wikipedia

wikipedia بولسا دەۋرىمىزدىكى تەسىر دائىرسى ئەڭ چوڭ، ئىچىۋىتىلگەن بىلىم ئامبىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق تىلدا يىزىلغان چوڭ بىلىم قامۇسى. ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەن كومپيۇتېر ۋە باشقا يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەرگە چوقۇم قاچىلايدىغان ئۇستاز سۈپەت قۇرالنىڭ بىرى دەل Wikipedia.

ھازىر پۈتۈنلەي دېگۈدەك پىدائىيلار تەرىپىدىن مەزمۇن قوشۇلۇپ تەھرىرلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر ئىككى ئادەم ئۈزلۈكسىز يىڭىلاۋاتىمىز.ئىشىنچا ۋاقتى بار قىرىنداشلارنى http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet غا چىقىپ كۆرۈپ ئۈگىنىشكە يەنە خالىغانچە مەزمۇن يىڭىلاشقا تەكلىپ قىلىمىز.

بۇ ئامبارنىڭ قوشۇلۇش، تەھرىرلىنىش ھوقۇقى جەمىئيەتكە تولۇق ئېچىۋىتىلگەن بولغاچقا كودلىنىش ھەم تەھرىرلىنىش جەريانىدا گىرامماتىكا، ئەخلاق،مەزمۇن جەھەتلەردە نۇرغۇن خاتالىقلار ساقلانغان.مەن (نەزەرى) ئامبار ياسىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىپ مەزمۇننىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدىم.

بىر ئادەمنىڭ ئەمگىكى، خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يەردە خاتالىقنى كۆرسىتىپ، بۇ ئامبارنىڭ تولۇق ئىشلىنىپ چىقىشغا كۆپ تۈرتكە بولغان ئابدۇرىشىت ئېلى ئاكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

شۇڭا بۇ ئامبار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپتورلۇق ھوقوقى، خاتا چۈشەنچە شۇنداقلا جوڭگونىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق جاۋابكارلىققا خالاستان بلوگى مەسئۇل بولمايدۇ. بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكۈچى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنغان ئاساستا پايدىلىنىشى شەرت.

شۇڭا مەن ئالدىنقى قىتىم بىلىك كۇلۇبىدا كومپيۇتېر ۋە iPhone,ipod,ipad لەردە ئىشلەيدىغان تورسىز مۇھىتتىمۇ بىمالال ئاختۇرۇشقا بولىدىغان ئامبار ھۆججىتى تارقاتقان( ئادىرىس http://bilik.biz/bbs/thread-23311-1-1.html). بىلىمسۆيەر تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مەن ئويلىغاندىمۇ ياخشى.

مانا بۈگۈنكى كۈندە مەن wikipedia نىڭ 2011-يىلى 5-ئايلىق زاپاس ئامبىرىنى ياساپ چىقتىم. بۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈڭ.

خالاستان بلوگى ھازىر بۇ ئامبارنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆلچەمسىز نەشىرىنى ئۆچۈرۋىتىپ كىيىنكى نەشىرىنى ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تۆۋەندە بۇنى ئالما مەھسۇلاتلىرى (iPhone,iPod,iPad,iMAC)  ۋە PDA  شۇنداقلا Windows مۇھىتىدا نورمال ئىشلەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ بولدۇم.

كومپيۇتېردا كۆرۈش ئۈچۈن:

  1. كومپيۇتېرغا ئاۋۋال Mdcit نى چۈشۈرۈڭ. ئادىرىس http://www.octopus-studio.com/MDictPC.zip

  2. كومپيۇتېردا تۇرۇپ تۆۋەندە چۈشۈرگەن ئامبارنى قوشىۋەتسىڭىزلا تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدىغان بىلىم ئامبىرىغا ئىرىشكەن بولىسىز.

(iPhone,iPod,iPad,iMAC)  لاردا كۆرۈش ئۈچۈن :

  1. ئاۋۋال تۆۋەندىكى Mdcit نىڭ (iPhone,iPod,iPad,iMAC  ماس نەشرىنى چۈشۈرۈڭ. ياكى iTunes دىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

    http://dl.dbank.com/c0kbbks2h7
  2. خالاستان بلوگى تەمىنلىگەن ئامبارنى بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە قويۇڭ. شۇنىڭ بىلەن سىز تورسىز مۇھىتتىكى ئۇيغۇرچە بىلىم ئامبىرىغا ئىگە بولسىز.

  3. ئالمىچىلار ئالدى بىلەن يۇقارقى IPA فورماتىدىكى لۇغەت دىتالىنى قاچىلىغاندىن كىيىن  iTools ئارقىلىق MDX فورماتىدىكى ئامبارنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا كۆچۈرسىڭىزلا تامام.

    ئىشلىتىش ئۈنۈم رەسىملىرى:

ئىزاھات: بۇ ئامبار داۋاملىق يىڭىلىنىش ھالىتىدە. ئورگان تەرەپ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئىككى ئايدا بىر قىتىم يىڭى ئامبار تارقىتىلىدۇ.يىڭى ئامبار ئىلان قىلغاندا پەقەتلا ئامبار ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ يىڭىلىۋەتسىڭىزلا تامام.

ئىھتىرام بىلەن بلوگگېر نەزەرى 20110622

«wikipedia»نىڭ 45 ئويلىغانلىرى بار

    1. بۇرۇنقى ئامبار شۇ.
      بۇرۇنقىسىنى مەن بەك پارچىلىۋاتقان(بىلىككە چوڭ ھۆججەت چىقمىغاچ). ھازىر بىر پۈتۈن قىلىپ قويدۇم.
      پات ئارىدا 1.0 رەسمىي نەشرىنى تارقىتىمەن.

  1. نەزەرباي ئۇيغۇرچە ئامبارنى تېزرەك تارقاتسىلا مەنمۇ جىم ياتماي symbianغا چۈشىدىغان نۇسقىسى ھەققىدە بىر ئىزدىنىپ باقاي.
    خالىسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلخەتكە يوللاپ بەرسىلا تېخى ياخشى.

    1. چىققىلى بولىۋىرىدۇ.
      ھەممە ئۆلچەم خەلقئارالىق بولۇپ كەتتى ھازىر. جوڭگودا نورمال ئىشلەتكىلى بولغاچقا بېيجىڭدا 7000 سومدىن ئارتۇق باھادا سىتىلىۋاتىدۇ.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
    ئامبارنى چۈشۈرۈڭ دەپتىكەنسىز ، لېكىن مەن ھەممىلا يەردىن بۇ ئامبارنى تاپالمىدىم ، زادى نەدىن چۈشۈرىدۇ ، ,iPad نوسخىسى كېرەك ئىدى .

  3. ئەسسالام ئەلەيكۇم
    سىز « ھوقۇقى ۋە 777 خاراكتىرى بىلەن تاشلىسىڭىزلا بولىدۇ. » دەپسىز…مەن باشقا بىر تور بەتتىمۇ مەلۇم بىر ھۆججەتنى مۇشۇ شەكىلدە قاچىلاڭ دەپتىكەن… بۇنداق قاچىلاش چوقۇم شەرتمۇ؟ مەنىسى نىمە؟

    1. 777 دىگەن ئەڭ ئالىي ھوقۇق. يىزىش، ئوقۇش، ئۆچۈرۈش ھوقۇقى. ئەمىليەتتە بىراقلا تاشلاپ قويسىمۇ ئىشلەۋەرىدۇ، لىكىن بەزى دېتاللار ئالىي ھوقۇققا ئىھتىياجلىق. شۇڭا ئەسكەرتكىنىم.

  4. مەن نەزەرى
    بۇ ئىنكاس المانىڭ ېنگخلخزچە كۇنۇپكا تاخـتىسىدا يېزىلدى
    ماۋۇ خەت ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىدا يېزىلدى
    يۇقارقى دېتالنىڭ تۈرمىدىن قاچمىغان ئالماغا قاچىلايدىغان نۇسخىسى ھەقلىق

  5. ITUNESتىنمۇ ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.تۈرمىدىن قاچۇرمىغان يانفۇندا ئۇيغۇرچە كۆرگىلى بولامدۇ

    1. ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىدۇ. لىكىن فونت تازا چىرايلىق ئەمەس.
      ھازىر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن باشقىنى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىگە قاچىلاشقا بولىدۇ.

    1. سۆزلۈك مىقدارى ئازراق. مەندە نورمال ئىزدەۋاتىدۇ.
      ئامبار ھۆججىتىنىڭ توغرا قويۇلغىنىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
      يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان نوقتا: ئىزدەش رامكىسىنىڭ سول تەرىپىنى چەكسىڭىز ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئامبارنى تاللايدىغان ئورۇن بار. شۇ يەردىن مۇناسىۋەتلىك ئامبارنى تاللاپ بىرىڭ.

  6. ئامبار ھۆججىتى دىگەنلىرىنى چۈشەنمىدىمغۇ؟ بولسا ئېغىر كۆرمەي بىر-ئىككى پارچە مەشغۇلات سۈرىتى يوللاپ قويسىلا بوپتىكەن.

    1. مەن بۇرۇن تەمىنلىگەن ئامبار توردىن بىۋاستە ئىلىنغان بولغاچ ئەخلاققا زىت مەزمۇنلار ساقلانغانكەن. ئۇنى مەن ھازىر ۋاقىت چىقىرىپ، تەھرىرلەپ تارقاتماقچى.
      بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تارقىتلىدۇ.

  7. salam nazati hapta boldi bilik kulubigha hiq bir tizilitalmidim ang ahirida xu taklip numuri daydu xuni kilalmidim bolsa muxuning gha bir yardam kilghan bolsingiz

    1. ھازىر بىلىك كۇلۇبىدا باش ئاتامان يوق.
      شۇڭا ھىچكىم ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالماي تۇرغان گەپ.
      سىز كۆككەپتەرنىڭ QQ ياكى ئېلخەت ئادىرسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە لازىملىق ئېسىم ۋە پارولنى ئىيتىپ بىرىڭ. كۆكەپتەر سىزگە ۋاكالىتەن ئىسىم ئىلىپ بىرەلەيدۇ.
      ئاستىدىكى ئۇلۇنىشتىن ئۇنىڭ كەپتەرخانىسىغا كىرىپ دېسىڭىسز تېخىمۇ تىز بولىشى مۇمكىن

    1. ئامباردا مەسىلە بايقالغاچ ېاقىتلىق توختاتقان. ئورگان تەرەپ تېخىچە يىڭىلىمىدى، شۇڭا خالاستان بىلوگى تارقتىىشقا ئامالسىز قىلىۋاتىدۇ.

  8. مەن لوغەت پىروگىراممىسىنى قاچىلاپ ئاندىن سىز تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لوغەت ئامبىرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ ، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لوغەت ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلىدىم .
    بەك ياخشى ئىشلىدى، نەچچە يۈز سومغا لوغەت ئالغۇسىزلا ياخشى ئىشلەيدىكەن .

    بۇ قامۇسنىڭ كونا ئامبىرى بولسىمۇ ئىشلەتكەچ تۇرساق بوپتىكەن ، چۈشۈرۈش ئادرىسى بولسا .

    بۇ بەتتە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدىكەن، . تەڭشەپ قويسىڭىز .

  9. مەنمۇ بۇ يېڭى لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ ئايفۇنۇمغا قاچىلىدىم ۋە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ لۇغەت ئامبىرىنى ياساپ چىقىشتا خالىس ئەجىر قىلغان نەزەرى ئىنىمگە رەھمەت-تەھسىنلەر ئوقۇدۇم.
    تەپسىلىي سىناپ يەنە ئۇچرىغان مەسىلە بولسا ئوتتۇرىغا قويىمەن. ھازىر دەمالىققا ھېس قىلغىنىم، بىز لۇغەتتىن مەلۇم بىر سۆز-ئىبارىنى ئىزدىگەندىن كېيىن لۇغەت ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇننى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە شۇ سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە ئېنگىلىزچە يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى ھېچبولمىغاندا شۇ سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە پىنيىنىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! دېگەنلەردىن يادىمدىن كەچتى.
    مەن ئالدىدا بىر لۇغەت ئامبىرى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان (مۇشۇ سۆيۈملۈك خالاستان بلۇگىدىن چۈشۈرگەن)، بۇنىڭغا مەلۇم سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى (پىنيىنى) كۆرسىتىلەتتى، بىراق ئىزاھ قىسمى يوق ئىدى. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولامدىكىن دەپ قالدىم.

    1. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ.لىكىن مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
      يەنى ئىككى ئامبارنى بىر قىلىۋەتسەك بولىدۇ، لىكىن بىرى ئۇيغۇرچە ئامبار، بىرى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئۆرۈمە ئامبار بولۇپ قىلىپ تازا قولاشماسمىكىن.يەنى «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇ ئىككىلى ئامباردا بولسا،قوشقاندىن كىيىن يەنە ئىككى يەردە خاتىرە قالىدۇ.

  10. مەن كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ كۆردۈم، ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى. قانداق ئوڭشايمىز؟

    1. مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىگە بەك باش قاتۇردۇم.لىكىن خەتلەر يېزىلغاندىلا ھەرخىل codeتا يېزىلغان بولغاچ ئېلاج بولمىدى.

  11. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    1. ۋىكى بىلەن لۇغەتنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم، كۆپ رەھمەت. قانداق قىلغاندا ۋىكى بىلەن لۇغەتنى تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
    2. بىلىكتىكى كەسمە رەسىملەردە، ئۇيغۇرچە تېكىستنى ئوڭدىن-سولغا يۆنىلىشىتە كۆردۈم. مېنىڭكىدە ئۇنداق بولمىدى، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، رەھمەت.

    1. ئىككى ئامبارنى بىللە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا بىردىنبىر ئامال ئامبارنى بىرلەشتۈرۈش، لىكىن بۇنىڭدا ئوڭايلا كودلىنىش، تەرتىپ خاتالىقى چىقىۋىلىپ قينايدىكەن.
      iPhoneدە يۆنىلىشى ئاپتوماتىك توغىرلىنىدۇ. كومپيۇتېردا بولمايدۇ.

    1. ئەڭ يىڭى ئۇچۇرۇلىرى http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet دە . لىكىن شىنجاڭدا بۇ تورغا چىققىلى بولمىغاچقا، ئىچكىردىكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇنى يىڭىلمىغاچقا بىزنىڭ ئامباردا تېخى يىڭىلىنىش يوق. بۇ دېگەن ئۇيغۇرلار ئۆزى توپلايدىغان نەرسە، بىز قىلمىساق ئۆزلىكىدىن يىڭىلىنىپ قالمايدۇ.

  12. مەنمۇ بۇ يېڭى لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ ئايفۇنۇمغا قاچىلىدىم ۋە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ لۇغەت ئامبىرىنى ياساپ چىقىشتا خالىس ئەجىر قىلغان نەزەرى ئىنىمگە رەھمەت-تەھسىنلەر ئوقۇدۇم.
    تەپسىلىي سىناپ يەنە ئۇچرىغان مەسىلە بولسا ئوتتۇرىغا قويىمەن. ھازىر دەمالىققا ھېس قىلغىنىم، بىز لۇغەتتىن مەلۇم بىر سۆز-ئىبارىنى ئىزدىگەندىن كېيىن لۇغەت ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇننى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە شۇ سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە ئېنگىلىزچە يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى ھېچبولمىغاندا شۇ سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە پىنيىنىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! دېگەنلەردىن يادىمدىن كەچتى.
    مەن ئالدىدا بىر لۇغەت ئامبىرى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان (مۇشۇ سۆيۈملۈك خالاستان بلۇگىدىن چۈشۈرگەن)، بۇنىڭغا مەلۇم سۆز-ئىبارىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى (پىنيىنى) كۆرسىتىلەتتى، بىراق ئىزاھ قىسمى يوق ئىدى. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولامدىكىن دەپ قالدىم.

    +1

    1. كۆپ رەھمەت. مەن ئىككى ئامبارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىىۋاتقان. سىزمۇ ئوبدان تەكلىپ بەردىڭىز. مەن تىزراق تۇتۇش قىلىپ پۈتتۈرەي.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: