تارىختىكى ئەرەبلەر
ئاپتورى:بېرنارد لېۋىس
باھاسى:20.00
2006-يىلى6-ئاي1-نەشرى
2003-يىلى6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:0001-3000
ISBN:710507714
كىرىش سۆز
«تارىختىكى ئەرەبلەر» ئەنگىلىيىلىك شەرقشۇناس بېرنارد لېۋىسنىڭ ئەسىرى بولۇپ ، 1950-يىلى تۇنجى قېتىم لوندوندا نەشر قىلىنغان ، كېيىن كۆپ قېتىم قايتا بېسىلىپ ، بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلىنغان . بۇ كىتاب غەرب ۋە ئەرەب دۇنياسىدا ، بولۇپمۇ تارىخچىلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك دىققەت – ئېتىبارغا ۋە مەدھىيىگە ئېرىشكەن . ياۋروپا – ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرى بۇ كىتابقا باھا بەرگەندە مۇنداق دېگەن :«بۇ ئومۇمىي ئەھۋال قىسقا ، ئىخچام ھەم ئەتراپلىق بايان قىلىنغان »كىتاب ، ”پۈتۈن كىتابتا دىققەت – ئېتىبار ئىنچىكىلىك بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىغا قويۇلۇپ ، كىتابخانىلارنى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى بويىچە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان “ .. . بۇ كىتابىنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى بۇ كىتابقا يازغان ”مۇقەددىمە“ سىدە : بۇ كىتابتا ”ئەرەبلەرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىلمىي ۋە مېغىزلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان ، بەزىبىر مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ، قاتتىق ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەنقىد ، تەھلىل قىلىنغان ۋە شەرھلەنگەن ، تارىختىكى شاخچە مەسىلىلەرگە بولسا ئېسىۋالمىغان “ دېگەن . ئاپتور ئانچە كەڭ بولمىغان سەھىپە ئارقىلىق ، بىزنى ئەرەبلەرنىڭ تارىختا ئوينىغان رولى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم تارىخىي يىپ ئۇچى ۋە زۆرۈر ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن ، ئەرەبلەرنىڭ تارىخىنى ۋە ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى پايدىلىنىشقا ئەرزىگۈدەك بىر كىتاب بىلەن تەمىن ئەتكەن .
ئاپتور بۇ كىتابىدا ئەرەب تارىخىنىڭ ھەر قايسى ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە ۋە ئىخچام تەھلىل قىلىپ ، كىتابخانىلارنى ئەرەب تارىخىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختالغاندا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىدىيىسىنىڭ مەنبەسى ۋە دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىسلامىيەت جەمئىيىتىنىڭ خاراكتېرى ئۈستىدە ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ، سىياسىي ئالاھىدىلىكلەر ۋە دىنىي ئىدىيە ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بىر قەدەر چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان . «ئىسلام قوزغىلاڭلىرى» دېگەن بابتا ئاپتور خەلىپىلىك دۆلەتتە ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى كۆتۈرۈلگەن ھەر خىل قوزغىلاڭلارنىڭ ئاساسىي مەنبەسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ، ئۇ قوزغىلاڭلارنىڭ بەزىسىنىڭ مىللىي تۈسكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ، بۇ قوزغىلاڭلار ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ كۆتۈرلۈشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇلارغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار ئىدى ، يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك دىنىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى . «ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى» دېگەن بابتا ئاپتور ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ، ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخى رولى توغرىسىدا كونكرېت تەھلىل ئېلىپ بېرىپ ، ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ يۇنان ۋە پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن . «ئىسلام ئىمپېرىيىسى» ۋە ئىسلام دىنىي مەدەنىيىتى دېگەن بابلاردا ئاپتورنىڭ كونكرېت مىساللار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تارىخىي ئالاقىسىنى چۈشەندۈرگەن . ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋە جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەرنى جانلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن . ئاپتور يەنە ئەرەبلەرنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى ئىقتىساد بازىس ۋە سىنىپىي زىددىيەت نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە ھەرىكەت قىلغان ، بۇ ھال غەربنىڭ ۋە ئەرەب تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر قىممەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئەمما ، بۇ كىتابتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەھلىل ۋە قاراشلارنىڭ ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك يەرلىرى بار ، بولۇپمۇ ئاخىرقى بىر بابتا غەربنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى ئۈستىدە توختالغاندا ئاپتور ئۆزىنىڭ بەزى تەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىق ماھىيىتىنى ياپقان . بۇ نۇقتىغا كىتابخانلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
بۇ كىتابنى ئاپيورنىڭ 1958-يىلى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى بىلەن ئاپتور سېلىشتۇرۇپ چىققان ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ، بۇ ئارقىلىق ، تەرجىمىنىڭ بولۇپمۇ ئەسەردە نەقىل ئېلىنغان ئەرەبچە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمىسىنىڭ توغرا چىقىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلىندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم جايلىرىغا قارىتا ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىغا قوشۇلغان بەزى تولۇقلىما ۋە ئىزاھات خاراكتېردىكى پىكىرلەرمۇ قوبۇل قىلىندى . تەرجىمىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنى كىتابخانلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمىز .
1979-يىلى 1-يانۋار
ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزى
بۇ كىتابچىنى ئەرەبلەرنىڭ تارىخى دېگەن ئىزاھات خاراكتېردىكى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە دېگەن تۈزۈك . مەن كەڭ دائىرىلىك بۇ مەسىلىلەرنى ئاددىيلا بىر چوڭ ئىشلار يىلنامىسى قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈپ مەسىلىنى يەنى ئەرەبلەرنىڭ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئورنى ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ، شۇنىڭدەك ئۇلار تەرەققىي تاپقان بىر قانچە مەزگىلنىڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىسى دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى .
بۇنداق خاراكتېردىكى ئەسەردە ھەر بىر تارىخىي پاكىت ھەر بىر تەشەببۇسنىڭ ئاساسىنى كۆرسىتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس- ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق -.شەرقشۇناسلار مېنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىسلام دىنى تارىخشۇناسلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىمنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مەن پېشقەدەملىرىمىزگە ، ئۇستازلىرىم ، خىزمەتداشلىرىم ۋە شاگىرتلىرىمغا بۇ يەردە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن . ئۇلار مېنىڭ بۇ كىتابتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەرەب تارىخى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ياردەم قىلغانلاردۇر .
مەن بولۇپمۇ پروفېسسور H.A.R, گىب ، دوكتور U . خارت ۋە دوكتور D.S.رىسنىڭ كىتاب ئورىگىنالىنى كۆرۈپ بەرگەنلىكى ۋە تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلىكىگە ، j . بىرىجىس خانىمنىڭ بۇ كىتاب ئۈچۈن ئاچقۇچ ئىشلەپ بەرگەنلىكىگە ، شۇنىڭ بىلەن بىللە پروفېسسور A.T. ھاتتونىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەسكەرتمىلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن .
بېرنارد لېۋىس
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق