڭ ھەجىمى: 36.7MB ئىكەن،ھۆججەت شەكلى iphone.tgbus.com_Autonavi-Map_XinJiang.rar مۇشۇنداق چۈشتى،پىرىستىن يەشسەم ئىچىدە 18 دانە بولاق باركەن ،ھەممىسى rar شەكىلدە ئىكەن،بۇلارنى يىشىپ قاراپ باقسام ھەر بىر بولاق بىر ۋىلايەت ياكى شەھەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم، ئىشلىتىۋاتقان دوسلار قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئورتاقلاشساڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن،بۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىمۇ باركەن مۇشۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولساڭلار
    مەن چۈشۈرگەن تور بەت ئادىرىسى: http://iphone.tgbus.com/zt/iphonemap/
    بۇ بەتتىكى قاچىلاش ئۇسۇلىنى چۈشۈنۈپ كەتمىدىم.

    1. بۇ مەزمۇننى مەن سىز بىلىككە مۇشۇ ئىنكاسنى يازغاندىلا كۆرگەن، شۇ يەرگە جاۋاب يازاي دېسەم مەنمۇ ئىنىق بىلەلمىدىم.
      مەن ئۆزۈم بۇ سىستېمىنىڭ پۈتۈن بولىقىنى قاچىلىغان، سېغىمى 1.5Gكىلەتتى.
      ھازىر تاپالمايۋاتىمەن، تاپالىسام ئادېرسنى تېما شەكىلدە يوللايمەن.

  19. تۆۋەندىكى سۇئالنى بىلىك كۇلۇبىغا بىر تورداش قالدۇرغان.مەن كۇلۇبقا نورمال كىرىپ ئىنكاس يازالمىغاچ جاۋابنى مۇشۇ يەرگە يوللىدىم. سۇئال:
    يىقىندا بىر iphone 3gs سىتىۋالغان ئىدىم (نىمكەش) خىلى پاكىز ئىشلەتكەن تېلېفون ئىكەن ئالغاندا دىققەت قىلماپتۇمەن نەچچە كۇندىن بىرى سىمسىز تورغا چىقاي دەپ قارىسام تىلىفوننىڭ ئىچىدە wifi نى ئاچىدىغان تىزىملىك يوق تۇرىدۇ. نىمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي توردىن ئاختۇرسام بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ iphone 3gs نىڭ wifi سى چىقىرۋىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۈچۈرلارنى كۆردۇم. مەنمۇ تېلېفونىمنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ساتقان تىلىفون دەپ پەرەز قىلدىم. سىمسىز تورغا كىرەلمىگەندىن كىيىن بەزى يۇمشاق دىتاللىرىنى كومپىيۇتىردىن قاچىلاي دەپ خالاستان بىلوگىدا تونۇشتۇرۇلغان itools نى چۈشۈرۇپ بىر نەچچە دىتالنى قاچىلاپ ناھايتى خۇش بولدۇم.
    itools ئىچىدىن تېلېفون قاتتىق دىتاللىرىنىڭ ئۈچۈرىنى كۆرسەم تۆۋەندىكى ئۈچۈرلارنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە wifi نىڭ mac ئادىرىسىنى كۆرۇپ تېلېفوننىڭ wifi كارتىسىنىڭ بارلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم (بەلكىم بولماسلىقىمۇ مۇمكىن) دىتال ئۈچۈرى تۆۋەندىكچە:
    序列号: 8894274U8MB
    设备家族: 1
    Unix时间戳: 1303122972
    时区: Asia/Hong_Kong
    时区差: 28800
    芯片标识: 544824972622
    设备标识: ececb45c3c73ba41f9169ebafb3858284c68e68d
    24小时制: False
    Wi-Fi地址: 00:26:b0:a1:7d:7e
    بىلىكتىكى دوستلار يۇقارقى ئۈچۈردىن wifi نىڭ بارلىقىغا جەزىم قىلغىلى بولامدۇ. wifi سى بار دىگەندە نىمە سەۋەبتىن سىسىتىمىدا wifi تىزىملىكى يوق. بۇنىڭغا بىرەر يۇمشاق دىتال قاچىلاپ wifi نى نورمال ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
    قىنى ئەمىسە نەزەرى ئاۋال سىزدىن كەلسۇن تېلېفونىمغا بىر دىئاگنۇز قويىۋىتىڭچۇ؟

    جاۋاب:
    سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ئالما جوڭگو بىرلەشمىنىڭ wifi قوشۇلمىغان نۇسخىسى ئىكەن. ئۇنىڭغا ئىلاج يوق. تېخىمۇ تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن 型号 نى تەمىنلەپ بېرىڭ. شۇنىڭغا قاراپ ئىنىق جاۋاب بىرەي. يۇقارقى wifi دىگەن خەت چوقۇم 蓝牙 دىگەن خەت بولىشى كىرەك.

    1. دىمەك، ئىنىقكى جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ توختاملىقىدىكى iphoneكەن. سىز تەكشۈرگەن دېتالدا كۆرۈنگىنى كۆك چىشنىڭ نومۇرى ئىكەن.

  20. جاۋاب:
    سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ئالما جوڭگو بىرلەشمىنىڭ wifi قوشۇلمىغان نۇسخىسى ئىكەن. ئۇنىڭغا ئىلاج يوق. تېخىمۇ تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن 型号 نى تەمىنلەپ بېرىڭ. شۇنىڭغا قاراپ ئىنىق جاۋاب بىرەي. يۇقارقى wifi دىگەن خەت چوقۇم 蓝牙 دىگەن خەت بولىشى كىرەك.

    mc181ch

  21. مەزكۇر ئۇسلۇپقا ئۇيغۇرچە كىرمەسلىك مەسلىسى ھەل قىلىندى. تۈزۈتىۋېلىشىڭىزنى سورايمەن. ئالدىراقسانلىق قىلىپ تارقىتىپ قۇيۇپ كۆپچىلىككە نۇرغۇن ئاۋارچىلىق كەلتۈرۈپ قۇيۇپتىمەن. ئۆزرەمنى قۇبۇل قىلىشالا.

  22. مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز بىز ھازىربىر شەھەردە تۇرىۋېتىپتىمىز سىزبىلەن بەكمۇ تۇنۇشقۇم بار ئىدى

  23. man undah keldem xu buyqa quxurdum amma yanela segnal yu h. asle sestemene kaqelap turmeden kaqelap tor kulubene yexewatsela normal exlamdu adatta
    ???

    1. شۇنداق.
      ئادەتتە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا 基带 نىمۇ بىللە كۆتۈرىمىز. ئاندىن يۇقارقى تېمىدىكى ultrasnowدا تور قۇلۇبىنى يېشىمىز.

  24. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم نەزەرباي،مەن ئالما توغۇرلۇق مۇنداق مەسىلە سورىماقچى، مىنىڭ بىر دوستۇم بىركۈنى ئۈرمچىنىڭ جوڭسەندە بىر يالاڭئاياق سودىگەردىن تېلفۇن ئەپ قاپتۇ، (ئۇنىڭغا جىددى پۇل لازىم بوپ قالغاچقا ساتماقچى ئىكەندۇق) بۇ دوستۇمنىڭ ئالغنى ئالمىنىڭ 4-ئەۋلات نۇسقىسى بولۇپ تېلفۇن ناھايىتى نوچى، ئەمما باساسى 2000يۈەنگە ئاپتۇ، بۇيەردىكى بۇ ئاداش خەقتىن تېلفۇننى ئەپ بولۇپ ئەمدى ئىشلىتەلمەي يۈرىيدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۇ كىشى ساڭا دەپ ساتقىنى بىلەن كىم بىلىدۇ بەلكىم ئۇ بىريەردىن ئوغۇرلىغانمۇ تىخى……………. دەپ ساپتىمەن…….. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا دەپ چاقچاق قىپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاداش قوقاپ تىخىچە بۇ ئالمىنى يىيەلمەي يۈرىيدۇ :mrgreen: …… بۇيەردىكى مەسىلە: تېلفۇن نايىتى نورمال، ئەمما 2000 كويغا سەل ئەرزان، ساتقۇچىنىڭ ئوغىرلىغانلىقىغىمۇ ھېچقانداق ئىسپات يوق، ناۋادا راسلا ئوغۇرلاپ سىتىلغان تېلفۇن بوپ قالسا بۇ ئاداش تېلفۇننى ئاچقان ھامانلا ساقچى پەيدا بولۇپ ئۇنى تۇتۇپ كىتىشىمۇ سەل چاغلىغۇدەك ئىش دىگىلى ھەم دىمىگىلىمۇ بولماس………..! بۇنىڭغا ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ …………………… مۇشۇنىڭغا بولسىمۇ دانا يولدىن بىرنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز….. ئۈرۈمچىگە كەلدىڭىز، لىكىن مەن سىزنى يەپ كىتىدىغاندەك ئادەمگە كۆرەنمەيلا كەتتىڭىز……….. qqنومۇرىڭىزنى تىخى بىلگىلى بولمىدى…………… مۇشۇنىڭغا بولسىمۇ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ئىغى كۆمەسسىز؟

    1. كۆپ رەھمەت، ئۈرۈمچىدە كاماندۇرۇپكا ۋە ئالپسوفت، قارلۇق، ئۇيغۇرسوفت لار بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قىلىپ باشقا ئشىلارغا قارىيالمىدىم. ئۆزرىلىكمەن.
      ئالما دا ئوغۇرلىسا ئورۇننى كۆرسىتىپ بىرىدىغان سىستىما راستلا بار. لىكىن ئۇ يانفوندا بارمۇ يوق مەن بىلمىدىم.
      لىكىن ئۇنى تورغا چاتمىسا ئۇنداق دېتالمۇ ھىچنىمىگە كارغا كەلمەيدۇ. ئەگەر ئوغۇرلانمىغانلىقىغا كۆڭلىدە شەك بولمىسا تېلفون كارتىسى سالماي كومپيۇتېرغا چېتىپلا itunes دا 4.2.1 غا نەشىر قايتۇرۋەتسە چاتاق چىقمايدۇ. بىرىمۇ ئىزدەپ تاپالمايدۇ. ئەنسىرمىسىۇن.

  25. بىزدەكلەردە شىركەت بولمىغاندىن كىيىن ئۆچرەت ساقلايمىزدە :roll: :idea: …………. سۆھبەتتىن ياخشى
    نەتىجىلەرنىڭ چىققانلىقىغا ئىشىنىمەن!
    رەھمەت سىزگە! مۇشۇ ئالما دىگەن ئوقەت بىزگىمۇ نىسىپ بولامۇ؟ قانچە پۇللاغا كىلە بۇ سايمان؟ :wink:

    1. خا خا . ئۇنچىۋالا تۈزۈت قىلغۇدەك ئەمەسقۇ.
      ئالما نىڭ ئەرزىنى 1000 سومغا قىممىتى 5000 سومغا كىلىدۇ.
      ھازىر 2500 سوملارغا 3-ئەۋلادنىڭ يامان ئەمەسلىرىنى ئالغىلى بولىدۇ.
      ياكى 40000 سوملارغا 4- ئەۋلادمۇ بولىدۇ

  26. دەيمەنغۇ ئەمدى، 2008-يىللىرى تۇنجى قىتىم كومپىيوتېر ئىچىشنى ئۈگىنىپ ئىنتىلغا تۇنجى كىرگەن چاغلاردا باش رەسىمىڭىزگە ئېنىشتىيننىڭ رەسىمىنى ھەجىۋىلەشتۈرپ (چاچلىرىنى قاردەك ئاپپاق قىلىپ) چىقىرۋاپتىكەنسىز…………. ئۆزىڭىزمۇ خىلى چوڭ–چوڭ گەپلەرنى قىلىدىغان……….. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ ‹ناھايىتى بىلىمدار بالىكەن، ئەگەر مەنمۇ شۇنداق ئوقۇش نۆۋەتلىرىگە مۇشەررەپ بولالىغان بولسام بۇنىڭدىن قىلىشمىغۇدەك بولار ئىكەنمەن….› دەپ ئويلىغان، ئەنە شۇكەملەردىن باشلاپ سىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان………………..
    پىنگىۋېننى ھېچ بىر قوشۇۋالاي دىمەيسىز………………… مەن ئاللىقاچان قوشۇشنى ئىلتىماس قىلىپ بولدۇم، ماڭا قاچان نۆۋەت كىلە؟ :lol: :lol: :lol:
    ئوقۇشلار قاچان پۈتە؟ قالپاقتىن يوغان بىلىمنى سىلدە بار دەپ ئويلايمەن……. سىلگە ئۇتۇق يار بولغاي!
    ئاممازە بىلىكتە ‹قالپاققا تۇشلۇق ھوقۇق يوقمۇ نىمە؟› بىلىكنىڭ ئەتىۋالىق ئەزاسى تۇرۇپ بىزنى بىلىككە ئەزا قىپ قويالمايدىكەنلا! :razz: :razz: :razz: :razz: :razz:

    1. ئۇچاغدا تېرىشچان ۋقىتلار. كەسپمۇ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۆزۈم فىزىكىغا ئاشىق بولغاچ ئېينىشتىيىننى بەك چوڭ كۆرۈپ شۇنداق قىلغان.
      كىيىن مۇ تىرىشىتىم، ھەم تىرىشىۋاتىمەن.ئىنتىلدا چوڭ گەپ قىلىشتىن سەۋەب مەن ئابلەتكام بىلەن يىقىن، ھەم كومپيۇتېردا ئۆزۈمنىڭلا ئەمەس باشقىلارنىڭمۇ ھاجىتىدىن چىقالايتتىم. كىيىن ئۇنداق يۈرۈۋىرىشىتىن ئونىۋىرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە قاراتتىم. ھازىر ھەر قانداق ئۈگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىنى ئۆگىنىمەن.خەنچە مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن سېرىت ئېنگىلىزچە كىتابنىمۇ ئازتولا يامىدايمەن . مەكتەپتىكى 395 نۇسخا ئۇيغۇرچە كىتابقا مەن مەسئۇل. ئەسلى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كىتابى، لىكىن كۆرۈدىغىنىمۇ باشقۇرۇدىغىمۇ مەن….
      شۇنىڭدەك، ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش. ياش ۋاقتىمدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيلىنەي دىگەن ئويدا ھىجرەتكە قەدەم ئالماقچى بولىۋاتىمەن.
      قىرىنداشلىرىم ھىلىمۇ قوللاۋاتىدۇ، مەن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ، يۇقىرلاپ ئوقۇپ ئىسمىم جىسمىمغا لايىق نەزەرى(نەزەر+ى=ئىلىم-يۈكسەكلىككە نەزەر) بولىمەن.

  27. ئاندىروئىت سىستىمىسى قاچىلغانغان htcدىن بىرنى 1359 كويغا ئالغان، ساختىكەن، ھازىر پۇشماننى ئالغىلى قاچا يوق(ئالمىنى بەك قىممەت دەپ ئويلاپتۇق،سىلىنى يا تاپقىلى بولمىغاندىن كىيىن…….)
    ئالمىنىڭ 1000 يۈەنلىكلىرى بەك جامۇ يا؟ ئەرشۇ ئەمەستۇ؟(ئۈرۈمچىدىكى جوڭسەنچە گەپ) :mrgreen:
    باھا تۆۋەنلىرىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەپ نەدە؟ يا سىغىمى كىچىكمۇ بۇنىڭ؟

    1. مىنىڭ 1000 سوم دېگىنىم 1-،2- ئەۋلادنىڭ ماللىرى. سىستىمىسى ئوخشايدۇ، لىكىن قاتتىق دېتال پەرىقلىق بولغاچ ئىجرا سۈرىتى پەرقلىنىدۇ.
      ئالما نىڭ قاتتىق دېتالىنى ۋە مەشغۇلات سىستىمىسىنى ھىچقانداق بىر ئىنسان قايتا قانۇنسىز ئوخشىتىپ ياسىيالمايدۇ. شۇڭا يالغىنى ئاز.
      1-ئەلاد 800 ئەتراپىد ,نامى iphoneا
      2- ئەۋلاد 1500 سوم ئەتراپىدا
      3- ئەۋلاد 2500 سوم ئەتراپىدا
      4- ئەۋلاد 4000 سوم ئەتراپىدا
      5- ئەدلاد تېخى چىقمىدى.
      يۇقارقى باھادىن بەك پەرقلەنگەن ئۈسكىنىدە ئىنىقلا گەپ بار.
      باھا تۆۋەنلىرىنىڭ قاتتىق دېتالى ئوخشىمايدۇ، پەقەت سىرىتقى شەكلى ئوخشايدۇ(ھازىر تېخى بازاردا 5- ئەۋلادنىڭمۇ تەقلىد قىلىنغانلىرى بار.)
      ئۈسكىنىنى قوزغىتىپ itunes غا چاتساقلا راست يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      يالغىنىنى itunes ئاچالمايدۇ. يالغىنىنى بىكارغا بەرسىمۇ ئېشلىتىشكە ئەرزىمەيدۇ. رادىئاتسىيە ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ مىڭە راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!!!!!!!!

  28. ئۇنداقتا ئالما لازىم بوپ قالسا نەزەرباينى ئىزدىسەك بولغىدەكتە!!
    سىزدىن ئالغاندىن كىيىن قانداق ئىشلارنى ئۈگىتىپ قويىسىز؟ بىلگىنىنى بىزدىن ئايىمايدۇ دەپ ئويلايمەن!

  29. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم نەزەرباي، مەن قايسى كۈنى گىپىنى قىلغان ئىنىق ئەمەس تېلفۇننى ئەتە مىنىڭ يىنىمغا ئېلىپ كەلمەكچى………..
    مەن ئۇنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ قانداقىلقىنى قانداق قىلسام بىلەلەيمەن؟
    قايسى قورالدىن پايدىلنىمەن؟ قورالنى نەدىن تاپىمەن؟ (مەن ئىنگىلىزچىنى چورت بىلمەيمەن) بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز………………………..

    1. ئۈسكىنىنى قوزغىتىپ itunes غا چاتساقلا راست يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      سىز itunes نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، بايقىيالمىسا يالغان.
      ئاندىن ئۈسكىنىنىڭ باش بېتىدىن 设置-通用-关于本机 دىگەن تەرتىپ بويىچە كىرىپ ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ بىقىڭ.
      بۇ لارنىڭ ھەممىسى خەنچە.

  30. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

    https://sites.google.com/site/4iphoneapp

    ئەگەر مۇمكىن بولسا، يۇقىرىقى بەتنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى سىناپ كۆرۈپ بېقىپ، پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز. بولسا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققان بولسا ياخشى بولار ئىدى، بىلىككە تىزىملىتالمىدىم. شۇڭا مۇمكىن بولسا، سىزنىڭ مۇشۇ توغرىلىق بىر تېما يوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    1. مەن سېنىدىم.
      ئۇسلۇب نورمال قوشۇلدى، لىكىن قوشۇلغان كۇنۇپكا تاختا ھالىتى ئۆرگەرمىدى. ئەرەبچە ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.
      سىستىما 4.3.2

        1. مەندە نورمال. ئەمدى ئەپلەشتى، مەن بىلىككە ئىلان قىلىپ قوياي دەپ قارىسام سىز يوللاپ بولۇپسىز
          كۆپ ئەجىر قىپسىز. رەھمەت.
          ئەمما بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ھىچقانداق ئىلمىيلىقى يوق دەپ قارىلىپ ئالما شىركىتى كىيىنكى چوڭ يىڭىلاشتا ئىلان قىلىدىغان كۇنۇپكا تاختا ئۆلچىمى ULY ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بولىدىكەن.
          شۇڭا ئالدىرغانلار يۇقارقى كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ تۇرساڭلار، ئالدىرمىغانلار كىيىنكى ئۆلچەملەشكىنىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  31. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئۇيغۇر يانفۇن ھەۋەسكارلىرى تورىدىن بولىمەن ، ئۇلىنىش ئېلتىماس قىلماقچى ئىدىم ، توربىتىمىز گەرچە كىچىك ھەم يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇلىىش قىلىپ قويۇشىڭلارنى سوراپ كەلدىم ، مۇمكىن بولسا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتساق رەھمەت ، توربىتىڭلارنى سىلەردىن سۇرىماستىنلا ئۇلىنىش قىلىۋالدىم كەچۈرۈڭ !

    1. تۈزۈت قىلماڭ!
      خالاستان بىلوگىمۇ تېخى كىچىك بىر بىلوگ خالاس.
      كەسپداش، سۆھبەتداش بۇرادەرلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.
      ھازىرلا دوستلۇق ئۇلىنىشىغا قوشۇلدى.
      كەسپىي تور بەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن.

  32. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرىي، بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، گۈللەپ ياشنىسۇن.
    بلوگىڭىزنىڭ لوگو ئادېرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، توربېتىمىزدە ئۇلىنىش قىلىپ قوياي. بىزنىڭ توربەتنىڭ لوگو ئادېرىسى : http://www.xjefan.com/efanlogo.gif ، بولسا بۇنى سىزمۇ بلوگىڭىزدا ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز.
    شىنجاڭ ئېلېكترون ھەۋەسكارلىرى توربېكىتى
    http://www.xjefan.com

    1. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      ماۋۇ سىستىما سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى سىپەم دەپ توسۇپ قويۇپتۇ. ھازىر قايتا تەكشۈرۈپ تېپىشىم.
      كۆپ رەھمەت. مەن بۇرۇنلا بۇ بەتنى كۆرۈپ كىرىپ تېزىملاتقان ئىدىم، لىكىن تەستىق نومۇرى چىقمىدى. مەنمۇ ئېلىكترون ئۈسكىنە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن.
      ئۇلىنىشقا ئەلۋەتتە قوشۇلدى.

  33. nezeri ئەپەندىم خالاستان بلوگىنى قۇرۇپ ياخشى قىلىپسىز. بلوگىڭىزنىڭ روناق تېپىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مەن google دىن ئېلان ئىلتىماس قىلاي دىگەن ئىدىم. تور بېكىتىمنىڭ نامىhttp://www.yuksilix.com مۇشۇ ئىدى. سىز بىلەن ئالاقە قىلالماي قالدىم. مۈكىن بولسا QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىرلەشكەن بولساق بولاتتى. ياكى بولمىسا146118244 بۇ مېنىڭ QQ توپ نومۇرۇم قوشۇلسىڭىز مۇشۇ توپتا پىكىرلەشسەكمۇ بولىدۇ.
    بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم، مۇمكىن بولسا سىزمۇ بېكىتىمنى قوشىۋالسىڭىز.
    لوگو ئادرېسى: http://www.yuksilix.com/logo.gif

    1. كۆپ رەھمەت! تۈزۈت قىلماڭ! ھەممىمىز ئۆگۈنگۈچى.
      ئىلان ھەققىدە http://blog...//vip دىن كۆرسىڭىز تېخمۇ ئىنىق مەلۇماتلارغا ئىرىشەلەيسىز.
      مەن سىزنىڭ توپىڭىزغا قوشۇلدۇم، QQ admin@../
      ئۇلىنىشمۇ ئالماشتۇرۇلدى، رەھمەت.

  34. ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم نەزەرىي ئەپەندىم ياخشىمسىز ! ئالدى بىلەن مەن بۇ بىلوگنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققىنىنى تەبرىكلەيمەن ، ھەم تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    خالاستان بىلوگى بىلەن ئۇلۇنىش ئالماشتۇرساق خالىسڭىز ئۇچۇر قىلىڭ 747270154
    بىكەت ئادرىسى : http://www.uycar.com
    سەۋيەمنىڭ چەكلىكىدىن مۇشۇنچىلىك قىلالىدىم ، لىكىن تىرشىۋاتىمەن :arrow:

  35. خالاستان بلوگىنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى تەخمىنەن قانچىلىك بولاۋاتىدۇ؟
    مەن بىلىپ قالسام پايدىسى بولىشى مۇمكىن…ئەگەر كۆپ بولسا ئىنكاسقا دېققەت قىلىمەن :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    1. ھازىرقى ئۈنۈملۈك زىيارەت IPسى 500 ئەتراپىدا. تېما مەزمۇنى قىسقا شۇنداقلا تېخنىكىلىق ماقالىلەر كۆپ بولغاچ PV سى بىر قەدەر تۆۋەن.
      ماقالە ھەجىمىنى كىڭەيتىش بىلەن زىيارەتچىنىڭ بىكەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتساق نىسبەتەن ياخشى.

  36. assalamualykum
    man yigiden bir iphone sitiwalgan edem ak alma kurunup kitip kalde bu tugrilik hiqnima bil migan likim uqun bu hatni yaz de yardemigiz ni ayimigay siz alla rahmat kil sun

  37. essalamu eleykum .nezeri inim .men zhong,go tiligirafining tilipun nomur kartisi (133.189 )ni ishlitettim hazirqi iphone 4 tilipunning mushu kartilarni qollaydighinini qandaq sitiwalimen .ichkiridin epkilip qeshqerdin bijirgen 133 kartilarni silip ishlitishke bolamdu ?yaki bir yerlerde nomurimizni tilipungha yazghuzup andin ishlitimizmu? bir meslehet bergen bolsingiz .sizni malal qildim .

    1. جاۋابنى كېچىكىپ قالدۇرۇپ قالدىم.
      تېىلگىرافنىڭ cdma2000 تورىغا ماس كىلىدىغان iPhone ھازىرچە جوڭگوغا قانۇنلىق كىرمىدى. لىكىن بىر نەچچە ئاي ئېچدە كىرىشنىڭ گېپى بار.
      بۇ خىل iphone غا كارتا چۈشمەيدۇ، پەقەت ھازىر سچۈەن، جىياڭشىي، گۇاڭدوڭ تېلىگىرافى ئۆز رايۇنلىرىدكى بىر قىسىم ھەۋەسكارلارغا نومۇر يېزىپ بېرىپتۇ.
      شىنجاڭدىمۇ بىر نەچچە ئاي ئېچىدە بولىدۇ.

  38. ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم! مەن يېقىندا بىر ئايفون4 تىن بىرنى ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدىم. بىراق ئۇنى شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ ئالالمىدىم. سىزدە ئالغىلى بولىدىغان بىرە ئامال-چارە تەدبىر بارمىدۇ؟
    مەنمۇ مۇشۇ بېيجىڭدا ئىدىم. مەن ئېقىدىن ئالماقچى راست…

    1. ئاق رەڭلىكى سەل قىسراق. لازىم بولسا مەن ئۇقۇشۇپ بەرسەم بولىدۇ. بىزنىڭ مەكتەپتە مال مەنبەسى بار. خىلى ئىشەنچلىك. مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن مەن مەكتەپتە.

  39. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھورمەتلىك تورداشلار، مەن ئايفۇنۇمنى تۇرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن ،cydia نورمال ئېچىلغان ئىدى. ئىككى كۇن بولدى cydia قوزغاتسام ،بەشمىنۇتتىن ئارتۇقراق ساقلىسام ئاران تەستە ئېچىلۋاتىدۇ، باشقا يەرلىرى نورمال،شۇڭا ياردەم قىلساڭلار ،تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.
    يەنە بىر ئىش: ئورتاق تور دىگەن يەر يوقاپ كەتتى، نەدىن ئەسلىگە كەلتۇرمىز،

  40. رەخمەت nezeri ئەپەندىم ،بەك ئەپسۇسcydia نى داۋاملىق شۇ ،تورغا چاتقان ھالەتتە قوزغىتىمەن، يەنىلا شۇ ئوخشاش، باشقا ئامالمۇ بارمىدۇ؟

    1. ئەسلى مىنىڭ ئويلىغىنىم تورغا چاتقاندىن كىيىن cydia يىڭىلىنىدۇ دېگەنتىم.قارىغاندا يىڭىكەن. بىر ئامال بار ، قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش . بۇنىڭدا ھىچقانداق خەتەر يوق. بۇرۇنقى دېتاللار ئۆچمەيدۇ.

  41. كوپ رەخمەت. كوپلىگەن ،ئۇيۇن-دېتاللارنى قاچىلغان ئىدىم. شۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينەن ساقلىنىپ قالامدۇ؟
    SHSH نى زاپاسلامدىم،ياكى زاپاسلىمىساممۇ بۇلېۋېرەمدۇ؟ تەپسىلىرەك چۇشەنچە بەرسىڭىز، سىزنى كوپ
    ئاۋارە قىلدىم. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.ئامين……………….

  42. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى:
    ئالدىنقى قېتىم سىز يەرلىكلەشتۈرگەن WikiUyghur نى چۈشۈرگەنتىم. كومپيۇتېردا Mdict دىگەن لۇغەت بىلەن ئاچسام ئاساسەن نورمال، لىكىن Mdict نىڭ Windows mobile نۇسخىسى بىلەن ئاچسام خەتلەر پۈتۈنلەي تەتۈر. ئالىپ تورىدىن چۈشۈرگەن لۇغەت سۆزلىكىنى كومپيۇتېردا ئاچساممۇ خەتلەر پۈتۈنلەي تەتۈر. بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى سىز ياسىغان WikiUyghur يانفۇندا تەتۈر، ئالىپ ئەپەندى ياسىغان سۆزلۈك كومپيۇتېردا تەتۈر چىقىدىكەن. كومپيۇتېردا ماتىياللار خېلىلا مول، لىكىن يانفۇننىڭ سەل كەمچىل. ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە WikiUyghur نى يانفۇندىمۇ نورمال كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز، ماڭا ئوخشاش ئالمىسى يوق، مايكروسوفتمۇ تاشلىۋەتكەن سىستىمىلىق تېلېفۇن ئىشلەتكۈچىلىرى سىزدى تولىمۇ مىننەتدار بولتتۇق. رەھمەت

  43. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم؛ سىز دىگەندەك قايتا تۇرمىدىن قاچۇرساممۇ cydia نىڭ قوزغۇلىشى
    يەنىلا بەك ئاستا ،باشقا يەرلىرى نورمال ھىچ بىلەلمىدىم.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنۇملۇكرەك چارە بارمىدۇ؟
    سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلدىم.

  44. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    بۇگۇن بىر دوستۇمنىڭ 3G تېلېفونى بەكلا ئەخلەتكە تولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنى ئايتۇنس بىلەن ئەسلىگە قايتۇرغان ئىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن 1015 خاتالىقى كۆرۇلدى. بلوگىڭىزدىكى 1015 خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانساقمۇ يەنىلا نورمال قوزغالماي ئايتۇنىس نىڭ بەلگىسى چىقىۋالدى. تېلېفوننىڭ تور قۇلۇبى بار ئىكەن. توردىن قىزىپمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق بىرەر ھەل قىلىش چارىسى يوق ئىكەن. بۇنى ئوڭشاش ئىمكانىيىتى بارمىدۇر

    1. بۇ نداق ئەھۋالدا iPhone نى ئورگان تەرەپ بولىقى بىلەن نەشىر كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. پەقەت 自制固件 دەيدىغان 3-تەرەپ ياسىغان بولاق ئارقىلىق كۆتۈرىمىز.
      سىز http://www.google.com.hk/url?sa=t&source=web&cd=1&ved=0CBsQFjAA&url=http%3A%2F%2Fbbs.weiphone.com%2Fread-htm-tid-1109524.html&ei=HwIATuT-FYKmuAPLktWADg&v6u=http%3A%2F%2Fdualstack.ipv6-exp.l.google.com%2Fgen_204%3Fip%3D123.126.50.108%26ts%3D1308623391595382%26auth%3Dxilcolo5upabhf5wc2q5viscpfqmwh23%26rndm%3D0.03746488876640797&v6s=2&v6t=3198&usg=AFQjCNFSXX1PaUkaOV6vFOXSQP4k8QLy6A&sig2=i4Q16LLwdDvptt520vuUMw دىن بولاق چۈشۈرۈڭ.
      ئاندىن http://blog...//428.html بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.جەريان تەس ئەمەس. ئوڭايلا قىلالايسىز.

      1. بىر كۈنلۈك ئۆمرۇمنى زايا قىلىپ ئاخىرى ئوڭشىدىم ئۇنى… قۇلۇپى بار دىگەن ئايفونغا يىقىن كەلمەيدىغان ئىشكەن.. لىكىن 2 ئەۋلاد بىر ئامرىكا نەشىردىكى ئايفوندا بىر نەچچە قىتىم نەشىر يىڭىلاپ ئەسلىگە قايتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغان بولساممۇ يۇقارقىدەك ئەھۋالغا دۇچ كەلمىگەن ئىدىم.

  45. سىزدىن بىرمەسلەھەت سوراي . ئايفۇن لاردا بىرەر توربىكەتنى زىيارەت قىلغاندا شۇ توربىكەت ئىچىدىكى سۇرەتلىك ھۆججەتنى قويالمايدۇ…ئاددىسى ulinix.cn غا كىرسەك باشبەتتىكى ناخشىنى قويمايدۇ..بۇنىڭغا قانداق ئامال-چارە ئىشلەتكۈلۈك؟

  46. ئەسسالامۇئەلەيكۇم نەزەرى ئۇستاز سىزدىن بىر ياردەم سورايتىم ئازراق ۋاقتىڭىزىنى چىقىرىپ ياردەم قىلسىڭىز:
    مەن win7 ئىشلىتىمەن. ئۇزۇندىن بۇيان مەۋھۇم كومپيتۇر يۇمتالى VirtualPC2007SP1نى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.مەۋھۇم كومپيتۇرنى تورىنىڭ ئىسىم پارولىنى كىرگۇزۇپ تورغا ئۇلىسام ئۇلىناتتى .يىقىنىڭ ياقى كومپيتۇرمىنى توردىن ئۇزۋىتىپ ئۇلىمىسام مەۋھۇم كومپيتۇر تۇرغا ئۇلانماس بوپ قالدى.قانداق قىلسام ھەر ئىككى كومپيتۇرنى بىرلا ۋاقىتتا تورغا ئۇلىيالايمەن. مۇشۇ ھەقتە رەسىملىك كۇرسەتمە قىلىپ بىرەر دەرسلىك قىلىپ بىلوگىڭىزغا چىقىرىپ قۇيالاسىزمۇ؟win7 تىخى يىڭى بولغاچ تور ئۇلىنىشىنى ئورتاق قىلىش ،سىمىز تورغا چىقىش دىگەن بىلىملەرگە ئىھتىياجىم چۇشۇپ قالدى. ئۇستاز سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.

  47. نەزەرى ئۇستاز سىز كورسەتكەن ئۇلانمىدا سىمىز تۇر مۇھىتى قۇرۇشنى سوزلەپسىز. مەن مەۋھۇم كومپيتۇرنى تۇرغا ئۇلاش ئۇچۇن مەنمۇ تەرتىپ بۇيچە سىمىز تۇر مۇھىتى قۇرامدىم؟ ياكى ئۇنداق قىلماي ھەل قىلامدىم؟win7 نى يىڭى ئىشلىتىۋاتقاشقا تازا بىلەمىدىم ئۇستاز بولسا ۋاقىتىڭىز يار بەرسە
    مۇشۇ ھەقتە ئايرىم تۇختالسىڭىز…..

  48. نەزەرى ئۇستاز سىز بارمۇ؟كۇندە كىرىپ سوئالىمىنىڭ جاۋابىنى ساقلاۋاتىمەن. بىلوگىڭىزغا تىزىملىتىپ تىما يوللىغىلى بولدىغان قىلسىڭىز بولمامدۇ؟

    1. مەن بار.مەسىلىنى تەپسىلىي بايان قىلسىڭىز. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ، ئۆي كۆچۈپ ئالدىراش، شۇڭا ۋاقتىدا قايتۇرالمىدىم

  49. مەن win7 ئىشلىتىمەن. ھەم مەۋھۇم كومپيتۇر دىتالىVirtualPC2007SP1نى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.
    ئوزەمىنىڭ كومپيتۇرىنى تۇرغا ئۇلاپ مەۋھۇم كومپيتۇرىنى قۇزغۇتۇپ تۇرغا ئۇلىسام ئۇلانمايدۇ.
    ئوزەمىنىڭ كومپيتۇرىنى توردىن ئۇزۋىتىپ ئۇلىسام ئۇلىنىدۇ.دىمەكچى بولغىنىم، ئوزەمنىڭ كومپيتۇرىنىڭ يەنى win7 نىڭ تور ئۇلىنىش قىلدىغان كوزنەكلىرىنى قانداق تەڭشىسەم،مەۋھۇم كومپيتۇرىنى قانداق تەڭشسەم ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تۇرغا ئۇلىيالايمەن.

    1. سىز مەن ئالدىنقى قېتىم كۆرسەتكەن تېمىدىكى wifiدېگەننىڭ ئورنىغا virtual دەپ باشلانغان ئۇلانمىنى قوشسىڭىزلا تامام .

  50. راستىنى دىسەم نەزەرى ئۇستاز مەن سىز يوللىغان تىمىدىكى باسقۇچ بۇيچە مەشغۇلات قىلىپ قارىسەم سىز كورسەتكەن رەسىملىك مىنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن بىر يەرلىرى بىلەمەي گاڭگىراپ قالدىم.
    سىزنىمۇ كوپ ئاۋارە قىلدىم.مەن بىر قانچە كۇن ساقلاي ئۇستاز خاپا بولماي مۇشۇ مەسلىنى بىر
    دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ قۇيسىڭىز،،،مەن ھەم باشقىلار بىلىۋالساق…

  51. ماقۇل. مەن مەۋھۇم كومپيۇتېر توغۇرلۇق تېما يوللاي.
    مەن بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۆي كۆچۈپ سەل ئالدىراش، تىزراق تۇتۇش قىلاي. ئۇنتۇپ قالغاندىن قىلسام يەنە ئەسكەرتسىڭىز خاپا بولمايمەن. خا ىخا

  52. بولىدۇ ئەمسە كۇندە ئەسكەرتىپ تۇرىمەن دەرسلىك تەييار بولغىچە….بىلىمىنى گايىدا ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئۇگنمىسە بولمىغۇدەك جۇمۇ…ھى ھى ھى :mrgreen:

  53. yahximu siz! iPhone ni nimixka 网吧 nig jizi liri tunimaydu? iTunes itools 91 mu tunimaydikan..bunigha baxka amal barmu? maga jiddi lazim bolhanti. yardam kilsigiz.

    1. 网吧نىڭ كومپيۇتېرلىرىدا ئادەتتە apple mobile device support دەيدىغان قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلانمىغان بولىدۇ. شۇڭا شۇنداق، ئادەتتە iTunes نى قاچىلىغاندىن كىيىن بىللە قاچىلىنىدۇ

  54. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    نەزەرى ئەپەندى سىزدىن بىر مەسلىھەت سۇراپ باقاي دىگەن ئىدىم iPhone 4 نىڭ ھازىرقى باھاسى نەچچە بولىۋاتىدۇ …..بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم iPhone 4 توغرىسىدا ھىچقانچە نەرسە بىلمەيمەن

  55. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى :sad: ئۇستاز بامۇ سىز ماڭا ياردەم قىلىڭە، مەن ئايفۇنۇمغا Cydiaدىن91来电秀نى قاچىلغان ئىدىم ،بەك ئەپسۇس ئايفۇن قوزغالماس بوپ قالدى ،بىراق iTunesقا ۋە ئېتولىس تا نورمال ئۇلىنىپ ئىچكى سېستىمىسى ئېچېلۋاتىدۇ. تۇنۇگۇن بىر شۇنداق بوپ قالغانتى، ئۇزى ئېچىلغان بۇگۇن ئېچىلمىدى ئەتىگەندىن بىرى ئاق ئالما بوپ تۇردۇ، چۇشتە مەن ئېتولىسقا چېتىپ ئىچىدىكى سېستىمىسى ئارىسىدىن 来电秀نىڭ ھوججختىنى قول بىلەن يۇيۋەتكەنتىم . ھىچ بىلەلمىدىم ، ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەر باتى. كوڭلۇم بەكلا يېرىم ئامال بولسا بىر چارە-ئۇسۇل دەپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم

    1. ھازىر ئېچىلمىغان ھالەتتە بولسا سىز 91助手 دا تۇرۇپ 修复白苹果 دېگەن بۇيرۇقنى سىناڭ. ئۇمۇ بولمىسا 91来电秀نى قايتا قاچىلاپ ئاندىن ئۇنى iTools ئارقىلىق ئۆچۈرۋىتىڭ.
      ئەگەر ئىكران ئېچىلماي تۇرۇۋالغان بولسا سىز مەنبە ۋە باش بەتكە قايتىش كۇنۇپكىلىرىنى تەڭ بېسىپ تۇرسىڭىز ئالما ئۆچىدۇ، ئاندىن قايتا قوزغىتىڭ،
      خاتىرجەم بولۇڭ، قاتتىق دېتالدىن چاتاق چىقمايدۇ، ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

  56. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ماۋسۇم ئاخىرى بوپ قالغاچ ھەم ئۇنىڭغائۇلاپلا ئىككى ئايلىق پراكتىكا ئشلىرى بىلەن بۇ ئىككى ئاي بلوگقا بىرەر چىكىت چاغلىق يازمىمۇ چىقىرالمايدىغاندەك قىلىمەن. لەپتوپنىڭ ئورنىغا ئالغان زاپەر كومپيۇتېرىم ياتاقتا قالدى. ئۇنىڭنىڭ ئۈستىگە پراكتىكا سەل جىدديدەك قىلىدۇ. كەچۈرۈڭ.  

  57. ياخشىمۇسىز نەزرى ئالما مەسۇلاتلىردا نىمە ئۇچۇن قىستۇرما سىن پۇرۇگىرممالىرى. قويغىلى بولماي. دۇ مۇشۇنڭغا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز 

    1. يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەردە ئادەتتە سىمسىز تور ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا تور سۈر سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئېقىم تىجەش ئىھتىياجى بىلەن i جەمەتىدىكى ئۈسكىنىلەرگە كەينى سۇپىدا، قىستۇرمىدا ئىجرا بولمايدىغان safari قوشۇلغان.
      بۇنىڭغا apple دېكىلەر يىقىندا يىڭىلاش ئېلىپ بارمايدۇ. پەقەت 3-تەرەپ دېتاللىرى قىلالىشى مۇمكىن. ياكى باشقا تور كۆرگۈلەرنى قاچىلاشقىمۇ بولىدۇ.

  58. نەزەرى ئۇستاززززززززززززززززززززززززززززززززززز :cry: مەۋھۇم كومپيتۇر ھەققىدىكى دەرسىلىك ?

  59. مەن ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ئەمەس. مەن كامىدا 7-8 خىل مەۋھۇم كومپيۇتېر چۈشۈردۈم.
    ئەڭ ھالقىلىق يىرى مىنىڭ كومپيۇتېرىم ssl2 بۇيرۇقى قوللىمىغاچ بىۋاستە ئىجرا بولمىدى. مەن ھازىر كومپيۇتېرغا Ubuntu قاچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە windows ئىجرا قىلىۋاتىمەن. شۇڭا قولۇمغا كەلسە نورمال ئۇلىيالىدىم. ئەمما تېمىنى قانداق يوسۇندا يىزىشىنى بىلمىدىم. چۈنكى ئىكراندا رەسىم تۇتقىلىق بولمايدۇ. شۇڭا مەن ھازىر قايتا سىستىم قاچىلاپ، مەۋھۇم كوپيۇتېردا ئىجرا قىلىپ ئاندىن تەپسىلىي رەسىم تۇتۇپ سىزلا ئەمەس بارلىق مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققان قىرىنداشلار ئۈچۈن تەييارلاۋاتىمەن. ئۈمۈدسىزلەنمەن تۇرۇڭ. ئەسلى سىزگە خەنچە بىر دەرسلىكنى تەرجىمە قىلىپلا يوللاپ بەرسەممۇ يىرىم سائەتلىك ئىش ئىدى.مىنىڭ ئويلىغىنىم، مەن مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى دەپ يۈرگەنىكەنمەن چوقۇم ئۆزۈم راۋرۇس ھەزىم قىلىپ ئاندىن مەسىلىگە يۈزلىنىشىم كىرەك.

  60. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    قولۇمغا بىر ياپوندىن كەلگەن iPhone 3G چۈشۈپ قالدى. تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قاچۇردۇميۇ ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىش GSM كارتىسىنى قوللايدىغان قىلالمىدىم. قىلىپ كۆرگەن ئىشلىرىم:
    RedSn0w ئارقىلىق iOS4.1 ۋە 4.2.1 لارنى ئايرىم ئارىم تۈرمىدىم قاچۇرۇدۇم. تۈرمىدىم قاچۇرۇش مۇۋاپىقەتلىك بولىدۇ. لېكىن UltraSn0w نى بىر ئاماللار بىلەن قاچىلىساملا سىستېما قوزغىلالماي ئاق ئالما شەكلىدە تۇرۇپلا قالىدۇ.
    بايام تېخى 4.1 نى ئوڭۇشلۇق قاچىلىدىم ۋە تۈرمىدىن قاچۇردۇم. RedSn0w مۇ ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى. لېكىن 运营商 دىگەن يەرگە 中国移动8.0 دەپ چىقىۋالدى ۋە ئىكران ئۈستىدىكى سىكنال كۆرسەتكۈچىسى «ئىزدەۋاتىدۇ…» ھالىتىدىلا تۇرىۋالدى.
    شۇنىڭ بىلەن قايتا 4.2.1 نى قاچىلىدىم ۋە تۈرمىدىم قاچۇردۇم. شۇنىڭغا كۆزۈم يېتىدۇكى ئەگەر UltraSn0w نى ھازىر قاچىلىسام سىستېما يەنە قوزغىلالمايدۇ.
    توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بۇنى 调制解调器 固件 نومۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن. يەنى، قولۇمدىكى تېلېفوننىڭ مەزكۇر نومۇرى: 05.15.04 ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا نۆۋەتتىكى UltraSn0w بۇ نومۇرلۇق تېلېفوننى تونۇماسمىش.
    بۇ تېلېفوننى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ GSM سېگنالىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىر ئامال كۆرسەتسىڭىز. (iPad نىڭ ھالىتىگە ئۆتكۈزۈش دىگەندەك بىر گەپلەرنىمۇ توردا كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن، لېكىن تازا ئاڭقىرالمىدىم). قولۇمدىكى تېلېفونغا ئالاقىدار iTool دا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:


    设备名称: iPhone
    激活状态: FactoryActivated
    基带版本: 05.15.04
    基带启动器: 5.9_M3S2
    蓝牙地址: 00:23:12:8a:e7:41
    产品版本: 8C148
    CPU架构: armv6
    设备类型: iPhone
    设备颜色: white
    固件版本: iBoot-931.71.16
    硬件型号: N82AP
    SIM卡标识: 89860056300844171924
    IMEI: 011712009981967
    IMSI: 460005410671924
    MLB序列号: J58332HL5YEUC
    移动订阅网络码: 00
    设备型号: MB500
    分区类型: GUID_partition_scheme
    密码保护: False
    产品类型: iPhone1,2
    产品SOC: True
    系统版本: 4.2.1
    协议版本: 2
    地区信息: J/A
    SIM卡状态: kCTSIMSupportSIMStatusOperatorLocked
    序列号: 8883415Z1R4
    设备家族: 1
    Unix时间戳: 1310970921
    时区: US/Pacific
    时区差: -25200
    芯片标识: 863758517164
    设备标识: 82a9e16748e34d46e5604a5d0ba63f6ffe199306
    24小时制: False
    Wi-Fi地址: 00:23:12:8a:e7:42
    正在充电: True
    剩余电量: 82
    激活日期: 2011-04-21
    购买日期: 2009-01-17
    运营商: SoftBank JPN
    ICCID: 8981200010370936494
    购买地区: JP
    销售类型: t1
    产品标签: IPHONE 3G 16GB WHITE
    产品描述: iPhone 3G
    产品图片: https://support.apple.com/kb/image.jsp?configcode=1R4&size=72x72
    个性定制: N
    全球技术支持电话: http://www.apple.com/support/contact/phone_contacts.html

    رەھمەت سىزگە.

  61. 基带دېگىنى دەل سىز دېگەن نەرسىنىڭ نەشرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەشرى سىستىما نەشرى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلىدۇ. ھازىر 4.0.2دىن يۇقىرى نەشىرگە ماس 基带 نىڭ يېشىش ئۇسۇلى يوق، شۇڭا بىردىنبىر ئامال شۇكى 基带 نى ipad نىڭ 06.1.15 غا كۆتۈرۈش.
    باسقۇچى: سىز 4.2.1 دا تۈرمىدىن قاچۇرغان ئەھۋالدا يەنە قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىپ http://www.google.com.hk/imgres?imgurl=http://iphone.tgbus.com/UploadFiles/201011/20101129123432544.jpg&imgrefurl=http://iphone.tgbus.com/software/new3soft/hcak3/201011/20101129122142.shtml&usg=__5eMlmFkzpJaTfchu22piLRQJdGY=&h=524&w=432&sz=33&hl=zh-CN&start=57&zoom=1&tbnid=_S9V8Kk9hXmFmM:&tbnh=143&tbnw=118&ei=MxokTrj-NPHomAWL6pnKAw&prev=/search%3Fq%3D%25E5%259F%25BA%25E5%25B8%25A6%25E5%258D%2587%25E7%25BA%25A7%26um%3D1%26hl%3Dzh-CN%26newwindow%3D1%26safe%3Dstrict%26client%3Dfirefox-a%26sa%3DN%26rls%3Dorg.mozilla:zh-CN:official%26source%3Dog%26biw%3D1006%26bih%3D604%26tbm%3Disch&um=1&itbs=1&iact=hc&vpx=149&vpy=238&dur=603&hovh=247&hovw=204&tx=122&ty=135&page=5&ndsp=13&ved=1t:429,r:4,s:57&biw=1006&bih=604 دېكىدەك ئورۇندا install ipad baseband نى تاللايسىز. باشقىنى تاللىمايسىز. قالغان مەشۇلات تۈرمىدىن قاچۇرغانغا ئوخشايدۇ. ئۈستىگە ultrasnow نى قاچىلايسىز.
    دىققەت: بۇ ئىشنىڭ خەتىرى بار، شۇنداقلا نەشىرنى كۆتۈرسىڭىز چۈشۈرەلمەيسىز. بۇنىڭغا خالاستان بىلوگى سىزنىڭ ئويلىشىپ ئاندىن ئىش كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  62. ماڭا بىر بلوگ ياساپ بېرەلەمسىز؟ھەققىنى دىيىشسەك مۇۋاپىق ھەق بەرسەم،QQنۇمۇرۇم:119342980،تىزراق جاۋاپ قايتۇرسىڭىز.

  63. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى بۇرادەر سالامەتمۇ سىز. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.
    مەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش زالىدىن iphone4 دىن بىرنى سېتۋالغان ئىدىم. مەن سېتىۋالغاندا4.2 نەشرى بار ئىدى . تۇنۇگۇن 4.3.3 نەشىرگە كوتۇرسەم تور قۇلۇپى باركەن، ھەر قانچە قىلىپمۇ
    ئاچالمىدىم ، ئاخىرى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىپ مەسلىھەت سورۇدۇم .قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق
    يەشكىلى بۇلىدۇ؟ مالال قىلدىم كەچۇرۇڭ….. :?: :neutral:

  64. سىز ماڭا 调职解调器نىڭ نەشرىنى ۋە 序列号 نى يوللاپ بېرىڭ، كۆرۈپ بىر نەرسە دەي.
    ئادەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ زالىدىن ئالغان iPhone نىڭ تور قۇلۇبى بولمايدۇ.

  65. ھە راس تۇنۇگۇن 4.3.3 نىڭ بولىقىنى قاچىلاپ ئالما قوزغالغاندا sim كارتىنى قىستۇرۇڭ دەپ ئۇچۇر
    چىققان، مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايلا تۇرمىدىن قاچۇرۇپتىمەن، شۇنىڭ كاشىلسى ئەمەستۇ؟ ھازىر قايتا
    قاچىلسام يېرىم يولغا كەلگەندە ‹1013›خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى. ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟

  66. iPhone3G نى iPad بەلۋىغىدا نەشىر كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرسام ئوڭشۇلۇق بولدى. لېكىن ultraSn0w نى قاچىلاش تاماملىنىپ SpringBoard نى قايتا قوزغىتىدىغان باسقۇچقا كەلگەن سىستېما قېتىپ قالدى. بىر ئاماللار بىلەن قايتا قوزغاتسام ئاق ئالما ھالتىدە سىستېمىغا كىرەلمىدى. iTunes ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەي دېسەم 1015 نومۇرلۇق خاتالىق كۆرۈلۈپ ئەسلىگە كېلەلمىدى. redSn0w ئارقىلىق قايتا تۈرمىدىن قاچۇرغىلىمۇ بولمىدى. كومپيۇتېرغا چاتقاندا تېلېفون ئېكرانىدا iTune نى USB سىمغا ئۇلىغان كۆرۈنۈش چىقىۋالىدۇ. Umbrella بىلەن «ئەسلىگە قايتۇرۇش ھالىتى»دىن تېپىپ چىقارغان بولساممۇ يۇقارقى ئىشلار قايتا تەكرارلاندى.

    دېمەك مەن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا ئۇچراپتىمەندە. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك. :cry:
    خالاستان بىلوگىنىڭ ئويلىشىپ ئىش كۆرۈشىمنى ئەسكەرتكىنىدىن خەۋىرىم بار ئىدى بولمىسا. :lol:

  67. ئامالىنى تاپقاندەك تۇرىمەن. توردىكى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا تېلېفونۇمنىڭ ھازىرقى ھالىتىدا ئۇنىڭغا پەقەت ئۆزلەشتۈرۈلگەن rom نىلا يېزىشقا بولدىكەن. Apple تەمنلىگەن rom لارنى بىۋاستە يېزىشقا بولمايدىكەن. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستا چۈشەندۈرۈپتۇ:
    http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-1787860.html

    ھازىر ئۆزلەشتۈرگەن iOs4.2.1 نى چۈشۈۋاتىدۇ. ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن. :neutral:

  68. 多任务手势 بىلىكتە بۇ ئىقتىدارنى ئىچىش ھەققىدە بىر تىما بار ئىدى مەن شۇ تىما بويىچە ipod 4 4.3.3 ھۆججەتلەرنى كۆچۈرگەن بولساممۇ لىكىن بۇ ئىقتىدار زادىلا ئىچىلمىدى
    سىز شۇ تىمىدىكى ئىنكاسىڭىزدا نومال بولغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يىزىپتىكەنسىز. مەن شۇنچە قىلساممۇ بولمىدى سىز زادى قانداق قىلغان تەجىربىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ياكى مەخسۇس تىما يىزىپ جاۋاپ قايتۇرسىڭىز بوپتىكەن

  69. خۇداغا شۈكرى. iOS4.2.1 نىڭ شەخىسلەر ئۆزگەرتكەن نۇسخىسىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم ۋە GSM نى تونۇتىۋالدىم.
    دېمەك، شۇنىسى ئېنىقكى، 基带 نومۇرى كۆتۈرلۈپ كەتكەن ئۈسكىنىلەرگە Apple تارقاتقان rom نى ئويۇشقا بولمايدىكەن.يەنى، ئەمدى بۇ ئۈسكىنىڭ Apple بىلەن ئالاقىسى قالمىدى، تۈرمىدىن قېچىش تۈگۈل ساقچىلارمۇ ئىزدىمەيدىغان، ھەقىقىي نەشىردىكى سىستېما ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىندى دېگەندەك گەپ ئىكەن.
    بۇ مېنىڭ ھېس قىلغىنىم خالاس. ئەمدى يەنە ئىككى سۇئالىم بار:
    1. قولۇمدىكى iPhone 3G غا iOS نىڭ 4.3 ۋە تېخىمۇ يۇقۇرى نەشىرلىنىڭ شەخىسلەر ئۆزگەرتكەن نۇسخىسىنى قاچىلىسام بولامدۇ؟ ئۈسكىنىنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى كۆتۈرەلەسمۇ؟ سىناپ باققانلارنى بىلەمسىز؟(ماڭا نۆۋەتتىكى iOS4.2.1 ئاستا ئىشلەۋەتقاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ)
    2. مەن دەسلەپتە SHSH دېگەن نەرسىنى زاپاسلىۋالماپتىكەنمەن. ئەگەر زاپاسلىۋالغان بولسام 基带 نومۇرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ، قانۇنلاشتۇرغىلى بولامتى؟

    رەھمەت سىزگە.

    1. ماۋۇ گەپنى بەك ئوبرازلىق دەپسىز.
      «ئەمدى بۇ ئۈسكىنىڭ Apple بىلەن ئالاقىسى قالمىدى، تۈرمىدىن قېچىش تۈگۈل ساقچىلارمۇ ئىزدىمەيدىغان، ھەقىقىي نەشىردىكى سىستېما ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىندى دېگەندەك گەپ ئىكەن.»
      21.-ئەۋلادقا ئەڭ يۇقىرى نەشىر 4.2.1 . ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
      2. 2- ئەۋلادقا نىسبەتەن shsh نى زاپاسلاشنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئەمەس. shsh بىلەن 基带 نىڭ مۇناسىۋىتى يوق. زاپاسلىغان بولسىڭىزمۇ 基带نى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.

    1. ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن. تېخىچە تەييار قىلىپ بولالماي.ئىككى ھەپتە ئۆيدە جىددى يۈرۈپ ، تور يوق يەردە ئىش ئاقمىدى. مەن تېز بولاي.

  70. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى مەن ئپاد ئالاي دىگەن ياردەم قىلغان بولسىڭىز، ھازىرقى بازار باھاسى قانچىدۇ؟ مەن شوپۇر ئىدىم قايسى نۇسقىسنى ئالسام ياخشى بۇلار؟ 1-ئەۋلات بىلەن2-ئەۋلاتنىڭ پەرقى
    قانداقتۇ؟چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز .مەن سىزنى بىلىك توربېتى ئارقىلىق تۇنىدىم ،مەن بۇ خەتلەرنى سىزنىڭ ئالما تىلپۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۈچ دىگەن تەپسىلى دەرىسلىكىڭىزدىن پايدىلنىپ تىلپۇنىمغا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ قاچىلاپ يازدىم .مەن تۇلۇقسز ئوتتۇرغۇچىلا ئۇقىيالىغان سەۋىيەرىمنىڭ چەكلىكلكى سەۋەپ ئەزەلدىن ماقالە ئەسەرلەرنى ئۇقۇيتۇم پىكىر قاتناشتۇرمايتىم بۈگۈن تىلپۇن بىلەن ئۇيغۇرچە خەت يىزىپ بەك خوشال بولدۇم مەن ئۆزۋاقتىدائازئۇقۇپ بالدۇرلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپكىتىپتىكەممەن ھازىر تۇرمۇشۇمنىڭ بىر يەرلىرى كام بىر يېرى توق بىر يېرى ئاچ خەتلىرىم باغلاشمىغان پەش چىكىتلەرنىڭ ئورنىنى ئەسلى تاپالمىغان .مەن ئۈزەم بىلىمسىز بولغان بىلەن ئىلىم ئگىلىرنى قەۋەتلاچوڭ كۈرىمەن. شۇنداقلا بىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش تەشەببۇسى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ بىزلەرگەمىننەتسىز بىلىم بىرۋاتقان، ئىزدىنۋاتقان نەزەرى لەرگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت

    1. سىز ھازىرقى ئەھۋالدا 2-ئەۋلاد ئېلىشىىڭىزنىڭ كۆپ ئەۋزەللىكى يوق.
      تەۋسىيەم ، 1-ئەۋلادنىڭ 3g نۇسخىسىنى ئېلىڭ. سۈرىتى سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ. يول باشلاش، خالىغان يەردە تورغا چېقىشقا بولىدۇ.
      3000 سوم ئەتراپىدا 32G لىقنىڭ يامان ئەمەسلىرىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئېلىش ئويىڭىز بولسا مەسلىھەت كۆرسىتىپ ئېلىپ بىرىمەن.

  71. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بۇرادەرلەر.رامزانىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بۇرادەرلەر بۇ بىلوگقا نىمبولدى،خېلى ئۇزۇن بولدى ھىچ يېڭىلىقلار ياكى ئىنكاسلىك سوز ئىبارىلەرمۇ يوق. ھىچ بولمىسا سالام -سائەت بولسىمۇ قىلشىپ تۇرايلى. :lol:

    1. itunes تونۇماسلىقتا كومپيۇتېرنىڭمۇ ھەسىسى بار.
      ئالدى بىلەن ئۇچۇر سىمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، كومپىيۇتېرغا كىچىكلىتىلگەن سىستىما قاچىلىغان بولسىڭىزمۇ تونۇمايدۇ.
      باشتىكى itunes نى ئۆچۈرۋىتىپ ئەڭ يىڭى نەشردىكى itunesنى قاچىلاڭ.

  72. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . قېرىندىشىم سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . بىزلەرگە يىڭى شەيئى بولغان . بۇ APPLEدىگەن نەرسە توغرىسىدا ئەتراپلىق بىلىملەر بىلەن تەمىنلەۋاتىسىز.
    مەنمۇ . سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.خۇلاسە كالام ……………..
    مەن 4.3.5نى بىلوگدىكى بىر تىمىغا ئاساسەن تۇرمىدىن قاچۇرغان ئىدىم .لىكىن قوزغالماس بۇلۇپ قالدى .ئالما چىقىپلام تۇرىدۇ . يا يىگىلى بولمىغان . قانداق قوزغىتىدۇ . بىلمىدىم. بىلىمىم كەم تىمىغا بىردىن بىر قاراپ ئولتۇرۇپ يېرىم كۈندە قاچۇرسام بۇزۇلدى بۇ نىمە. :oops:

  73. نەزىرە ئەپەندىم win7نىڭDNSنىرىنى قەيەردىن قانداق ئوزگەرتىمىز؟win7نى يىڭى ئىشلەتكەچكە بىلەمىدىم كورسەتمە بەرسىڭىز

  74. ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار
    مەن ئايفون توعرىسىدا بىر قانچە سوئال سورىماقچى:
    1. مىنىڭ ئايفونۇم تۇيۇقسىز ئۉچىۋالىدىعان بولۇپ قالدى، نىمە سەۋەپتىنكىن تاڭ قايتا قوزعاتسام كۉپ بولعاندا بىرە سائەت ئاز بولعاندا بىر نەچچە مىنۇتتىلا يەنە ئۉچىۋالىدۇ، مەشعۇلات قىلسام ۋە ئىكراننى ئۇحلاتماي يورۇق ھالەتتە قويۇپ قويسام پەقەت ئۉچمەيدۇ، ئۇحلىتىپ قويساملا ئۉچىۋالىدۇ، بۇ نىمە سەۋەپتىندۇ؟ ھەل قىلىش چارىسى بارمىدۇ؟

    2. مەن مۇشۇ بلوگدا تەمىنلىگەن ئادرىس بويىچە cydia عا قوشقان مەنبەدىن دىتال چۅشۅرسەم چۅشۅپ بولعاندىن كىيىن cydia عا قايتىش دىگەن كۉزنەك چىقىدىكەن، شۇنى باسسام ئايفون قارا ئىكران، ئوتتۇرىدا يۇمىلاق بەلگە سائەت ئىستىرىلكىسى يۉنىلىشىدە توحتىماي ئايلىنىپ ( ئايفۇننى قايتا قوزعاتقاندىمۇ چىقىدۇ بۇ بەلگە) يا ئۉچىرەلمىدىم ئايفۇننى ياكى ئەسلىگە قايتۇرالمىدىم، ئامال يوق توكى تۅگەپ ئاپتۇماتىك ئۉچكىچە ساقلايدىعان گەپكەن، بۇ بەك ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋىتىدىكەن، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بارمىدۇ ؟

    3. مەن ئايفۇننى كومپىيۇتىرعا ئۇلاپ (مەيلىItunes بولسۇن ياكى itools) مەشعۇلات قىلسام ئايفۇن كومپۇتىردىن ئۅزۅلۅپ كىتىدىعان ھادىسە كۉرۅلدى، ئۇلاش سىمىدا مەسىلە بارمىكىن دىسەم توك قاچىلىعاندا پەقەت ئۅزۅلمەيدۇ پەقەت كومپۇتىردىلا ئۅزۅلۅپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ نىمە سەۋەپتىندۇ؟

    ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن !!!

    1. 1. توك يولىدا تېگىشىش باركەن. قارىغاندا بىرەر يەرگە قاتتىق ئۇرۇلۇپتۇ ياكى سۇ كىرىپتۇ. ئىچىنى ئېچىپ ئوڭشىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
      2.سىز بىرىنچى قېتىم cydia غا كىرگەندە بىر يىڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ. شۇنى تولۇق قاچىلىۋىتىڭ. پەرىزىم: قاتتىق دېتال بۇزۇلۇش سەۋەبلىك مەشغۇلات سىسىتىما نورمال ئىجرا بولالمايۋېتىپتۇ.
      3. مەشغۇلات سىستىما چاتىقى. سىز قايتا مەشغۇلات سىسىتىما قاچىلاپ بېقىڭ، ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا قاتتىق دېتالنىڭ چاتىقى. مەشغۇلات سىستىما iPhoneنىڭكىنى كۆرسىتىدۇ.

  75. ئۇف ……. بەكلا ھېرىپ كەتتىم ، تولۇق 10 سائەتتىن ئارتۇق توختىماي ئىتىشىپتىمەن …… :roll:

    كەمىنە مايورنىڭ ئايفونىدا cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەر نورمال قوزغالماي بولۇپ قالغانلىقتىن ، 2 كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ زادى نورمال قىلالماي (ئاساسلىق مەسىلنى ماۋۇ يەردە ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم http://blog...//1124.html )، نەزەرى ئەپەندى ۋە ئابدۇرېشىت ئىلى ئەپەندىنىڭ تەۋسىيسى بويىچە نەشىرىنى ئاخىرى 4.3.5 غا كۆتۈردۈم (ئەسلى 4.3.3 ، تۈرمددىنمۇ قاچۇرۇلغان ، SHSHمۇ زاپاسلانغان ئىدى) ، بۇ i فامىلىلىك ئەبلەخلەر يۇقىرغا يامىشىشىقا بەكلا ئامراق ، تۆۋەنگە قاراشقا ھالى يوقمۇ ئوخشايدۇ ، نەشىرىنى چۈشۈرۈشتە ئون نەچچە قېتىملاپ سىناق قىلىپ ، مەغلۇپ بولدۇم ، ئاخىرىدا بىر قېتىم غەلبە قىلىپ ، نەشىرىنى چۈشۈرۈۋىلىشنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن (بۇ جەرياندا نەزەرى ئەپەندىنىڭ دەرسلىكى بەكلا ئەسقاتتى، گەرچە شۇنچە تەپسىلى بولسىمۇ ھامان بىر قېتىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغلى بولۇش ناتايىندەك تۇرىدۇ ، بۇنىڭغا پەقەت چىدام ۋە سەرچانلىق بولمىسا بولمايدىغانلىقى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگەن ئايان) ، نەشىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا چۈشۈرۈپ ، ئارقىدىنلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۈم ، بۇرۇن 4.3.1 نى 4.3.3 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئىشلەتكەن قۇيما بولاق (iPhone3,1_4.3.3_8J2_Restore)بار ئىدى ، 4.3.5 دىن تولىمۇ كۆپ مۈشكۈلاتلاردا 4،3،5 غا چۈشتۈم دېسەممۇ بولىدۇ ، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندا قارىسام يانفوننى SIM كارتىسىنى زادى تونۇمىدى ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئۇنداق ئەھۋال يوق ئىدى ، تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا ئىشلەتكىنىم بولسا redsn0w_win_0.9.6rc16 ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭدا تۈرمىدىن قاچۇرغان ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئالاھەزەل 3 سائەتنىڭ ئىچىدە نەشىرنى 4.3.5 غا ئۈچ قېتىم يۇقىرلىتىپ ، 4.3.3 گە ئۈچ قېتىم چۈشۈپ (ئىشى يوق زېرىكىپ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ يەنە :lol: ، نەشىرنى چۈشۈرۈپ SIM كارتىسىنى تونۇمىغاچقا مۇشۇنداق قىلدىم ) ، ھەر قېتىمدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدۇم ، لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرساملا SIM كارتىنى تونۇماي تۇرۇۋالدى ، ئىكراننىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە تېلېفوننىڭ بەلگىسى ، ئەستىغا يامغۇر ياققانغا ئوخشاش بەلگە چىقىۋالدى ، گوگىللاپ بېقىپ ، ئامېركا قۇلۇپلاقلىق نەشىرىدىكىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندا SIM كارتىسىنى تونۇتۇش ئۇسۇلى بويىچىمۇ قىلىپ باقتىم ( http://www.jimok.com/forum.php?mod=viewthread&tid=59 مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ) ، لېكىن كېيىن تازا ئويلىنىپ باقسام ، بۇ ئۇسۇل مېنىڭكىگە ماس كەلمەيىدىكەن ، مېنىڭ ئايفونۇم ئەسلىدىنلا چوڭ قۇرۇقلۇق قۇلۇپسىز نەشىرى تۇرسا ، ئەلۋەتتە ئۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ دە ، (GEVEY كارتا چاپلىقى ئارقىلىق ئامېرىكا نەشىردىكى قۇلۇپلانغان نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىكەن ) .
    مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن رېيازەتلەرنى چېكىپ يۈرۈپ ،ئۈچ سائەتكە يەتمىەەن ۋاقىتتا 4.3.5 غا ئۈچ قېتىم چىقىپ 4.3.3 گە ئۈچ قېتىم يىنىپ چۈشتم ، لېكىن 4،3،3 گە چۈشۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېينىلا SIMكارتىنى تونۇماي تۇرۇۋىلىشى زادى ئوڭشالمىدى ، ئۇنىڭ دېگەننى ئاز دەپ iTools ئارقىلىق يانفوننىڭ ئۇچۇرلىرىغا قاراپ باقسام سېتىلغان رايون (销售地区) ، سېتىۋالغان ۋاقىت (购买日期) ، پائالىيەت ۋاقتى (活动日期) ، كاپالەتلىك رېمۇنت مۇددىتى (保修到期) دېگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممسى يوق بولۇپ قاپتۇ ، ھېلىھەممۇ شۇنداق ، ئۆزەمگە ئازراق تەسەللى تېپىش ئۈچۈن :oops: نەشىرنى يەنە 4.3.5 غا كۆتۈرۈپ قويۇپ قويدۇم ، لېكىن بۇرۇنقى كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچلەر يوق ، بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم .
    قېنى بۇرادەرلەر ، يۇقارقى مەسىلىلەرگە قارىتا ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار ، مەنمۇ مۇشۇ باھانىدە نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، چۈشۈرۈش ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەھەتتكى ‹‹ چولپان›› بولۇپ قالسام ئەجەپ ئەمەس .

    1. راست بەك جەبىر تارتىپسىزغۇ.
      سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن ياكى 4.3.5 دىى چاغدا sim كارتىنى نورمال تونۇغانمۇ؟ سىز نىڭ مەشغۇلاتىڭىزنى رەشىدكام ئالدىنقى ھەپتە قىلىپ چىققان.ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن، ھەم كۆرۈلمەسلىكى كىرەك ئىدى.
      4.3.5 نىڭ ئاساسى بەلباغى 04.10.01 لىكىن 4.3.3 نىڭ ئاساسى بەلباغىمىۇ 04.10.01 شۇڭا قۇلۇپسىز تېلفوندا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە نورمال ئەمەس.
      ئەگەر 4.3.5 ياكى 4.3.3 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرمىغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا sim كارتىنى تونۇمىسا سەۋەب ئىككى : بىرى كارتىدا مەسىلە بار. ئەگەر كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز 3G تور دېگەننى تاقىۋىتىڭ ياكى بىرلەشمىنىڭ كارتىسىنى سىناڭ.
      يەنە بىرى : سىزنىڭ تېلفونىڭىز ئەسلى قۇلۇبلۇق بولسا سىزگە قۇلۇبنى يېشىپلا ئالداپ سېتىپتۇ.

    1. كەچۈرۈڭ، مەن ئىككى كۈن سىرىتتا يۈرۈپ قارىيالمىدىم.
      مۇمكىن بولسا سىز ئىكراننى سۈرەت تارتىپ يوللاپ بەرسىڭىز مەن تەپسىلىي كۆرۈپ بىر نەرسە دەي. itools دېكى ئۇچۇلارمۇ كۆرۈنمەسلىكى مىنى سەل ھەيران قالدۇردى.

  76. راستىنى ئېيتسام مېنىڭمۇ 4.3.5 غا ھازىرچە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولمىغاچقا نەشىرىنى يۇقىرلاتقۇم يوق ئىدى ، لېكىن بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغاندىكىدەك ، deb فورماتىدىك ئەپلەر قوزغىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن ، ئامالسىزلىقتىن 4.3.3 نى 4.3.5 غا يۇقىرلاتقان ئىدىم (ئەينى ۋاقىتتا كومپىيۇتېرىمدىمۇ 4.3.3 نىڭ قۇيما بولىقى بار ئىدى ، شۇنى قايتا قاچىلاپ بېقىش زادى ئەقلىمگە كەلمەپتۇ ، ئەمدى ئويلىسام شۇ ۋاقتىنڭ ئۆزىدىلا 4.3.3 نى 4.3.5 غا يۇقىرلاتماي ، كومپىيۇتېرنڭى ئۆزىدە بار بولغان 4.3.3 نى باشقىدىن قاچىلاپ قويغان بولسام بەلكىم مەسىلە ئوڭشىلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى) :roll:
    ئەلقىسسە :grin: ئايتۇنىس ئارقىلىق 4.3.3دىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نەشىرنى ئاخىرى 4.3.5 غا يۇقىرلاتتتم ، ئەلۋەتتە خالاستاندىكى سىزنىڭ نەشىرنى چۈشۈرۈش ھەققىدىكى دەرسلىكلەر ۋە ئابدۇرېشىت ئېلى ئەپەندىنىڭ بلوگقا قالدۇرغان سۆزلىرى ئارقىلىق ، ئالدىراپمۇ كەتمەي تولۇق ئىككى كۈن تەييارلىق بىلەن ئاندىن 4.3.5 نى 4.3.3 گە ئوڭۇشلۇق چۈشۈرگەن ، ئارقىدىنلا 4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرسام SIM كارتنى زادى تونۇغىل ئۇنىمىدى ، لېكىن نەشىرنى 4.3.3 گە چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالەتتە SIMكارتىنى نورمال تونۇغان ئىدى ، تۈرمىدىن قاچۇرساملا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى .
    ھازىر SIM كارتىنى نورمال تونۇغان ھالەت : 4.3.3 دە تۈرمىدىن قاچمىغان ھالەت ۋە 4.3.5 دا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ۋە قاچۇرۇلمىغان ھالەت . ئىشلەتكەن كارتا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G كارتىسى ، مەن ئايفوننى سېتىۋالغاندىن بۇيان پەقەتلا باشقا كارتا سېلىپ باقمىدىم . مەن بۇنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ تىجارەت زالىدىن ھېچقانداق شەرت قويمايلا (يەنى كارتىغا باغلىمايلا) نەق پۇلغا سېتىۋالغان ، ئالغان كۈنۈملا تەكشۈرسەممۇ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇلۇپسىز نەشىرى دەپ چىققان ، 4.3.3 دىكى تۈرمىدىن قاچقان (نەشىرنى يۇقىرلتىشتىن بۇرۇن ۋە ھازىرقى 4.3.5 دىكى تۈرمىدىن قاچقاندا ) ھالەتتە iTools ئارقىلىق يانفوننىڭ ئۇچۇرلىرىغا قاراپ باقسام سېتىلغان رايون (销售地区) ، سېتىۋالغان ۋاقىت (购买日期) ، پائالىيەت ۋاقتى (活动日期) ، كاپالەتلىك رېمۇنت مۇددىتى (保修到期) دېگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بار . ھازىرقى ئاساسى بەلبېغى ئاساسى بەلباغى 04.10.01 ، 4،3،5 دىكى نەشىرىدە (版本 4.3.5( 8L1 دەپ بار . شۇڭا مەن قۇلۇپلانغان نەشىرىنى قۇلۇبىنى يېشىپلا ساتقانلىق گۇمانىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىم (ئەلۋەتتە توردىنمۇ تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئىدىم )
    ئەلقىسسە ، :lol: مۇشۇ بەش كۈن ئىچىدە 4.3.5 غا تولۇق ئالتە قېتىم چىقىپ ، يەنە ئالتە قېتىم 4.3.3 گە يېنىپ چۈشتۈم ، بۇ جەرياندا ھەممە ئىشلار نورمال ، SHSH نى زاپاسلاپ قويغىنىمنىڭ بەكمۇ پايدىسى بولدى . ساقلانغان ئەڭ زور مەسىلە : دەل بىردىنبىر 4.3.3 گە چۈشۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئايفون SIMكارتىنى زادىلا تونۇمىدى ، مەن بۇنى تولۇق 10 نەچچە قېتىملاپ ئىشلىدىم ، 4.3.5 دىكى قاچقان ۋە قاچمىغان ھالەتتە ، 4.3.3 دىكى نەشىرىدن چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچمىغان ھالەتتە ھەممە نەرسە نورمال .
    مەن بۇ توغرىسىدا گوگىل ۋە بەيدۇدىن نۇرغۇن ئىزدەپ كەتتىم ، لېكىن پەقەت قانائەتلىنەرلىك جاۋاب چىقمىدى .
    ھازىر ئەمدى شۇ ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى چىرايلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلىتىش مەقسىدىدە يەنە 4.3.5 غا چىقرىپ ، نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن ، يىتەكلەشنىمۇ پۇختا ئىگىلىۋالدىم ، پەقەت deb فورماتىدىكى ئەپلەرنى قاچىلىغاندا قىسمەن ئەھۋالدا ئايفوننى قايتا قوزغىىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن ، بۇ ۋاقىتتا يىتەكلەپ ئايفوننى قوزغىتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر ئالدىغا يۈگۈرەيدىغان گەپ . يولۇققان ئەھۋال مانا مۇشۇلار .
    بلوگقا سۈرەت يوللاش ئىمكانىيتىم بولمىغاچقا ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا ئامالسىز قالدىم . يەنە بىر گەپ ، http://www.56.com/u31/v_NjI0NjUzMjQ.html ماۋۇ تېمىدا 4.3.5 نى تۈرمىدىن تولۇق قاچۇرغانلىق سىن كۆرۈنىشى بار ئىكەن ، ئىشەنمەي دىسەم راستىنلا مۇكەممەل قاچۇرۇپتۇ ، ئشىنىەي دىسەم بۇ ھەقتىكى يېزىقچە دەرسلىكىنى ھېچقانداق يەردىن تاپالمىدىم .

    1. بۇ خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالمىدىم. توردىمۇ ئىشەنچلىك مەزمۇن يوقكەن.
      مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا كەلسەك ، بەلكىم ئۆزلىرى سىستىما ئىچىگە يىتەكلەش ھۆججىتى قوشقان بولىشى مۇمكىن. لىكىن ئاشكارە ئېلان قىلماي بىر مەزگىل پۇل تېپىۋىلىشنى كۆزلەپتۇ،

  77. جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۉپ رەھمەت نەزەرى !

    ئەمدى ئايفون ئىشلىتىش دەۋرىم بىلەن حوشلاشسام بولىدىعان ئوحشايدۇ.

    تۅنۅگۅن ئايفون قولۇمدىن چۅشۅپ كىتىپ ئىكراننىڭ يىرىمى ئىشلىمەس بولۇپ قالدى ( ھەر بىر بەتتىكى 16 كۉزنەكنىڭ ئۅستىدىكى 8 كۉزنەكتە ئىنكاس يوق، بارماق تونۇماس بولۇپ قالدى. ئاستىدىكى 8 كۉزنەك نورمال ئىشلەۋاتىدۇ)

    زادى مەحسۇس ستىش نۇقتىسىدىن ئالمىعان ئىلىكترون مەھسۇلاتى دىگەننىزە :cry:

    1. قەيەردىن ئالماڭ ئوخشاش. ئىشلىنىش ئورنى پەقەت بىرلا. لىكىن ئىشلىتىش، ئاسراش قاتارلىق ئامىللار ئىكراننىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  78. ھەل بولدى !!!مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلدىم ، مەن 4.3.5 دىن 4.3.3 گە چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئىشلەتكەن redsn0w_0.9.6rc16نى ئىشلەتمەي ، بەلكى ئۇنىڭ يۇقىرى نەشىرى Redsnow 0.98b4 نى ، يەنى 4.3.5 نى تۈرمىدىن نامۇكەممەل قاچۇرغاندا ئىشلىتىدىغان نەشىرنى ئىشلتىپ قويۇپتىمەن ، دەل مۇشۇ يۇقىرى نەشىردىكى Redsnow نى ئىشلىتىشىم ، نەشىرنى 4.3.3 گە چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىنكى SIM كارتىسىنى تونۇماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن .

  79. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ سىزبلوگىڭىزغا ئىشلەتكەن مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنتىم، لېكىن ئىنكاس رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايۋاتىدۇ، بلوگىڭىزدا مۇشۇ ئۇسلۇبنى تارقاتقانلىقىڭىزنى كۇرۇپ چۈشۈرەي دىسەم ئادرىستا مەسىلە بار ئوخشايدۇ چۇشۇرگىلى بولمىدى، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئۇسلۇبىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەندىكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ خاتالىقنى تۈزىتىۋالسام، ئۆركەش بلوگىمۇ تا ھازىرغىچە بۇ ئۇسلۇبنى تاقىتىپ بولالمىدى،شۇڭا بۇ ھەقتە ياردەم قىلىپ ئىلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز . ئىلخەت:838808502@qq.com
    ئاخىردا ئاللاھتىن تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن! ئاللاغا ئامانات،جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن~

    1. ماقۇل. مەن بىر ھەپتىگە قالمايلا ماۋۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىۋىتىمەن. ھازىر بىرەي دېسەم كودنىڭ ئارسىدا ئېلانلار بار. چاتاق چىقمىسۇن دېدىم

  80. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،نەزەر باي ،مەن ipad تە ئەرەپچە word ھوججىتىنى quick office ۋە ئەرەپچە فونىتنى قاچىلىغان بولساممۇ يەنىلا كاتەك كاتەك ،يا ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىغاننىڭ ئىشىمۇ ؟ ئاۋارې قىلدىم .رەخمەت .

    1. ئەرەبچىنىڭمۇ Unicode قا چۈشمەيدىغان ئۆلچەملىرى بار. سىزنىڭ ھۆججىتىڭىز شۇنداق ئوخشايدۇ. ھۆججەت ساقلىغاندا UTF—8 دېگەن فورماتتا ساقلاڭ. يىڭى قاچىلىغان فونتتا ھەرپلەر ئۇيغۇرچە چىراي چېقىپ قالىدۇ، لىكىن ئوقۇشقا بولىدۇ.

  81. assalamu alaykum kan dak ahwaligiz man da 4.3.3 sistimisi bar bir aypun baridi man buni sim qitig digan balgini qikirip kuyup kartinig kayniga bir narsa selip ixlitiwatkan yana axta bulwaldi maga yardam kilgan bolsigiz siz din bakla minnatdar bulattim

  82. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى بۇرادەر سالامەت تۇرۇپسىز، ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، ئامىين….سىزنىڭ كومپىيوتىردا wifiسىمسىز تور نوقتىسنى قۇرۇش، دىگەن تېمىڭىزنى ئۇقۇپ، سىز تەمىنلىگەن ئادرىس بۇيچەMaryfi نى چۇشۇرەي دىسەم ئېچىلمىدىغۇ؟

  83. ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نەزەرى.
    مەن دوستىڭىز ئازاد. بۇرۇنipod touch4، hero200 ئىشلىرىغا ياردەم قىلغانتىڭىز.
    مەن HTC EVO 4G A9292 CDMA 插卡机 يان تېلېفونى توغۇرلۇق سىزدىن ياردەم سورىغانتىم كيۇ كيۇدا، تېلېفوندا ئۇچۇر يوللىغانتىم، بىر ياردەم قىلسىڭىز. تېزىراق جاۋاب قايتۇرۇپ ياردەم بەرسىڭىز.

  84. بايام قولۇم بېسلىپ كېېتىپ قالدى، كەچۈرۈڭ.
    ئۇزدىل بلوگلار سەھىپىسىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالسىڭىز. خالاستان بلوگىنى باش بەتتە تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە لوگو ئۇلىنىشىمۇ قىلىپ قويدۇق. ھەمكارلىق كۆڭۈلللۈك بولغۇسى، بلوگىڭىز كۈنسىرى تەرەققىي قىلسۇن!

  85. مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئىدىم ،بىراق چۈشۈپ بولۇپ قايتا قوزغالمىدى ،ئالما سۆرىتىلا چىقىپ تۇرىۋالدى .قانداق قىلسام ئوڭشىلار ،91 itunes لەرمۇ تونۇمايۋاتىدۇ ….

  86. مەن توردىن winterboard نى چۈشۈرگەن ئىدىم ،بىراق چۈشۈپ بولۇپ قايتا قوزغالمىدى ،ئالما سۆرىتىلا چىقىپ تۇرىۋالدى .قانداق قىلسام ئوڭشىلار ،91 itunes لەرمۇ تونۇمايۋاتىدۇ …. قانداق قىلسام بۇلىدۇ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: