كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى نىشان» بۇ يەردە!
كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى
جۇڭگودا ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا: ①تەشكىل. يەنى ھوقۇق چېكى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تۈزۈپ، ئۆزگەرتىدىغان گۇرۇپپا تۈزۈلمىسى، ئۇ ئۆتۈشمە،ئۆزئارا بولغان ئىچكى ۋە سىرتقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىستېمىسنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ②پىلان. يەنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مۆلچەرلەپ،خادىم سېلىنما پىلانىنى تۈزۈپ، شۇنداقلا كېرەكلىك بولغان باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە پىلانىنى ئالدىن قىياس قىلىدۇ. ③خادىملارنىڭ تەقسىم قىلىش ۋە ئىشلىتىش. يەنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خادىملارنى قوبۇل قىلىش، تەقسىم قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ④تەربىيەلەش. يەنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتتىن ئاۋۋالقى تەربىيەلىنىش ۋە خىزمەتتىن كېيىنكى تەربىيەلىنىش. ⑤مائاش پاراۋانلىق. يەنى ئەمگەككە قاراپ تەقسىملەش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن خادىملارنىڭ مائاشنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەر خىل سۇغۇرتا پاراۋانلىق خىزمىتى. ⑥سىياسىي ئىدىيۋى خىزمەت. يەنى ھەر خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، خادىملارنىڭ سىياسىي ئىدىيە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خادىملارنى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىققا رىغبەتلەندۈرۈش. ⑦كادىرلار ئىشلىرى مۇھاكىمىسى. يەنى خىزمەت ئەھۋالى ۋە جەريانىنى يىغىنچاقلاپ، باھالاپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش.