ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

ۋاقتى: 2015-12-20 ئاۋاتلىقى: 478 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى نىشان» بۇ يەردە!

 

كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

 

جۇڭگودا ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا: ①تەشكىل. يەنى ھوقۇق چېكى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى  تۈزۈپ، ئۆزگەرتىدىغان گۇرۇپپا تۈزۈلمىسى، ئۇ ئۆتۈشمە،ئۆزئارا بولغان ئىچكى ۋە سىرتقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىستېمىسنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ②پىلان. يەنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مۆلچەرلەپ،خادىم سېلىنما پىلانىنى تۈزۈپ، شۇنداقلا كېرەكلىك بولغان باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە پىلانىنى ئالدىن قىياس قىلىدۇ. ③خادىملارنىڭ تەقسىم قىلىش ۋە ئىشلىتىش. يەنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خادىملارنى قوبۇل قىلىش، تەقسىم قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە  جازالاش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ④تەربىيەلەش. يەنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتتىن ئاۋۋالقى تەربىيەلىنىش ۋە خىزمەتتىن كېيىنكى تەربىيەلىنىش. ⑤مائاش پاراۋانلىق. يەنى ئەمگەككە قاراپ تەقسىملەش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن خادىملارنىڭ مائاشنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەر خىل سۇغۇرتا پاراۋانلىق خىزمىتى. ⑥سىياسىي ئىدىيۋى خىزمەت. يەنى ھەر خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، خادىملارنىڭ سىياسىي ئىدىيە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خادىملارنى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىققا رىغبەتلەندۈرۈش. ⑦كادىرلار ئىشلىرى مۇھاكىمىسى. يەنى خىزمەت ئەھۋالى ۋە جەريانىنى يىغىنچاقلاپ، باھالاپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى